86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 13:31:48

(مۇراجەت)2015-يىلى بىزنىڭ «كىتاپ ئوقۇش يىلى»مىز بولسۇن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-6 13:38

2015-يىلى بىزنىڭ «كىتاپ ئوقۇش يىلى»مىز بولسۇن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچنىڭ «مېنىڭ كىتاپ يىلىم» دىگەن ماقالىسىنى ۋە بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ يازمسىدىكى 2015-يىلىنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش ھەققىدە بەرگەن تەكلىپىنى ئوقۇپ ناھايىتى تەسىرلەندىم.كىتاپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ، كىتاپ ئوقۇش قىزغىنىلىقنى ئاشۇرۇش، كىتاپ ئۇقۇشنى تۇرمۇشىمىزدىكى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىىيىنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ كىشىلەر كىتاپ ئوقۇشنىڭ پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكنى بىلىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، كىتاپ كىشىلەرنىڭ توپلاپ رەتلىگەن بىلىملىرى بولغاچقا ، بىر جەمىيەتتەكىتاپ ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ھەر بىر ئادەمنىڭبىلىمىنى ئاشۇرۇشقا، بىلىم ئېلىش ئىقتىدارىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا، تۇرمۇشىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتۈشىگە، ئومۇمى ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىشىدە، ئاخىرى كېلىپ پۈتۈن بىر جەمىيەتنىڭ دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلىشىدا زور ئەھمىيەتكە.

مۇھىمى قانداق قىلىپ كىتاپ ئوقۇشنى بىر مىللەتنىڭ ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش مەسىلىسى.
مەن ھەر قايسىڭىزلەرگە مۇنداق بىر سۇئال قۇيۇپ باقاي: سىز 2014 -يىلى نەچچە كىتاپ ئوقۇدىڭىز؟ 2013-يىلىدىكىگە قارىغاندا قانداق يېڭى بىلىمىلەرگە ئىگە بولدىڭىز؟

بىز ئۇيغۇرلاردۇنيادىكى ھەر قايسى جەھەتلەردە تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى خەقلەرگە ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ، فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ھەر ئايدا قانچىلىك كىتاپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، ياپۇنلار خىزمەتكە كېتىۋاتقان يول ئۈستىدىكى ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي كىتاپ ، ژورنال ئوقۇيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمى بىلىم سەۋىيەسىنىڭ، خىزمەتچىلەر ساپاسىنىڭ قانچىلىك ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ شۇنداق بولالىشىدا ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا كىتاپ ئوقۇشقا ئادەت بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ھەسسى بارئىكەنلىكنى بىلمەك تەس ئەمەس. تەرەققى تاپقان ئەللەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بىلىم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى يۇقۇرى ئىكەنلىكى ئىكەن.
بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز قانداق؟ ئۆيىمىدە نەچچە كىتاپ بار؟ ھەرئايدا نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كۈنىمىز ئۆتىۋاتىدۇ؟ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلارنى قانداق پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزىۋاتىمىز؟مەكتەپتە ئوقۇغان كىتاپلاردىن باشقا قانچىلىك كىتاپ ئوقۇۋاتىمىز؟
مەيلى يېزا بولسۇن ياكى شەھەردە ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر بولسۇن، يىلدا نەچچە كىتاپ ئوقۇيمىز؟كىتاپ ئوقۇشقا چىقىرىدىغان ۋاقىت زادى قانچىلىك بولىۋاتىدۇ؟

مەن ئويلايمەن بىر مىللەتنىڭ ئومۇمى ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشىدە كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى بولۇش خېلىلا مۇھىم.
شۇڭا، ھەر بىرىمىز كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ، ئۆزىمىزدىن باشلاپ ھەم ئەتراپىمىىدىكىلەرگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ 2015-يىلىنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىشقا ئاكتىپ قاتنشىشىنى مۇراجەت قىلىمەن.
بۇ گەپلىرىمىز شۇئار ئورنىدا تۇختاپ قالماي، كونكىرىت پائالىيەت قىلىپ ئەمىلىيىتمىزدە ئىجرا قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

