bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 08:39:42

بىلىمخۇمار: ئالەم بوشلۇقىدىكى سەپەر ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى

ئالەم بوشلۇقىدىكى سەپەر ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى

ماڭا يېقىندا بىر قانچە ئۇكىلار خەت يېزىپ، مەندىن «بىر ئادەم ئالەم بوشلۇقىدا بىر قانچە ئون يىل سەپەر قىلىپ قايتىپ كەلسە، يەر شارىدا قالغان بالىسى ئۆزىدىنمۇ بەكرەك قېرىپ كېتىدىغانلىقى راستمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى. مېنىڭچە بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىشنى ئىستەيدىغان ئۇكىلارنىڭ سانى ئانچە ئاز ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا مەن مۇشۇ قىسقا ماقالىدە يۇقىرىقى سوئالغا ۋە شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر قانچە سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.


1. ئالەم بوشلۇقىدا سەپەر قىلغان كىشى ئاستىراق قېرىيدۇ

ئالەم بوشلۇقىدا سەپەر قىلغان كىشىلەر يەر يۈزىدىكى كىشىلەرگە قارىغاندا سەل ئاستىراق قېرىيدۇ. مەن تۆۋەندە بۇ ئۇقۇمنى بىر جۈپ قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. بىز مۇنداق پەرەز قىلايلى: سىز بىر جۈپ قوشكېزەك بالىلارنىڭ چوڭى بولۇپ، سىز 30 ياشقا كىرگەندە ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ، تېزلىكى نۇرنىڭ تېزلىكىگە يېقىن كېلىدىغان بىر ئالەم كېمىسىدە سەپەر قىلىپ، ئىككى يىل ئۆتكەندە يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشتىڭىز. بۇ جەرياندا سىزنىڭ قوشكېزەك ئۇكىڭىز يەر شارىدا ياشاپ تۇردى. سىز يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندە ئاران 32 ياشقا كىرىسىز. ئەمما سىزنىڭ ئۇكىڭىز 60 ياشقا كىرىپ بولۇپ، بىر «بوۋاي» غا ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى ياش پەرقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سىز چۈشكەن ئالەم كېمىسىنىڭ تېزلىكى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، مەن ئۇنى ماقالىنىڭ تۆۋەندىكى 2-قىسمىدا چۈشەندۈرىمەن.


1-رەسىم: ئاكىسى ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلغان، ئۇكىسى يەر يۈزىدە قالغان بىر جۈپ قوشكېزەك قېرىنداشلار .


2. نىسپىيلىك نەزەرىيىسى

مەندىن ئېينىشتېيننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغان ئۇكىلار خېلى كۆپ بولۇپ، مەن ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بىرەر يازما تەييارلاپ باقمىدىم. بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەن مەزكۇر يازمىدىمۇ كۆپ توختالمايمەن. ئۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ فىزىكىسىنى ئوقۇپ باققان ئۇكىلار نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە چۈشىنىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپ فىزىكىسىنى ئوقۇپ باقمىغان ئۇكىلارغا بولسا، بۇ نەزەرىيىنى ئوقۇرمەنلەر رازى بولغۇدەك بىر دەرىجىدە چۈشەندۈرۈش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس بولۇپ، مەن بىر سوئالغا جاۋاب بەرسەم، ئۇ جاۋاب يېڭى سوئالدىن يەنە ئونىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ يۇقىرىدىكى پەرەز قىلىنغان مىسال بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى ئۇكىلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. مەن بارلىق ئۇكىلاردىن بۇ ھەقتە مەندىن بەك كۆپ سوئال سوراپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. سەۋەبى، مەن ئۆزۈمنىڭ بوش ۋاقتىنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈنلا ئىشلەتسەم، ئۇ ھالدا يېڭى يازما تەييارلىيالماي قالىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم ئۇقۇملارنى پەقەت تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپ فىزىكىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنلا ئاندىن چۈشەنگىلى بولىدۇ.

ئېينىشتېيننىڭ «ئالاھىدە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» (special theory of relativity) بويىچە قارىغاندا، ھەممە يەردە ئوخشاش تېزلىك بىلەن ئۆزگىرىپ ماڭىدىغان بىر خىللا «ۋاقىت» مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ئوخشىمىغان كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ خۇددى يۇقىرىدىكى بىر جۈپ قوشكېزەكنىڭ مىسالىغا ئوخشاش: ئالەم بوشلۇقىدا سەپەر قىلغان ئاكىسى بىلەن يەر يۈزىدە قالغان ئۇكىسى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ئوخشاش بولمايدۇ. مۇشۇنداق پەرقنى تۆۋەندىكى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز:



بۇ تەڭلىمىدىكى «v» ھەرپى ئالەم كېمىسىنىڭ تېزلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، «c» ھەرپى بولسا نۇرنىڭ تېزلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. نۇر ھەر بىر سېكۇنتتا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ. يەنى «c = 300000 Km/s».

يۇقىرىدىكى مىسالدا يەر يۈزىدىكى 30 يىل ۋاقىت ئالەم بوشلۇقىدىكى 2 يىلغا توغرا كەلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەتنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالەم كېمىسىنىڭ تېزلىكى تەخمىنەن نۇر تېزلىكىنىڭ 99.77 پىرسەنتىگە تەڭ بولۇشى كېرەك. يەنى، «v/c = 0.9977» بولۇشى كېرەك. ئەگەر ماتېماتىكىنى بىلسىڭىز، مۇشۇ سانلارنى يۇقىرىدىكى تەڭلىمىگە سېلىپ، ئۆزىڭىز ھېسابلاپ كۆرۈپ بېقىڭ.

مېنىڭ بىلىشىمچە، NASA مارسقا ماڭدۇرغان ئالەم ئۇچقۇرلىرى ئالەم بوشلۇقىدا سائىتىگە 20 مىڭ كىلومېتىردىن 80 مىڭ كىلومېتىرغىچە بولغان تېزلىك بىلەن ماڭدى. ناسا 1977-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان، ھازىر قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىغا يېتىپ بارغان «سەپەرچى 1» (Voyager 1) بولسا، ھازىر ھەر بىر سېكۇنتىغا 17 كىلومېتىر ئارىلىققا مېڭىۋاتىدۇ. بۇ سائىتىگە 61000 كىلومېتىر ئارىلىققا مېڭىش بىلەن باراۋەر. دېمەك، ھازىرقى تېخنولوگىيە بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئەڭ تېز بولغاندىمۇ سائىتىگە ئاران 100000 كىلومېتىردەك ئارىلىققا ماڭغىلى بولىدۇ.

بىز ئەمدى بىزدە ھازىر سائىتىگە بىر مىليون كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدىغان ئالەم كېمىسى بار، دەپ پەرەز قىلىپ باقايلى. يۇقىرىدىكى قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئاكىسى مۇشۇنداق ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىنى يەر يۈزىدىكى ۋاقىت بويىچە 30 يىل ئايلىنىپ كەلسە، ئۇ يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇكىسىغا قارىغاندا ئاران 7 مىنۇت ياشراق تۇرىدۇ. يەنى ئاكىسى بىلەن ئۇكىسىنىڭ ھەر ئىككىسى 60 ياشقا كىرىدىغان بولۇپ، ئاكىسى ئۇكىسىدىن ئاران 7 مىنۇتلا ياشراق تۇرىدۇ. بۇ نەتىجىنىمۇ يۇقىرىدىكى فورمۇلا ئارقىلىق ئۆزىڭىز ھېسابلاپ چىقالايسىز.

