ئىلمى نۇجۇم توغرىسىدا پاراڭلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-5 21:03بۇرۇن قەدىمدە ئەجداتلىرىمىز ئارسىدا ئىلمى نۇجۇم دەيدىغان بىر پەن بولىدىغان شۇنىڭ ئىشتىياقى، بۇ بارىسىدا خىلى ئىزدەپ باقتىم ھىچبىر ماتىريال ئۇچراتمىدىم.بىلگەنلەر بىلىدۇ ھەقەچان، بۇ ئىلىمنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر پەلسەپىسى تىبابىتى مۇزىكا نۇرغۇن ساھالار بىلەن ئالاقىسى بار.
نەخ گەپكە كەلسەم قۇتادغۇ بىلىگىدە، يەتتە يۇلتۇز ئون ئىككى بۇرۇج بايان قىلىنىپ مۇنداق كەلگەن.
15. بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن سەكەنتىر تورۇر،
16. ئىككى يىل سەككىز ئاي بىر بۇرجدا قالۇر.
17. ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ ئوڭاي،
18. قالۇر بىر بۇرجدا ئۇ دەل ئون ئىككى ئاي.
19. ئۈچىنچى كۇرۇددۇر غەزەپتە يۈرۈر،
20. قايان بارسا بارلىق ياشارغان قۇرۇر.
21. تۆتىنچى قۇياشتۇر، يۇرۇتار جاھان،
22. يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان.
23. بەشىنچى سەۋىتتۇر، سۈيۈملۈك ئۆزى،
24. ئۇ باقسا كۆرەرسەن خۇشاللىق يۈزى.
25. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئارزۇ كىلەر،
26. ئۇ كىمگە يۇقۇشسا، تىلەككە يېتەر.
27. بۇلاردىن تۈۋەنرەكتە يالچىق تۇرار،
28. قۇياشقا ئۇدۇل باقسا تولۇن بۇلار.
بۇنىڭدىكى سەكەنتىر ھازىرقى ساتۇرىن ،ئوڭاي يۇپتىر، كۇرۇد مارىس ، قۇياش قۇياش،سەۋىت ۋىنرا، ئارزۇ مىركۇرىي ، يالچىق ئاي نى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەتتە يۇلتۇز قۇياشنى چۆرىدەپ سامان يۇلىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ھازىرمۇ شۇنداق. يەرشارى قۇياشنى 365كۇندەچەمبەر شەكىلدە بىرقىتىم ئايلىنىدۇ،ئۆز ئوقىدا 24سائەتتە بىر قىتىم 360گىرادۇس ئايلىنىدۇ.ئاي يەرشارىنى 28 كۇندە بىرقىتىم ئايلىنىدۇ. ئارزۇ<مىركۇرىي>58 كۇندە بىرقىتىم قۇياشنى ئايلىنىپ چىقىدۇ،قۇياشقايىقىن.سەۋىت<ۋىنرا>224كۇندە.كۇرۇد<مارىس>686كۇندە.ئوڭاي<يۇپتىر>4332 كۇندە.سەكەنتىر<ساتۇرىن>29يىلدا بىرقىتىم قۇياشنى ئايلىنىپ چىقىدۇ.بۇنىڭدىن زىمىندا تۇرىۋاتىمىز، ئاي كۇن بۇ ئىككىسىنى ھەممىسى تۇنۇيدۇ.ئاڭلىسام قالغان بەش يۇلتۇزنىمۇ ئاددىي كۆزدە كۆرگىلى بۇلىدىكەن. نەچچە ئاي بولدى ئاسمانغا قاراپ بۇ بەش يۇلتۇزنى تاپالمىغىلى.
