iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 00:13:44

چامغۇر بىلەن گۆش شورپىسى قىلىپ بەردۇق
氨溴索,氨溴特罗口服液نىڭ دورىسىنى ئالدىدا ئىچكۈزدۇق
ئاموكسىللىننىڭ دورىسىدىنمۇ نەچچە ۋاق ئىچكەن
پايدىسى بولماي ئوكۇل ئاستۇرۇۋاتىمىز
بەك جاھىل يۆتەلكەن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 00:18:10

四季抗病毒合剂 مۇ ئىچىپتۇ

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 00:57:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yiltizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 00:58  

سېۋىنچ مەزلۇم:
كۆك ئىنەك سۈتىنىڭ گېپى سىزگە رىئاكسىيە قىلمايدىغانلا ئىش بولسا، بىھۇدە گۇمان قىلماڭ. ئۇ ئىچسە بولمايدىغان نەرسە ئەمەس، ئۆز نۆرىدە ئۇ ئېسىل دورا. ئائىلەمدە ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۈنۈمىنى كۆرگەچكە تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن. بىرسىنىڭ زارىغا چاقچاق قىلىدىغان خۇمارىمىز يوق.
شۇنىڭغا ئېھتىياجىم چۈشىدىغانلا ئىش بولسا، مەنمۇ ئىچىمەن.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 01:13:26

ئاللاھ ھىچ كىسەلنىڭ داۋاسىنى ھارامدىن قىلمىغان،
كۆك ئىنەك سۇتى دىگەن شۇ ئىشەك سۇتىدۇ؟يۆتەل باسىدۇ دىسە تۆگىنىڭ سۇتىمۇ تازا باسىدۇ،
يات قەۋىمنىڭ دورا دىسە جاھاندىكى بارلىق نەرسىدىن يەپ سىناب باقىدىغان ئادەت بىزگىمۇ يۇقۇپتىدە قارىغاندا.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 01:15:28

ئىشەك سۇتىنىمۇ باشقىلارغا قىلچە ئايانمايلا تەۋسىيە قىلغۇدەك دەرىجىگە بىرىۋاتقان بولساق ئەتە-ئۆگۈن ئۇزۇن قۇلاقنىڭ سۇتى بىلەن گۆشىمۇ دورا قاتارىغا چىقىپ قالمىسۇن يەنە.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 01:15:33

ئىشەك سۇتىنىمۇ باشقىلارغا قىلچە ئايانمايلا تەۋسىيە قىلغۇدەك دەرىجىگە بىرىۋاتقان بولساق ئەتە-ئۆگۈن ئۇزۇن قۇلاقنىڭ سۇتى بىلەن گۆشىمۇ دورا قاتارىغا چىقىپ قالمىسۇن يەنە.

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 01:24:46

«ئاللاھ ھېچ كېسەلنىڭ داۋاسىنى ھارامدىن قىلمىغان»ئەمەس،« ئاللاھ مەلۇم كېسەل ئۈچۈن داۋا قىلغان نەرسىنىڭ ھېچقايسىسى ھارام ئەمەس».  مۇنازىرە ئىقتىدارىڭىزدىن گۇمانلانمايمەن. مېنىڭ سىزگە قىلىدىغان گېپىم مۇشۇ يەردە تۈگىدى.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 07:02:44

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 07:07:15

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 07:56:32

شۇچاغدا ئۆزىڭىزنىڭكىنى ئىسپاتلاپ چىققىنىڭىز ئۈچۈن خوش بۇلىسىز دە !!!!

