Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 13:52:43

شىنجاڭدىكى 2014-يىللىق ئەيدىز يۇقۇمى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yuksel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 14:01  

شىنجاڭدىكى 2014-يىللىق ئەيدىز يۇقۇمى



ئەلداۋا ساغلاملىق تورى 28-نويابېر خەۋىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1995-يىلى شىنجاڭدا تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى دوكلات قىلىنغاندىن تاكى 2014- يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 43533 نەپەرگە، ئەيدىز بىلەن قازا قىلغۇچىلار 8102 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ھازىر بار بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 27373 نەپەر، ئەيدىز بىمارى 8058 نەپەر، دىيارىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمى پۈتكۈل رايون تەۋەسىدىكى 14 ۋىلايەت- ئوبلاست، 94 ناھىيە(شەھەر، رايون) غا تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى،  قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى پۈتكۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ %91 نى تەشكىل قىلىدىكەن.


ئەر-ئايال يۇقۇمدارلارنىڭ نىسبىتى 1:1.4؛ ئورتاق شىپىرىستا زەھەر چېكىپ يۇقۇملانغانلار %36.5 نى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرىۋالغانلار (ھەمجىنىسۋازلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) %52.1 نى ئىگىلىگەن. دوكلاتتا، ئەر ھەمجىنىسۋازلار ئارىسىدىكى يۇقۇملىنىشنىڭ تېز ئېشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. زەھەر چېكىش يولى بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلارنىڭ سانى ئازىيىشقا قاراپ ماڭغان. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان.


نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يۆلىنىشنىڭ يۈزلىنىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىك بار: يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا نىسبەتەن يۇقىرى ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېشىش سۈرئىتىدە ئازىراق ئاستىلاش بار؛ ۋېنادىن زەھەر ئۇرغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى، جىنسىي يول بىلەن يۇقۇملىنىش بارا-بارا ئاساسلىق يۇقۇش يولىغا ئايلاندى؛ ئەر ھەمجىنىسۋازلار ئارىسىدىكى تارقىلىش ئەڭ تېز ۋە ئەڭ خەتەرلىك بىر ئەھۋالدا؛ ئەيدىزنى تارقىتىش ئامىلى كەڭ دائىرىلىك مەۋجۇت، ھازىر خەۋپلىك كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭەيمەكتە، بۇنىڭغا نىسبەتەن جەمئىيەتتە روشەن تەسىر پەيدا بولۇپ ئالدىنى ئېلىش كونترول قېلىش ناھايىتى كەسكىن بولماقتا.


ئاپتونوم رايونىمىزدا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى يىللاردىن بېرى كۈچەپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغان. ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات خىزمىتى كۈچەيتىلگەن، تەكشۈرۈپ بايقاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، تەكشۈرۈش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلگەن. ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا بالنىستتا ياتقان بىمارلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈلۈش نىسبىتى %100 گە يەتكەن، يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بەزى رايونلاردا نىكاھتىن ئاۋۋال جەزمەن تەكشۈرۈتۈش تەلەپ قىلىنغان. 2006-يىلىدىن باشلاپ، رايونىمىزدا ئەيدىز تۈرى بويىچە تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى يىلسېرى ئاشقان بولۇپ، ھازىرغىچە 4 مىليۇن ئادەم قېتىم تەكشۈرۈلگەن.


ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇزاق مەزگىللىك، سىستېمىلىق خىزمەت. ئالدىنى ئېلىشتا، ئاۋامنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇھىم. ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ يامراپ كېتىشىدە، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىغا بولغان كەمسىتىشىنى يوقىتىش كېرەك.   

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 15:01:16

51پىرسەنىت نىمىلەرگە ئىچ ئاغرىتمىساقمۇ بولىدىكەن
مىنىڭچە بولغاندىغۇ ھىچ قايسىغا ئىچ ئاغرىتقۇم يوق،
ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىچى ئاغرىتمايۋاتقان تۇرسا،
مىنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىم ئارتۇقچە .
ھەم ئۇ كىسەل ئالىيجاناپلىق،ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ،
ۋە ياكى ياخشى ئادەمگە يۇقىدىغان كىسەل ئەمەسكەن
لىكىن تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتى پەقەت ياخشى ئەمەس، ئۇ يەتمەيۋاتقاندەك بۇيەردە
بىرتالاي گەپلەر قىسقارتىلدى زىيان ئۈستىگە زىيان بولۋاتىدۇ،

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 15:05:00

پاھىشۋازلار ۋە پاھىشىلەر نىڭ ئورتاق كېسىلى :@

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:01:30

كۆپ نىسبەتتىكىسى  ساۋاپلىق ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىق بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغان بولسا، كىشىلەر تەبىيلا ھەممىدىن بەك بۇلارغا ھېسداشلىق قىلغان بۇلاتتى. ھەتتا ئاپتۇۋۇزلارغا چىقسا ئورۇن بوىشىتىپ بەرگەن، ئاشخانىلارغا كىرسە تاماق پۇلىنىمۇ ئالمايدىغان بولۇپ كىتەتتىمىكىن. مەسىلە، 90 پىرسەنتكە يېقىنى زىنا، ياكى زەھەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ يۇقتۇرغاندىكىن، ئادەمدە ئۇلارغا بەك ھېسداشلىق قىلغۇسىمۇ كەلمەيدىغان كايپىيات شەكىلىنىدۇ. ئەر كىشى تالادا شۇنداق يول بىلەن يۇقتۇرۇپ ئايالىغا يۇقتۇرۇپ قويسا، يۇقتۇرغۇچىغا نەپرەتتىن باشقا بىر نەرسە كەلمەيدىكەن .

