qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 12:48:56

يۈرەك مېڭە قۇۋەتلەيدىغان تىبابەت دورىلىرى تەۋسىيە قىلغان بوسلاڭ.....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى تېۋىپ ئۇستاملار   سىلەردىن ياردەم سوراپ بۇ تېمىنى يازدىم
مېنىڭ  ئانام  ئىككى  يىلدىن ئاشىتى   قورساق قىسىمى  پۇت قىسىمىغا يەل كېلىپ ئىشىپ قالىدۇ.  ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا ئاپارساق سۈدۈك ھەيدەيدىغان  ئۇكۇل ئارقىلىق ئۇشۇق يانىدۇ. يەنە ئۆيگە ئەكەلسەك  بىر ئىككى ئايدىلا  ئىشىپ قالىدۇ.   ئانام سەل ياشىنىپ قالغاچقا  سىرتىنىڭ دورىلىرىنى يەۋەرسە كۆتۈرەلمەيدىكەن  ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ  پايدا قىلىدىغان دورلىرى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار شۇ دورلارنى ئېلىپ بەرسەم .
سۈدۈك راۋانلاشتۇرۇدىغان دورىلار
يۈرەكنىڭ ھەركىتىنى ياخشىلايدىغان دورىلار
مېڭىنى قۇۋەتلەيدىغان دورىلار
مۇشۇ دورىلار نىڭ  ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن دورلار بولسا تەۋسىيە قىلىغان بولساڭلار
@tadubeg
@Birzat

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 13:44:26

يوللىغىنىمىز ياردەم تىمىسى بولسا ئالدىغا ‹‹ياردەم›› دەپ يېزىۋېتىپ ماۋزۇنى قويايلى تىما ئىسمى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەندە مەقسەت ئىنىق چىقماي قالىدىكەن:lol

يۈرەك توغرىسىدا مەنمۇ مەسلەھەت سورايمەن  
ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قوپقان چېغىمدا يۈرۈكىم قاتتىق سېلىپ كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ، چىكەمنىڭ تومۇرلىرى ئاجايىپ سېلىپ كىتىدۇ ئەۋرىشىمدىن 2 ئاي بېسىپ ئىچتىم ئۈنۈمى تازا ياخشى ئەمەس  ياخشىراق داۋالاش ئۇسۇلى ياكى دورىسىنى قالدۇساڭلەر

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:20:12

مۇنتىزىم چوڭ دوختۇرخانىلارغا بىرىپ پىشقەدەم دوختۇرلانىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش كۆرۈڭ،كىسەلنى چۈشۈرگەن ئاللاھ شىپاسىنىمۇ تەڭ چۈشۈرگەن ،داۋاسىنى ئىزدىنىپ بىقىڭ ئاللاھقا كۆپرەك دۇئا قىلىپ تىلەڭ ‹ھىچقىسى يوق ،ئاللاھ خالىسا ساقيىپ كىتىسىز›-بۇخارى رىۋايىتى ‹بۈيۈك ئەرىشنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە شىپالىق تىلەيمەن› (يەتتە قېتىم).--ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:21:03

‏ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،بۇرۇن دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكۈزگەنمۇ ؟ ئەگەر تەكشۈرتكەن بولساڭلار قانداق دىئاگونۇز قويغان ؟

asabi007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:28:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asabi007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 14:30  

يۇرەك بىلەن مېڭنى ياخشىلاشقا_داۋائىل مىشكى،خېمرى مەرۋايىت،مۇپەررىھى ئەبرىشىم شەربىتى،ياخشى ياسالغان ئانار شەربىتى.
مېنىڭ بىلدىغنىم مۇشۇنچىلىككەن.(تورنىڭ ئاستىلقى تۇپەيلى ئىنكاس تەكرار كېتىپتۇ،باشقۇرغۇچلار بىرنى قۇيۇپ قالغىننى ئۇچۇرۋەتكەن بولساڭلار.!)

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:55:50

سۇيدۇك ھەيدەشكە بەدىيان ئەڭ ياخشى، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچسە بۇلىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 15:24:45

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئاۋال بۆرەك، يۈرەك ۋە جىگەرنى تەكشۈرتۈپ نەتىجىسىنى قالدۇرۇڭ، شۇنىڭغا قارىتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنى قالدۇراي.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 16:19:32

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 15:44 static/image/common/back.gif
يوللىغىنىمىز ياردەم تىمىسى بولسا ئالدىغا ‹‹ياردەم››  ...