مەن دىگەنتىمغۇ دەپ ،،،،

sekine يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:24:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sekine تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 08:26  

گۈشى يىيىلمەيدىغان ھايۋاننىڭ سۈتىمۇ ھارام ئىكەنلىكى ھەدىستە بار. يەنە سەھىھ ھەدىسلەردە ھارامدا شىپا يوقلىقىنى پەيغەمبىرىمىز ئېيتقان.
ھارام نەرسىدە داۋالانمىسىمۇ اللە بىزگە ھالال قىلغان نۇرغۇن پاكىزە نەرسىلەر بار. شۇلاردا داۋالانسىمۇ اللە شىپالىق بەرگۈسى. بەلغەم بولسا سىۋىنىچ دىگەندەك قىپ بېقىڭ. مەنمۇ ئالدىنقى قېتىم سىۋىنىچنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شۇ ئۇسۇلنى سىناپ بالامدىكى بەلغەمنى چىقىرۋالغان. بەلغەمنى چىقىپ كەتسە تېزلا ياخشى بوپ كىتىدىكەن.
ياكى چامغۇرنى ئۇيۇپ ئىچىگە ناۋاتنى سېلىپ ئوتقا قويۇپ جىمبىلدە دۈملەپ سۈيى چىققاندا ئىسسىقىدا ئىچكۈزسىڭىزمۇ اللە خالىسا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئامال بار ئۇكۇل دارىلارنى قوللانماڭ. بىر ياشلىق بالام ئاغرىپ قالسا ئاساسەن مۇشۇنداق تەبىي ئۇسۇللاردا داۋالاپ ساقايتىۋىلىشقا تىرىشىمەن.
ياللۇغ قايتۇرىدىغان ئەڭ ئۈنۈنلۈك چارە بولسا كىسىپ يەيدىغان ئاپلىسىننى ئۇيۇپ ئىچىگە ئازراق تۇز سېلىپ دۈملەپ سۈيى چىققاندا ئىچكۈزدە بۇمۇ بەك تېز ياللۇغ قايتۇرىدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:32:37

ھالال ھارامنىڭ گېپى تۈگىسۇن باللا،بۇ تېمىنى پېتىغدىماڭلا دىنى تېما بولمىغاندىكىن
يۆتەلگە پايدا قىلىدىغانلا دورا بولسىلا يېزىۋېرىڭلا،ئەلنىڭ ئەقلى كۆپ،مۇشۇنداق رېتسىپلارنى مۇشۇ تېمىغا توپلايلى
كېيىن يەنە لازىملار پايدىلىنار

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:37:42

ئاق قۇشقاچنى يېرىپ كانايغا چاپلاش،
كۆك كەپتەر ياكى ئاق قۇشقاچ گۆشىنى بېرىش

bares يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:13:16

ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى باردۇر......ئىشەك سۈتىنى يۆتەلنىڭ ئۈنۈملۈك داۋاسى دەپ قارايدىغان ھەم شۇنى «كۆڭلى» كۆتۈرىدىغانلار  ئىچسۇن ...تەبىئي ئۇسۇللار بىلەن مىللىي تىبابەتتىن پايدىلىنىشنى لايىق تاپقانلار شۇنىڭدىن پايدىلانسۇن

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:44:26

ئۇزۇنغىچە ساقايمىغان بولسا كۆكيۆتەل بولۇپ قالمىغاندۇ ؟ كۆكيۆتەلنى خەنزۇچە 百日咳 دەيدىكەن، خېتى بويىچە تەرجىمە قىلساق يۈز كۈنگە سوزۇلىدىغان يۆتەل دەپ. مېنىڭچە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى توردىن تاپالايسىز.

كىچىك ۋاقتىمىزدا يۆتىلىپ قالساق كۆك ئامۇتنى ( نەشپۈت ئەمەس) مەشنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ ئىسسىق يەۋالساق ساقىيىپ كېتىدىغان، يۆتەلنىڭ ئالامەت دورىسى دەپ قوياتتۇق.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:46:41

بالىلارقەۋزىيەت بولسا ئۈچەي لۆمۈلدەش ياخشى بولمىغانلىقتىن بولىدۇ، 妈咪爱 دىگەن دورىنى بېرىڭ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىچسە بولىدۇ. يەنە بىرىى تاتلىق ياڭيۇ ( خوڭشۇ) نى سېلىپ گۈرۈچ شورپىسى قىلىپ بەرسىڭىز ئىچىنى بوشىتىدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:48:30

تۆگە سۈتىنىڭ بەدەن ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى ئالاھىدە ياخشى. بالا ئىچىشنى خالىسا بېرىش كېرەك، ئارتۇق كەتمەيدۇ.

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:53:18

يۈتەل-بەدىنىمىزنىڭ نورمال ئىممونىت كۈچى،نەپەس يۇلىمىزغا يات نەرسىلەر يىغىلىپ قالغاندا بەدەنىمىزنىڭ ئىممونىت كۈچى يۈتەل ئارقىلىق ئۇ ماددىلارنى سىرىتقا چىقىرۋىتىدۇ.
يۈتەل ئەسلىدە مۇشۇنداق ياخشى يېرى بولسىمۇ لىكىن ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە نەپەس يۇلىدىن قان چىقىش،توقۇلمىلارنى زەخىملەندۈرۈپ قۇيۇشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنىڭدا بىز دىققەت قىلىدىغان مۇنداق نۇقتا بار
1.بىز چۇقۇم يۈتەلنىڭ خاراكتىرىنى تۇغرا ئايرىۋىلىشىمىز كېرەك،يەنى بالىلىرمىزنىڭ ئادەتتىكى يۈتىلىنى،يەنى بىر ئىككىنى يۈتىلىپ قۇيۇپ توختاپ قالىدىغان،ياكى بىردەم-بىردەم يۈتىلىدىغان،ۋە ياكى بىر يۈتەلسە تۇختىماي يۈتىلىپ يۈزلىرى قىزىرىپ كىتىدىغان،قان ئارىلاش بەلغەم كىلىدىغان خىللىرى
بۇنىڭدا ئادەتتىكى يىنىك دەرىجىدىكى يۈتەلنى دورا يىمىسەكمۇ بۇلىدۇ،ئۇ زىيانلىق بولماي بەلكى پايدىلىق،بالا يۈتىلىش ئارقىلىق نەپەس يوللىردىكى بەلغەمنى ياكى ھەرخىل باكتىرىيە،ۋىروسلارنى سىرىتقا چىقىرىدۇ،بۇ يەردە بىز دورا بېرىپ توختىتىپ قويساق باكتىرىيەلەر بەدەندە قالىدۇ ھەمدە كىيىن يەنە قايتا يۈتىلىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
يەنە بىر خىلدا بالا قاتتىق يۈتىلىپ تۇختىمىسا،بەدەن قىزىسا،قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرسە بۇ خىل يۈتەلنىڭ سەۋەبىنى تىپىپ چىقىپ چۇقۇم ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.
بۇ خىل يۈتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىسەللىكلەردىن:
1.يوقۇرى نەپەس يولى يوقۇملىنىش
يەنى زۇكام،ئادەتتە ۋىروس بىزنىڭ بورنىمىز ياكى ئېغىزىمىز ئارقىلىق بەدىنىمىزگە كىرىپ يوقۇملىنىش پەيدا قىلىدىغانلىقتىن،يوقۇرى نەپەس يولىدىكى شىلىمشىق پەرىدىلەردە يوقۇملىنىش پەيدا قىلىدۇ.كىچىك بالىلار زۇكام بولغاندا ئاسان يۈتىلىپ قالىدۇ.
2.كانايچە ياللۇغى
بۇ كىسەل ئاساسلىقى يۇقۇرى نەپەس يۇلى يوقۇملىنىپ داۋاملىق ئاستىغا قاراپ كىڭىيىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.كىسەللىك جەريانى بىر قەدەر تىز بۇلىدۇ،باشلانغاندا قۇرۇق يۈتىلىدۇ،كىيىنچە بەلغەملىك يۈتەلگە تەرەققى قىلىدۇ.
ئېغىرراقلىردا نەپىسى سىقىلىش كۆرۈلىدۇ.
3.ئۆپكە ياللۇغى
بۇ كىسەل ئاساسلىقى يۇقۇرى نەپەس يۇلى يوقۇملىنىپ داۋاملىق ئاستىغا قاراپ كىڭىيىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.39گىرادوستىن يۇقۇرى دەرىجىدە قىزىيدۇ.
