malika706 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 13:28:46

كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتقىن مېنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   malika706 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 13:29  


كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتقىن مېنى
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال

ئەتە بەلكىم ئۆلۈپ كېتىمەن،
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتقىن مېنى.
ھاياتىڭدىن مەڭگۈ يۈتىمەن،
ئاققۇزمىغىن كۆز ياشلىرىڭنى.

بەلكىم يامغۇر ياغمايدۇ ئەتە،
كۆرەلمەيمەن ياكى قۇياشنى،
ھېچكىشىگە بەرمىدىم ۋەدە،
ئەتە يەنە تىرىك ياشاشنى.

نېچۈن دېمە سورىما مەندىن،
بۇ ۋىدالىق تاللىشىم ئەمەس.
ئايرىلغاندا روھىم سوغ تەندىن،
تۈگەر ھەممە توختايدۇ نەپەس.

ئەتە راستلا ئۆلۈپ كەتسەم گەر،
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتقىن مېنى.
كۆز ئاچماستا مەن يوق بىر سەھەر،
ئۇنتۇپ كەتكىن مېنى ھەممىنى.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 13:38:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 13:40  

سەت تۇرامىكى...

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:18:36

ئەتە قايتىدىن ئىنكاس يازاي راسلا ئۈلۈپ كىتەمسىز تېخى :lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 16:12:08

  كەلسەڭ ئەگەر بۈگۈن كەلگىىن يار،
  ئەتە كەلسەڭ بۇ چىرايىم يوق. دىگەن ناخشا ئىسىمگە كەپ قالدى.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 16:35:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 16:37  

ياق، ئۆلمىگەىن تورداش- سىردېشىم!
غەزەلدېشىم، مۇڭ ، ئۈلپەتدېشىم.
ساڭا ئىجىل بولدى بۇ كۆڭۈل،
« ئۆلسەڭ » سەلدەك ئاقار كۆز- يېشىم:'(

مۇڭغا چۆمۈلگەن، ھېس- تۇيغۇلار قايناپ، تاشقان بىر ئەسەرنى يوللاپسىز. مۇشۇنداق شېئرى ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنا بولۇپ قېلىۋاتىمىز.

شېئرىڭدىن بىر قەترە تامچىسا ئەگەر،
« تۇپا ن »دا  لەيلىسە چاڭقىغان شەھەر....
قۇرىغان بەرگىلەر يايراپ، ياشىرىپ،
تەشنالىق قاناتتى  شامۇ ھەم سەھەر.


bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 16:40:28

ئۆلىۋالمەن دىيىش يىقىنلىرىغا قىلنغان ئەڭ چوڭ تەھىتىت

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:28:33

bayawat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 16:40 static/image/common/back.gif
ئۆلىۋالمەن دىيىش يىقىنلىرىغا قىلنغان ئەڭ چوڭ تەھىتىت

ھەمدە ھازىرقى زامان ئىش بىجىرىش ئۇسۇلىدىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش گومپىسى.

010203 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 21:43:49

ئىسل شئىركەن

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 21:50:04

شىئېرىي تەدان نۇسخىسىدا يېزىلغان شىركەن.{:87:}

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:08:51

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 15:24:53

قىزلار شىئىر يازسا خىلى شوخ ئىنكاسلار چۈشىدۇ ھە.{:92:}

3karakax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 19:21:23

«كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتقىن مېنى،»
قانداقلارچە كەلدى بۇ نىدا.
مەڭزىن سۆيۈپ بالقىسا قۇياش،
قانداق جاۋاپ بىرەرسەن ماڭا؟!

يىراقلارغا ماڭساڭ ناۋادا،
كۈلۈپ تۇرۇپ سالاتتىم يولغا.
ساڭا جاۋاپ يازدىم بەكمۇ تەس،
چۈنكى ئۇكۇل سېلىنغاچ قولغا.
ھا  ھا
بەت: [1]
: كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتقىن مېنى