قان بىسىمىڭىز تۆۋەنلەپ كىتىپتۇ.

مىنىڭچە: قىزىل گۈلقەنىتنى 1 ئاي ھەر كۈنى ئەتىگەن 30 گىرامدىن ئىستىمال قىلىپ بىرىڭ.   گۈلقەننى يۇمشاق نان بىلەن يەڭ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 17:53:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   106 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 17:56  

http://home.meishichina.com/recipe-96001.html

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 17:54:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   106 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 17:57  

g]

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 17:56:25

يۇقارقى مۇراببانى قاينىتىپ يىگۈزسىڭىز سۈيدۈك ھەيدەشكە پايدىسى بار. ھەم تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالايدۇ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 17:58:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   106 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 18:01  

چىقماپتىغۇ؟ رەسىم چىقىرىشنى بىلىدىغانلار خاپا بولماي چىقىرىپ قويغان بولساڭلار http://home.meishichina.com/recipe-96001.htmlhttp://home.meishichina.com/recipe-96001.html

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 21:29:00

بايادىدوس

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:12:24

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:22:12


كۆكنۇر شىركىتىنىڭ شىپايى زەمزەمنى ئىچىپ باقسۇن
نېرۋا ئۇچى ياللۇغىغا زەمزەم كاتتا مېغىز بىلەن بىللە بېرىلىدۇ.
يۇرەك سانجىغىغى،يۇرەك مۇسكۇلى فۇنكىتسىيىسى يىتەرلىك بولماسلىققا زەمزەم بېرىلىدۇ.
يۇرەك زەيىپلىگىگە زەمزەم كالتسىي تابلىت بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ

09918569862

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:23:15

كارىباش ئامپۇلىنىڭ بېرىلىشى




1.     سەۋدادىن بولغان مالىخولىياغا كارىباش ئامپۇلى شىپايى زەمزەم،كالتسىي ئامپۇلى تەڭ بېرىلىدۇ.ناۋادا سەپرا غالىپلىغىنىڭ ئالامىتى بولسا يەنى سەپرادىن بولغان مالىخولىيا بولسا،بۇلار بىر قاپ سازقاندىن كىيىن بېرىلىدۇ.
2.     قارا بېسىشتا كارى باش ئامپۇلى  كاتتا مېغىز بىلەن بېرىلىدۇ.ناۋادا دىۋەڭلىك،تۇيغۇنىڭ سۇسلىغى،ئېغىز،بۇرۇندىن سۇ ئېقىش بار ھالەتتە قارا بېسىش بولسا ئالدى بىلەن 15كۇن يەل كەسكە بېرىلىدۇ
3.     تىل يېرىلغانغا كارى باش ئامپۇلى بېرىلىدۇ.كاتتا مېغىز بىلەن، سېسىق كېكىرىش بار بولسا چۇچۇك شىكىرى  بىلەن بېرىلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
4.     دەسلەپتە ئاشقازان ئارقىدىنلا باش ئاغرىيدىغان ئاشقازان پەسەيسە  باشمۇ پەسىيىدىغان ،ئاغرىق باشنىڭ چوققىسىدىن باشلىنىدىغان باش ئاغرىقىدا دەسلەپ يەل كەسكە بېرىلىپ 5كۇندىن كىيىن كارى باش بېرىلىدۇ.
5.     قۇرساق ئاچسا،ئۇيقىدىن قوپقاندا  باش ئاغرىغى كۇچىيىدىغان ئەھۋالدا كارى باش ئاشقازان تابلىتى بىلەن بىللە بېرىلىدۇ.
6.     سوغۇقتىن بولغان باش ساقسىزلىقلىرىغا كارىباش ئامپۇلى كالتسىي تابلىتى بىلەن بىللە بېرىلسە ياخشى بولىدۇ.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:35:19

