Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:02:50

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 07:02 static/image/common/back.gif
ئاچا . مەن كىچىك قىزىمغا بېرىپ مەنپەتىنى كۆرگەن . شۇڭا  ...

كۆك ئىنەك سۈتىنى ئىچىپ شىپا تاپمىغان كېسەلنى كۆرگەنمۇ ؟
`````````````````````````````````````````````````````````````````````````````
بۇ دېگەنلىك ئىشەك سۈتى ھەر قانداق كېسەلگە شىپا دېگەنلىك بولسا بەك ئۇلۇق ئىنكاس ئىكەن بۇ!!!

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:47:32

نىمىشقا سۇيۇق ھالۋا ئىتىپ بەرمەيسىلەر؟ نىمىشقا يۆتەل تېز ساقايمايدۇ دىگەندە  يىگەن دورا كانايدىن غۇرتلا قىلىپ ئاشقازانغا چۈشۈپ كېتىپ، ئاشقازاندا ، ئۈچەي يوللىرىدا  پارچىلىپ ھەزىم بولۇپ ،دورىنىڭ ئۈنۈمى يوقاپ  ،زۇكامنىڭ باشقا ئالامەتلىرى ساقايسىمۇ يۆتەل قىلىپ قالىدىكەن.
بالىلىلار دورا ئوكۇلنى جىق ئىشلەتمەڭلار. ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىممىنۇت كۈچىنى ئاشۇرۇپ كېسەل  داۋالاش مەقسىدىگە يەتكىلىمۇ بولىدۇ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:49:36

بەزى ئانتىبىئوتىكلار بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىن، كالىتسىي قاتارلىق پايدىلىق ماددىلارنى پارچىلاپ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتكەچكە ئوكۇل سالغانچى ئاجىزلاپ كېتىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. شورپا سوغۇق بولىدۇ. شۇڭا ئارلاپ كاۋاپ يىگۈزۈپ بىقىش كېرەك.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

agah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 11:22:39

yiltizim يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 00:57 static/image/common/back.gif
سېۋىنچ مەزلۇم:
كۆك ئىنەك سۈتىنىڭ گېپى سىزگە رىئاكسىيە  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
ھارامدىن شىپاھ يوق دىگەن گەپكە ئىشىنىڭ ئەگەر مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلسىڭىز .ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى تاللاشنى ئۆزىڭىزگە تاللاشقا بەردى .ھەق يولنى تاللىسىڭىز گەرچە قىيىنچىلىق شۇنچە كۆپ بولسىمۇ لېكىن سىز ھەققە ئىشىنىپ تۇرۇپ ماڭغىنىڭىز ئۈچۈن سەۋىر قىلىپ ،ئاخىرقى نەتىجە چىققۇچە كۈچەيسىز .باتىل يولنى تاللىسڭىز ئازغۇنلۇق كۈيلىنىدىغان  ھازىرقىدەك بۇ دۇنيادا  بەلكىم مۇشاقەتلەر ئاز بولىشى ،راھەت ياشاپ دەپى دۇنيالىق بولۇپ قېلىشىڭىز ئىشلىرىڭىز ئىلگىرى باسقان بولىشى ھەتتا تەنلىرىڭىز شۇنچىلىك ساغلام ،روھلىرىڭىز كۆتىرەڭگۈ بولىشى مۇمكىن .لېكىن ئاللاھقا سۇسلۇق قىلغان سىز ئاخىرىدا يامان ئاقىبەتتە ئاللاھ ئالدىغا بېرىشىڭىز مۇمكىن . ئاللاھ سۇبىھانلا ئۆزى ھارام قىلغان نەرسىنى ئىتىقاتى دۇرۇس ئىنسانغا شىپاھ قىلىپ قويمايدۇ .بەلكى ئۆزىنى ئىتىقاتقا بوشاڭلىق قىلغانلارغا شۇنداق قىلىشى مۇمكىن چۈنكى ئۇلار ھالالدىن شىپاھ تېپىلىدىغانلىقىغا شۇبھەھ قىلغان .قېيناتاملارنىڭ ھويلىسىدا ئىجارە ئولتۇردىغان  بىر جۈپ ئەر خوتۇن بار ئىدى .