kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 11:13:09

ئۇيغۇرلارنىڭ تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كېپىللىك پۇل تۆلەش ئارزۇسى ....

ئۇيغۇرلارنىڭ تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كېپىللىك پۇل تۆلەش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشارمۇ؟ قاچان ئەمەلگە ئاشار؟

دەۋرىمىز سودا ئوبروتىنىڭ زور كۆپ قىسمىنى تور سودىسى ئىگىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان تور سودا بېكەتلىرى روياپقا چىققان بولدى ھەم توختاۋسىز بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تارىم بوستانلىقىدا ئەنئەنىۋى تىجارەت ئۇسۇلى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان بىز مىللەتكە بىر يېڭىلىق ھەم قىزىقىش ئېلىپ كەلدى. خەلقىمىزدىمۇ كومپيۇتېر ۋە تورنىڭ خېلى زور كۆلەمدە ئومۇملىشىشى ئەلۋەتتە بىزدىكى بۇ تور يۈزى يېڭىچە سودا شەكلىگە بارغانسېرى گۈللىنىش ئېلىپ كەلسە توغرا بولاتتى. بەلكىم بۇ نۇقتىنى بىزدە تورسودا بېكىتى ئېچىپ باققانلار ناھايىتى چوڭقۇر ھىس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھەر يىلقى 1111 كۈنىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان غايەت زور ئىلگىرلەشلەر، ھەممە ياقتا تور سودىسىنىڭ راۋاج تېپىپ كەتكەنلىك، توردا مال سېتىپ بېيىپ كەتكەنلىك، توردا مال ئېلىپ بەك خۇش بوپ كەتكەنلىكتەك ... ئۇچۇرلارنى پات -پاتلا ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇنداق بولغانىكەن بىزدىكى تورسودا بېكەتلىرىمۇ ئەشۇنداق ھاياجانلىق خەۋەرلەرنى تارقىتىپ باقسا بولاتتى...  مەقسەت، بۈگۈنىمىزدىكى مۇھىم سودا شەكلى بولغان تور سودىسىدا بىز خەلقىمىزنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى مۇشۇ شەكىلدە سېتىپ چىقىرىش، ياقتۇرغانلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا ھوزۇر ئولتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانسا، ئەلۋەتتە ھەربىرىمىزنى ئەنە شۇنداق ھاياجانغا سېلىپ، يېڭىچە دۇنيانىڭ ھەقىقى ھوزۇرىنى ئالەم بىلەن بىرگە سۈرگەن بولاتتۇق.
بىراق، خۇددى سۇ يوق يەرگە تېرىلىپ قالغان زىرائەتتەك، ئاتا- ئانىسىز قالغان يىتىم بالىدەك، يىلتىزى تۇپراقسىز قېلىپ ئاپتاپتا قالغان دەرەختەك... بىر يېرىمىز بىر نىمىلا... خېلى داغدۇغا بىلەن بېكەتلەر ئېچىلىدۇيۇ، ئاۋۇ يۇقارقى ئوخشىتىشلاردىكىدەك بىر كۆكىرىپ باقىدۇيۇ... يەنە سارغىيىپ قالىدۇ....... بىر تەرەققىي قىلىۋەتكۈسى كېلىدۇيۇ، ئاۋۇ يىتىمدەك بويۇن قىسىپ يەنە بىر ياقتا قالىدۇ...
مېنىڭچە، تور سودىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچە ئېلىپ بېرىلالايدىغان رېئاللىقنىڭ بىز خەلققىمۇ تەسىرى ناھايىتى زور بولارىدى دەپ ئويلايمەن.
ھازىرقى ئەڭ نىگىزلىك ئەھۋال: بىرىنچىدىن، ساتقۇچىلار ئۆز بازىرىغا ئومۇميۈزلۈك يۈزلىنەلمەيدۇ. بەلكى ئاز بىر قىسىملىرى باشقا تىلدىكى بېكەتلەر ئارقىلىق باشقىلارغا بازار ئېچىشقا يۈزلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، سېتىۋالغۇچىلار ئۆز بازىرىدىن سېتىۋېلىشقا ئومۇميۈزلۈك ئادەتلىنەلمەيدۇ، بەلكى ئاخىرىدا يەنىلا ئاز بىر قىسىملىرى باشقا تىلدىكى بېكەتلەردىن مال سېتىۋالىدۇ. ئۈچىنچىدىن سودا بېكىتى ئاچقانلار بولسا ساتقۇچىلار بىلەن سېتىۋالغۇچىلارنىڭ يۇقارقى ئىككى خىل ھالدىكى چېچىلما ھالىغا قاراپ زادى نىمە قىلىشنى بىلەلمەي ... ئاخىرىدا سارغىيىپ قالىدۇ...
زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ بىز ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئانا تىلىمىزدا مال ساتىدىغان، ئالىدىغان، ئانا تىلىدا مەھسۇلاتىنىڭ بازىرىنى توسالغۇسىز راۋانلاشتۇرىدىغان بىر سۇپا بارلىققا كەلمەسمۇ؟ ئامالسىزلىقتىن تور سودىمىز باشقا تىللىق بوپ كېتەرمۇ؟ مېنىڭچە ئاخىرقى بۇ نۇقتىنى مىللەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ ئەمما ئېھتىياج نۇقتىسىدا ھازىرچە ئامالسىزمىز...

مانا يۇقارقى بۇ مەسىلىلەرنىڭ نىگىزلىك قىيىنچىلىقى باشقا يەردە ئەمەس، پەقەت دەل ،  بىزدە ئانا تىلىمىزنى قوللايدىغان بىر ئۈچىنچى تەرەپ كېپىللىك پۇل تۆلەش سۇپىسىنىڭ بولمىغانلىقىدىنلا ئىبارەت. مېنىڭچە ئۇيغۇر تور سودىسىدىكى باشقا مەسىلىلەر (مەسىلەن تەمىنلەش، توشۇش دىگەندەك)خېلى ھەل بولدى ھەم ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

بۇ تېما ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىك، مۇناسىۋەتلىك خادىم، كارخانىچى، بايلىرىمىزدىن شۇنى ئۇقۇپ باققۇم كېلىدۇ:
بىزدە مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىشلەر، قەدەملەر قانچىلىك؟ مۇشۇ ھەقتە غەم يەۋاتقانلارمۇ بارمىدۇ؟ بولسا قەدىمى قەيەرلەرگە يەتكەندۇ؟ ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى قانداق؟
قارىسام  خەلق بانكىسىنىڭ بۇ خىل پۇل تۆلەش سۇپىسىنىڭ ئىجازىتىگە قويۇلىدىغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن(ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەبلىغىنىڭ يۇقىرىلىقىنى دىمەيلى، ئەڭ- ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە قانداق قىلىپ بۇ ‹گۆھەر›نى بىزنىڭ تىلىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ بۇنى خەلق بانكىسىغا ئېتىراپ قىلغۇزۇپ..... ھەي بەك چوڭ سۆزلىۋەتمىگەندىمەن ھە؟ بۇ تەرەپلىرىنى ئويلىغاندا بۇ ئىشنىڭ بىزدىكى شەخسلەر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغان چىرايى يوق. ھۆكۈمەت يولى ئارقىلىق قىلىنسا ئەلۋەتتە بۇ بەك ئاسانغا توختايدۇ. تەس يېرىنىمۇ ۋاقىت ۋە تېخنىكا ھەل قىلىۋىتىدۇ ئەلۋەتتە. بىراق، ھۆكۈمەت، نوپۇسى ئون مىليون تور ئابونتى مىليوندىن ئاشىدىغان(ئۇيغۇر تور ئابونت سانى ھەققىدە ئېنىق ئىستاتىستىكا بولسا يوللىساڭلار) بۇ خەلق ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىشنى قىلىپ بېرەرمۇ؟
ھەي... كاللام قېيىپ كەتتى. يەنىلا مۇشۇ نۇقتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، بۆلۈۋاتقان، ياكى ئىزدىنىۋاتقان، مەلۇم تونۇشقا ئىگە بولغان تورداشلار تېخىمۇ چوڭقۇرراق پىكىرلەرنى، پىلانلارنى، ياكى لاھىيەلەرنى قالدۇرۇپ باقسا، ئاغزىمىزنى تاتلىق بولسا تاتلىق، ئاچچىق بولسا ئاچچىق قىلىپ مۇشۇ ھەقتە بىر كوتۇلدىشىپ باقساق قانداق؟
تور سودىسىدىكى مۇشۇ چېگىشلىك ھەققىدە بىر ياققا چىقالمايۋاتقان دوستۇڭلار كۆسەن

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 17:47:39

  تاۋباۋنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا تەكلىپ بىرىپتىكەن دەۋاتىتى.  مۇشۇ ئىشقا ئاشسا بولاتتى.  

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 18:48:30

بۇ تەكلىپلەرنى مايۈن كەلگەندە دىگەن ئوخشايدۇ

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 19:33:20

مەنمۇ شۇنداقراق ئاڭلىۋىدىم...