كۆكنۇر ئىلمى بۆلىم  تەييارلىدى

پىندۇق بادام ۋە ياڭاق كەبى يىمىشلەر يۇرەك ساقلىقى ئۇچۇن كېرەكلىك يىمىشلەردۇر.تويۇنمىغان ياغ مول بولغان بۇ مېغىزلار ساقلانماققا ۋە يۆيكەشكە قولاي بولۇپ ،ئۇندىن باشقا مۇھىمى ئەڭ ياخشى ساغلاملىق يىمەكلىكىدۇر.
ناچار خولىستىرۇل دىيىلىۋاتقان ل د ل نى چۇشۇرۇشتە پىندۇق ناھايىتى مەنپئەتلىك بولۇپ بۇنىڭدىن باشقا ئۆلۇمچىل يۇرەك كىرىزىسىغا سەۋەپ بولىدىغان قان قېيىشنى يىراق قىلىدۇ.
پىندۇق تەركىۋىدە مول مىقتاردا ئومىگا -3 ياغ تەركىۋى بولۇپ ئومىگا -3 يۇرەكنى ۋە قان ئايلىنىش سېستىمىسىنى ئاسرايدىغان ماددىدۇر.بېلىقتا ھەم بولىدىغان بۇ تويۇنمىغان ياغ يۇرەك رېتىمى بۇزۇلۇشنى ھەم ئوڭشايدۇ.
پىندۇق مېغىزى تەركىۋىدىكى تالا ئاقسىللىرى بىلەن قاندىكى خولىستېرىلنى چۇشۇرىدۇ.بۇندىن باشقا سىزنى توق ھىس قىلىشىڭىزغا ياردەمدە بولىدۇ.بۇنىڭ ياردىمىدە يىيىشنى ئازلىتالايسىز.بۇ تەركىپ يەنە دىيابىتقا كۆپ مەنپەئەتلىك.
تومۇرلارنى تارالتىدىغان تومۇر توڭۇرلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى پىندۇق تەركىۋىدىكى ۋېتامىن ئې توسايدۇ.

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 19:39:26

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ھۆرمەتلىك تىۋىپ ئۇستازلار  ماڭا بىر مەسلەھەت بەرسەڭلار  مەن ھازىر تاماق يەپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن پىيادە بىرەريۈز مېتىر يولماڭسام ياكى جىددىراق ھەركەت قىلسام مەيدەم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كېتىدۇ.بۇ ئىشقا بەش يىل بولدى بىزنىڭ يۇرتتىكى تېۋىپلار ئاشقازاندا يەل باركەن دەپ داۋالىغانتى ئۆتكەن يىل بىريىل دارايەپ پايداقىلماي بۇيىل 8- ئايدا ئۈرۈمچىگەچىقىپ تەكشۈرتسەم يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇپتۇ تىرەك سالىمىز دىدى. تىۋىپلارغا تېلېفۇن قىلسام  يۈرەككە تىرەك سالسا بولمايتتى بىزدە دارابار دەپ سالغىلى قويمىدى .يېنىپ كېلىپ 3 ئاي بولدى دارايىگىلى پايدا قىلمىدى مۇشۇ مۇنبەردە ئالما ئاچچىقسۇدا ئشلىگەن شەربەتنىمۇ ئەكەلدۈرۈپ ئىچىپ بولدۇم لوقمان ھېكىمنىڭ دارىلىرىنىمۇ ئچىپ بولدۇم ھىچقايسىسىنىڭ ۈنۈمى بولغاندەك ئەمەس، قانداق قىلىشىم كىرەك جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار.مەندە قان بېسىم يۇقىرى بۇنىڭغىمۇ داراپايداقىلماي يۈرەك يوغىناپ كېتىپتىمىش تىرەك سالدۇرسام بۇلارمۇ؟

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-13 12:46:23

taxerik يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 22:22 static/image/common/back.gif
كۆكنۇر شىركىتىنىڭ شىپايى زەمزەمنى ئىچىپ باقسۇن
نېرۋا ...

سىلەرنىڭ توردا ياكى قەشقەردە سېتىش ئورنىڭلار بارمۇ  چ چ نۇمۇرىڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار  

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 01:43:29

qalbim يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 12:46:23 static/image/common/back.gif


سىلەرنىڭ توردا ياكى قەشقەردە سېتىش ئورنىڭلار بارمۇ  چ
1. ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ يېنىدىكى كوچىغا جايلاشقان كۆكنۇر كىتابخانىسىدا سېتىلىدۇ.
2. ھېيتگاھتىن ياۋاغ تەرەپكە ماڭسىڭىز ئ‍ارىلىقتا كۆكنۇر مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان بىر دۇككان بار. ئ‍ارزۇ مېھمانخانىسىنىڭ ئ‍استىدىكى ۋېلسىپىت دۇككانلىرىنىڭ ئ‍ۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ.
بەت: [1] 2
: يۈرەك مېڭە قۇۋەتلەيدىغان تىبابەت دورىلىرى تەۋسىيە قىلغان بوسلاڭ.....