قىسقىسى، ئېينىشتېيننىڭ «ئالاھىدە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» راست بولۇپ، ئالىملار تەجرىبىخانىلاردا ئاساسىي زەررىچىلەرنى نۇرنىڭ تېزلىكىگە يېقىن كېلىدىغان تېزلىك بىلەن ماڭدۇرۇپ، ئۇ زەررىچىلەر سەرپ قىلغان ۋاقىت بىلەن نورمال ئۆتكەن ۋاقىتنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ نەزەرىيىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئىسپاتلاپ بولدى. ئەمما، يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ھازىر بار بولغان تېخنولوگىيە بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلىپ، بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى روشەن ھالدا كۆرۈش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. يەنى، سىز ھازىرقى ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئىككى يىل سەپەر قىلىپ كەلسىڭىز، سىز ھەرگىزمۇ يەر يۈزىدە قالغان قوشكېزەك ئۇكىڭىزدىن 28 يىل ياشراق تۇرمايسىز.

دېمەك، كىشىلەر بۇ ساھەدە سۆزلەپ يۈرىدىغان ئىشلار نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا توغرا، لېكىن ھازىرقى تېخنولوگىيە بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.

شۇڭلاشقا سىز ئالەم بوشلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك فانتازىيە كىنولىرىنى كۆرگەندە، يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.


3. ئالەم بوشلۇقىغا ئائىت فانتازىيە كىنولىرى ۋە NASA

بىر قىسىم ئۇكىلار مەندىن «ئالەم بوشلۇقىغا ئائىت كىنولاردىكى ۋەقەلەر راستمۇ؟»، «ھوللىۋود ئاشۇنداق كىنولارنى ئىشلىگەندە، NASA دىن مەسلىھەت سورامدۇ؟»، دەپ سورىدى.

بىزنىڭ ئىدارە بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىنو بازىسى بولغان «ھوللىۋود» نىڭ ئارىلىقى 25 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھوللىۋود كائىناتتىكى ئىشلارنى مەزمۇن قىلغان فانتازىيە كىنولىرىنى ئىشلىگەندە، بىزنىڭ ئىدارىدىن بىر قانچە ئادەمنى «مەسلىھەتچى» قىلىپ ئىشلىتىدىغان ۋاقىتلار خېلى كۆپ. بىزنىڭ ئىدارىدىن ھوللىۋودقا بېرىپ، ئاشۇنداق مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىنى قىلغان خادىملاردىن بىرسى بىزگە بىر قېتىم دوكلات بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھوللىۋودتىكىلەر بۇ مەسلىھەتچىلەردىن قايسى ئىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ھەمدە ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئىشلەش پرىنسىپلىرىنى تەپسىلىي سوراپ خاتىرىلىۋالىدىكەن. ئەمما كىنو ئىشلەشنىڭ قالغان باسقۇچلىرىغا بۇ مەسلىھەتچىلەرنى قەتئىي قاتناشتۇرمايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، كىنو ئىشلىگۈچىلەر فانتازىيە كىنولىرىدا پەقەت تېخنىكىلىق ياكى كەسپىي سۆزلەرنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىپ، ھەمدە راكېتا ئاسمانغا قاراپ ماڭغاندا ئۇنىڭ كەينىدىن بىر چوڭ ئوت ئېتىلىپ چىقىشتەك بەزى ئىشلارنى شۇ بويىچە ئېلىپ، كىنونىڭ قالغان جايلىرىدا كۆرگۈچىلەرنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە گوللاپ ۋە ئالداپ، شۇ ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئاشۇ كىنوغا قىزىقىدىغان قىلىشقا تىرىشىدىكەن. ئۇنداق كىنولاردىكى ئاساسلىق ۋەقەلەر يالغان ياكى ئەمەلىيەتكە ھەرگىزمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولغاچقا، كىنو ئىشلەش جەريانىدا بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر ئۇنىڭغا قاراپ چىداپ تۇرالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كىنو دىرېكتورىغا «بۇ يەر بۇنداق ئەمەس»، «ئۇ يەر ئۇنداق بولمايدۇ»، دەپ تۇرۇۋالىدىكەن. كىنو دىرېكتورى بولسا ئىشلارنى ئۇقۇپ تۇرۇپ، كىنونى باشقىچە ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ھېلىقى «مەسلىھەتچىلەر» نى كىنو ئىشلەيدىغان مەيداندىن ھەيدىۋېتىدىكەن.

كىنولار پۈتكەندە ھوللىۋودتىكىلەر بەزى كىنولارنى سىرتقا تارقىتىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئىدارىگە ئەكېلىپ قويۇپ بېرىدىغان ئىشلارمۇ بار.

بۇنىڭدىن 5 يىلدەك ۋاقىتتىن بۇرۇن، ھوللىۋودتىكى بىر كىنو شىركىتى مۇنداق بىر فانتازىيە كىنوسى ئىشلەپتۇ: بىر چوڭ ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تېشى) يەر شارىغا قاراپ كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر ئۇ ئاستېرويدنى ئاتوم بومبىسى بىلەن پارتىلىتىپمۇ، ياكى ناھايىتى چوڭ تىپلىق راكېتالار بىلەن ئىتتىرىپمۇ، ئىشقىلىپ ئاشۇنداق بىر ئۇسۇللار بىلەن، ئۇ ئاستېرويدنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىكەن. نەتىجىدە ئۇ تاش يەر شارىنى سوقماي، يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن. بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Jet Propulsion Laboratory» بولۇپ، ئۇ كىنودا بىزنىڭ ئىدارە «Rocket Propulsion Laboratory» دەپ ئاتىلىپتۇ. بىزنىڭ ئىدارە بىر مەخپىي تۇتۇلىدىغان ئورۇن بولغاچقا، كىنودا ئالىملار ھېلىقى تاشنى قايدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەپ ئىشلەۋاتقان ئورۇن ئۈچۈن بىزنىڭ ئىدارىنى ئالماي، بىزنىڭ ئىدارىگە يېقىن بىر جايدىكى كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بىرىنى تاللاپتۇ. ئۇ كىنونى بىزنىڭ ئىدارىگە ئەكېلىپ قويۇپ بەرگەن ئىدى، بىز ھەممىمىز ئۇ كىنونى تۇرۇپ-تۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ، پۈتۈن كىنو زالىنى قاتتىق كۈلكە ئاۋازى بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن ھالدا كۆرۈپ تۈگەتتۇق.
  







2-رەسىم: ئامېرىكا ئىشلىگەن «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» (Star Wars) دېگەن كىنودىكى بىر قانچە جانلىقلار.


