يانفوننىڭ زىيىنى ئېتىراپ قىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaxar0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 17:38بۇ يىل راك كېسەللىكى تەتقىقاتى بويىچە خەلقارا ئاگىنتلىق ۋە دۇنيا ساقلىقنى ساقلاش تەشكىلاتى موبىل تېلىفونلىرى ئادەملەردە خەۋپلىك ئۆسمىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى. ھازىرغىچە بۇ ھەقتە پەرەزلەر ئېيتىپ كىلىنگەن بولسا، ئەندىلىكتە نوپۇزلۇق خەلقارا تەشكىلاتلارمۇ يانفونلارنىڭ زىيىنى ھەققىدە كەسكىن پىكىرلەرنى بايان قىلدى.
ئېلېكتروماگنىت دولقۇنلىرى ھەمىشە سالامەتلىك ئۈچۈن زىيانلىق، دەپ ھىساپلاپ كېلىنگەن. ئەگەر ئۇ ھەر كۈنى قۇلاققا يېقىپ تۇرۇلسا، قۇلەقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاڭلاش ھەمدە كۆرۈش ئەزالىرى (كۆز تور پەردىسى) نىڭ پائالىيىتىنى تەمىنلەيدىغان مۇرەككەپ نىرۋا توقولمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ بارىدۇ. بەزى ئادەملەر كۈنىگە سائەتلەپ يانفونىنى قۇلىقىدىن ئالمايدۇ. بۇ ئورگانىزم ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق.
دۇنيا ساقلىقنى ساقلاش تەشكىلاتى ئىلگىرى يانفوننىڭ زىيىنى ھەققىدە رەسمىي خۇلاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بىراق ئون ئۈچ مەملىكەت ئىشتىراكىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يانفونلارنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.
يانفون تارقىتىدىغان كۈچلۈك ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى مىڭە توقۇلمىلىرىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. مىڭە توقۇلمىلىرىنىڭ زىيانلىنىشى، ئايرىم تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئەمەس، بەلكى ئارىدىن 15-20 يىل ئۆتكەندە ئېنىق نامايان بولىدىكەن. شۇ سەۋەپلىك ئۇلار 2020- يىلىغا بارغاندا مىڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەر سانى كەسكىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ ھىساپلاشماقتا. ھالبۇكى، ھەر كۈنى 15 مىنۇت يانفوندا سۆزلىشىشنىڭ ئۆزى مىڭىدە راك ئۆسمىسى ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. بۇنداق تېلېفونلارنىڭ، بالىلارغا خەتىرى تېخىمۇ كۈچلۈك. «روسىيەدە ھازىر 5 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان 15 مىلليوندىن ئارتۇق بالا ۋە ئۆسمۈر يانفون ئىشلىتىدۇ»، دەيدۇ فىدىرال تىببىيەت بىيوفىزىكا مەركىزى رادىيوبىيولوگىيە لابوراتورىيىسى باشلىقى ئو.گرىگورىۋ. –شۇ ئېنىقكى، بالىلانىڭ مىڭىسى ئېلېكتروماگنىت ئېنېرگىيەلىرىنى چوڭلارغا قارىغاندا كۆپرەك سۆمۈرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا مەسئۇل ھىساپلانغان مىڭە بۆلۈمچىلىرىمۇ ئېلىكتروماگنىت دولقۇنلىرى تەسىرىدىن زىيانلىنىدۇ. شۇڭا يانفون ئىشلىتىدىغان بالىلار، ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈنجى قېتىم، رادىيو دولقۇنلۇق ئەسۋاپلاردىكى ئېلېكتروماگنىت مەيدانىنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىكى «خەتەرلىك گۇرۇھ» قا كىرگۈزۈلدى.
دىمەك:
بالىلارغا ئىمكان قەدەر يانفون بەرمەڭ. ئۇچۇر ئارقىلىق ئالاقىلىشىشنىڭ زىيىنى تۆۋەنرەك.
مۇقىم تېلفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ.
يانفوننى يانچۇقىڭىزغا سالماڭ، سومكىدا ياكى بەدىنىڭىزدىن يىراقراق ساقلاڭ.
تېلفون ئاۋازى ياڭراپ، قارشى تەرەپ بىلەن ئۇلىنىپ بولغۇچە يانفوننى قۇلاققا تۇتماڭ. چۈنكى، دەل شۇ پەيتتە كۈچلۈك رادىياتسىيە تارقىتىدۇ.
ئۇخلاۋاتقىنىڭىزدا يانفونىڭىزنى يېقىن قويماڭ. كەم دىگەندە ئۆزىڭىزدىن 1.5 مىتىر نېرىغا قويۇڭ.
