كەسپى زاتلار بارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،قىسقىلا ئېيىتسام،ئوغلۇمنىڭ تەنتەربىيەگە كۈچلۈك قىزىقىشى،پوتبول،ۋاسكىتبول تۈرلىرىدىكى ئالاھىدىلىكى(14ياشقا ئەمدىلا قەدەم باستى ئەمما،بوي ئىگىزلىكى170سانتىمىتىردىن ئىگىزرەك) مىنى ئۇنى مەخسۇس تەربىيلەش كىرەكتەك تۇيغىغا كەلتۈرۈپ قويدى.رايۇنىمىز ئىچىدە،كچىك بالىلارنى مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان تەنتەربىيە مەكتەپلىرى بارمىدۇ؟پوتبول،ۋاسكىتبول تۈرلىرىدە مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان كۇلۇبلاردىن بارمىدۇ؟
سۇڭچىڭلىڭ پوتبول مەكتىپىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى توردىن تېپىپ تىلىفۇن قىلسام ئالىدىغان ئادەم يوق.ئاڭلىسام ئەسلىدىكى 体校ھازىرئېنىستوت بۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ.ئۇلارنىڭ كېچىك بالىلارنى ئالىدىغان ئالمايدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم .قېرىنداشلاردىن بۇھەقتىكى ئۈچۈرلاردىن خەۋەردارلار بولسا ،ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.رەھمەت! پۇتبول مۇنبىرىگىمۇ يوللاپ قويۇڭ، ئۇيەردە بۇ ئىشقا جاۋاپ بىرەلەيدىغانلار نېسبەتەن كۆپرەك.
http://bbs.putbol.cn رەھمەت دوستۇم.ئەسكەرتكىنىڭىزدىن كىيىن ئۇمۇنبەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم. 14 ياش پۇتبول مايسىلىرغا نىسبەتەن كىچىككەن ياش ھىسابلىنىدۇ
ۋاسكىتبول كۇلۇپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بىقىڭ،گوۋاڭخۇينىڭ ياشلار كوماندىسى بار ،ھەم تربىيلەش بازىسىمۇ بار
بويىمۇ ۋاسكىتبولغا ماس كەلگۈدەك
پۇتبولدا تالانتى بولسا ياكى سەۋيەسى ئالاھىدە ياخشى
بولسا ،جۇڭگۇدا گۇۋاڭجوۋ خېڭدا پۇتبول مەكتىۋى
ئەڭ ياخشى .(بويىغۇ بولىدىكەن).
ۋاسكىتبول بولسا شۇ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا ئىگلىك كۇلۇبى دا تەربىيەلەنسە ئاساسى ماھارەت ئگەللەپ تۇرسا
تولۇق ئوتتىرنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا ئامىركىدا
تولۇق ئوتتىرا ئوقۇغاچ ئامىركا كەسپى بىرلەشمىسىگە قاراپ ماڭسا بولىدۇ . تەنتەربىيە ساھاسىدە رىقابەت كەسكىن چوقۇم قاتتىق تېرشىشى كىرەك . لىكىن جۇڭگۇدا بوشلۇق كەڭ . بىراق چوقۇم ماھارەت ئۈستۈن بولىشى كىرەك .(بەدەن ساپا جەھەتتە گەپ كەتمەيدۇ). كەسپىي زاتلار دىسە قانداق ئادەم لازىمدۇ دەپ يۈگرەپ كىرىپتىمەن .... بالىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشىچۇ ، ۋاسكىتبولمۇ پۇتبولمۇ ؟؟؟؟؟
ۋاسكىتبول بولسا مەن ئازراقمۇ بىلمەيمەن ، ئەگەر پۇتبول بولۇپ قالسا ،بالىڭىزنىڭ سەۋىيىسى قانچىلىك سىز ئۇقامسىز ؟؟؟
مەن بۇرۇن بىر خوتەنلىك بالىنىڭ سۇڭچىلىڭغا كىرگۈسى بارلىقىنى ئاڭلاپ،ياردەملىشىپ سۈرۈشتۇرۇپ بەرگەن .بالىڭىزنىڭ يىشىىدىكى يىللىققا ئادەم ئېلىنىپ بولدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتونۇم رايونلىق مۇسابىقىلارغا قاتناشتۇرۇلغان بالىلارنى ئاساسلىق ئالىدۇ .
شىنجاڭ تەنتەربىيە ماھارەت مەكتىپىنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى ئۇقمايدىكەنمەن ، لىكىن ئۇلارنىڭ 14ياشلىق پۇتبولچىلىرى پۇتۇن مەملىكەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ، ئەگەر سەۋىيىسگە ئىشەنچىڭىز بولسا ،مەن سۈرۈشتۇرۇپ باقساممۇ بولىدۇ . بەرىبىر مىنىڭ ئۆيۈم شۇ مەكتەپنىڭ يىنىدىلا .
بۇلاردىن باشقا ئىچكىرىدە پۇتبول مەكتەپلىرى كۆپ ،لىكىن بالىڭىزنىڭ قىزىقىشى ئېنىق ،سەۋىيىسى يۇقىرى بولمىسا ئەڭ ياخشىسى بارمىغىنى ياخشى . بوكىس ھەممىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت .مەن خوتەندىن. بالام ھازىر تۇلۇقسىزنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقىۋاتىدۇ.ئۆزى پۇتبولغا بەكلا قىزىقىدۇ.ئانچە مۇنچە سەۋىيسىمۇ بار.ئۇنىڭ قىزىقىشىغا قاراپ زادى بىر سىناپ باقىدىغان ئىشمىكىن ،دەپ ئويلىغان.بولسا ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلا قېرىندىشىم قاپلانچاق مۇمكىن بولسا سۈرۈشتۈرۈپ باققان بولسىڭىز ھەممىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت .مەن خوتەندىن. بالام ……
——————————
خوتەندىن بولسىڭىز، بالىڭىز ۋاسكىتبولغا قىزىقسا ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە ماھارىتى بولسا، جاپاغا چىداش ۋە ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرىش ئىرادىسى بولسا خوتەن شەھەر ئىتتىپاق مەيدانىدىكى «پەن-تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزى»گە بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ.
شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كولۇبىنىڭ مەخسۇس ئەزا تەربىيلەش بازىسى بار. تىرىنىرى: ئېرشات مۇئەللىم.
بىلىدىغىمى شۇنچىلىككەن.
بەت:
[1]