بەزى ئۇكىلار مەندىن «ئامېرىكا كائىناتتىكى ئىشلارغا ئائىت فانتازىيە كىنولىرىدىكى جانلىقلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى نېمىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ؟ ئۇنى ھۆكۈمەت قارار قىلىپ تاللاپ بېرەمدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنىمۇ سورىدى. مېنىڭچە ھازىرغىچە ھېچكىم تاشقى پلانېتىلاردىكى جانلىقلاردىن بىرەرسىنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، ھېلىقىدەك فانتازىيە كىنولىرىدا چىقىدىغان تاشقى پلانېتا جانلىقلىرى ياكى تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشلىرىنى كىنو يازغان كىشىلەر ئۆزلىرى ئويلاپ چىقىدۇ. ئامېرىكا كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى بار بىر دۆلەت بولغاچقا، بۇنداق ئىشلاردا كىم نېمىنى ئويلاپ چىقسا بولۇۋېرىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ھېچ قانداق چەكلىمىسى يوق. قانداق كىنولارنى ئىشلىسە بولىدىغانلىقى جەھەتتە قانۇن جەھەتتىن ھېچ قانداق چەكلىمە يوق. شۇنداق بولغاچقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان كىنولارمۇ ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈنلۈك خەۋەرلەرنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىدىغان 4-5 مەملىكەتلىك تېلېۋىزور پروگراممىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ دۆلەت ئەربابلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان ئىشلار ھەر كۈنى دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدىغان بىر ئادەتتىكى ئىش. ئۇنى بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز. يۇقىرىدىكى 2-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر.


3-رەسىم: ئامېرىكا ئىشلىگەن، ئىنگلىزچە «Avatar» دەپ ئاتىلىدىغان كىنودا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىككى تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ رەسىمى. بۇ رەسىمدە سول تەرەپتىكىسى ئەر بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكىسى ئايال كىشىدۇر.

مەن بەزى كىشىلەر كىنو يازغاندا، قەدىمكى تارىخىي رىۋايەتلەردىكى بەزى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدىغاندەك ھېس قىلدىم. مەسىلەن، مەن 2011-يىلى نويابىردا تەييارلاپ تورلارغا چىقارغان «خەنزۇ مىللىتى ئىرقىي كەمسىتىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى» دېگەن ماقالىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدىم (بۇ ماقالىنى تورلارغا چىقارغان بولساممۇ، ئۇ ھەممە تورلاردىن ئۆچۈرۈلۈپتۇ):

«شىيا جىڭچۈ (Xia Jingqu، 1705-1787) نىڭ «بىر يېزىلىق ئاقساقالنىڭ كۆرگەنلىرى» (Yesou Puyan, 野叟曝言, A Country Codger’s Words of Exposure) دېگەن رومانىدا تەسۋىرلىنىشىچە، باش پېرسوناژ ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق يىراق جايلاردىكى كىشىلەر بىلەن، شۇنداقلا جۇڭگو ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرا رايونلىرىغا جايلاشقان تەيۋەن، ياپونىيە، بىرما، سىئام (تايلاند)، سەيلون (سىرىلانكا)، ۋە مىياۋ ۋە ياۋ پادىشاھلىقى قاتارلىق جايلاردىكى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ھەمدە ئاشۇ جايلاردا ياشايدىغان «باشقىلار» بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتا بىر قىسىم چېچىلاڭغۇ ۋە روھىي (psychic) تاكتىكىلارنى ئىشلىتىدۇ. بىرىنچى تاكتىكا ئۆزىگە تونۇش بولمىغان باشقا كىشىلەرگە رەزىل، ۋەھشىي ۋە ئىنسان ئەمەس، دەپ مۇئامىلە قىلىش (demonize, 鬼化, 使成魔鬼). ئۇ روماندا باشقىلار بەزىدە «يۈزى كۆك، ئۇزۇن ھىڭگاي چىشلىرى ئاغزىدىن چىقىپ قالغان» دەپ تەسۋىرلەنگەن، يەنە بەزىدە بولسا قۇيرۇقى بار ھەمدە يۇڭلۇق بەدىنى بار قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. بۇ باشقىلارنى «چەت ئەل ئالۋاستىلىرى» دېگەن تۈرگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئەجەبلىنىش ۋە قورقۇشتۇر.»

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان روماندا جۇڭگونىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا ياكى چەت ئەللەردە ياشايدىغان كىشىلەر «يۈزى كۆك، قۇيرۇقى بار» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مەن ئامېرىكا ئىشلىگەن «Avatar» دېگەن كىنونى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، يۇقىرىدىكى روماندىكى گەپلەرنى ئېسىمگە ئالدىم. يۇقىرىدىكى 3-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى «Avatar» دېگەن كىنودىكى ئىككى تاشقى پلانېتا ئادەملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرقى يۇقىرىدىكى روماندىكى تەسۋىرگە بىر ئاز ئوخشاپ قالىدىكەن: رەڭگى كۆك، بويى ئېگىز، ۋە قۇيرۇقى بار.

خۇلاسىلىگەندە، «فانتازىيە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «توقۇلما، يالغان» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، كائىناتتىكى ئىشلارنى مەزمۇن قىلغان فانتازىيە كىنولىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ.


4. بىزنىڭ باش ئىدارىمىز «چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسى» دېگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزور كىنوسىدا

ھوللىۋود ئىشلەپ، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا قويۇلۇۋاتقان «چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسى» (The big bang theory) دېگەن بىر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزور كىنوسى بار بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ 3-پەسىللىكى قويۇلۇۋاتىدۇ (ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىملىق كىنولار بىر قانچە «پەسىل» گە، ھەر بىر پەسىل 10-20 قىسىمغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بىر قىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مىنۇت ياكى بىر سائەت كېلىدۇ). بۇ كىنو كۆرگۈچىلەرنى كۈلدۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان يۇمۇرلۇق كىنو بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىي 7 دەك ياش بالىلار چىقىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 4 ئوغۇل بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology) نىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئىككىسىنىڭ كەسپى فىزىكا، بىرسىنىڭ كەسپى ئالەم بوشلۇقى ئىنژېنېرلىقى، قالغان بىرسىنىڭ كەسپى بولسا ئاسترونومىيىلىك-فىزىكا بولۇپ، قىزلارنىڭ بىرسى كۈتكۈچى، بىرسى ئارتىس، قالغان بىرسى بولسا ئاشۇ ئارتىس بىلەن بىر ياتاقتا تۇرىدىغان قىز بولۇپ چىقىدۇ. گەرچە بۇ بىر يۇمۇرلۇق كىنو بولسىمۇ، خۇددى ئۇنىڭ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك، بۇ كىنو ئىنتايىن كەڭ ۋە ئىنتايىن چوڭقۇر تېخنىكىلىق ۋە كەسپىي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى، بىزنىڭ باش ئىدارىمىز كائىنات ۋە يەر شارى تەتقىقاتىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ كىنومۇ ئاشۇ ساھەدىكى بىلىملەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، دېيىش مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ كىنو كۆرگۈچىلەرنى ناھايىتى قاتتىق كۈلدۈرىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ كۆپ قېتىملىق كىنو مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ بولدى. بۇ كىنونىڭ 4 ئاساسلىق ئەر ئارتىسى 2014-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ كېيىنكى 3 يىل ھەر بىر 30-مىنۇتلۇق قىسىمنى ئىشلىگەنگە بىر مىليون دوللاردىن مائاش ئالىدىكەن .


