uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 12:22:24

ئالتۇن سودا تەھلىلى 5/ 12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 12:50  

تۈنۈگۈن  خەلقئارا  ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى نۇقتىدا تەۋرىنىش يۆلىنىشىنى داۋاملاشتۇردى ، ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى 2015 - يىللىق  باھا-مۆلچەرىنى قايتا كۆرسەتتى ، شۇنىڭ بىلەن دوللار كۆرسەتكۈچ بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتتى ، شۇ سەۋەبدىن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن . بۈگۈن ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى ؛ ئاسىيا ۋاقتى بازاردا مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ۋە ئىش ۋەقەلەر يوق ؛ ياۋروپا ۋاقتى ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ، ئىشسىزلىق نىسبىتى ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ، سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار ؛ بۇنىڭدىن سىرت ، نيۇ يورك بازىرىدا  ئامېرىكا يەنە زاۋۇت تالونى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر پەيدا قىلىدۇ ؛ نۆۋەتتە بازاردا ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار .

نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ باھاسى 1202 دوللار دا تەۋرىنىۋاتىدۇ ، ئاسىيا - ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1192-1195 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1200 دوللاردا ياكى  نەتىجە ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن چىقىرىشقا بولىدۇ . بۈگۈن غەيرى يېزا ئىگىلك قىممتىنى ئېلان قىلىدۇ ، شۇڭا سودا قىلغاندا ئامال بار نەتىجە ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن سودا قىلشقا مۇۋاپىق .




ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش


      بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 88.60 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1205.44 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، ئاخشام ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى 2015 - يىللىق  باھا-مۆلچەرىنى قايتا كۆرسەتتى ، شۇنىڭ بىلەن دوللار كۆرسەتكۈچ بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتتى ، شۇ سەۋەبدىن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن . تۈنۈگۈن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 2 دوللار چۈشۈپ 1207 دوللاردىكى نۇقتىنى كۆرسەتكەن . بۈگۈن ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ ؛ ئاسىيا ۋاقتى بازاردا مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ۋە ئىش ۋەقەلەر يوق ؛ ياۋروپا ۋاقتى ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ، ئىشسىزلىق نىسبىتى ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ، سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار ؛ بۇنىڭدىن سىرت ، نيۇ يورك بازىرىدا  ئامېرىكا يەنە زاۋۇت تالونى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار دوللارنىڭ يۆنىلىشىگە  تەسىر پەيدا قىلىدۇ ؛ ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .




ئالتۇن بازىرى غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىنى كۈتمەكتە

         بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدا تار ئاساستا تەۋرەندى ، سودا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتىشمىگەن ، بازار بۈگۈن كەچ ئېلان قىلىدىغان ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنى كۈتمەكتە . ئاخشام چەتئەل بازىرىدا  ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى 2015 - يىللىق  باھا-مۆلچەرىنى قايتا كۆرسەتتى ، شۇنىڭ بىلەن دوللار كۆرسەتكۈچ بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتتى ، شۇ سەۋەبدىن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1213 دوللار غىچە بولغان ، بىراق كەينىدىن ئاستا چۈشۈشكە باشلىغان ، غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئالتۇن تەۋرىنىشى تار بولىشى مۇمكىن .  




پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى

      تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە QE يوق بولۇپ ، ياۋرو 150 نۇقتىغىچە چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەندىن كېيىن يەنە تۆۋەنلەپ كەتكەن ؛  قىممەت مېتاللار باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى يەنە بېسىمغا ئۇچرىغان ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى تۆۋەنلىگەن ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا غەيرى يېزى ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق مۇھىم ئىش ۋەقەلەر بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان .
      بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، تۈنۈگۈنكى دېلاجى نۇتقىنىڭ تەسىرىدە نەخ ئالتۇن ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن ؛ سەئۇدى ئەرەبىستان خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن بۈگۈن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن .




ئاسىيا بازىرىدىكى پېرېۋوت باھاسى ئەھۋالى


            FX168خەۋىرى ، بۈگۈن ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى 88.60 ئەتىراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، بېيجىڭ ۋاقتى 08:45 دە ، 88.62 بولدى ؛
دوللار / يېن باھاسى 119.90 ئەتىراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، بېيجىڭ ۋاقتى 11:45 دە ، 119.91/94 بولدى ؛  
ياۋرو / دوللار باھاسى 1.2380 ئەتىراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، بېيجىڭ ۋاقتى 11:10 دا ، 1.2381/84 بولدى ؛
فوندستېرلىڭ/ دوللار باھاسى 1.5655 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ ئالدىنقى سودا كۈنى فوندستېرلىڭ باھاسى تۆۋەنلە ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 1.5724 بولۇپ ، بۈگۈن يەنە تۆۋەنلەپ 1.5643 ئەتىراپىدا بولدى ، بېيجىڭ ۋاقتى 10:15 دە ، 1.5654/57 بولدى ؛




بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئەھۋالى

          جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1373 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.6053 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1264 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79175 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.6154 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى  5.1475 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7765 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6803 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛  1 كانادا دوللىرى 5.3897 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56078 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 8.8267 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7533 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3632 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .

كېلىش مەنبەسى : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى








ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 15:16:55

ھە خو تېما دېگەننى مانداق يىغىپ يوللايمىز ئوغاۋالا ئەركەك ئەكە قولۇڭنى :lol

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:30:35

ئالتۇننىڭ ھەر گىرامىنىڭ باھاسىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ،تۇلۇقلاپ قويسىڭىزغۇ ھە! مىنىڭ قىزىقىدىغىنىم كۈندىلىك باھاسى، بۇ تېمىنى باھاسىدىكى پەرىقنى بىلىش ئۈچۈنلا كۆرىمەن.مۇمكىن بولسا ئەڭ ئاستىغا يېزىپ قويسىڭىز!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 19:28:07

Toghrak يوللىغان ۋاقتى  2014-12-05 18:30:35 static/image/common/back.gif
ئالتۇننىڭ ھەر گىرامىنىڭ باھاسىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ
شۇ، مەنمۇ شۇ گىرام ئۆلچىمى بويىچە كۆرسەم دەيمەن، لىكىن ئۇنسىيەنى گىرامغا سۇندۇرۇپ كۆرۈشكە خوشياقمايدىكەن.

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 10:25:03

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 19:28 static/image/common/back.gif
شۇ، مەنمۇ شۇ گىرام ئۆلچىمى بويىچە كۆرسەم دەيمەن، لىكى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز كۆرۈرمەنلەر ، ياخشىمۇ سىلەر ؟ سىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىر بەرگەنلىكىڭلارغا كۆپ تەشەككۇر ؛ بولىدۇ ، مەن كېيىنكى قېتىم يوللىغاندا ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلىدىكى گىرام باھاسىنى قوشۇپ يوللاپ بېرەي ؛ ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى 5/ 12