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:40:19

يىقىندىمۇ بىر ئادەم 2بالىنىڭ ئانىسىنى قويۇپ بىرىپ بىر قىزنى ئالماقچى بولۇپ توي خىتى ئالىدىغان يەردە سالامەتلىك تەشكۇرۇپ ئۇ قىزنىڭ سىبلىس دەمدۇ سۆزنەكمۇ ئىشقىلىپ بىر يۇقۇشچان جىنسى كىسەللىك بار ئىكەن توي رەسمىيتى بىجىرىپ بەرمەپتۇ.
ئۆزىگە تەۋە بولغان ھالال جۇپتىنى يولغا سىلىپ قولدىن قولغا ئۆتۇپ كەتكەن ئورتاق بويۇمغا يۇگۇرۇپ مۇشۇ كۇنگە قاپتۇ.
ھەسەلدىن قىل ئايرىيىغان ھۆپۆپنى يۇڭدىماي يەيدىغان ئادەملەر ھىلىھەم كۆپ .
بۇ ئىشلارنى ئازايتىشنى تونۇش تەربىيىسىنى  جەميەتتىن ئەمەس ئائىلىدىن باشلايلى .بىر ئائىلە بىر دۇنيا،ئائىلىلەردىن تەركىپ تاپقان جەميەت بۇ.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 19:08:16

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 18:40 static/image/common/back.gif
يىقىندىمۇ بىر ئادەم 2بالىنىڭ ئانىسىنى قويۇپ بىرىپ بىر  ...

بۇ گەپ ئشەنچىلىكمۇ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 19:28:58

Toghrak يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 19:08 static/image/common/back.gif
بۇ گەپ ئشەنچىلىكمۇ؟

مۇشۇ گەپنىمۇ ئاشۇ قىزنىڭ  خوشنىسى دەپ بەرگەن شۇ قىزنىمۇ كۆرسىتىپ قويغان لىكىن ئۇ ئەرنىڭ قايتا ئايالى بىلەن يارشىۋالغان يارشىۋالمىغانلىقى نامەلۇم.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 19:34:53

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 19:28 static/image/common/back.gif
مۇشۇ گەپنىمۇ ئاشۇ قىزنىڭ  خوشنىسى دەپ بەرگەن شۇ قىزنى ...

سىبلىس ياكى سۆزنەك كېسىلى بولسا توي رەسمىيىتى بىجىرىپ  بەمەيدىغان قائىدە يوققۇ؟ يېڭىدىن مۇشۇنداق قائىدە چىققان بولسا بىلمىدىم. يۈكسەل ئەپەندى بىر نىمە دەپ باقسۇنچۇ!

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 19:49:54

Toghrak يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 19:34 static/image/common/back.gif
سىبلىس ياكى سۆزنەك كېسىلى بولسا توي رەسمىيىتى بىجىرى ...

جىنسى ئالاقىدىن يۇققان سىفىلىس كىسىلى يۇقۇملۇق  شۇڭا توي خىتى بىجىرىپ بەرمەيدۇ.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 19:53:28

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 19:49 static/image/common/back.gif
جىنسى ئالاقىدىن يۇققان سىفىلىس كىسىلى يۇقۇملۇق  شۇڭا  ...

ئۇنداقتا ئەيدىز بىمارلىرىغىچۇ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 19:58:32

سېفلىس  بولسا  بېجىرمەيدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 21:26:30

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 20:40 static/image/common/back.gif
يىقىندىمۇ بىر ئادەم 2بالىنىڭ ئانىسىنى قويۇپ بىرىپ بىر  ...

قان تەكشۈرسە چىقامدۇ سىبلىس، سۆزنەك كىسەللىرىمۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 21:30:03

7 يىل  بۇرۇنقى  تۇيدىن ئاۋۋالقى سالامەتلىك  تەكشۈرۈشتە، بەلنىڭ ئاستىننىمۇ تەكشۈرەتتى.


ھازىر بۇرۇن قوللانغان بەزى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئەمەلدىن قالدى.

ھازىر  شۇ   قاننىلا تەكشۈرەيدىكەن، قاندا چاتاق  بولمىسا توي خىتى بىرىدۇ.  

NamsizNur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:11:41

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا 21ياشلىق بىر قىز كىرىپتىكەن ياتاقتا يېتىپ داۋالانغىلى،ئىككىنجى كۈنى چوڭ قان تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغانتى، ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇ قىزنىڭ تېخى توي قىلمىغانلىقى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىرقىسمىلا بوپ بالدى...

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:32:36

ئۇ ئەيدىزنى ئايرىپ باشقۇرمامدىكەن . ئۇنداق بولمىغاندا ،ئەيدىز تېخىمۇ يامراپ كەتمەمدۇ .
ئاۋۇ 21ياشلىق ئەيدىزنى دەيمەن ،ئاق چەكمىگىنى ئېنىق. ئەخلاقىدا مەسىلە كۆرۈلگەن .ئەقلاقسىز جاجىسىنى يەپتۇ .ئوتنى تۇتما قولۇڭ كۆيىدۇ دەپ تۇرسا،بىلىپ تۇرۇپ ئوت ئويناپ قولى كۆيسە ھەق
يەنە كىمدىن ئاغرىناتتى .
بەت: [1]
: شىنجاڭدىكى 2014-يىللىق ئەيدىز يۇقۇمى