4-رەسىم: «چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسى» دېگەن كىنونىڭ ئارتىسلىرى.

كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىش ئىنتايىن تەس بولۇپ، ئۇنىڭغا قوبۇل قىلىنغانلار ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپتىلا بىرەر نەرسە كەشىپ قىلىپ باققان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا بۇ كىنودا چىقىدىغان 4 ئوغۇل ئارتىسمۇ ئاشۇنداق «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق» كىشىلەرنىڭ رولىنى ئالىدۇ. بۇ كىنودىمۇ فىزىكا ۋە ئاسترونومىيىگە ئائىت نۇرغۇن گەپلەر سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ راستلىرىمۇ بار بولسىمۇ، كۆپىنچىسى كۆرگۈچىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن سۆزلەردۇر.

مېنىڭ مەزكۇر ماقالىغا بۇ مەزمۇننى قوشۇپ قويۇشتىكى قوشۇمچە بىر مەقسىتىم، ئوقۇرمەنلەرگە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇشۇنداق ئۇسۇلىمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت. يەنى، مۇشۇنداق ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكىلارنى مەزمۇن قىلغان پروگرامما بىلەنمۇ تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنى قاتتىق جەلپ قىلغىلى ۋە قاتتىق كۈلدۈرگىلى بولىدۇ.


5. تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى

ئامېرىكا ئىشلىگەن «Avatar»، «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش فانتازىيە كىنولىرىنى كۆرگەن كىشى بىر قىسىم غەربلىكلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. ئاشۇنداق كىنولاردىكى بەزى قىياسلار كېيىنچە راست چىقىپ قالغان ئەھۋالمۇ بار. مەسىلەن، «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودا يەر شارىدىن بىر تاشقى پلانېتىغا بارغان بىر قانچە ئادەم ئىككى قۇياشى بار بىر پلانېتىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان بىر كۆرۈنۈش بار. بۇ كۆپ قىسىملىق كىنو 1977-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ئىشلەنگەن بولۇپ، 70- ۋە 80-يىللاردا ئاسترونومىيە ساھەسىدە ئىككى قۇياشى بار تاشقى پلانېتىلار تېخى بايقاپ بېقىلمىغان ئىدى. ئەمما 2011-يىلى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار بىزنىڭ ئىدارە باشقۇرغان NASA نىڭ «كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى» ئارقىلىق ئانا يۇلتۇزىدىن ئىككىسى بار، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 نۇر يىلى كېلىدىغان تاشقى پلانېتىدىن بىرىنى بايقىدى . يەنى، 70-ۋە 80-يىللىرى قىياس بىلەن فانتازىيە كىنوسىغا كىرگۈزۈلگەن نەرسە، 2011-يىلى رەسمىي بايقالدى. بۇ ھەقتە مەن بۇرۇن بىر قىسقا خەۋەر يېزىپ، ئۇنى تورلارغا يوللاپ قويغان ئىدىم.


5-رەسىم: «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى ئىككى ئانا يۇلتۇزى بار بىر تاشقى پلانېتا ئۈستىدىكى بىر كۆرۈنۈش.

تۆۋەندىكىسى مەن ئۆتكەن يىل تورلارغا بىر قىسقا خەۋەر شەكلىدە يېزىپ چىقىرىپ قويغان مەزمۇن بولۇپ ، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم، ھەمدە مەزكۇر ماقالە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇنى بۇ يەرگە بىر كىچىك تېما قىلىپ قىستۇرۇپ قويدۇم.

2013-يىلى 15-ئاۋغۇست كۈنى، ۋولت دىسنېي شىركىتى (Walt Disney) نىڭ لايىھىلەش ۋە قۇرۇلۇش پۈتتۈرۈشكە مەسئۇل بىرىنچى قول باشلىقى كرېگ (Craig Russel, Chief design and project delivery executive at Walt Disney Imagineering) بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بىلەن NASA دىكىلەر قىلىدىغان ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ئۈستىدە بىر ئىلمىي دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى» دېگەن بىر پەن ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. بۇ پەننىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «imagineering» بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «imagine» (تەسەۋۋۇر، قىياس، پەرەز قىلماق، ئويلىماق) دېگەن سۆز بىلەن «engineering» (ئىنژېنېرلىق ئىلمى، قۇرۇلۇش) دېگەن سۆزنىڭ بىرىكمىسىدىن ياسالغان. شۇنىڭغا ماس ھالدا «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىرى» (imagineer) دېگەن سۆزمۇ ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ پەننى دىسنېي شىركىتى كەشىپ قىلغانمۇ ياكى باشقىلار كەشىپ قىلغانمۇ، مەن ئۇنى ئاڭقىرالمىدىم. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ پەن دىسنېي شىركىتى قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ كەتكەنلىكى كرېگنىڭ دوكلاتىدىن ئېنىق بولدى. تاكى بۈگۈنگىچە مەن بۇ پەننى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇپ، ماڭا ئۇ بىر يېڭى پەن بولۇپ تۇيۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مەزكۇر يازما ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ۋەتەندىكى بۇ پەندىن تېخىچە خەۋىرى يوق ياشلارنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويۇش قارارىغا كەلدىم.

تورداشلارنىڭمۇ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، دىسنېي شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چوڭ كۆلەملىك شىركەتلەرنىڭ بىرى. بۇ شىركەت ئائىلە كىنولىرى (ئاتا-ئانىلار بىلەن كىچىك بالىلار بىللە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان كىنولار)، بالىلار كىنولىرى، قورچاق كىنولار، كارتون كىنولىرى، ۋە فانتازىيە كىنولىرى قاتارلىق ھەر خىل كىنولارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئەللەردە «دىسنېي باغچىسى» غا ئوخشاش چوڭ كۆلەملىك باغچىلىرى بار، ھەمدە ئۇ مېھمانخانا، سودا سارىيى، ۋە ساياھەت پاراخوتلىرى قاتارلىق ئىگىلىكلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.

دىسنېي شىركىتى گەرچە كۆڭۈل ئېچىش سانائىتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، ئۇ ئامېرىكىدىكى NASA ۋە گېرمانىيىدىكى شىمىنز (Siemens) گە ئوخشاش يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىققا پۇختا ئورۇنلار بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىندىن ھەمكارلىشىدىكەن.

تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەن ئىنژېنېرلىققا تەڭلا قىزىقىدىغان ياشلار ئۈچۈن، بۇ بىر غايىۋى كەسىپ ئىكەن. ياپونىيە نوپۇسىنىڭ 10 دىن بىر قىسمى ئاپتوموبىل سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىسرائىلىيە نوپۇسىنىڭ 4 تىن بىر قىسمى ئىنژېنېر بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ نىسبەت گېرمانىيىدە تېخىمۇ يۇقىرى. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ۋە ئىسرائىلىيىگە ئوخشاش ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشتە ماتېماتىكا، ماتېماتىكىدىن باشقا تەبىئىي-پەنلەر، ئىنژېنېرلىق، ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيەدىن ئىبارەت 4 نەرسىگە تايانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنى چوقۇم ئاشۇ 4 ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇ چۈشەنچە «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى» دىمۇ ئىنتايىن روشەن ھالدا نامايان بولغان.


6.         كېلەر يىلنى «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش ھەققە تەكلىپ

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئۇكىمىز ماڭا «2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹كىتاب ئوقۇش يىلى› قىلساق، سىزچە قانداق بولار؟» دېگەن مەزمۇندا بىر قىسقا ئۇچۇر يوللاپتۇ. بۇ ئۇكىمىز يېقىندا «مېنىڭ كىتاب يىلىم» دېگەن ماقالىنى يازغان رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن . مەن بۇنداق پائالىيەتنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. مۇمكىن بولسا بۇ ئىشنى پۈتۈن ئۇيغۇر ياشلىرى، بولۇپمۇ رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ ئەپەندىمدەك ھازىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بىر ئويلىنىپ باققان بولسا. ئەگەر بۇ ئىشنى ھەممەيلەن مۇۋاپىق كۆرسە، ئۇنى ھەممە يەردە تەشۋىق قىلىپ، 2015-يىلى ئاشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان ئېڭىنى ئۆستۈرگەن بولساق.

مەن بۈگۈن رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ باغداشتىكى «مېنىڭ كىتاب يىلىم» دېگەن يازمىسىنى ئوقۇپ ئىنتايىن قاتتىق تەسىرلەندىم، ۋە سۆيۈندۈم. مەن ئىلىمنى سۆيىدىغان، ھەمدە مىللەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت جەھەتتە گۈللىنىشىنى ئىستەيدىغان ھەر بىر قېرىنداشلارنىڭ بۇ يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى، ھەمدە رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچتەك قېرىنداشلىرىمىز قىلىۋاتقان ئاشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ تۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

The case of the travelling twins


بىلىمخۇمار: «خەنزۇ مىللىتى ئىرقىي كەمسىتىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى»

The Big Bang Theory


Weird Exoplanet Discovered Orbiting Two Stars


بىلىمخۇمار: «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى»
http://bbs.misranim.com/thread-109821-1-1.html

مېنىڭ كىتاب يىلىم
http://bbs.bagdax.cn/thread-27115-1-1.html


تۆۋەندىكىسى «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى يەنە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:


6-رەسىم: «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى بىر كۆرۈنۈش


7-رەسىم: «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى بىر كۆرۈنۈش


8-رەسىم: بىزنىڭ ئىدارىنىڭ بىر خاتىرە كۈنىدە «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى ئەسكەرلەر بىزنىڭ ئىدارىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىپتىكەن، مەن ئۇلارنىڭ ئىككىسى بىلەن مۇشۇ رەسىمنى چۈشىۋالدىم.


9-رەسىم: بىزنىڭ ئىدارىنىڭ بىر خاتىرە كۈنىدە «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» دېگەن كىنودىكى ماشىنا ئادەم بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىپتىكەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ رەسىمنى چۈشىۋالدىم.


10-رەسىم: كائىناتتىكى ئىشلار ھەققىدىكى فانتازىيە كىنولىرىدا چىقىدىغان ئالەم كېمىلىرى

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 09:01:03


مىنىڭ كىتاب يىلىم

رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ

مەنبەسى: http://bbs.bagdax.cn/thread-27115-1-1.html

    بەلىكىم مىنىڭ كىتاب خۇمارلىقىمغا ئۆيىمىزدىكى كىتابلار خىمىتۇرۇچ بولغان بولۇشى مۈمكىن.باللىقمىدا ئاكامىنىڭ روھى بايلىقلىرى بولغان بىباھا كىتابلارنى ئوقۇپ-ئوقۇپ قانمايتىم.ئەشۇ كىتابلار مەكتەپتىن قايتىپ سايلىقتا قوي باققانلىرىمىدا قويلارغا قۇشۇلۇپ ماڭا ئەڭ يىقىن سىرداش بولاتتى.كىينچە ئەشۇ كىتابلار ئاستا-ئاستا ۋۇجۇدۇمىنىڭ بىر قىسىمغا ئايلىنىپ ئوقۇغانلىرىمىدىن ھىس قىلغانلىرىم ئاساسىدا ئانچە-مۇنچە قەلەم تەۋرىتىپ تۇرىدىغان بولدۇم. كىتاب ئوقۇش تۇرمۇشۇمدا قوش ئۈنۈم ياراتقاچقا ھىلمەممۇ بوش ۋاقىت تاپساملا كىتابتىن روھى ئىنىرگىيە تولۇقلايمەن.2014-يىلىمنىڭ بىشى بۇرۇن ئەۋەتكەن ماقالىللىرىم ئىلان قىلىنىپ شۇنداقلا بىر قانچە پارچە قىممەتلىك كىتاب سىتىۋىلىپ شۇنداق خۇشال باشلانغان ئىدى.ئەتىگەندە نىمە يىسەڭ كەچتە شۇ دىگەندەك بۇ بىر يىلىم يىل ئاخىرغىچە كىتاب ئىچىرە شۇنداق خۇشال ئۆتۈپتۇ.ماڭا خۇشاللىق ئىلىپ كەلگەن كىتابقا يانداش پائالىيەتلەرنىڭ ئەھىمىيتى يەنە مىنى قولۇمغا قەلەم ئالغۇزدى.

    ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەر يىلى ئۆمىد ئىينىڭ 23-كۈنى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى.مەن بۇ يىللىق كىتاب ئوقۇش كۈنىگە 2-ئوقۇش مەۋسۇمىنى باشلىغان كۈنىدىن باشلاپ تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن ئىدىم.چۈنكى بىزنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىمىز ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان نۇرغۇن بىباھا كىتابلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتى،بىلىسمۇ ئۇ كىتابلارنى ئوقۇپ باققانلىرى كۆپ ئەمەس ئىدى.شۇڭا مەن كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىقوزغاش ئازۇيۇمنى تۈۋەندىكى بىر قانچە يۈرۈش پائالىيەتلەر بىلەن باشلىۋەتتىم.
بۇ مەكتىپىمىزدە «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»نى3- قېتىم ئۆتكۈزۈشىمىز ئىدى. مەن بۇ كۈنىدىكى كىتاب يىغىپ بالىلارغا ئوقۇتۇش پىلانىمىنى پۇل توپلاپ كىتاب فوندى تەسىس قىلىپ كىتاب سىتىۋىلىپ بالىلارغا ھەركۈنى ئارىيەت بىرىپ تۇرۇشقا ئۆزگەرتتىم. ئالدى بىلەن پىلانىمنى ئوقۇغۇچىلارغا دىدىم. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار پىلانىمىنى قوللىغاندىكىيىن ئاندىن مەكتەپتىكى ھەممەيلەنگە ئوقتۇردۇق. ئىككى كۈن ئىچىدىلا 1000يۈۋەنگە يىقىن پۇل يىغىلدى.مەن بۇ يىلىقى كىتاب ئوقۇش كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقمىزدىن ئالامچە شاتىلقققا چۈمدۇم.كىتاب فوندى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلۇپ دەسلىپىدە داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىمىز يازغان تارىخى رومانلاردىن 30 پارچە سىتىۋالدۇق.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ كەتتى.ئىشخانامغا كىتاب ئارىيەت ئالغىلى كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بەكرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايغى ئۈزۈلمەيتى.چۈنكى مەن سىتىۋالغان كىتابلار ئۇنداق-مۇنداق كىتابلار بولماستىن بىزگە ئۆزلىكىمىزنى تونىتىدىغان،كىملىكىمىزنى بىلدۈرىدىغان،ھەممەيلەن سۆيۇپ ئوقۇيدىغان ئەمما بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز تىخىچە ئوقۇپ ئۈلگىرىمىگەن«قۇم باسقان شەھەر»، «جاللات خېنىم»، «ئۆزلىك ۋە كىملىك»،«ئانا يۇرت»،«داغ»،«كەلىلە ۋە دەمىنە»قارتارلىق كىتابلار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئەسىلى مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇشقا قىزىقىدىكەن ئەمەسمۇ؟ئەسلىدە ئۇ كىتابلار ئۇلاردا بولمىغاچقا ئوقۇيالماپتىكەن-دە ؟!ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقېيۇمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گوروپىسىدا 30 يۈۋەندىن كىتاب چىيى تەسىس قلىندى. ھەر ئايدا 15نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن يىغىلغان پۇلغا شۇ كىشىدە يوق كىتاب سىتىۋىلىنىدىغان باشقىلارمۇ تەڭ پايدىلىنىدىغان قائىدە بىكىتىلدى. 23-ئۆمىد كۈنى بىز ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ بارلىق كىتابلارنى بىر يەرگە توپلاپ ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ھەققىدىكى نادىر كىتابلارنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇشتۇرغاندىكىيىن كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ئىلىپ باردۇق.بۇنىڭدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن كىتاب تارقىتىپ ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىكىيىن شۇ كىتابتىن سۇئال چىقىرىپ زىھىن سىناش شەكلىدە پائالىيەت ئىلىپ باردۇق،بۇنىڭ ئۈنىمى نەچچە سائەت چىڭقىلىپ ئۆتكەن دەرىستىن ئۈنۈملۈكرەك بولدى.ئۇيغۇر تارىخىدا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە ئەنە ئەشۇنداق كىتابلار جەمىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ فوندىمىزغا پۇل ئىئانە قىلىشى بىلەن كۆپىيىپ ھازىرغىچە 1000 پارچىدىن ئاشتى.

بالىلارنىڭ ئىنىگىلىزچە لوغىتى بولمىغاچقا دەرىسلىكتىكى يىڭى سۆزلەرنى تىپىش، جۈملە تۈزۈش جەھەتلەردە خىلى قىيىنالغان ئىدى.شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى نەشىرىياتى 99-يىلى نەشىر قىلغان ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنىگلىزچە رەسىملىك لوغەت ئوقۇغۇچىللىرىمىنىڭ بۇ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايتى،2-مەۋسۇم باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەن بۇ كىتابتىنى ئىزدىدىم، ئەمما بۇ لوغەت نەشىر قىلىنغىلى ئۇزۇن بولغاچقا بىر ھەپتە ئۈرۈمچى،قەشقەردىن ئىزدەپ- سوراپ ئاران 60 پارچە تاپالىدىم.لوغەتىنىڭ سانى ئىھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدىغان لوغەت كۆرۈپ بىقىش ئۈچۈن كىتاب ساتىدىغان تور بىكەتلىرىنى ئارلاپ كۆردۇم،بىر تور دۇككىنى 20 يۈۋەنلىك خەنزۇچە-ئىنىگلىزچە، ئىنىگىلىزچە-خەنزۇچە قوش يۈلىنىشلىك بىر لوغەتىنى 12 يۈۋەندىن سىتىۋاتقان ئىكەن،مەن بۇ لوغەتتىن96پارچە سىتىۋالدىم. مىزان ئىيىدا يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يەنە جۇڭگۇ كىتاب تورى (www.bookschina.com)دىن ئوخشىمغان يەتتە خىل تۈردىكى خەنزۇچە- ئىنىگلىزچە،ئىنىگىلىزچە-خەنزۇچە قوش يۈلىنىشلىك لوغەتتىن 157 پارچە سىتىۋالدۇق. نەچچە يۈز بەتلىك بۇ لۇغەتلەر مەزكۇر توردا شۇنچىللىك ئەزان بولۇپ بەش يۈۋەندىن ئون يۈۋەنگىچە ئىدى.ھەر بىر لوغەتتە ئەسلى باھاسىدىن ئون يۈۋەندىن ئارتۇق تىجەپ قالغىلى بولاتتى.لوغەتلەرنىڭ ئەپچىللىكى،سۆز مىقدارىنىڭ موللىقى،رەڭدارلىقى ئوقۇغۇچىللىرىمغا نۇرغۇن ئۈگىنىش قۇلايلىقلىرىنى ئىلىپ كەلدى.شۇنداق ياخشى قۇرال كىتابلارنى ئوقۇغۇچىللىرىمغا تىپىپ بىرەلىگىنىمدىن خۇشال ئىدىم.

پوچتىدىن خەت-چەك ياكى پوسۇلكا كەلسە خۇشال بولمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كىرەك،ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا يىزىلغان«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»، «پەن ۋە تۇرمۇش»قاتارلىق 30 خىل گىزىت-ژورنال پوچتىدىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كىلىپ مىنى زىرىكتۈرمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىكار چاغلىرىمدا تور ئارلاپ سىتىۋالغان ئىنىگلىزچە ھىكايە كىتاب-ژورناللار ۋە يازغان ماقاللىرىمىنىڭ قەلەم ھەققى ھەر ھەپتىدە قۇلۇمغا تىگىپ تۇرمۇشۇمىنى رەڭدارلاشتۇراتتى.«شىنجاڭ مائارىپى»ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان «تەۋپىق روھى مەڭگۈ ھايات»ناملىق ئىزلەنمە ماقالەم ئۈچۈن كەلگەن قەلەم ھەققىگە ئايالىم ئىككىمىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبىرىكلەپ«باھادىرنامە»ناملىق كىتابىنى سىتىۋالدىم.كىتابخانا خۇجايىنى بۇ كىتابىنى سىتىۋالغىنىم ئۈچۈن ماڭا « ئابدۇقادىر جالالىدن مۇنداق دەيدۇ»ناملىق كىتابىنى سوۋغا قىلدى.كىتابلارنى كۆرۈپ ئايالىم شۇنچىلىك مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۇردى.مەن ئادەتتە ئالاھىدە كۈنلەردە باشقىلارغا كىتاب سوۋغا قىلىشىنى ياقتۇرىمەن.بۇ يىل ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە «ئەنجانباي» ناملىق روماننى،بىر قانچە نەپەر ئوقۇغۇچمىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئەدەپ-ئەخلاق ھەققىدىكى كىتابلارنى سوۋغا قىلىدىم.ئۇلارمۇ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمدە ماڭا قىممەتلىك كىتابلارنى كۆڭۈل سوۋغىسى قىلدى.ئايالىم سوۋغا قىلغان«تۈشۈك مۇنچاق»ناملىق كىتاب، ئوقۇغۇچىللىرىم سوۋغا قىلغان«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكىمەت»،«قاباھەت»، «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن »،«ئۆزۈڭنى تاپ، كۆزىڭىنى ئاچ ئەركەكلەر» ناملىق كىتابلار پىقىرىنىڭ 33- باھارىغا ئۆزگىچە تۈس قۇشۇپ مىنىڭ قۇۋانچىللىرىمىنى ئەۋجىگە چىقاردى.