ئەر سايغا بېرىپ تاش تېرەتتى .بىر كۈنلەردە بۇ كىشى سايدا مەلۇم بىر جانۋارنىڭ ئۆلىكىنى تېپىپ تىللەپ قويۇش بىلەن بۇ  كىشىگە جىن چاپلىشىۋېلىپ ،غەلىتە سۆزلەيدىغان ،تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ ،پاسكىنا بۇلۇڭ پۇشقاقلاردىن تېپىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ .ئاخىرى بىر ئادىمى شەيتان ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ خەنزۇ مۇللىسىغا ئوقۇتۇپ باق پايدا قىلىدۇ دەپتۇ .ئۇلار خەنزۇ موللىسىغا ئوقۇتسا راس دىگەندەك ياخشىلىنىش بولغاندەك بوپتۇ .بىر كۈنى قېيناتاملارنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرسام ھېلىقى ئەرنىڭ ئايالى قولتۇقلىرى ئوچۇق كۆينەكنى كەيگەن ھالدا سىرتقا قاراپ ماڭدى نەگە بارىللا دەپ سورىۋىدىم ھېلىقى خەنزۇ موللىنىڭ قېشىغا دەپ جاۋاپ بەردى .ھاي بامىسلا دىندىن چىقىپ كېتىللا دىسەم :ئۇنداق دىگەنبىلەن پەق قىلغان تۇرسا .دەپ جاۋاپ بەردى .يەنى پايدا قىلغان تۇرسا دىمەكچى .ئۇ ئايال شۇنداق دەپ كېتىپ قالدى .مەن بۇ ئاياللارنىڭ قىزىمغا زىيىنى تىگىىپ قېلمىغاي دەپ قېيناپامغا بۇ كىشىلەرگە يا خەنزۇ موللىغا بارماسلىقنى ئۇنداق بولمايدىگەن كۆچۈپ كېتىشنى دىگەن بولسىڭىز دىدىم .ئاخىرىرىدا بۇ بىر ئائىلىك كۆچۈپ كەتتى .ئەگەر بۇ كىشىلەر ئاللاھنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھەقنى تونۇيدىغان بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ ،تەقۋالىق قىلغان بولسا ۋە ياكى سالىھ ،ئىتىقاتى دۇرۇس،ھەق ئېلىشنى كۆزلىمەيدىغان ئالىمراق بىر كىشىنى تېپىپ ئوقۇتقان بولسا ياكى بولمىسا ئايالى تەقۋالىق يولىغا مېڭىپ نامازنى باشلاپ ،كامىل تەرەت بىلەن سۈرە فاتىھە،سۈرە فەلەق ،سۈرە ناس،سۈرە ئىخلاس ۋە ئايتالكۇرسىنى ئوقۇپ ئاللاھتىن نىجاتلىق تىلىگەن بولسا بەلكىم تېخىمۇ تىز ساقىيىپ قالار ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئىسلامنىڭ چىرىغى يېقىلىپ قالغان ئىدى .مانا ئۇلار ئەمدى خۇراپىي يولغا ماڭدى .
دىمەك بەزى كىسەللەر بار ئەگەر ھارامدىن داۋا ئىزدىڭىز داۋا قىلغاندەك قىلىدۇ .لېكىن ئاخىرىدا مۇسۇلمانلىقىڭىز تۇتقاندا پۇشايماندا قالىسىز .بەنگىمۇ دەرھال تاماكىنى تاشلىسا بەش ئون كۈندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر قىيىنچىلىق ياكى بىر كىسەل بىرىپ سىنايدىكەن ،شۇ باسقۇچتىن ئۇ تائەت ئىبادەت ۋە روزا تۇتۇپ مۇستەھكەم ئىتىقات ئىرادە بىلەن ئۆتۈپ كەتسە تاشلىۋالىدىكەن .ئەگەر تاماكا چىكىپ باقسام كىسىلىم ساقىيىپ كېتەرمۇ دىگەن قاراش بىلەن تاماكا چىكىپلا قالسىڭىز خۇددى تاماكا پەق قىلغاندەك ئىشتاھايىڭىز ئېچىلغاندەك ،راھەت بولۇپ قالغاندەك بولۇپ قېلىشىڭڭىز مۇمكىن .شۇنىڭ بىلەن باتىللىققا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ قالىسىز .مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ ،ئاشۇ ھارامنى دورا ئورنىدا كۆرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىتىقاتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ بېقىڭ ؛ئاللاھدىن ھەر دۇئارىڭىزدا ھالالدىن دورا شىپاھ قىلىشنى تىلەڭ .

