تەڭرىتاغ كوماندىسى جىلىن كوماندىسىغا ئۇتتۇردى
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون بەشىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى داۋاملىق ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، جىلىن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى يىڭى چەتئەللىك ئەزا سىباستئان تېلفىر مەيدانغا چىقتى، بىراق مۇسابىقە ھالىتىگە كىرەلمەي ئىپادىسى ياخشى بولمىدى، ئەڭ ئاخىرىقى ھالقىلىق ۋاقىتتا قارشى تەرەپ چەتئەللىك ماھىرى جونىس ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۇشۇرۇپ ئاخىرى 110-111 نەتىجە بىلەن رەقىبى جىلىن كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى. شىرئەلىجان مەيدانغا چىقماي دەم ئالدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 33 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 9 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 7 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ قىرانبېك ماقان 23 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سىباستئان تېلفىر 13 نومۇر، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇ چى 18 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ليۇۋېي 14 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
ئەمما سەت ئاچچىقىم كەلدى... كېرەمبېكمۇ ياكى قىرانبېكمۇ؟ مۇشۇمۇ مۇسابقە بولدىمۇ ... ئاشۇ لىياۋنڭ دەك بىر كوماندا تەرپدىن مەغلۇپ قلنش شىنجاڭ ئۈچۈن بىر ھاقارەت.
ئەگەر ئۇلار مۇشۇنداقلا مۇسابقە ئوينسا چمپىيۇنلۇق ئەمەس بەلكى تۆت كۈچلۈل ئارىسغىمۇ كرەلمەيدۇ.. koxuk يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 00:27 static/image/common/back.gif
كېرەمبېكمۇ ياكى قىرانبېكمۇ؟
مەن قىرانبېك دەپ يۈرىمەنغۇ ئون مەيدان ئۇتۇپ، بەش مەيدان ئۇتتاردى. ئۈمىد زور ئەمەس بۇ قېتىم. شىنجاڭ كوماندىسىدا ئۈمۇت زور ئەمەس بۇيىل، قاراپ تۇرۇپ ئۇتتۇرۋەتتى، 11سىكۇنىت قالغاندا دەرھال قائىدىگە خىلاپىلىق ھەركەت ئىشلىگەن بولسا ئاشۇ چەتئەللىك توپچى 3نۇمۇرلۇق توپ ئىتىش پۇرسىتى بولمايتى ، مۇسابىقە نەتىجىسى باشىقىچە بولاتتى ھازىرغىچە ئاچچىقىم با، ماۋۇ كونا تىرنىرمۇ تايىنىلىق نەرسىكەن مۇشۇ كوماندىمىزغا ياخشىراق بىر تىرىنىر تىپىلماسمۇ زادى ئۇتتۇردى دېگەن گەپنى پەقەت ئاڭلىغۇم كەلمەيدۇ. پەخىرلىك ھەر ئەزەمەتلەر تۇرسا . بۇلار قانداق ئويناپ ئىككىنجى بولغان بولغىيتى ئالدىنقى يىلى، يا مەن كۆرگەن چاغدىلا ئۇتتۇرامدۇ ھەي بۇ يىل مۇ چىمپىيۇن بۇلاممايدىغان چىراي زادى ئاشۇ ئەڭ ئاخىرىقى 11 سېكنوت قالغاندا بېرىپلا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەن بولسا، نەتىجە باشقىچە بولغان بولاتتى-دە. ئا ليۇ ۋېي دېگەن كۇسپۇرۇچمۇ جازا توپنىڭ ئىككىلىسىنى چۈشۈرگەن بولسا، ھاتەملىك قىلىپ بىرىنى چۈشۈرۈپ بىرىنى نىسى قوپ قويغىچە.
زادى قارشى تەرەپنىڭ تاكتىكىلىرىنى دەرھال چۈشىنىپ، شۇنىڭغا قارشى ئۈنۈملۈك مۇداپىيە ۋە ھۇجۇم تەشكىللىيەلەيدىغان قابىل ترىنىرلار شىنجاڭ كوماندىسىغا بۇ پات يېقىنلىدا نىسىپ بولىدىغان چىراي ئەمەس{:90:}
بەت:
[1]