«كىتاپ يىلى» دەپ نام قويغىنىمىزدا، قانداق بولغاندا شۇ نامغا لاىق بولغان بولىدۇ؟ دىگەندە،ھەر بىر شەخس مېنىڭچە مۇنداق تەلەپلەرنى ئورۇنلاشقا تىرىشىشى كېرەك:
1. 2015-يىلى سىزنىڭ ئوقۇغان كىتابىڭىز مىقدار جەھەتتىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يۇقۇرى بولغان بولىشى؛
2.سېتىۋالغان كىتابىڭىزنىڭ سانىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئاز بولماسلىقى؛
3. بۇرادەرلىرىڭىزگە، ئۇرۇق-تۇققانلىرىوڭىزگەبىرەر سوۋغات بەرمەكچى بولغان بولسىڭىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئوقۇپ ياخشى مەنپەت ئالغان ، ياكى يېڭىدىن نەشىرقىلىنغان كىتاپ سوۋغات قىلىشنى ئالدىن ئويلاشقان بولىشىڭىز؛ باشقا نەرسە سوۋغات قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ شۇنىڭغا قېتىپ بىرەر كىتاپ سوۋغات قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز؛ مۇشۇ يىلدا مەلۇم مىقداردا كىتاپ سوۋغات قىلغان بولشىڭىز؛
4. ئاڭلىق ھالدا پىلان تۈزۈپ، مۇشۇ يىلدا ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قانداق كىتاپلارنى ئوقۇپ، قانداق جەھەتتە بىلىم سەۋىيەرىڭىزنى ئاشۇرىدىغان نىشانىڭىز بولىشى؛
5. ئوقۇپ بولغان كىتاپلىرىڭىزدىن، شۇنى ئوقۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىشىڭىز؛ تەڭ بەھرىلىنىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز؛ سوغات قىلىقشا كۆزىڭىز قىيمىسا ئارىيەت بېرىپ بولسىمۇ ئوقۇشىغا تۈرتكە بولشىڭىز؛
6.كىتاپ ئوقۇش تەشۋىقاتىنى ئۈندىدار بولامدۇ، چچ بۇلامدۇ شۇنىڭدەك ئۆزىڭىز ئالاقىلىشىغان چەمبىرەك ئىچىدە باشقىلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىغا، قىزغىنلىقنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ئاكتىپ بولىشىڭىز؛
7. ئەگەر قولىڭىزىدىن كەلگۈدەك بولسا، باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ، ئۆزىڭىز بىلگەننى كىتاپ قىلىپ، ياكى بولمىسا ماقالەقىلىپ بولسىمۇ يېزىپ ئوقۇرمەنگە سۇنۇشقا قاتتىق تىرىشىشىڭىز؛
8. دوستلار ئارا بىر يەرگە كېلىپ پاراڭلاشقان ئەھۋللاردا ، غەيۋەتكە چۈشىدىغان، قۇرۇق پاراڭلاردن ساقلىنىپ، سىزنىڭ نىمە كىتاپ ئوقۇپ نىمىلەرگە ئېرىشكەنلىكىڭىز، باشقىلار نىمە كىتاپلارنى ئوقۇپ قانداق تەسىراتقا ئىگە بوپتۇ قاتارلىق كىتاپقا ئائىت پاراڭلار كەم بولماسلىقى؛ توردا، ۋە شۇنىڭدەك ئالاقە ۋاستىلىرىدىمۇ كىتاپنىڭ پارىڭى بولۇپ ھەر قايسىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بىلىم ئېلىشىغا تۈرتكە بولىشى؛
9.ئەگەر سىز باشقا مىللەتنىڭ تىلىغا پىششىق بولسىڭىز،ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ماتىرياللىرىدىنبىلىم ئېلىشىغا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، كىتاپ، ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىشىڭىز كەم بولماسلىقى؛
10. قايسى كىتاپلار ياخشى يېزىلغان،قايسى جەھەتتىن بىلىمنى ئاشۇرىدۇ،توردا تاپقىلى بۇلامدۇ،ياكى سىزدە بارمۇ؟دىگەندەك كىتاپقا ئائىت پايدىلىق ئۇچۇرلارغا كەڭ ئوقۇرمەنلەرئېرىشىشىگە ياخشى مۇھىت ھازىرلاشقا ھەسسە قوشۇشىڭىز كەم بولماسلىقى لازىم.
پۈتۈن جەمىيەتتە مۇشۇنداق بىر ئىش ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا گەۋدىلىك بولۇپ كۆرۈنسە، ئاندىن بۇ «كىتاپ ئوقۇش يىلى» بولغان بولىدۇ دەپ قارايمەن.

كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىپ پائالىيەت قىلىشىمىزدىكى مەقسەت پەقەت مۇشۇ بىر يىلدىلا كىتاپ قىزغىنلىقى داغ-دۇغاقىلىپ تۇختاپ قالماي، مۇشۇ باشلىنىش بىلەن كېيىنكى يىللاردىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، مۇشۇنداق كىتاپ ئوقۇش، بىلىم ئېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ باشلىنىشى قىلىىشمىز، كىشىلەر بوش ۋاقىتلىرىدا ئىختىيارسىز ھالدا كىتاپ ئوقۇغىسى كېلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جەمىيەتتە ھەممەيلەننىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىجابىي رول ئويناش، كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەنئەنە ئىچىدە، بىلىم ئېلىشقا تۈرتكە بولىشىنى نىشان قىلىمىز.

ھازىرقى تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتىدا، كىتاپ پەقەت قەغەزگە بېسىلغان ھالىتىدىلا بولماستىن، باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىقمۇ ئوقۇغىلى بولىدۇ، ياكى ئاڭلىغىلىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، كىتاپ دىگەن سۆز چىققاندا پەقەت قەغەزلا كۆز ئالدىمىزغا كەلمەي، ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىدىكى كىاتاپلارمۇ كىتاپ ھىساپلىنىپ كۆز ئالدىمىزغا كەلسۇن. شۇڭا، كىتاپنى كومپۇتېردا، يانفۇن ياكى باشقا قۇلايلىق ئۈسكىنىلەردىمۇ ئوقۇغىلى بولىدۇ. ئاۋاز نۇسخىسىنى ئاڭلغىلى بولىدۇ.كىتاپ، خەت بىلەنلا ئىپادىلىنىپ قالماي يەنە ئاۋاز ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىدۇ. كىتاپنى كۆزىمىزدە ئوقۇش بىلەن يەنە قۇلىقىمىزدا ئاڭلىغىلىمۇ بولىدۇ.
كىتاپنىڭ ھەجىمى، شەكلى، نۇسخسى ھەر خىل ئىپادىلىنىدۇ. دىمەكچى،ژورنال، كىتاپ، ماقالە ھەممىسىنى كىتاپ دەپ ھىساپلايلى.

مۇشۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر گەپ، كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتى قىلىشىمىزىدىكى مەقسەت پايدىلىق بىلىم سەۋىيەمىزنى ئاشۇرۇش، بىلىم دائىرمىزنى، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىش، كەسپىي ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇش، بىلىم ئىگەللەش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش قاتارلىق ئەھمىەتلىك تەرپىنى ۋۇجۇتقە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ساقلنىىشقا تېگىشلىك ئىشلارمۇ بار.بىز پايدىلىق بىلىم ئېلىشقا پائاىلەت قىلىشقا تۇتۇش قىلغانكەنمىز، يەنە بىر قىسىملار بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئۆتۈشى ياكى پايدىسىز ئامىللارنى شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن. شۇڭا ساغلام ئېلىپ بېرىشقا دىققەت قىلىش لازىم.يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، ئەسلى بىزنىڭ پايدىلىق ئىش قىلىمىز دىگەن ئىشىمىز چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان ئىشقا دۇچار قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

