ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 08:42:29

يېڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى

يېڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى
(ئابدۇقادىر جالالىددىن)


داۋراڭچى بىر مىنوتلۇق داۋراڭ ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەننى نەق ئالدى-دە، داۋراڭ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ناخشا چولپىنى ئوبراز بەدىلى ئۈچۈن 10مىڭ يۈەننى نەق ئالدى. ۋاقتى بىر مىنوت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز.

دەۋاگەر ئىلتىجاقىلىپ كەلدى، بوسۇقلاردا جىنايەت شان-شەرەپكە، پۇرسەتكە، زىياپەتكە ئايلاندى. ھاجەتلەردىن بىنالار ئۈندى، داچىلار ئۈندى، ماشىنلار ئۈندى...
يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىتودېنت قىز ئانىسنىڭ باشلىشىدا ئىش ئىزدەپ ئىشخانىغا كىردى. تارتمىلار بايلىققا تولدى، ئىپپەت سودىسى باشلاندى. ئىشخانىلاردىكى توختام ئىشرەتخانىدا ئەمىلىيلەشتى.
ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇدى، ئالدىغا 50 يۈەن قويۇلدى. ئاخۇنۇم چالۋاقىدى:
-نىكاھ ئوقۇپ، ھارامنى ھالال قىلدىم، ھالاللىقنىڭ بەدىلى مۇشۇمۇ؟
پاھىشە زىناخوردىن پۇلنى نەق ئالدى، ئاندىن نازلىنىشقا باشلىدى.
دوختۇر ئىنجىقلاپ تۇرغان بىمارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئاۋال سۇغۇرۋالدى، ئاندىن دىئاگنوزنى باشلىدى.
زوردۇن سابىر ئون بەش يىل يۈرەك قېننى سەرىپ قىلىپ 《ئانا يۇرت》نى يېزىپ چىقىپ، ھېچنىمىگە ئېرشەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. يازغۇچى بىلەن خوشى يوق خېنىملارمۇ كىتابخانىلاردا ئۇنىڭ كىتابىنى سېتىدۇ.
ئەدىبلەر نەشرىيات بوسۇغىسىدا دۈگدىيىپ يۈرۈشكەن يېزىق مەدىكارلىرى. ئۇلار ئۆزئەمگىكىنىڭ باھاسىنى يېزىق سودىگەرلىرىدىن ئەيمىنىپ سورىشىدۇ.
-  يېزىقچىلىق بىر پىلسىرات كۆۋرۈكى، ئۇ قايەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟
- يىقىلىپ چۈشسەڭ جەھەننەمگە، يىقىلمىساڭ قىيامەتكە ئېلىپ بارىدۇ؟
- قىيامەت دىگىنىڭ نېمىسى؟
- زەردابى قەلەم، گادايى ئەلەم دېگەن گەپ.
...
قاسساپ پۇل ئالماي تۇرۇپ گۆش بەرمەيدۇ، ئاشپەز پۇل ئالماي تۇرۇپ تاماق بەرمەيدۇ. شەھەرنىڭ قىستاڭ رەستىلىرىدە پۇل تۆلىمەي تۇرۇپ ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ. ئەدىب جېنىنى خەجلەپ، نېسىگە يازىدۇ.
《قۇتادغۇبىلىك》تىن ئۇدغۇرمىشنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- ئىدىيىنى نېمىشقا پۇلغا ئالغىلى بولمايدۇ؟
- چۈنكى، ئىدىيىنى يېگىلى بولمايدۇ.
- چۈشەنمىدىم.
- زامانداشلىرىڭ قورساق كويىدا، ئۇلار ئىلىمدىن ئىدىيە ئەمەس، نان سورايدۇ.
- قورسىقى توقلارچۇ؟
- ئۇلار ئىشرەت كويىدا. ئۇلار يېڭى ئىدىيىگە ئەمەس، تازىلىق قەغىزىگە مۇھتاج.
- مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟
- سەن سۈكۈت قىل. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كوپتىسى بىلەن يوپكىسىنىڭ ئارىسىدا بۈيۈك ئىدېولوگىيە بار.
- ئۇنداقتا...
- جىم تۇر، تەپەككۇر قولاقلىرى پاڭ بولدى، جىسمانىي سەزگۈلىرى ئويغاندى...
ئاھ، سىنا چۆلى، ئارلىقىڭ قانچىلىك يىراق؟!

مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيتى 2008.يىللىق 5.سان

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:03:49

ئىلىمنىڭ خارلىنىشى، ئىلىمسىزلىكنىڭ پارلىنىشىغا بولغان ھەسرەت ئەكس ئەتكەن يازما.

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 17:09:51

«گەپ ساتار يېرىم سائەتلىك قۇرۇق پاراڭلىرىنى « لېكسىيە»دەپ سېتىپ، 50 مىڭنى ئالدى، بىر تىيىنلىك قىممىتى بار ياكى يوق» دەپ قېتىپ قويۇش لازىم.
ئابدۇللانىڭ كېچىلىكىگە قاتنىشىپتىكەن بۇ ئادەم، چېھرىنى قۇيۇنتاز سوقۇۋەتكەندەك شۇنچىلىك بىخۇش. نېمە قىغىلىمۇ كىرگەن بولغىيتتى. « ناخشا چولپىنى»نىڭ قىممىتىنى نەق مەيدان دەڭسەي دېدىمۇ ئەيتاۋۇر.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:08:54

بەك  تەسىر قىلغان بۇ ئەسەر ماڭا ئۆز ۋاقتىدا.

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:24:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawuzbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 18:25  

«گەپ ساتار يېرىم سائەتلىك قۇرۇق پاراڭلىرىنى « لېكسىيە»دەپ سېتىپ، 50 مىڭنى ئالدى، بىر تىيىنلىك قىممىتى بار ياكى يوق» دەپ قېتىپ قويۇش لازىم.
ئابدۇللانىڭ كېچىلىكىگە قاتنىشىپتىكەن بۇ ئادەم، چېھرىنى قۇيۇنتاز سوقۇۋەتكەندەك شۇنچىلىك بىخۇش. نېمە قىغىلىمۇ كىرگەن بولغىيتتى. « ناخشا چولپىنى»نىڭ قىممىتىنى نەق مەيدان دەڭسەي دېدىمۇ ئەيتاۋۇر.


ئابدۇللانىڭ سەنئەت كىچىلىكىگە نىمە ئۈچۈن كىرگەن بولغىيىتتى؟؟؟؟
توۋۋا سىز نىمە ئۈچۈن كىرگەن ئەمىسە...

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:56:49

ياخشى مەزمۇنكەن، بولسا تورداشلار  ئاپتورنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى چىقىش قىلىپ چۈشەنچە بېرىپ باققان بولسا ھە !

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 20:51:05

شوركا ۋاقىتلىرىمىزدا مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئوقۇپ ھاياجانلىنىپ كىتەتتۇق
بەت: [1]
: يېڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى