ھەققىقەت يوق ئىكەن سىنىڭدە دۇنيا
ھەقىقەت يوق ئىكەن سېنىڭدە دۇنيارەخمىدىن قاسىم
تارىخنى يېزىشقا كىچىكتىم بەكمۇ،
ئاتلاندى قەلىمىم يېزىشقا بۈگۈن.
ھەقىقەت يوق ئىكەن، سىنىڭدە دۇنيا،
يېشىلمەس كۆڭلۈمدە بەزى بىر تۈگۈن.
نوچىنى بەزىلەر ئەزىزىلەپ ئۆتسە،
گاھىلار يۇرتىدا خار بولۇپ يۈرسە.
بىر توغرام نان ئۈچۈن غۇرۇر تۈكۈلسە،
ھەقىقەت يوق ئىكەن، سىنىڭدە دۇنيا.
پىقىرنىڭ كۆز يېشى كۈندە تۆكۈللەر،
ياقىنىڭ يىپلىرى دائىم سۆكۈللەر.
ئاھ بىلەن تاڭ ئاتتى تالاي كىچىلەر،
ھەقىقەت يوق ئىكەن سىنىڭدە دۇنيا.
بىلمىدىم نە سىر بار سېنىڭدە دۇنيا؟
تىرىشتىم بىلىشكە سىرىڭنى دۇنيا.
مىڭنى يىغلاتساڭ، كۈلدۈردۈڭ بىرنى،
ھەقىقەت يوق ئىكەن سىنىڭدە دۇنيا.
2014-يىلى8-ئاينىڭ3-كۈنى ئۈرۈمچى
شۇنى دەڭلا.... بەزىدە راس مۇشۇنداق بولۇپ قالىدۇ ئادەم...........
بەت:
[1]