ئەمما بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويغىنىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ پۇل تۆلەش سۇپىسى توغرىسىدا ئىدى. مۇشۇ توغرىسىدا ئىزدىنىپ باققانلار، ياكى خىيال سۈرۈپ باققانلار بارمىكىن تۆت ئېغىز پاراڭ ئاڭلاپ باقىلى دەپ...

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:33:16

قۇتيارنىڭ شوپۇرلۇق مەشىق سىستىمىسىنى سىتىۋالغاندا ئۇيغۇرچە چىقىۋاتقاندەك تۇرىتى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:36:44

تاۋارىم تورىغۇ دەيمەن ، شۇ بىر ئۇيغۇرچە   تور سودىسى تورى تىلىۋۇزۇردا  سۆزلەپ  شۇنداق مۇلازىمەت قىلىمىز دەۋاتاتتى

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:41:10

:lol:lol

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 21:10:51

مۇشۇ چەتئەلدىكى مال ساتقۇچىغا جوڭگودىكى خېرىدار توردىن پۇل تۆلەيدىغان قانداق سۇپىلار بار، بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

مەسىلەن، چەتئەلدە توردا نەرسە سېتىۋالسا ئۇدۇل بانكا كارتىدىن، ياكى پەيپال PayPal دىن تۆلەيدۇ . جۇڭگودا مۇشۇلار ئىشلەمدۇ؟

تېما ئىگىسى ئەگەر توردا پۇل تۆلەش سۇپىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇنى قانداق قۇرىدۇ، قانداق مەشغۇلات قىلىدۇ ... دېگەندەكلەرنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىڭىز، شۇ توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ، پىكىر يۈگۈزىدىغانلارمۇ چىقار بولغىيدى.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:14:07

Elder يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 21:10 static/image/common/back.gif
مۇشۇ چەتئەلدىكى مال ساتقۇچىغا جوڭگودىكى خېرىدار توردى ...

بىرىنچى سوئالىڭىزغا، پايپال ئارقىلىق تۆلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. جۇڭگۇدىمۇ ئىشلەيدۇ.

ئىككىنچى پىكرىڭىزگە:
ناۋادا سىز جىفۇباۋ، سەيفۇتوڭ دىگەندەك پۇل تۆلەش سۇپىلىرىنى ئىشلىتىپ باققان ۋە بۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باققانلا بولسىڭىز ئۇنىڭ قانداق نەرسىلىكىنى ئاز -تولا چۈشىنىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر بانكا، بىراق ئىشخانىسىز، مۇلازىمەت ئورنىسىز، پەقەت تور يۈزىدىلا كىرىم- چىقىم قىلىدىغان بانكا دەپ چۈشەنسەك بولار...  بىز رېئاللىقتا كۆرۈۋاتقان بانكىلار بىزنىڭ كۆرگىنىمىزدەك. بىراق بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق ھەر ئىككى خىل بانكىنى، يەنى رېئالىي بانكا ۋە تور بانكىسىنى خەلق بانكىسى باشقۇرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ. باشقا ھەرقانداق ئورۇن بۇنىڭغا ئىجازەت بېرەلمەيدۇ ۋە بېجىرەلمەيدۇ. پەقەت مۇشۇ ئىشنى قىلماقچى بولغان كارخانا خەلق بانكىسىغا ئىلتىماس يوللايدۇ. خەلق بانكىسى ئىلتىماسنى كۆرۈپ ۋە تەكشۈرۈپ تەلەپكە يەتكەن بولسا بېجىرىدۇ.
بۇ يەردە ئۈچىنچى تەرەپ كېپىللىك پۇل تۆلەش سۇپىسى (تور بانكىسى دەپمۇ تۇرايلى) ھەققىدە مەركىزى خەلق بانكىسىنىڭ پەقەت ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىغىلا قويۇلىدىغان تەلىپى تۆۋەندىكىدەككەن:
央行规定,申请人拟在全国范围内从事支付业务的,其注册资本最低限额为1亿元人民币;拟在省(自治区、直辖市)范围内从事支付业务的,其注册资本最低限额为3千万元人民币。对于外商投资支付机构的业务范围、境外出资人的资格条件和出资比例等,将由中国人民银行另行规定,报国务院批准。
يەنى ناۋادا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان پۇل تۆلەش سۇپىسى مەملىكەت مىقياسىدا ئىشلىتىلسە، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغىڭىز 100مىليۇندىن باشلىنىدىكەن. ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان بولسا 30مىليۇن تىزىم مەبلىغىدىن باشلىنىدىكەن. چەتئەل كارخانىلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا ئىلتىماس قىلغان بولسا، بۇنىڭغا خەلق بانكىسىنىڭ تەلىپى باشقا ۋە گوۋۇيۈەن (ئۇيغۇرچە نىمە دىدۇق؟) نىڭ تەستىقلىشى كېرەك ئىكەن

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 09:55:53

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 20:36 static/image/common/back.gif
تاۋارىم تورىغۇ دەيمەن ، شۇ بىر ئۇيغۇرچە   تور سودىسى تو ...

ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىشىمچە بۇلار ئالىپاينىڭ جىفۇباۋسىغا، قالغىنىغا شۇ بانكا كارتىسىغا تاينىدۇ.

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:49:06

ئۇيغۇرچە قىلىمەن دىسە ئۈندىدار چ چ... تاۋباۋ، جىفۇباۋلارنىمۇ قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش... نىمىشقىكىن بۇ يولداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە بىلەن تازا خوشى يوق...

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 10:59:20

ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 10:49 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە قىلىمەن دىسە ئۈندىدار چ چ... تاۋباۋ، جىفۇباۋلا ...

ئۇخەقنىڭغۇ قىتىپ بەرگىسى با ھەقىچان،لىكىن قوش تىل سىياسىتىگە خىلاپ كىلەمىكى

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:09:44

ئايرىم پۇل تۆلەش سۇپىسى قۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەم تەستىق سالمايدۇ. پەقەت مەشغۇلات تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلسىلا بولىدۇ، ھازىر مەشغۇلات تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىش بەكلا ئاسان ئىش، تېخنىكا جەھەتتىن دىدىم -ھە{:87:}

مايۇن دىگەن قاقۋاش جىفۇباۋنى قۇرغاندا بانكىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ خىيالىنى قىلىپ بولغان بولسا كېرەك. ھازىر 余额宝 دىگەن نەرسىنى چىقىرىپ بارلىق بانكىلارنىڭ قورقىتىۋەتتى، مەركىزى بانكا يېڭىدىن بىرنى قۇرۇشقا ھەرگىز تەستىق سالماسمىكىن.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:34:48

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 11:09 static/image/common/back.gif
ئايرىم پۇل تۆلەش سۇپىسى قۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەم تەستى ...

دىگەنلىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق. بەلكىم بۇ ئىشقا تەستىق سالماسلىقىمۇ مۇمكىن. بىراق يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بولغان بولسا ئەلۋەتتە ياخشى بولغان بولاتتى.

ئاخىرقى سۆزىڭىزگە قىزىقتىم. تېخنىكا جەھەتتىن ئاسان دەپسىز، بۇ ھەقتە كەڭرەك پاراڭ سېلىپ بەرسىڭىز، مەسىلەن يۈز پىرسەنتلىك ئۇيغۇرچە يېزىقتا ، خۇددى تاۋباۋدا سودا پۈتتۈرگەندەك سودا پۈتتۈرگىلى بولىدىغان(جىفۇباۋغا ئوخشاش) بىر سېستىما تېخنىكا جەھەتتىن ۋە جەريان جەھەتتىن قانچىلىك ئامىللارغا(ئورۇن، ئورگان، سېستىما تىلى) چېتىلىدۇ؟ ياكى شۇ سۇپىنىڭ ئۆزىنىڭ تىلىلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلسىلا پۈتىدىغان ئىشمۇ؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 11:50:36

مېنىڭ تور ماتىلاپ كۆرۈشۈمچە  ھازىرغىچە 223 كارخانىنىڭ بۇ ئىجازەتنامىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپتۇغۇ.. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ سۈرگىنى شۇ جىفۇباۋ. ئۇنىڭدىن قالسا سەيفۇتوڭ، ئاندىن قالسا ۋاڭيىن توردا پۇل تۆلەش سۇپىسى قاتارلىقلار ئىكەن...  بۇلارنىڭ ئىشلەش چوڭ قانۇنىيەتلىرى ئوخشاش، بىراق كىچىك پەرقلىرى،  ئالىدىغان ھەقلىرى ئوخشىمايدۇ. ئەڭ سۈرگىنى شۇ جىفۇباۋ، مۇلازىمىتىمۇ بەكلا ئەتراپلىق، ئەمما ئۇنىڭ بۇنچە سۈرۈپ كېتىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل- تاۋباۋ تورى
بىز ئۇيغۇر خەلقىگە بىر قانچىسىمۇ ئەمەس بىرسىلا بولسا پايدىلىنىپ كېتەلەيتتۇقتە. چوڭ كارخانىچىلىرىمىز بۇنداق پۇڭلاپ پۇل تاپىدىغان ئىشقا قىزىقماس ھەقىچان... بولمىسا بىرەر كارخانا باش بولۇپ ماڭسا بەلكىم بىر ياققا چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىنىدى.
مېنىڭ بۇ سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ئويلىغىنىم، مەسىلەن مەلۈم بىر بانكا، شىنجاڭ بانكىسى دەمدۇ بىر بانكا ئۆزىنىڭ ئىچكى سېستىمىسىغا ئۇيغۇرچە قوشسا، ئۇيغۇر خەلقى بۇ بانكىدىن كارتا بېجىرگەندە كىملىكىدىكى ئۇيغۇچە ئۇچۇرلار بىلەنلا بېجىرەلىسە، ئاندىن ھېلىقى پۇل تۆلەش سۇپىسىمۇ  بانكىنىڭ مۇشۇ سېستىمىسىغا ئاساسەن كارتا ئىگىسى ۋە ئۇچۇرلىرىنى پەرقلەندۈرەلىسە دىمەك بۇ مەسىلە تېگىدىن ھەل بولغان بولاتتى دەپ قارىدىم. يا بانكا ھەققىدە ئارتۇق ئويلاپ قالدىممۇ بىلەلمىگىنىم، ناۋادا بانكا ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردىمۇ، پۇل تۆلەش سۇپىسىنى يۈز پىرسەنتلىك ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولارمۇ؟