agah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 11:25:08

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 20:20 static/image/common/back.gif
ھەكىمدەك ئىنكاس يازسىلا ئۆزلەمۇ . پەقەت بولمىسا ئىۋۇ  ...

سەل بىنورمال ھىس قىلدىم سىزنى .بەلكىم ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئادەمدۇرسىز .ياخشى گۇمان قىلاي .ھارامدىن شىپاھ يوق تامام .

agah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 11:27:52

مېنىڭ قىزىممۇ شۇنداق كىسەل بولۇپ ھەپتىكۈندە ساقايدى .نىمە پايدا قىلدى بىلمەيمەن .لېكىن تەرىتى ئىككى كۈندە بىر كېلىدۇ .تەرىتى قارا .قاتتىق .ھازىر سەل يۇمشىغاندەك قىلىدۇ .ھازىرمۇ سەل ھۆتۈلۈپ قويىدۇ .بۇ ئەھۋال ئۇزۇندىن بار ..سەل پەل ھۆتۈلۈپ قويىدىغان ئەھۋال .ئىلگىرى بىلمىگەن ۋاقىتلاردا خوتۇن ھامىلدار ھالەتتە ئەمۋاينىڭ ئاقسىلىنى غازاڭدەك يىگەن .شۇ جىگىرى ئىسسىپ قالدىمىكىن دەيمەن .ئىسسىقجان مىكىن .نىمە دورا قىلسام بولار ..بىلمىدىم .

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 12:06:44

قەۋزىيەت بولۇپ چوڭ تەرەپ قىلالماي جېنى قىينىلىپ كەتكەن كىچىك بالىلىرىڭلار بولسا بېشىمدىن ئۆتكەن تەجىربە : تۆت ياشلىق قىزىم  شۇنداق بوپ قېلىپ نەچچە قېتىم ئامال يوق سۇڭىدىن سۇيۇق دورا ماڭغۇزۇپ مەجبۇرى تەرەت قىلدۇرغان بولساقمۇ ماھىيەتتىن ساقايماي (قىزىم  ئادەتتىمۇ مىۋە چىۋىنى ئايىماي يەيتى بولمىسا )   مىللى تىبابىتىمىزگە مۇراجىئەت قىلىپ بارسام  بىر خوتەنلىك تىۋىپ  ئۆچەي لۈمۈلدەش ھەركىتى بەك ئاجىزلاپ كىتىپتۇ دەپ  ئۆزى ياسىغان بىر خىل گۈلقەنتكە (قىزىل گۈلنىڭ ئەمەسكەن  ) يەنە بىر گۈلقەنتكە ئوخشايدىغان دورىنى  بىر قۇشۇقتىن يىسۇن دەپ  بېرىۋىدى ، ئۈچتىن بىرىنى يەپ بولماي تۇرۇپلا ساقىيىپ تا ھازىرغىچە ئۇ ئىش يوق .

