ستارباكسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى
ستارباكس 1971-يىلى بارلىققا كەلگەن ئامېرىكىدىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان قەھۋە دۇكىنى، كىشىلەر ستارباكسنىڭ پەقەت قەھۋەلا ساتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. گەرچە باشقا قەھۋەخانىلار خېرىدارلغا قەھۋەدىن باشقا ھەر خىل يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ساتسىمۇ، ئەمما ستارباكس پەقەت قەھۋەلا ساتىدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ يەردىن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.
ستارباكس ئەسلىدە بىر قانچە قەھۋەخۇمارنىڭ رومانتىك ھېسىياتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. شۇلتىس ستارباكسقا تۇنجى كەلگەن چاغدىلا، قەھۋەخۇمار خېرىدارلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە تەسىرات قالدۇرۇشنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى، بۇ نىيەتنىڭ تۈركىسىدە شۇلتىس ستارباكسنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇنى ھەرقانداق چاغدا خېرىدارغا ئەركىن-ئازادە، خۇشال-خۇرام كەيپىيات بېغىشلايدىغان قەھۋاخانىغا ئايلاندۇردى. شۇلتىس ستارباكس قەھۋەسى 2000-يىلى جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ، شاڭخەيدە تۇنجى قەھۋەخانىسىنى ئاچتى ۋە جۇڭگولۇقلارنى تېزلا جەلپ قىلدى، ئۇزاق ئۆتمەي ستارباكسنىڭ جۇڭگولۇق خېرىدارى نەچچە مىليونغا يەتتى.
ستارباكس 20 يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىن، دەسلەپكى ئاددىي بىر كىچىك دۇكاندىن چوڭىيىپ سودىسى دۇنيادىكى 54 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان، 16 مىڭدىن ئارتۇق دۇكىنى بار دۆلەت ھالقىغان كارخانىغا ئايلاندى. قانچىلىك تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ستارباكس ئىزچىل ئەڭ دەسلەپكى نىشانغا قاراپ دادىل ئىلگىرىلىدى. دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن شىركەت چوڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كىچىك ئىشلاردىن باشلىغان، ستارباكسنىڭ دەسلەپتىكى نىشانى خېرىدارغا ئۆزگىچە ھېسىيات ئاتا قىلىش ئىدى، ئۇلار بوشاشماي تىرىشىپ ئاخىر بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇردى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلار چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىگە خاس ئارزۇ ۋە نىشان بولۇشى، شۇ ئاساستا بازارنى ئانالىز قىلىپ نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكىنى تەھلىل قىلىشى؛ ئەڭ مۇھىمى ئۆز نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، كۆلەمنى كېڭەيتىش قاتارلىق باشقا ئىشلارغا تۇتۇش قىلىشى كېرەك».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
بۇ قەھۋەخانىنىڭ باش خوجايىنىنى يەھۇدىي دەپ ئاڭلىغاندەك قىلۋېدىم … … قەھۋەدىن باشقا پىچىنە، بولكا-پىرەنىكلەرنىمۇ ساتىدىغۇ ستارباكستا؟ يەھۇدىلارنىڭ ماللىرىنى دۇكان سارايلىرىنى ماختىماي يىياڭ كافىينى ماختاڭ قېرىندىشىم chanaymen يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 11:45 static/image/common/back.gif
يەھۇدىلارنىڭ ماللىرىنى دۇكان سارايلىرىنى ماختىماي يى ...
:lol بۇ ئا ب س چاپلاشقا بەك ئۇستىكەن قانداق ئۇسۇلدا مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىنى سۆزلىمەپتۇ. تېما بىلەن مەزمۇن بىردەك ئەمەس ستارباكستىن لوڭجوڭ چېيى ياخشى.
ھاياتنى قەدىرلەپ ستارباكستىن يىراق تۇرۇڭ. يەھۇدى بولسانىمبوپتۇ؟ يەھۇدى رىياكسىيە قىلىدىكەن
بەت:
[1]