taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:25:50

ھەقىقى بال(ھەسەل) قانداق بولىدۇ؟

ھەقىقى بال(ھەسەل) قانداق بولىدۇ؟
تۇركچىدىن كۆكنۇر ئىلمى بۆلۇم تەييارلىدى
بال(ھەسەل) ئادەتتە تەبى تاتلىق ۋە مەنپەئەتى مول بىر نىمەت دىييىلىدۇ.ئەمما بۇگۇنكى كۇندە بازادا سېتىلىۋاتقان باللارنىڭ كۆپى ھەقىقى ئۆسۇملۇك جەۋھەرلىرىدىن پۇتمەيدۇ.قەدىمقى يۇنانلىقلار بۇ تەبىرنى مۇنداق تەرزدە بەرگەن ئىدى؛بالنىڭ تەبىئىلىگى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماددىلار ۋە پارچىلاردىن مەلۇمدۇر.
ئادەتتە ماھسۇلار قېپىنىڭ سېرتىغا ئورگانىك دەپ يېزىپ قويۇش بۇ يىمەكنىڭ تەبى تەرزدە تەييار بولغانلىغىنى كۆرسەتمەيدۇ.شۇڭا بالنى تونىغاندىمۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىگە قارىماق لازىم.شۇنداقتا ئالدى بىلەن بالنىڭ رەڭگىگە قاراڭ بالنىڭ يۇزىدە ئاق رەڭدا گۇل چېڭى يىغىلغان ۋە بالنىڭ رەڭگى بەك پارلاق ئەمەس تۇتۇغاراق بولسا ،ئۇنداقتا بۇ بال تەبئى دىيىلىدۇ.ھەقىقى بال ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قاتىدۇ.بۇزۇلمايدۇ.قاتقان بالنى ئىلمان سۇدا 15 مىنۇتلا تۇرغۇزساق ئەسلىگە يانىدۇ.  
ھەقىقى بال ئىچىدىكى گۇل چېڭى ۋە گۇل شىرىسىگە بېقىپ پەرىقلىق رەڭلەردە بولىدۇ.بالنىڭ رەڭگى قېنىقلاشقانسېرى ئۇنىڭدىكى ئانتىئوكسېدنىڭ مېقتارى ئاشىدۇ.
ھەقىقى بالدا راك رىسقىنى كېمەيتىدىغان ۋە يۇرەك راھەتسىزلىگىگە پايدىلىق بولغان پولىفېنول ئىسىملىك بىر ئانتىئوكسىد بار قېنىق رەڭلىك باللارنىڭ بەزىلىرىدە ھەر گرامدا 201مىللىگرام پولىفېنول بولىدۇ.چىچەك باللىرىدا بولسا ھەر گرامدا 71مىللىگرام پولىفېنول بولىدۇ.
بال يۇزىدىكى ئاق رەڭلىك گۇل چېڭىدا ب س،د ۋە ئې ۋېتامىنلىرى مول.ئۇندىن باشقا ئۇنىڭدا 31 تۇرلۇك ئانتى ئوكسىدلار بار.فىلتىردىن ئۆتكۇزۇلگەن بالدا «ساپ پېنسىلىن» ھىساپلىنىدىغان بال مۇڭقۇيى(يىلىمى) بولىدۇ.بۇ ماددىنى دەرەخلەردىن سىزىپ چىققان يىلىملەردىن ئايرىپ ئالغىلى بولىدۇ.بال ھەرىلىرى بۇ يىلىمنى ئۆز شۆلگەيلىرىگە ئارىلاشتۇرىدۇ ۋە ئانتى باكتىرىيال،ئانتىفۇندال ۋە  ئانترىئال ماددا ئىشلەپ چىقىدۇ.بۇ ماددا ھەرە كۆنەكلىرىنىڭ دېۋارلىرىنى كېسەللىكلەردىن قوغداش رولىدا بولىدۇ.بالنىڭ تەركىۋىدە بولىدىغان بۇ قەھۋە رەڭلىك ماددا تەبىى بىر ئانتى باكتېرىيىۋىدۇر  .
ھەرىلەر شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالغا ئېنزىممۇ ئارىلاشتۇرىدۇ.ئۇ نەمىك بىلەن تەسىرلىشىدۇ ۋە چىرىشكە قارشى تۇرۇش خارەكتېرىنى ئېلىپ ئاز مىقتاردا ھېدرو پېروكسېدنى پەيدا قىلىدۇ.ھېدروگېن پېروكسىد باكتىرېيەلەرنى يوقىتىدىغان توقۇلمىلارغا پەقەتلا زەرەر بەرمەيدۇ.  




kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:31:08

{:112:}

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:32:36

ئېلان قىلغاننىڭ ھەممىسى ھەسەل ئەمەسكەن ،ھەسەل قىيامى بىلەن ھەسەلنىڭ پەرقى بەك چوڭكەن ئەسلى

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 23:42:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 23:54  