شۇنىڭ بىلەن ئاسمانغىلا قاراپ ئولتۇرمىدۇق. ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نەزىريىسىگە قىزىقىدىغان بولغاچ، شۇ بۇيىچە تادلاپ باقتۇق. بۇنىڭدا دەسلەپ مىنىڭ نەزىرىمنى تارىتقىنى يەتتە دىگەن سان بولدى.يەتتە توغرىسىدا ئىزدەنسەك، ئوغول بالىنى يەتتە ياشتا خەتنە قىلىدۇ.بىرھەپتە يەتتە كۇن.ئاسمان يەتتە قات، يەنە ئۇندىن باشقا يەتتە ئەزايى ساق دەيدىغان گەپلەر بار. كۆز قۇلاق ئىغىز بۇرۇن پۇت قول ئەمچەك جۇپ ئەزالارنى كۆرسىتىدۇ خىيالىمىزدا.
ئەمدى 12بۇرۇج دىگەنلىك
تەبىئىتى پەسلى بەلگىسى خەنزۇچە ئېنگىلىزچە ئەرەب-پارىسچە قەدىمقى تۈرك تىلىدا رېتى
ئوت 3.21–4.20 ^ 白羊宫 Aries ھەمەل قۇزا 1
تۇپراق 4.20–5.21 _ 金牛宫 Taurus سەۋر ئۇي 2
ھاۋا 5.21–6.22 ` 双子宫 Gemini جەۋزا ئاراندىز(قوشكىزەك) 3
سۇ 6.22–7.23 a 巨蟹宫 Cancer سەرەتان قۇچىق(قىسقۇچ پاقا) 4
ئوت 7.23–8.23 b 狮子宫 Leo ئەسەد ئارسلان 5
تۇپراق 8.23–9.23 c 处女宫 Virgo سۇنبۇلە بۇغداي بېشى 6
ھاۋا 9.23–10.23 d 天秤宫 Libra مىزان ئۈلكۈ(تارازا) 7
سۇ 10.23–11.22 e 天蝎宫 Scorpio ئەقرەب چايان 8
ئوت 11.22–12.22 f 人马宫 Sagittarius قەۋس يا 9
تۇپراق 12.22–1.20 g 山羊宫 Capricorn جەدى ئوغلاق 10
ھاۋا 1.20–2.19 h 水瓶宫 Aquarius دەلۋە كۆنەك(سوغا) 11
سۇ 2.19–3.21 i 双鱼宫 Pisces ھوت بېلىق 12
مۇشۇلارنى كۆرسىتىدىكەن ئاسماندا بار ئوخشايدۇ،بىردەم ئوخشايدۇ بىردەم ئوخشىمايدۇ.
بۇلاردىن ئۇچى تۇپراق، ئۇچى ئوت، ئۇچى سۇ، ئۇچى ھاۋا يەنە شۇ تۆت ئاناسۇر تۆت تادۇ .ئۇچ كەرە تۆت ئون ئىككى بىر يىل ئون ئىككى ئاي.
يەنە شۇ يەتتە دىگەنگە كەلسەك، سۇرە مۇئمىندىكى مۇھىم ئۇچۇر، ئاسمان يەتتە قات، ئىنسان تۇپراق، ئابىيمەنىي، لەختە قان، پارچە گۆش ، سۇڭەك، سۇڭەككە قونغان گۆش، تىرە قاتارلىق يەتتە باسقۇچنى تاماملاپ دەردى بالاغا تۇغۇلىدىكەن. يەنە ھەزىرتى ئادەم دەۋرى تۇپراققا، نوھ كىمىسى بىلەن ئابىي مەنىيگە سىمىۋۇلكەن. ھۇد دەۋرى نۇرغۇن بالايى ئاپەتلەر بولغان لەختە قان، مۇسا يەھۇدىيلارنى قۇتقۇزۇشقا بارغان سۇلھىيدەكراق بۇ پارچە گۆش. ئەيسا كىرىسقا مىخلانغان دىيىلىدۇ سۇڭەك. رەسۇللىلا ھەممىسىنى تەستىقلاپ كەلگەن گۆش. ئاخردا زامان ئاخىرى تىرە بۇلۇپ يەتتە باسقۇچ تاماملانغاندا ئاسماندىن تۇشۇك ئىچىلىدىكەن.بۇنىڭدىن زاماننىڭمۇ مۇشۇ يەتتە ئۆلچەم بۇيىچە ماڭىدىغانلىقىنى قىياس قىلغاچ تۇردۇق.