يۇقۇرقىدەك پىكىر -تەشۇببۇسلىرىمغا باشقىچە پىكىر بولمىسا، ھازىردىن باشلاپ تورداشلارنىڭ ئۆز-ئارا تەشۋىق قىلىشقا باشلىنىشى ئۈمىد قىلمەن.
بىز مۇنازىرە قىلىشىپ ئۆتىدىغان مۇنبەردىمۇ يۇقۇرىكى پىكىرلەرگە ئاۋاز قۇشۇپ، رىياللىقتا ئۆز- ئارا تونۇشمىغان بولساقمۇمۇنبەردىمۇ 2015-يىللىق كىتاپ ئوقۇش يىلى پائاىليىتى قىلىشىمىزنى تەكلىپ بەرمەكچىمەن.
كونكىرىت قانداق ئېلىپ بارىمىز دىگەندە،مېنىڭچە بىز 2015-يىلى بىر يىل ئىچىدە قانچىلىك كىتاپ ئوقۇشقا مىقدار جەھەتتىن ئەڭ تۆۋەن چېكى بېكىتەيلى، مەيلى توردا ئوقۇيلى، كىتاپخانىدىن كىتاپ سېتىۋېلىپ ئوقۇيلى، ياكى ماقالە ئوقۇيلى ھەممىسى جەمىيلەنگەندە4000 بەتلىكتىن كەم بولمىسۇن، قانداق دەيسىلەر؟
مۇشۇ تىمىننىڭ ئاستىغا ئۆز-ئارا تەۋىسيە قىلىشىدىغان كىتاپ ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزسەك بولىدۇ. ئوقۇغان كىتابىمىزدىن ئالغان تەسىراتىمىزنى يازساقمۇ بولىدۇ.
ھەركىمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەركىم نىمە مەزمۇندىكى كىتاپلارنى ئوقۇشنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتسۇن.مۇنبەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەر كىم ھەرقايسى كەسىپلەردىكى كىشىلەر بولغاچقا، كەسپىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىلىمنى كېڭەيتىش ۋە بىلىم دئاىرىسىنى كېڭەيتىش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش تۈرىدىكى مەزمۇنلارنى تاللاپ ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ شۇلارنى ئوقۇشقا پىلان تۈزىۋالسا بولىدۇ.
2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان كىتاپلىرىڭىز، شۇنداقلا 2014-يىلىدىكىگە قارىغاندا قانچىلىك ئىلگىرلەش بولغانلىقىدىن تەسىرات ماقالىسى يازسىڭىز بولىدۇ.يەنە يۇقىرىدا دىيىلگەن 10 تۈرلۈك ئىشلارنى قانچىلىك دەرىجىدە قىلدىڭىز؟ خۇلاسە قىلسىڭىز بولىدۇ.
مۇشۇ جەرياندا مۇنبەردىكىلەر ئۆز-ئارا كىتاپ سوۋغات قىلىشىدىغان ئىشلارنى قىلساق بولىدۇ. بۇ بىر جەھەتتىن ئۆز ئارا يەردەم بولىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن دوستلۇق ھاسل قىلىشقا پايدىلىق.
توردا بار بولغان كىتاپلار بولسا مەنبەسىنى تېپىشقا ياردەم قىلشساق بولىدۇ.
توردا گەپ تالىشىپ بىر-بىرىمىزگە چەكچىيىشىدىغان ئىشلارنىڭ ئورنىغا دوستانە ياردەم قىلىشىشقا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشنى دەسسەتسەك ياخشى. بىلىملەردىن ساۋات قاتارىدىكى ئەمما بىز بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەرمۇ ئاز ئەمەس. تۇمۇشقا ئائىت، ئەر-ئايالغا ئائىت، ساغلاملىققا ئائىت، ئېتىقادقا ئائىت، دۇنيادىكى ئىشلار، بالا تەربيسى، .... ۋاھاكازا. ھەممە ئادەم ئوقۇشقا تېگىشلىك بىلىملەر ۋە ھەر كىم ئىچكىرىلەپ چوڭقۇرلاپ چۆككەن كەسپىي بىلىملەر.
بۇلار مېنىڭ شەخسەن مۇراجەت تەكلىبىم. تورداشلار ئاۋاز قۇشسا، ياكى تولۇقلايدىغان مەن ئويلاپ يەتمىگەن تېخىمۇ كونكىرىت ياخشى تەكلىپ پىكىرەر بولسا، ئوتتۇرغا قويسا ئەمەلىيەتىمىز بىلەن كىتاپ ئوقۇش يىلىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق گەۋدىلەندۈرىدىغان پائالىيەت قىلساق دەيمەن.

