ئىزدىنىشتىكى ئەسەرلەرنى دوستلار چەمبىرىگە يوللاش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:يىڭى نەشىردىكى ئىزدىنىش مۇنبىرى دەسلەپ ئىچىلغان ۋاقىتتا، مۇنبەردىكى ياقتۇرغان تىمىلارنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان، يىقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، بۇ ئىقتىدارنىڭ نورمال ئىشلىمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلارنى تاپشۇرۋالدۇق.
بايقىشىمىزچە، مۇنبەرگە قوشۇلغان تىمىنى چەمبىرەككە يوللاش ئىقتىدارى، گوگىل مۇلازىمىتىنىڭ چىكىنىپ چىقىپ كىتىشى، ئىغىز تەمىنلىگۈچى تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەقىقەتەن نورمال ئىشلىمىگەن، شۇ سەۋەبتىن، بىز، بۇ ئىقتىدارغا نىسبەتەن ئەلالاشتۇرۇش ئىلىپ باردۇق ۋە نورمال ئىشلەيدىغان ھالەتكە ئىلىپ كەلدۇق. لىكىن، ئىقتىدارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىدا ئاز تولا ئۆزگىرىش بولدى.
كونكىرىت مەشخۇلات ئۇسۇلى:
ھەر بىر تىمىنىڭ ئاستىدا «ئۈندىدارغا يوللاش» كۇنۇپكىسى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ كۇنۇپكىنى چەككەندىن كىيىن، تىمىنىڭ ئىككىلىك كودى ھاسىل بولىدۇ.
بۇ بۇ ئىككىلىك كودنى ئۈندىدارنىڭ «扫一扫» (تەسۋىر كۆچۈرۈش) ئىقتىدارى ئارقىلىق سۈرەتكە تارتساقلا، ئۈندىداردا بۇ يوللىماقچى بولغان تىمىنىڭ ماۋزۇسى، مەزمۇنى ۋە ئادىرىسى ھاسىل بولىدۇ.
تىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى ھاسىل بولغاندىن كىيىن، يانفۇن ئىكرانىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى ئۈچ چىكىتنى باسىمىز.
بۇ ۋاقىتتا، تىزىملىكتە «分享到朋友圈» (دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەش) كۇنۇپكىسى كۆرۈنىدۇ، مۇشۇ كۇنۇپكىنى باسساقلا، مەزكۇر تىما ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىنىدۇ. بايام بايقىغاندەك قىلغانتىم ، ئاۋۇ ئۈندىدارغا يوللاش دىگەن بەلگىنى .... ئۈدىدارنى ئىشلىتىپ باقمىغىلى بىرەريىل بوپ قاپتۇ ......ھەي !! مۇنبەرنىڭ يانفۇن توربەت نۇسخىسىدا بەزى ئىقتىدارلار كەم ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ يانفۇن تېرمىنالىنى تاپالمايۋاتىمەن،بىلىدىغانلار ھايت دەڭلا :) ئۆتكەمدىمۇ بىر دىدىم يەنە دەي كەپتەركا
مۇنبەرنىڭ يانفۇن نۇسقىسىنى زىيارەت قىلغاندا , ھەرقانداق بىر فىلىم قىستۇرۇلغان تىما پەقەتلا ئېچىلمايدۇ ,
شۇيەرنى بىر ئوڭشىساڭلار بولاتتى .
مەسىلەن ھازىر قازاقىستان تىمىسىنىڭ 79 بېتى ئېچىلمايۋاتىدۇ . مەنمۇ كىچىككىنە بىر ئىشنى ئىنكاس قىلىپ قۇياي. مۇشۇ يانفۇن نۇسخىسىدا باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس يازغىلى بولمايدىكەن. يەنە بىرى خەتلەر سەل كىچىكتەك ھېس قىلدىم. ئۇچۇرنى يوللاپ باقسام يولللانمىدى ھازىر ،،بەت ئاپئاق بۇلۇپ مۇۋەپىقيەتلىك بولمىدى،،، يەنە ئازراق مەسلە بارمۇ يا....... بەك ياخشى بوپتۇ... ئىزدىنىش ئەپ نۇسقىسىدا تىمىنى باھالىغىنى بولدىغان قىلغان بولساڭلار.
ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ يانفۇن تېرمىنالىنى مەنمۇ پەقەت تاپالمىدىم.بار يىرىنى دەپ بەرسىەڭلار بولاتتى. hakan1865 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 12:34 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ يانفۇن تېرمىنالىنى مەنمۇ پەقەت ت ...
ئاندىروئىد نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
https://uyghur-archive.com/izdinix/app/izdinix.apk بەك ياخشى بوپتۇ جاپا چەكتىڭلا مۇنبەرگە بىرەرسى سىن توربېتىدىن ھەمبەرلىگەن مەزمۇن بولسا يانغۇندا كۆرگەندە بەت ئاپپاقلا تۇرۋالدۇ... مەن ئۈزۈم ياقتۇرغان بىر تىمىنى سىناپ باقاي قېنى تىچلىقمۇ .كۆك كەپتەر ئەپەندىم، مەن يۇقۇردا ئىيتقىنىڭىزنى تىخى سىناپ باقمىدىم، لىكىن بۇرۇن مەن ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى دوسلار چەمبىرىگىگە يوللىسام مەزمۇنى يوق لىكىن مەۋزۇسى بار يوللىنىپ قاپتۇ، نۇرغۇن دوسلىرىم سورىدى ،ئۆزەممۇ خىجىل بولۇپ قالدىم. ئەمدى ياخشى بولدى دەپ قارايمەن. رەخمەت سىزگە . ئىشلىتىپ باقاي. رەخمەت سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بويىچە نۇرغۇن نادىر تىمىلارنى دوسلار چەمبىرىگىگە يولىدىم. لىكىن بۇرۇنقى بىر قىسىم ماقالىلەرنىمۇ يوللايدەپ ئىزدەش ئارقىلىق تاپقان بولساممۇ لىكىن كورت شەكلى چىقمىدى . بۇلارنى قانداق يوللايمەن؟ چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز . رەخمەت Gulam615 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 10:58 static/image/common/back.gif
رەخمەت سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بويىچە نۇرغۇن نادىر تىمىلار ...
قائىدە بويىچە ھەممە تىمىنىڭ كودى چىقىشى كىرەك، بىرەر تىما چىقمىغان بولسا، ئىسمى ۋە ئۇلانمىسىنى قالدۇرۇڭ، تەكشۈرۈپ باقاي. kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 18:16 static/image/common/back.gif
قائىدە بويىچە ھەممە تىمىنىڭ كودى چىقىشى كىرەك، بىرەر ...
رەخمەت سىزگە .مىنىڭ ئىنكاسىمنى كۈرۈپ يازغان ئىنكاسىڭىزغا. ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ‹‹ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى
بىلىمخۇمار››ناملىق ماقالىسىنى دوسلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچى ئىدىم ،لىكىن كود بەلگىسى چىقمىدى.
Gulam615 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 10:42 static/image/common/back.gif
رەخمەت سىزگە .مىنىڭ ئىنكاسىمنى كۈرۈپ يازغان ئىنكاسىڭ ...
مەن كۆرۈپ باقتىم، نورمالكەن. مۇشۇ تىمىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە سىناپ بىقىڭ.
بەت:
[1]