ئۇنداق بولغانداباشقا كەلسەك؛ سەكەنتىر تۇپراق،ئوڭاي ئابىيمەنىي، غەزەپلىك كۇرۇد لەختە قان.قۇياش پارچە گۆش،سەۋىت سۇڭەك،ئارزۇ سۇڭەككە قونغان گۆش،يالچىق تىرە بولغان بۇلىدۇ.
بۇنى ئادەم بەدىنىگە سالساق ؛بۇرۇن تۇپراق قاقىچى بار سەكەنتىر ، ئىغىز تىل ئابىي مەنىي ئوڭاي، كۆز مارىس كۇرىد كۆزنىڭ ئاچچىقى يامانراق. قۇلاق قۇياش ،ئىككى قول سۆڭەك سەۋىت، ئىككى پۇت سۇڭەككە قونغان گۆش ئارزۇ، ئەمچەك تىرە يالچىق ئاي بولسا كىرەك.ئۇندىن باشقا ئادەم تىنىدە يىلىگ تۇمۇر قان پەي سۇڭەك گۆش تىرە قاتارلىق يەتتە ھاۋاغا ۋەكىل تۇزگىچى بار. يەنە بۆرەك يۇرەك ئاشقازان ئۇچەي ئۆپكە جىگەر تال يەتتە ئەزا بار. بەلكى مىڭىگە ئايىت نىرىپ پىرىپلارمۇ يەتتە چىقىپ قالامدۇ تىخى بۇلارغا سەل تاھارەت بوشتەك قىلىدۇ.
ئادەم تۇرغاچ تۇرسا ماكان يەرشارىغا كەلسەك، يەرشارىدا يەتتە قىتئە بار، ئاسىيا ياۋرۇپا ئافىرقا ئامىركا جەنۇبىي ئامىركا يەنە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق. سۇڭەككە مىسال تاغ، قان تۇمۇردەك دەريالار سۇلار. گۆشتەك دىڭىزلار،يىلگدەك يەرتەكتىدىكى نىفىتلار،تىرە تۇكتەك تۇزلەڭ ئۆسۇملۇكلەر،پەيدەك سۇزۇلغان يوللار.ئابدان گىيولوگ بولسا ، ماكاندىنمۇ نۇرغۇن يەتتىلەر چىققۇدەك. مەككە مەدىينە بۇرۇن، مىسىر كۆز بەك ئادىل خەقلە ئۇ. تۇركىيە ئىغىز، ئىران شىيئەلەر قۇلاق،تۇجۇكلا باريەرلەر قول، ھىندىلا باريەرلەر پۇت يالاڭ ئاياق.قارىلىنىڭ يۇتى ئەمچەك دىگەندەك.
زامان ۋاقىتقا كەلسەك، بىر ھەپتە يەتتە كۇن، دۇشەنبە تۇپراق ئىشنى دۇشەنبىدىن باشلىغۇلۇقمىش. سەيشەنبە ئابىيمەنىي سەپەرنى سەيشەنبە قىلىمىزكەن.چارشەنبەلەختە قان تىرناق ئالسا بولمايدىكەن، پەيشەنبە پارچە گۆش،جۇمە سۇڭەك ،شەنبە سۇڭەككە قونغان گۆش، يەكشەنبە تىرە دىگەچ تۇرلى.
ئۇندىن باشقا مۇزىكىدىمۇ يەتتە ئاھاڭ بار دورەيمىفاسولاشى دەپ.