ھەممىڭلارغا ئامانلىق ۋە مۇۋەپىقىيەت تىلەپ،   يازغۇچى 86.

qelem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 14:09:35

ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەتلىك پىكىر بوپتۇ. بىزدىمۇ كېلەر يىللىق ساياھەت پىلانى، ئۆي سېتىۋىلىش پىلانى، توي قىلىش پىلانى دېگەندەكلەرلا بولۇپ قالماي، يەنە مۇشۇنداق كىتاب ئوقۇش پىلانى بولسا ھەقىقەتەن بەك ئېسىل ئىش بولاتتى. جەمئىيەتنىڭ ساپاسى گەپ بىلەن، ھاياجان بىلەن ۋە ياكى باشقا شەكلى بار، مەزمۇنىنىڭ ۋەزنى يوق ئىشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئۆزى كىچىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرەلىگۈدەك ئىشلار بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
شەخسەن مەن يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن كىتاب ئوقۇش يىلىمنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمەن.
بولسا مۇشۇنداق كىتاب ئوقۇش يىلى، كىتاب ئوقۇش ئايلىرىنى تەشەببۇس قىلىپ، كىتاب بىلەن تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرساقكەن ...

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 15:21:01

مۇشۇ يىل ئۆتۈپ كىتىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ يىلغا تەۋە كىندولدا ھوزۇرلىنىپ جەمئىي تۆت كىتاب ئوقۇپتىمەن.
1.ئاتامان
2.ئاچلىق ئويۇنى
3.ئوت تۇتىشىش
4.ماكىڭجەي
كىچىكىمدىن كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم، شۇنداق ھاياجان ھاياجان كىتابلارنى ئوقۇيتىم، ھازىر نىمىشقىدۇر ئۇنداق كىتابلارنى ئوقۇغۇم كەلمەس بولۇپ قالدى.ئاساسلىقى تەتقىقات ۋە ئانالىز ماقىلىلىرىنى ئوقۇيدىغان بولدۇم.
ھەركىشىنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش بولمايدىكەن، بەزى مەزمۇنلەردىكى كىتابلاردىن زوق ئالالىسىڭىز، بەزىلەر ئالالمايدىكەن.
بولسا قانۇنلۇق مەزمۇندىكى {:92:} سىلەرگە تەسىر قىلغان كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار، تاما-تاما كۆل بولۇر دەپ بىر يۈز كىتابلار يىغىلىپ قالسا تاللاپ ئوقۇپ باقساق ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولارمىكى دەيمەن.

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 15:43:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-6 16:40

    مەن قوللايمەن ،    ياخشى كىتاپلار بولسا تەۋسىە قىلىڭلار ، ئالدىن تەييارلىق قىلىپ يىغىپ قويغاچ تۇراي .
                دىننى كىتاپلارنى دەپ ئولتامىساممۇ ئوقۇيمىزغۇ ھەممەيلەن .   مەن ما كىتاپلارنى تەۋىسيە قىلىمەن
            
             گارسىيا ماركوز نىڭ «يۇز يىل غىرىپلىق »
             فىرانس كافكا«قەلئە»
             ئورخان پامۇك «منىڭ ئسمىم قىزىل» «يىڭى ھايات»
             ئادىل تۇنياز شىئىر توپلاملىرى « چۇمبەلدىكى كۆز» ، « دىڭىزدىكى كوچا» «پەيغەمبەر دىيارىدا كىچىلەر»
             زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت››
             پەرھات تۇرسۇن‹‹ ئۆلۇۋىلىش سەنئتى›› ‹‹ ئەپىلاتۇننىڭ گۇرجىكى»   
      
            ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ   ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا›› ‹‹ ئنسانى سۇپەت مەنزىلى ›› قاتارلىق كىتاپلىرى
            زۇلپىقار باراتنىڭ ‹‹ ئۆزلۇك گىرۋەكلىرىدە›› .   قاتارلىق كىتاپلارنى تەۋسيە قىلىمەن ، يۇقارقى كىتاپلار مەن ئوقۇغان كىتاپلار ئچىدىكى ئۆزەم ئەڭ ياخشى كىتاپلار دەپ قاراپ سىلەرگە تەۋسيەقىلىم (بەلكىم سىلەر ئوقۇپ بوغانسىلەر)
                  ما مۇنبەردىكىنى دەپ ئولتامىساممۇ بولا ،ئادديسى پوقتىن تارتىپ كائىناتقىچە باغۇ:lol
            

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 16:27:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-6 16:40

faxist يوللىغان ۋاقتى2014-12-6 15:43 static/image/common/back.gif
مەن قوللايمەن ،    ياخشى كىتاپلار بولسا تەۋسىە قىلىڭل ...