     ھەسەلچىلىك كەسىپ ئىگىللىرى ئېتىراپ قىلغىدەك تەرجىمە بوپتۇ، شۇنداقتىمۇ كەمىنە ئازىراق ئىزاھات بېرىپ ئۆتەي: ھەسەل ھەرىللىرى مول گۈلچېڭى بولغان چېچەكلەردىن يىغقان ھەسەلنىڭ  كىرىستاللاشقاندىن كىيىنكى يۈزىدە  ئاقۇش بىر قەۋەت گۈلچېڭى بولىدۇ، بىراق ئادەتتە بۆلۈپ قاچىلانغان ھەسەل يۈزىدە ئەشۇ بىر قەۋەت گۈلچېڭى بولۇشى ناتايىن، چۈنكى قاچىلاشتىن ئىلگىرى تۇڭلۇق ھەسەل يۈزىدىكى گۈلچاڭلىرى ۋە لەيلىمە ئارىلاشمىلار قوشۇلۇپ ئېلىۋېتىلىدىغان بولغاچقا ھەسەل يۈزىدە چوقۇم بىر قەۋەت گۈلچېڭى بولۇشى كېرەكلىكىنى مۇھىم باھالاش ئۆلچىمى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە چېچەك ھەسەللىرى كىرىستاللىشىدىغان بولسىمۇ، چىلان چېچىكىدىن ئېلىنغان ھەسەل ئاسانلىقچە كىرىستاللاشمايدۇ ۋە لەيلىمە گۈلچېڭى ئاساسەن بولمايدۇ(چۈنكى چىلان چېچىگىدىن مىكرو مىقداردىلا گۈلچېڭى چىقىدۇ ۋە ئۇنى ھەرىلەر يەپ بولىدۇ).
      بىز ئۇزۇن يىللىق ھەرە بېقىش تارىخىمىز جەريانىدا ھەرە يېلىمىنى يىغىپتۇق، ئەمما تېمىدا تىلغا ئېلىنغان قەھۋە رەڭلىك ئانتىبىئوتىك ماددىنى كونا كۆنەكلەرنى ئېرىتىپ سېرىق موم ئايرىش جەريانىدا ئايرىۋالغان بولساقمۇ، رولىنى بىلمىگەچكە بىھۇدە تۆكۈۋېتىپ قاپتۇق. قارىغاندا ئەشۇ قەھۋە رەڭلىك ماددىنى مەلۇم شارائىتنى كونترول قىلىپ قويۇلدۇرۇپ ساقلاپ قويساق بولغىدەك. مەلۇم كېسەللەرگە شىپا بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
      ھەرە گۈلچېڭىنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدە خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي تىبابىتىدە مەلۇماتلار بارمىدۇ بىلمىدىم، ئەمما خەنچە كىتابلاردا ئۇنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدە كۆپ گەپلەر باركەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 23:44:06

ھەسەلنىڭ قارىماققا يۇمشاق ئەمما قۇشۇقتا ئالغىلى بولماسلىقى نىمە سەۋەبتىن

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 00:00:06

     ھەرە كۆنىكىدە تەبىي پىشقان ھەسەلنىڭ(چىلانگۈلى ھەسىلىدىن باشقا) كىرىستاللىشىپ قوشۇقتا ئېلىش قىيىن بولۇشى نورمال ئەھۋالدۇر. قويۇقلۇق گىرادۇسى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە چىڭ ئۇيۇيدۇ، قول بىلەن يىنىك ئۇۋلىساق يىرىك ھالەتتە تۇرۇۋەرمەي ئېرىپ كېتىدۇ. مۇنداق ھەسەلنىڭ سۈپىتى ياخشى دىيىشكە بولىدۇ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 09:55:20

مۇراببا قايناتقانلار ئوبدان بىلىدۇ. قىيامنى قاينىتىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە  قىيامنى قۇشۇق بىلەن ئېلىپ پەسكە چۈشۈرسە، ئۇزۇن يىپتەك سۇزۇلۇپ چۈشۈدۇ. مۇشۇنداق قىيامنى ھەسەلگە قىتىۋەتسە قىيام يىدۇقمۇ ھەلسەلمۇ بىلمەي قالىمىز.

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 19:38:37

كىچىك ۋاقتىمىزدا  ھەسەلنى نانغا مىلەپ يەيتۇق لىكىن ھازىرقى تاللا بازىردىكى رەڭگى شۇنداق چىرايلىق ھەسەلنى يىسە كۆڭۇل ئاينىيدىكەن

puhra يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 21:07:40

  ھەسەل تۇغرىسىدا كۆپ ساۋاتقا ئىگە قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن  رەخمەت. ھازىر ھەسەلنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ ، بەزىلىرى  سۇيۇقراق ، بەزىلىرى قۇيۇقراق .بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇغا  بەزىلىرىنى ئىككى قۇشۇق،بەزىلىرىنى ئۈچ قۇشۇق سالسا تەمى تىتىيدىكەن.  مەن بىر نەچچە خىلنى ئىشلىتىپ بېقىپ ئاخىرىدا  ناراتنىڭ ھەسىلىنى  كۆپرەك ئىلىتىمەن.نارات ھەسىلى قۇيۇقراق ،بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇغا   ئىككى قۇشۇق سالسىلا تەمى تېتىيدىكەن.
بەت: [1]
: ھەقىقى بال(ھەسەل) قانداق بولىدۇ؟