abdulla0013 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 18:13:35

بولسا كۆك تۇزدا (تاش تۇز)دا گېلىنى ئۇلاپ بېقىڭ مىنىڭ بالاممۇ ئوڭشالدى 4 ياشتا ئىدى

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 20:01:14

قەشقەر شەھرىدىكى بىر نەچچە يول ئاپتۇبۇسىنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ ئەينىكىگە مۇشۇ « كۆك ئىنەك » نىڭ سۈتىنىڭ ئېلانىنى چاپلاپتىكەن ئۇيغۇرچە ،  قەشقەردەك بىر شەھەردە مۇشۇنداق ئېلاننىڭ چاپلانغانلىغىدىن بەكلا ھەيران ، پەرىشان بولغانتىم ،  ماۋۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم . ئەجەبا ھارام نەرسىنىڭ ھاراملىغىنى دەپ قويغانلىق تېمىنى پېتىغدىغانلىق بولامدۇ تېما ئىگىسى ؟  ھەممىمىز مۇسۇلمان دەپ قارايدىغانلىغىمىز ئۈچۈن ، مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ئەسكەرتىپ قويۇش بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ بۇرچى ،  قالغىنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق ئىختىيارىڭلاردا . توۋا ،  تەرەققىيات نىمانداق تىز ...

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 20:03:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QUYASH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-17 20:05  

مەنمۇ بالامنىڭ يۆتىلىگە قالايمىقان دورا بېرىشتىن قورقۇپ يۈرگەندە بىر دوستۇمدىن كۆكنۇرنىڭ ‹‹شىپايى يۆتەل››نىڭ ئۈنۈمى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ سىناپ بېرىپ باققان. ھەقىقەتتەن ئۈنۈمى ياخشى بولدى. بەزىدە باللىرىم يۆتەلمىسىمۇ ‹مەن سەل يۆتەل بولاپ قاپتىمەن› دەپ ئىچىۋالىدۇ. ئۆيگە زاپاس ئېلىپ قويدۇم. مۇشۇنى سىناپ بېقىڭ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 21:17:54

agah يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 11:22 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
ھارامدىن شىپاھ يوق دى ...

سىز ئۇنداق دىگەن بىلەن كېسەل ئېغىرلىشىپ كەتكەندە نىمە بولسا شۇنى ئەكىلىڭلار دەيدىكەن. قايسى كۈنى 80خالتا دۇكىنىدا تۇرسام ئىككى قىز« دادام بەك ئاغرىپ كېتىپ بارىدۇ. كېچە-كۈندۈز ئۇيقۇ يوق. ئۆتكەندە ئەكەلگەن دورىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكىنى ئەكىلىڭلار، جىنىم قىينىلىپ كېتىپ بارىدۇ دەۋاتىدۇ» دەپ بىر رىتسىپنى ئوقۇپ بىرىۋاتىدۇ. رىتسىپقا قاراپ باقسام، ساپلا ئۇچقۇر پاقا، ئوق يىلان، چار يىلان پوستى خەشخەش قاتارلىق راكنىڭ دورىلىرى ئىكەن. ماۋۇ خەشخاش دىگىنى ئەپيۇن. راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا چىدىغۇسىز ئاغرىيدىكەن. باشقا دورا كار قىلمايدىكەن. مۇشۇ ئەپيۇننى ئىستىمال قىلسا ئاغرىق پەسەيگەندەك قىلىدىكەن. يۇقارقى قىزلارنى دادىسى نىمە كېسەلكەن دىسەم تىلنىڭ كانايگە تۇتۇشقان يېرىدە يوغان بىر مونەك چىقىپ ھەزىم قىلىش يولىنى توسىۋاپتۇ. كانەي راكىمۇ، جىگەر راكىمۇ بىلمەي قالدىم. ئۆزەمچە ياش چېغىدا چىكىپ قويغان بولسا يامان كېسەل بولۇپ قالدىمۇ يە دەپمۇ گۇمان قىلىپ قويدۇم. لېكىن توۋۋا دەپ ياقامنى چىشلىدىم. بىزمۇ قىرىيمىز، قىرىغاندا  خۇدايىم بىزگە قانداق كېسەل بىرىدۇ بۇ ھىچكىم بىلمەيدۇ. ئىشقىلىپ ھەممىمىزنى مۇشۇنداق يامان كېسەلدىن ساقلىسۇن.
بەت: 1 2 [3]
: بوۋاقلار يۆتىلىگە داۋا قىلايلى