ئازىراق قىياس قىلساق، يەتتە يۇلتۇز ئون ئىككى بۇرۇج ئاساسلىقى يەتتە يۇلتۇزنىڭ بۇرۇجلاردىكى ئورنىغا ئاساسەن بىكىتىش بولسا كىرەك. مەسلەن كۇرۇدنى غەزەپ بالايى ئاپەت دىسەك،بۇ يۇلتۇز ياكى قۇزىغا ياكى قىسقۇچ پاقىغا دىگەندەك بۇرۇجلارغا كەلسە ، بۇرۇجلارنىڭمۇ مىجازى باركەن ئەمەسمۇنەدە كۇرەنسە شۇيەردە شۇنداقراق قىياس قىلىشقا بۇلىدىكەن.
ماۋۇ يولداشلىنىڭكىنىمۇ ئازتۇلا بەيدۇلاپ باقتۇق. بۇلاردا ئاسمان؛ شەرىق ئەجدەرھا، شىمال تاشپاقا ، غەرىپ شىر ، جەنۇپ پەخىنىش دەپ ئايرىلىپ ، ھەربىرىدە يەتتە يۇلتۇز تۇركىمى بار دىيىلىپ، يەتتە كەرە تۆت يىگىرمە سەككىز يۇلتۇز تۇركىمىگە ئايرىيدىكەن. بۇنىڭدا جاڭ خىنىڭ يەرتەۋرەشنى سىزىش ئەسۋابى بەكراق تىلغا ئىلىنىدىكەن. يەنى يىگىرمە سەككىز يۇلتۇز يۇرشىگە ئاساسەن يەرتەۋرەشنى مۇنەججىم ھىساۋىدا ئالدىدىن بايقىغان دىگەندەك، مايالارنىڭ تاختىسىدىنمۇ بەكراق مۇرەككەپ توغرا چىقارمىش. يەنە مۇشۇ يۇلتۇزلارنى ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارغا تەدبىقلىغان ئەھۋاللىرىمۇ باركەن.بۇلارنىڭ چىتىلىدىغان ساھالىرى بەك كۆپكەن. بىرى سەۋىيە تۇۋەن يەنە بىرى ئىنقلاۋىرىپ بۇددىسىت بۇلۇپ قالمايلى دەپ قورقۇپ بەك تادلىمىدۇق. ئىشقىلىپ تۆت ئاناسۇرنى ئۇيغۇرلاردىن ئۇگەنگىنى ئىنىققۇ ئۇلارنىڭ.
ئۇندىن باشقا يەھۇدىيلار ئون ئىككى بۇلاقتىن سۇ ئىچكەن.
بۇلار مۇشۇنداقراق گەپلە قىزىققانلار سۆز تاشلاپ باقسا، بىلىدىغانلا سۆزلەپ باقسا ئۇگۇنىۋالساق ، ئاسان ئىش نەدە بار دەيسىزلەر.ھەراس ماۋۇ مىللىيچە تىما موللا مويسىپىتلىرىمىز پەتىۋالاشقا بەك ئالدىراپ كەتمىسەك ، ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئۇگۇنىڭلا دەپتىكەن.
مەنبە؛ قۇتادغۇ بىلىگدىن ، بەيدۇدىن پايدىلىنىلدى.
«مىللىيچە» دېگەن گەپ قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ، ھەر بىر قېتىم ئاڭلىسام ياكى بىر ئوقۇسام سېسىق پوق بۇرىغاندەك بىئارام بولۇپ كېتىمەن. قايسى ئېشەكباش ئىجات قىلغان بولغىيتى مۇشۇ قەتئىي مەنتىقە ۋە تىل قانۇنىيىتىگە چۈشمەيدىغان ھارامدىن بولغان سۆزنى. مىللىيچە ئاشخانا، مىللىيچە كىيىم، مىللىيچە ساز، مىللىيچە تاز، مىللىيچە ئاز، مىللىيچە ماز،مىللىيچە ساپا، مىللىيچە سافا،مىللىيچە قۇڭالتاق مىللىيچە ئوساغاق، مىللىيچە سوق، مىللىيچە پوق، function يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 22:56 static/image/common/back.gif
«مىللىيچە» دېگەن گەپ قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنى ...