   مەن «پۇل ئۇرۇشى » دېگەن كىتاپنى سىتىۋالغان، لىكىن ئوقۇپ باقمىدىم، 2015-يىلدىكى پىلانغا كىرگۈزەي.
   «مەدەنىيلىك» دېگەن كىتاپنى بەزىلەر ماختىدى، ئۇقۇپ بېقىش نىيتىم بار.
دىنىي كىتاپلار، ئىقتىسادقا ئائىت كىتاپلارنى ئۇقۇپ باقاي دەپ پىلان قىلىۋاتىمەن.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 16:38:29

مەن تۇنۈگۈن بىر غەيرەتكە كىلىپ ئەخەت تۇردىنىڭ كونا كوچا دىگەن كىتابىنى ئوقۇۋەتتىم . ھىس قىلىشىمچە قىزىل ئەسەردەك .
بۈگۈن گىراف مونتى-كىرىستودىگەن كىتابنىڭ 1-كىتابىنىڭ 389-بىتىگە كەلدىم . بولىدىكەن .
بىسىپ كىتاپ ئوقۇمىغىلى 7 يىل بوپتىكەن .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 17:45:10

«مەدىنىيلىك» دىگەن كىتاپ كىمنىڭ كىتاۋى؟ نىمە مەزمۇن سۆزلىنىدۇ؟   بىرەيلەن سورىغان ئىدى يېڭى چىققان كىتاپكەن سۈرۈشتۈرۈپ بەرسىڭىز دەپ.    ئۆتكەندە ئىزدىنىش كىتاپخۇمارلار ئۈندىدار توپىدىن سورىسام ھىچكىم بىلمەيدىكەن.

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 17:57:48

بولسا نەپىس ئىشلەنگەن تەشۋىقات قەغىزى تارقىتىلسا ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشلەر بۇ «پائالىيەت»قاتنىششى مۇمكىن

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 17:58:59

بىزنىمۇ قىتىپ قوياڭلا ئۇنداق قىلماي

bigim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 18:51:29

ناپالېئۇن خېئول بىلەن دالى كارنىگنىڭ كىتاپلىرىنى ، ئۇنىدىن باشقا «ئىز» دىن باشلاپ « ئانا يۇرت» قىچە بولغان تارىخى كىتاپلارنى قايتا بىر قۇر ئۇقۇپ چىقىشنى پىلانلاۋاتىمەن.

Qelich يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 18:55:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qelich تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-6 19:11

qassap يوللىغان ۋاقتى2014-12-6 17:45 static/image/common/back.gif
«مەدىنىيلىك» دىگەن كىتاپ كىمنىڭ كىتاۋى؟ نىمە مەزمۇن س ...

كىتاپنىڭ ئاپتۇرى: نىيىل فېگىرسىن (Niall Ferguson)، ئەنگىلىيلىك. كىرىش سۆز، مۇقەددىمە ۋە خۇلاسە قىسمىنى قوشقاندا جەمئىي 9 بابكەن بۇ كىتاپ. ئاسالىق مەزمۇنى غەرب مەدەنيتىنىڭباش كۆتۈرىشىدىكى مۇھىم ئامىللار ۋەغەربنىڭ خوجايىنلىق ئورنىنىڭ پات يېقىندا ئالمىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى تەھلىللەر، خاراپلىش ۋە زاۋال تېپىش خەۋىپى ھەقىدىدىكى مۆلچەرلەر، شۇنداقلا جوڭگونىڭ باش كۆتۈرىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىدىكەن. ۋە كەلگۈسىدىكى باشلامچى مەدەنىيەتلەر ئورنىنىڭ ۋە ھوقۇق ئالمىشىشى ھەقىقىدىكى ئاپتۇرنىڭ تەھلىللىرى سۆزلىنىدىكەن.

