NASA: ئورىئون ئالەم كېمىسىنىڭ سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
ئورىئون ئالەم كېمىسىنىڭ سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدىبىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
مەن تۈنۈگۈن « يېڭى ئالەم كېمىسى ئورىئوننى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىكتى» دېگەن يازما ئارقىلىق، ئورىئوننى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىككەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدىم. ئورىئوننىڭ سىنىقى بۈگۈن باشتىن-ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئۇ كالىفورنىيە ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:29 دە تىنچ ئوكياننىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان دىئېگو شەھىرىگە 960 كىلومېتىر كېلىدىغان يېرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىپ چۈشتى. ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سان دىئېگودىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتلىرى ئورىئوننى سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ، سان دىئېگوغا يۆتكەپ كەلدى.
ناسا بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا بۈگۈنكى سىناقنىڭ پۈتۈن جەريانىنى كومپيۇتېردە ھەسابلاش ئارقىلىق كىنو قىلىپ ئىشلەپ چىققان بولۇپ، بۈگۈن ناسا تېلېۋىزورى بۇ سىناقنىڭ نەق مەيدان كۆرىنىشلىرى بىلەن ھېلىقى كىنونىڭ ھەر ئىككىسىنى ئەتىگەندىن باشلاپلا تارقىتىپ تۇردى. بىز ناسا تېلېۋىزورىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپلا كومپيۇتېر ئارقىلىق كۆرەلەيدىغان بولۇپ، مەن بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن ئۇ پروگراممىلارنى كۆرۈپ تۇردۇم. ھەمدە ناسا تېلېۋىزورىدا چىققان كۆرىنىشلەردىن خېلى كۆپ رەسىملەرنى چىقىرىۋالدىم. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ رەسىملەرنىڭ بىر قىسمى.
شۇنداق قىلىپ، ناسانىڭ بىر يېڭى دەۋرى بۈگۈن باشلاندى.
ئالدىنقى تېمىدا سوراي دەپ توختاپ قالغان ،(سىناق) (يېڭى دەۋىر باشلاندى)دىگەن گەپلەرگە قارىغاندا بۇ ئالەم كىيمىسى باشقا ئالەم كىيمىلىرىدىن خېلى پەرىقلىق ئوخشىمامدۇ بىلىمخۇمار ئاكا ،بولسا قايسى جەھەتلەردە پەرىقلىنىدۇ ،ئىلغارلىققا ئىگە سۈزلەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن بىلىمخۇمار ئاكا!! مەن يەر يۈزىدىن 5000 كىلۇمىتىر ئىگىزلىكتە يەر شارىنى 2 سائەتتە ئىككى قېتىم ئايلانغىنغا قاراپ سۈرئىتى بەك تىزكەن دەپ ئۇيلىدىم.
ناسانىڭ ئاينى ۋە مارسنى بۇيسۇندۇرۇشىنى تۆت كۈزۇم بىلەن كۇتىۋاتىمەن. ئىنسانلارنىڭ مارسقا چىقىشى ھەقىقەتەن چوڭ ئىش.
{:99:} ئوخشاش ۋاقىتتا بىز تېخىچە بىرەر ئاپتوموبىلنىمۇ ياسىيالمايدىغانلىقىمىزنى ئويلىسام ھەقىقەتەن :funk: ...
تىرىشايلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hakaniye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 17:16
arslan428 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 13:06 static/image/common/back.gif
ناسانىڭ ئاينى ۋە مارسنى بۇيسۇندۇرۇشىنى تۆت كۈزۇم بىلە ...
كىچىگىمدە دەرىسلىك كىتاپلىرىدا گىزىت لاردا تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش دىگەن شۇئارغا ئىشىنىپ كەلگەن ئەمدى ئۇنداق پاخپاق شۇئارلار يوقاپ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيتىگە بويسۇنۇش دىگەن ئەقىلگە سىغىدىغان شۇئار پەيدا بولدى (ئەمىلىيەتتە ئاللاھنىڭ قانۇنىغا بۇيسۇنۇش دىگەن گەپ )
ئەركىن سىدىق ئاكا شۇنچە ئالدىراش قىممەتلىك ۋاقتىڭىز ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قىرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ ئىككىلى ئالەمدە قايتتۇرغاي ۋە باشقا ئالىملىرىمىزمۇ سىزنى ئۈلگە قىلغاي arslan428 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 13:06 static/image/common/back.gif
ناسانىڭ ئاينى ۋە مارسنى بۇيسۇندۇرۇشىنى تۆت كۈزۇم بىلە ...
ئويۇنچۇق ئاپتوموبىل دەڭە! uyghur2014 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 10:23 static/image/common/back.gif
بېلىمخۇمار ئەپەندىم،تىمىغا بولغان مۇناسۋىتى بەك يىقى ...
باژ تاپشۇرۇشتىن بۇرۇنقى يىللىق مائاشى 100000 (يۈز مىڭ) دوللار ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە يۇمشاق دېتال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ مائاشى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، پەقەت باكلاۋر ئۇنۋانىغىلا ئىگە بولۇپ، يىللىق مائاشى يۈز مىڭ دوللاردىن ئاشىدىغان كىشىلەر كالىفورنىيەدە خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.
بەت:
[1]