ھارامدىن بولغىنىنى ئۆزەڭلار دەپسىلىغۇ؟ bugday يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 00:33 static/image/common/back.gif
ھارامدىن بولغىنىنى ئۆزەڭلار دەپسىلىغۇ؟
«ھارامدىن بولغان» نەرسىنىڭمۇ چوقۇم مەنبەسى بولىدۇ دە، ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟ ئۇيغۇر تىلىمىزدا مۇشۇنداق «ھارامدىن بولغان» سۆزلەر خېلى بار ھازىر. ھۇ ھارامدىن بولغان سۆز . function يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 01:16 static/image/common/back.gif
«ھارامدىن بولغان» نەرسىنىڭمۇ چوقۇم مەنبەسى بولىدۇ دە ...
ھارامدىن بولغان سۆزلەرنى بىلىۋالايلى،سۆزلەشكەندە دىققەت قىلاي دەيمىنا. مىللىچە ئابىيمەنىدىن تۇرەلمىگەنلە،مۇنداقچە دىگەندە تام تۇشۇكىدىن چۇشۇپ قالغانلا خەقنىڭ شوۋىستا بۇلاپ قالغانلا بىلگەجان قان تىپى توغۇرلۇق بىر ماقالە يازىمەن دەۋاتاتتى، شۇنىڭغا ئۇلاپ مۇشۇ مۇچەل ۋە يۇلتۇز تۇركىمى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۇرۇپ باقامىز،،،،.. ئىلمى نۇجۇم توغرىلىق سۆزلەشمەي كىمنىڭ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى دىيىشىۋېتىپسىلەرغۇ بالىلارنىڭ غەزىپى تېشىپ تېما چەتنەپ كەتتى. چۈشۈنۈشكە بولىدۇ.
ئىلمى نۇجۇم ھازىرقى ئاستىرونومىيە بولغاندىكىن بۇنىڭغا ئاستىرونومىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە قىززىقىدىغانلار كۆپرەك پىكىر قاتناشتۇرسىكەن. ئەركىن سىدىق ئەپەندىم باشلاپ بەرسىغۇ ياخشى بولاتتى.
ئايپەد تە رەسىم يوللاشنى پەقەت بىلەلمىدىم، بەزى رەسىملەر بار ئىدى، ياكى بولمىسا،بەيدۇغا شى ار شىن زۇو دەپ كىرگۇزسە نۇرغۇن رەسىملەرباركەن ھاۋا 9.23–10.23 d 天秤宫 Libra مىزان ئۈلكۈ(تارازا) 7
ئۈلكەر دەپ ئاتامىز ئاۋۇ 7- سىنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahl777 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 11:24
قابۇسنامە دېگەن كىتابتا مۇشۇنىڭغا ئائىت مەزمونلار بار ئىكەن.چاپلاپ باقسام خەت نورمال چىقمىدى. رەسىم نۇسىخىسى مۇشۇ ئىلىمغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ئاسارە ئەتىقە قاتارىدا بېسىلىپ ياتماقتا.
.......
ھازىرقى زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر ۋەپەن-تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندە ئىدى بەلكىم يولۋاسقا قانات چىقاتتى .
مەسىلەن :مىزاجى ھاۋا بولغان يۇلتۇزلار بەلكىم گاز دىن تۈزۈلگەن بولۇشى مومكىن. شۇئاساستا يەر شارىغا ئوخشاپ
كېتىدىغان پىلانىتالارنى تېپىش مومكىن .
بۇ بىر سېپىنى تۇتقىلى بولمايدىغان ئىلىمدە تۇيۇلىدۇ ماڭا... tadubeg يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 11:55 static/image/common/back.gif
بۇ بىر سېپىنى تۇتقىلى بولمايدىغان ئىلىمدە تۇيۇلىدۇ م ...
كوكۇلىسىدىن تۇتۇش تامامەن مومكىن