tehram يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 12:22:25

سىزنىڭ ماۋۇ بانكىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت دائىرسىگە ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزلىك 3 - تەرەپ پۇل تۆلەش ئىقتىدارى  ‹پۇل تۆلەش سۇپىسى› قوشسا دېگەن گېپىڭىز بەلكىم يۇقرىقى ئايرىم پۇل تۆلەش سۇپىسى قۇرۇشقا قارىغاندا مۇمكىچنلىكى بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما ھازىرچە بانكىنى قىزىقتۇرغۇدەك مەبلىغى يېتەرلىك بولغان ئېلىكتىرونلۇق تور سودىسىدا ئۇتۇق قازانغان سۇپىلار  ياكى كوللېكتىپ تېخى يوق ، شۇڭا بۇنىڭمۇ مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن ئەمما مايۈن ئارزۇلاپ قالسا alipay غائۇيغۇرچە قوشۇش ھېچقانچە تەس ئىش ئەمەس تېخنىكا جەھەتتىن . ئاۋۇ مۇكەممەل 3- تەرەپ پۇل تۆلەش سۇپىسى دېگەن گەپ  تېخنىكا ، مەبلەغ  ، سىياسەت نوقتىسىدىن ھازىرچە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش دەپ چۈشۈنۈپ تۇرساق تامامەن بولىدۇ.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:07:45

تور سودا بازىرى ئاچقانلارغا جىغۇباۋ بىلەن ھەمكارلاشماقتىن باشقا يول ئاساسەن يوق.جىفۇباۋنى ئۆز سودا بازىرىدا ئىشلەيدىغان قىلالىسا سودىسى راۋاج تاپاتتى.جىفۇباۋ گەرچە خەنچە بولغان بىلەن تېلفۇن ئىشلىتەلەيدىغانلار ئىشلىتەلەيدۇ.تېلفۇن تېرمىنالىنى قاچىلىۋېلىپ ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.مۇھىمى بازار بىلەن جىفۇباۋنى باغلاش.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 18:58:13

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 18:07 static/image/common/back.gif
تور سودا بازىرى ئاچقانلارغا جىغۇباۋ بىلەن ھەمكارلاشما ...

ھەي............

بىراق بۇنى قىلسا شۇ، پۇلنى يەنىلا تور سودا بېكىتى ئاچقان بىر ئادەمنىڭ جىفۇباۋ ھىساۋاتىغا ئۇرۇپ، يانسا ياندۇرۇپ ، يانمىسا ئۇنى مال ئىگىسىگە ئۇرۇپ يۈرۈيدىغان ناھايىتى ئادەم زىرىكتۈرىدىغان بىر ئىشتىن قانداق قىلغاندا ساقلانغىلى بولا؟

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 03:44:23

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 11:09 static/image/common/back.gif
ئايرىم پۇل تۆلەش سۇپىسى قۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەم تەستى ...

ئەگەشتىم.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 08:55:09

شۇنچە چوڭ بىر ساھەگە قىزىقىدىغان ئەمەلىي كۈچى بار ئۇيغۇر كارخانىلىرىدىن بىرەرى بىرەرى چىقماسمۇ بىزدىن ھە؟

مېنىڭ پەرىزىمچە كەلگۈسى خېلى پارلاق بىر تۈر ئىدى بۇ
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلارنىڭ تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كېپىللىك پۇل تۆلەش ئارزۇسى ....