سۆزلىشىۋاتقاندا يانفون بېشىڭىزغا يېقىن تۇرماسلىغى ئۈچۈن تىڭشىغۇچ ياكى سىمسىز ئەسۋاپلاردىن پايدىلىنىڭ.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ياقۇپجان
مەنبە: زىيائۇز تورى
رەھمەت بىلىۋالدىم . يان يانچۇققا سالسام ئىگىلىپ كىتەرمۇ دەپ مەيدە يانچۇققا سېلىپ يۈۈپتىمەن نەشپۈتۈمنى :funk: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dido تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 18:32
بىلۋالدۇق، ياخشى تېما ئىكەن! نمىدىگەن خەتەرلىك گەپلەر بۇ ، قاچان ئەمىللىشە قانداق قىلارمىز؟ مىنىڭچە بولسا كوچا كويلاردا ئاممىۋى سورۇن ۋە ھاكازالارنىڭ ھەممىسىگە ھەرخىل ماركىلىق تېلفۇنلار تىزىپ قويۇلسا بۇ تېلفۇنلار نىڭ جىقلىقىدىن كىشىلەر ئۆچرەت ساقلاپ قالمىسا تېلفۇن ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ ئەزالىق نومۇرىغا پۇل تۆلەپ تېلفۇن ئىشلىتىش قېتىم سانىنى ياكى ۋاقتىنى سېتىۋالسا لازىم بولغاندا تېلفۇنغا ئەزالىق نومۇرىنى بېسىپلا ئىشلەتسە، ئىنسانلار يانچۇقىدا يانفۇن ئېلىپ يۈرمىسە نۇرغۇنلىغان كىسەللەر ئىجاد بولماسلىقى مۇمكىن
ئىنكاسىم بەڭگىنىڭ خىيالىدەك بوپ قالدىمۇ نىمە{:90:} kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 19:44 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە بولسا كوچا كويلاردا ئاممىۋى سورۇن ۋە ھاكازالا ...
نۇرغۇن پايدىلىق كەشپىياتلار دەسلەپتە خىيالدىن ئەمەلىيلەشكەن كاككۇرنىڭ خىيالى بۇرۇن بارتىغۇ. قەشقەردە كىچىك ۋاقتىمدا چەتئەلدىكى ئاممىۋى تىلفۇندەك تىلفۇنلار بارتى كارتا بىجرىپ ،كارتىنى سېلىپلا تىلفۇن قىلىپ ئىشلىتەتتىكەن،مەن بەك كىچىكتىم ئۇ چاغدا ،
ھازىر تىلفۇن يىنىمىزدا بولغاچ،ئىچمىز پۇشسىمۇ تىلفۇن قىلىپ يۈرىمىز ،شۇ چاغلاردا مۇھىم ئىشى بولمىسا تىلفۇن قىلمايدىغان بولغۇيتى .مىنىڭچە كومپىيۇتىر بىلەن تېلفۇننى رەسمى بىرلەشتۈرۈش ياكى ئايرىش كىرەك . ھازىر ئارلىقتا تۇرۋاتىدۇ .
رەسمى كومپىيۇتىردا قىلدىغان ئىشلارنى تىلفۇندا قىلغىلى يەنىلا بولمايدۇ . شۇڭا تېلفۇننى دەپنە قىلىپلا
كومپىيۇتىردا تىلفۇن قىلساق ،ھەممىنى كومپىيۇتىردا قىلساق ،يا كومپىيۇتىرنى دەپنە قىلىپ تىلفۇندا قىلساق بولاتتى ،ھازىر تېلفۇن ئارلىقتا قالدى . ئەگەريان تىلىفۇن سىگنالى ئادەملەرنىڭ ھەركىتىگە تەسىر كۆرسىتەلىگەن بولسا بىر ئادەم بىر كۈندە بىر مىتىرمۇ ماڭالماسمىش!.
ئۈنچە ئەمەستۇ ، بەك كۆپتىرىۋىتىپتۇ ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى تىلفۇن سۆزلەشمىگەندىمۇ تارقىلامدىكەن ؟ تىلفۇن سۆزلىشىش ۋاقتى كۆپ ئەمەس ، كۆپىنچە ئادەم تورغا چىقىدۇ ، ئويۇن ئوينايدۇ يانفۇننىڭ ئۆزىنىڭ سىگنالىدىن ساقلاندۇق دىسەكمۇ ھازىرقى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ سىگنال مۇنارلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن بەدىنىمىزنىڭ ھەممە قىسمىغا سىگنال ئۇسسۇپلا تۇرامدىكى دەيمەن. سۆزلەشكەنگە قارىغاندا تورغا چىققاندا ئىلىكتىرو ماگنىت سىگنالى تېخىمۇ كۆپ تارقىلىدۇ. مەندە سامسۇڭنىڭ180 سوملۇق ئادەتتىكى تىپلىق يانفۇنى بار!!!
قىممەت يانفۇن ئىشلەتسەك باشنى كۆتۈرگىلى بولمايدىكەن ياخشى تېماكەن رەھمەت!!!! تېلفوننىمۇ قولچىراققا ئوخشاشلا قىلىپ قويغان بولسا.... يەنى قولچىراققا توك قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولغانغا ئوخشاش تېلفوننىڭمۇ توكىلا بولسا سۆزلەشكىلى بولسا، سۆزلىشىش ھەققى تەلەپ قىلمىسا................... ئۇھ.... بەزىدە 10-ئەسىرنى سېغىنىپ قالىمەن... مەن 17- ئەسىرگە قايتسام دەپ ئويلايمەن kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 10:40 static/image/common/back.gif
مەن 17- ئەسىرگە قايتسام دەپ ئويلايمەن
مىنىڭ 1945-يىلىغا قايتىپ باققۇم با ھىلىقى ئەمرىكىنىڭ كىنولىرىدىكىدەك،كۆزنى يۇمۇپلا بىرىپ قالىدىغانچۇ مەن يەتتىنجى ئەسىرنى سىغىنىپ قالىمەن. ھى ھى ھى ئىنكاسلار نىمىنداق قىزقارلىق
بەت:
[1]
2