4.جىددى خاراكتىرلىق كاناي ياللۇغى
قاتارلىقلاردۇر.
يىنىكرەك يۈتەللەرنى ئادەتتە بىزنىڭ كونىلادىن قالغان توخۇمنى ياغدا پىشۇرۇپ،زىرە سىپىپ بالىنىڭ مەيدە،بويۇن تەپلىرگە قويۇپ ئىسسىق ئۈتكۈزۈش،بەدىنىنى بۆرەك يېغىدا ياغلاش،چامغۇرنى ئۇستىخان بىلەن قاينىپ سۈيىنى ئۈچۈرۈش ئارقىلىق بالىلارنىڭ دائىرلىك ئورۇندىكى ئىممونىت كۈچىنى ياخشىلاش ئارقىلىق يۈتەلنى تۇختىتىش ئۇسوللىرى بىر قەدەر ئۈنۈملۈك.
يۈتەل ئېغىر بولۇپ داۋالاشقا توغرا كەلسە تۈۋەندىكىدەك دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك بولۇپمۇ بالىلارغا:
بالىلارغا دورا ئىشلىتىشتە:مەركىزىي نېرىۋىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرنى يەنى:ئادەم بەدىنىگە باكتىرىيە ياكى ۋىروس كىرىپ كاناي پەردىسىنى غىدىقلىغاندا مەركىزىي نېرىۋىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بەدەن ئىممونىت سېستىمىسىغا يۈتىلىش بۇيرۇق سىگنالىنى تارقىتىدىغان رولىنى تورمۇزلاش،ياكى ئاستىلىتىش ئارقىلىق يتەلنى توختىتىش ئۇسولىنى بالىلارغا ئامال بار ئىشلەتمەسلىك كېرەك.چۈنكى بۇ جەرياندا بالىلارنىڭ نېرۋا سېستمىمىسى ياخشى يىتىلىپ كىتەلمىگەنلىكتىن ئاسانلا زەخمىلىندىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.
  شۇنداق بولغاندا بىز :
蛇胆川贝液
鲜竹沥
百日咳糖浆
مۇشۇ دورىلارنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك.
تىۋىپلارغا كۆرۈنسىڭىزمۇ ئەجدادلىرمىزنىڭ قەدىمدىن تارتىپ قوللىنىپ كىلۋاتقان رىتسىپلىرى بار،ئاجايىپ ئۈنۈملۈك.
يۇقۇرى قىزىتما بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تىۋىپلارنى ئىزدىسىڭىز ئۈنۈمى بەك ياخشى.
بولۇپمۇ توخۇمنى ياغدا پىشۇرۇپ زىرە سىپىپ بالىلارنىڭ مەيدىسىگە،بويۇن قىسىمىغا يىقىپ ئىسسىق ئۈتكۈزۈپ بەرسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بەك ياخشى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 12:00:40

چامغۇر مۇرابباسى(يۈتەلگە پايدىلىقكەن)
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=61097&fromuid=4520

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 12:36:33

ئاۋال ئىسسىقتىن بولغانمۇ سۇغۇقتىنمۇ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇڭ، ئاندىن كۆكيۆتەلمۇ ئەمەسمۇ بۇنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇڭ.
ئەسكەرتىدىغان بىر نۇقتا  ئېنىق ئايرىلماي تۇرۇپ سوغۇقلۇق قىلماڭ.
بەت: 1 [2] 3
: بوۋاقلار يۆتىلىگە داۋا قىلايلى