تۆۋەندىكىسى ئۇشبۇ كىتاپنىڭ مۇندەرىجىسى:
كىرىش سۆز
مۇقەددىمە
بىرىنچى باب رىقابەت
ئىككى دەريا
ئاغۋات ۋە زىراپە
خۇش پۇراق ماتېرياللار مۇسابىقىسى
مادارچى دۆلەت
ئىككىنچى باب ئىلىم-پەن
مۇھاسىرىگە ئېلىش
مىكروگرافىيە
ئوسمانىيلار ۋە گېرمانىيەلىكلەر
ئىسلاھات يولى
ئىستانبۇلدىن ئېرۇسالىمغىچە
ئۈچىنچى باب مۈلۈك ھوقۇقى
يېڭى دۇنيا
ئەركىن تۇپراق
ئامېرىكا قىتئەسى ئىنقىلابى
گولالارنىڭ تەقدىرى
تۆتىنچى باب تېبابەت
بۇركېنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرى
ئۇرۇشنىڭ كۈچى
قىتئە ئاتلىغان دوختۇرلار
شارك ئارىلىدىكى ئىسكىلىتلار
قارا نومۇس
بەشىنچى باب ئىستېمال
ئىستېمال جەمئىيىتنىڭ بارلىققا كېلىشى
غەربلىشىش
نامراتلىقتىن بېيىشقىچە
پادىچى ئىشتىنى
كۈل رەڭ كىيىم ۋە ياغلىق
ئالتىنچى باب خىزمەت
خىزمەت ئېتىكسى ۋە يېزىق ئېتىكىسى
ۋاقىتتىن بەھرىلىنىش
جۇڭگودىكى ئېرۇسالىم
ئېتىقادسىز زېمىن
قىيامەت قايىم بولامدۇ؟
خۇلاسە: رەقىب

قىززىقىدىغانلار كىتاپنى سېتىۋېلىپ ئوقۇپ كۆرسەڭلار بولىدۇ.

Qelich يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 19:08:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qelich تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-6 19:10

86 نىڭ تەكلىپلىرى بەك ئورۇنلۇق بوپتۇ.
بۇ يىلنىڭ ئىلگىرى كىتاپ ئوقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭلا كىتاپ ئوقۇش يېلى بولۇپ قالماستىن، كىتاپ ئوقۇمايدىغان دوستىلىرىمىزنىڭمۇ كىتاپ ئوقۇشنى باشلاش يىلى بولىشىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن.

ئىلگىرى كىتاپ ئوقۇپ كەلگەن بولساق 86-قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا بىر-نەچچە كىتاپنى بۇ يىل ئارتۇقراق ئوقۇشنى ئويلىشايلى. كىتاپ ئوقۇمايدىغان قېرىنداشلىمىزمۇ غەيرەتكە كىلىپ، بۇ يىل بىر-نەچچە كىتاپنى ئوقۇپ تۆگەتسۇن. ھېچ بولمىساھەر ئايدا چىقىپ تۇرىدىغان ياخشى ژورناللىرىمىزنىمۇ بولسا ئوقۇپ تۇرسۇن.

بولسا مۇشۇ كىتاپ ئوقۇشقا ئانچە قىزمايدىغان دوست-يارەنلەرگە تاززا قىززىقكىتاپلاردىن بىر نەچچىنىتەۋسىيە قىلغان بولساق.

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 19:10:40

Qelich يوللىغان ۋاقتى2014-12-6 18:55 static/image/common/back.gif
كىتاپنىڭ ئاپتۇرى: نىيىل فېگىرسىن (Niall Ferguson)، ئەنگىلىي ...


   ما كىتاپقا مەن قىزىقىپ قالدىم ، خانتىڭتوننىڭ ‹‹مەدەنيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنتىىلىشى›› ناملق كىتاۋىغا ئوخشاپ كىتەمدۇ نىمە.
                   2015-يىللق پىلانغا كىرىپ كەتتى ئەمسە .

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 19:27:19

بۇ ياخشى پىكىر بوپتۇ. مەن دوستلرىمغا بۇ يىل سىنتەبىردىن باشلاپ كىتاپ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن. شۇنداقلا كىتاپ ئوقۇش گۇرۇپپىسىمۇ قوردۇق، بۇنىڭدا بەك ياخشى بولىدىكەن.
بولسا دوستلىرىمغا تەكلىپ سىلەرمۇ يىقىنلىرىڭلار بىلەن كىتاپ ئوقۇش گۇرۇپپىسى قورۇپ ھەر قېتىمدا ئوخشاش بىر كىتاپ ئوقۇپ مولاھىزە قىلساڭلار. كىتاپنى ھەقىقى ئوقۇغاندەك بولىدىكەنمىز.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 19:29:48

مەن ئەسلى بەك كىتاب ئوقۇيدىغان بالا ئىدىم ، مۇشۇ ئىزدىنىش ، باغداش قاتارلىق مۇنبەرلەرگە يولۇققاننىڭىزى كىتاب ئوقۇماس بولۇپ كىتىپتىمەن . ھازىر قايتا بىر ئوقۇي دەپ بابۇرنامىنى قولغا ئالدىم ، ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىڭلار .

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 19:56:17

qassap يوللىغان ۋاقتى2014-12-6 17:45 static/image/common/back.gif
«مەدىنىيلىك» دىگەن كىتاپ كىمنىڭ كىتاۋى؟ نىمە مەزمۇن س ...

ئۇچۇر قالدۇرسا كۆرمىسىڭىز ..

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:15:24

سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستالانى شەرھى(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)
ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى
بالدۇر ئويغانغان ئادەم
ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە

ئوقۇشقا تېگىشلىك ياخشى كىتابلار خېلى بار. يۇقارقى كىتابلارنى ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

tunugun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 21:10:44

قىززىق ئۆتكەن بىر يىلدا 5_6كىتابنى ئوقۇماقچى بوپتىكەنمەن . لېكىن ھەممىسى يىرىم بولۇپ قاپتۇ. مۇشۇ يېرىم ئايدا تىرىشىپ ئىككى پارچىنى بولسىمۇ تۈگىتىۋىتەي. مەن ئەمسە باشلاپ كەتتىم.

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 21:23:47

ئۇنداقتا 2016- يىلىنى تاماق يىيىش يىلى قىلامدۇق ؟ {:134:}

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 21:33:06

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بەك ياخشى پىلان بولۇپتۇ. مەنمۇ مۇشۇنداق كىتاب ئوقۇپ كەلگىلى بىر قانچە يىل بولغان، ئۆز تەجرىبەمدىن ئوقۇرمەنلەرگە بىر نەچچە كونكىرىت تەكلىپ بېرەي دەيمەن.

1. «كىتابنامە» دەپ بىر دەپتەر تۇتۇپ ياكى كومپىيوتىردا ھۆججەت ئېچىپ ئوقۇۋاتقان كىتابىڭىزدىكى ئوقۇپ توختاپ قالغان بەتنى خاتىرلەپ قويۇڭ، بولمىسا كېيىن كەلگەن يەرنى تاپالماي، ئىرادە بوشاپ قالىدۇ. بۇ بولۇپمۇ كومپيۇتېردا كىتاب ئوقۇيدىغانلارغا ماس كېلىدۇ.

2. ئاندىن بەرىبىر كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇنى- بۇنى ئوقۇپ ۋاقىت «ئىسراپ قىلماي»، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان بىرەر ساھەنى تۇتۇپ ئوقۇپ شۇ ساھەدە يامان ئەمەس بىلىمغا ئىگە بولغىدەك، بىرەرسى بىرە نەرسە سوراپ قالسا ئىلمىي جاۋاب بەرگۈدەك بولۇڭ. مەسىلەن: دىن، تارىخ، تىلشۇناسلىق، ئىقتىساد، شېئىرىيەت، پەلسەپە ... دېگەندەك ساھەلەردە. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك دېگەن مۇشۇ. ئەمدى تاللىغان ساھەدىن باشقا كىتابلارنىمۇ ئاندا-ساندا ئارلاشتۇرۇپ قويۇڭ، بۇرۇختۇرما بولۇپ تاللىغان ساھەرىڭىزدىن زېرىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن.

3. ئاندىن مۇشۇ رومان دېگەن نېمىنىزە ... ئوقىمىسا بولۇرمىكىن دەيمەن، شەخسەن. چۈنكى تۈزۈك مەنپەئەت تەگمەيدۇ. ئەمدى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئوقۇپ پايدىلانسا قانداقكىن. لېكىن روماننى ھەرقانچە جىق ئوقىسىمۇ مەخسۇس بىرەر ساھە ئۈچۈن يېزىلغان كىتابلارغا يەتمەيدۇ.
بەت: [1] 2 3 4 5
: (مۇراجەت)2015-يىلى بىزنىڭ «كىتاپ ئوقۇش يىلى»مىز بولسۇن