ئەلگە تۇنۇلغان دىرامماتىروگ،شائىر ساھىت سادىق ئاكىمىزنىڭ باش بولۇپ ئويۇشتۇرىشى بىلەن 2010-يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ يۇپۇرغىدىكى قەلەم ساھىبلىرى ئايدا بىر قىتىم يىغىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت مىۋىللىرىدىن تەك بەھىرلىنىدىغان،كىتاب ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىدىغان،مىلليىچە سازلارنى چىلىپ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىدىن بەھىرلىنىدىغان،يازغان ئەسەرلەر ھەققىدە ئورتاق پىكىرلىشىدىغان ھاراق،تاماكىسىز ساپ بىر مۇھىت يارتىپ مەدەنىيەت ئەنجۇمەنى تۈزگەن ئىدۇق.بىزنىڭ بۇ سورىنىمىز ئەينى چاغدا ياش يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «نىقاپلانغان سۆيگۈ»ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىنى مۇبارەكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئىدى.بۇ بىر قانچە يىل ئىچدە شائىر ئەنۋەر ئابلەت شەيدائىنىڭ «ھايات قەسىدىسى» ناملىق شىئىرلار توپلىمى،ئوبۇلھاشىم ئەخەت ئېقىننىڭ«يۈرەك نىمە دەيدۇ»،«شىپالىق دورا- دەرمەكلەر»ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.بۇ كىتابلارنىڭ تارقىتىلىشى دىلكەشلەر سورنىمىزدىكلەرنىڭ ئاۋازغا ئىلىپ تەييارلىغان نەۋرۇز بايرىمىلىق پىروگىراممىنىڭ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسى «رادىئو ژورنىلى» پىرگىراممىسىنىڭ ئالاھىدە سانى ئارقىلىق ئاڭلىتىلىغاندىن كىيىنكى يەنە بىر ھاياجىنى ئىدى.بىز قەلبىمىزگە سىغمىغان پەخىرلىك تۇيغۇلىرىمىزنى ئىلھامغا ئايلاندۇرۇپ ئەنۋەركام ۋە ئوبۇلھاشىمكام ئۈچۈن يەنە بىر ئەھمىيەتلىك ئەنجۇمەن تۈزۈپ ئالىقىش،تەبىرىكلەرنى ياڭراتتۇق،ئۇلار سورۇن ئەھلىگە كىتابلىرىنى سوۋغا قىلدى.باشقىلارغا ئوخشاش مەنمۇ بۇ كىتابتىن 20 پارچىنى مەكتىپىمىزگە ئىلىپ قىلىشقا كۈچ قوشتۇم.يېقىنىدا يەنە يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، دىلكەشلەر سورۇنىمىزدىكى يىتىشىۋاتقان ياش يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ يۇپۇرغىدىكى تېرىم،بايئاۋات يىزلىرىنىڭ ئەيىنى چاغدىكى ۋەيران بولۇپ يۇقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالغانلىقى ۋە ئۇنى قوغداپ قىلىشتەك تارىخى كۆرنىشىنى ئاساسى لىنىيە قىلغان ئۆزىنىڭ شۇنداقلا يۇپۇرغىنىڭ تۇنجى رومانى «ئابىھايات» ناملىق ئىككى قىسىملىق تارىخى رومانى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئەتىراپىمىزدىكى يۇرتلاردىن مەركىت،يەركەن قاتارلىقلاردا ئاللبىۇرۇن رومان چىقارغانلار بار ئىدى.بۇ رۇمان يۇپۇرغىدىن ھازىرغىچە رومان ئىلان قىلىنمىغانلىق تارىخىغا خاتىمە بىرىپ بىز يۇپۇرغىدىكلەرنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىدى.بىز دىلكەشلەر سورنىدىكىلەر يەنە شاتلىقتا قۇۋالىشىپ ئالاھىدە بىر سورۇن راسلاپ ئابدۇناسىركامىنى ئالقىشقا كۆمىۋەتتۇق.سورۇندا مەدىيەھلەر ياڭرىدى، شىئر-قوشاق، نەزمىلەر ئوقۇلدى. يىتىشىۋاتقان دىكتور،ئۆزىنىڭ بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھپىسىنى خالىسانە ھالدا بىجاندىل باشقۇرۇپ كىلىۋاتقان تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى ئۆزى يىقىنىدا ئاۋازغا ئىلىپ تەييارلىغان بىر قىسىم نەسىر ۋە ھىكايىلەرنى پىلاستىنىكا شەكلىدە سورۇن ئەھلىگە سوۋغا قىلدى.بۇ قىتىمىقى سورىنىمىزمۇ ئىلگىرىكى سورۇنىمىزغا ئوخشاشلا نۇرغۇن يىڭى ئۇچۇر ۋە بىلىملەرگە لىقلىنىپ نەتىجىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزلدى.

بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەشۋىقى-تەربىيە پائالىيتى قانات يايدۇرۇلدى.داڭلىق مۇتەخەسىسىلەر، ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەنلەرگە چۈشۈپ لىكسىيە سۆزلىدى.شۇ قاتاردىمۇ يۇپۇرغا ناھىيلىك مائارىپ ئىدارسى ئىككى لىكسىيە سۆزلەش گوروپپىسى تەسىس قىلدى.مەن يىزىلارغا بىرىپ لىكسىيە سۆزلەش گوروپپىسىغا بەلگىلەندىم.ماڭا مەدەنىيەت تىمىسىدا يەنى «مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش،مەدەنىيەتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش » دىگەن تىمىدا لىكسيە سۆزلەش ئورۇنلاشتۇرلدى. مەن ئۈچۈن تىپلغۇسىز پۇرسەتتە كىتاب ۋە يىزىقچىلىق ھەققىدە كۆپرەك سۆزلىدىم.چۈنكى كىتاب بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى،نەشىر قىلىنىۋاتقان مىللىي يىزىقتىكى كىتابلارنىڭ ئاز بولۇشى بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئازلاپ كىتىۋاتقانلىقى سەۋەپلىك كىتاب مەدەنىيتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولىدۇكى ھەرگىز ئارقىغا چىكۈندۈرۈشكە بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار دەل ئەشۇ كىتاب مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە يەتكۈزۇشتە ئاۋانگارت قوشۇن ھىسابلىنىدۇ.مەن ئوقۇتقۇچىلاردىن كىتابقا،يازغۇچىللىرىمىزغا ئائىت سۇئاللارنى سوراپ ئۇلارغا ئۆزەم سىتىۋالغان كىتابلارنى سوۋغا قىلدىم.ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك كىتاب ئوقۇشىنى تەشۋىق قىلىش ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئاۋال ئۆزى كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ ئۆزى ئۈلگە بولۇش ھەققىدە لىكسيە سۆزلىدىم.

مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇلۇغ ئالىمىمىز،20- ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى،ئۆزىنىڭ قورقىماس ئىرادىسى بىلەن يىڭىچە مائارىپىنى بىزگە ئىلىپ كىرىپ تارقاتقان شائىر ئابدۇقادىر دامۇللام ھەققىدە ئاز-تولا ئىزدىنىپ بىرەر پارچە ماقالە يىزىش مەخستىم بار ئىدى،شۇڭا «ئابدۇقادىر دامۇللام ھەققىدە قىسسە»، «يىڭى مائارىپ بايراقدارى-ئابدۇقادىر دامۇللام»،«ئابدۇقادىر دامۇللام ۋە ئۇنىڭ 100 نەسىھەتى»قاتارلىق كىتابلارنى سىتىۋىلىپ شۇ دەۋىردىكى نۇرغۇن تارىخى بىلمىلەرگە ئىگە بولدۇم.ۋە«تاغ چوقىسىدىكى ئەقىدە»ناملىق ماقالەمنى ئىلان قىلدۇردۇم.ھەممە كىشىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە نائىل بولۇپ كىلىۋاتقان شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگىراممىسىنىڭ ھازىرغىچە ئىشلەنگەن بارلىق سانىلىرىنى تېپىپ كۆردۈم، چۈنكى بۇ پىروگىرامما كىتاب ئاشنالىرىنىڭ ھەقىقى سىردىشى.جۇڭگۇ كىتاب تورى (www.bookschina.com) ، تاۋباۋ مال سىتىۋىلىش تورى (www.taobao.com) قاتارلىقلاردىن جەمئى 32 پارچە كىتاب سىتىۋالدىم.مەن «قىساسۇل ئەنبىيا» «باھادىرنامە»،«تاغ جۇدۇنلىرى»،«كونا قاپقان»،«كۈندە ئازىراق پىسخىكا ئۈگىنەيلى» (خەنزۇچە)،«كۈندە ئازىراق پەلسەپە ئۈگىنەيلى» قاتارلىق كىتابلار بولۇپ بۇ بىر يىلدا ئۆزۈمگە تەۋە سېتىۋالغان كىتاب 110 پارچە بوپتۇ.110 پارچە كىتابنىڭ ماڭا 10 مىڭ پاتمان شاتلىق بىغىشلىغىنى يەنىلا پىقىرغا ئايان .

مىنىڭ مەكتەپتىكى خىزمىتىم رادىئو تەشۋىقات خىزمىتى بولغاچقا ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرچە رادىئو پىراگىرممىلىرىنى ئىشلەپ تورلاردا(«تارىم» ژورنىلى تورىنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھپىسىنى خالىسانە ئىشلەپ بىرىۋاتىمىز)،پىلاستىنىكا شەكلىدە تارقىتىپ(بۇ بىر يىلدا «تىلىمىز- جىنىمىز»،«بىز كىم»،«ئۆمىرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن ئانا»،«توغراق يىشىدا ياشاڭ،ئۇستاز» قاتارلىق پىروگراممىلارنى ئىشلىدۇق) جەمئىيتتىكلەرنىڭ خىلى كۆپ ئالقىشىغا ئىرىشتىم. ئۆزەم ئوقۇغان كەسىپ ئىنىگىلىزتىلى بولغاچقا مىللىتىمىزنى ئىنىگىلىزتىلىدا باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش ئارزۇيۇم پولات تاۋلاش ئوچىقىدىكى ئوتتەك كۈچلۈك يىلىنىجايتى.شۇڭا مەندە بىز ھەققىدىكى ئىنىگىلىزچە پىروگىرمملارنى ئىشلەش ئىستىكىمۇ خىلدىن بۇيان مىنى ئولتۇرغۇزماي قويغان ئىدى. مىللىتىمىز ھەققىدە ئىنىگلىزچە پىروگىرامما ئىشلەش ئۈچۈن توردىن چۈشىرىۋالغان ئازغىنە ماتىرىياللار كۇپايە قىلمايتى.ئاۋال شۇ تىلدا يىزىلغان بىز ھەققىدىكى ئۆلچەملىك ماتىريال بولۇشى كىرەك ئىدى.مەن تاۋباۋ مال سىتىۋىلىش تورىنى (www.taobao.com)ئاقتۇرۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىزىلغان«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋي مۇقاملىرى»،«شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى»، «شىنجاڭدىكى بۇ كارامەت كىشلەر»،«شىنجاڭنىڭ سىرلىقلىرى»قاتارلىق ئىنىگىلىزچە كىتاب- ژورناللارنى سىتىۋالدىم. سىتىۋالغان كىتابلىرىمىنى ئەستايدىل ئوقۇپ ئۇيغۇرلار ۋە بىزنىڭ ناخشا مۇزىكللىرىمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۇنىۋىرسال شەكىلدىكى «ياخشىمۇسەن، ئۇيغۇر مۇزىكىسى»(Hallo Uyghur Music) ناملىق رادىئو پىروگىرممسىنى ئىشلەپ چىقتىم.ھەرھالدا كىتاب ئوقىسا خۇشال بولىدىغان،كىتابىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بىر ئادەم بولۇپ يىتىلگىنىمدىن مەمنۇنمەن.چۈنكى سىتىۋالغان كىتابلىرىم ۋە ئىنىگلىزچە رادىئو پىروگىراممىسى ئىشلەش جەريانى ماڭا ئىنتايىن كۆپ ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىلىپ كىلىپلا قالماي زور شاتلىق ئاتا قىلدى.

بۇ بىر يىلدا جەمىئى 1030پارچىدىن ئارتۇق كىتاب قولۇمدىن ئۆتۈپ ئەشۇ كىتابلار بىلەن يۈز كۆرشۈش پۇرسىتى يارتىلىدى.مۇشۇ ماقالىنى يىزىۋاتقاندا ئۆزۈمدە زادى قانچە پارچە كىتاب باردۇ دىگەننى ئستاستىكىلاپ باقتىم.مىنىڭ كىچىك كىتابخانمىدا ئۇيغۇرچە،ئىنىگلىزچە كىتاب ۋە ژورنالدىن 1300 پارچە ساقلىنىۋىتىپتۇ. ئۇيغۇرلار تارىخىدا ھازىرىغىچە 300 پارچىدىن ئارتۇق رۇمان ئىلان قىلىنىپتۇ.ئىلان قىلىنغان 300 نەچچە پارچە كىتابنىڭ 71 پارچىسىنى ئوقۇپتىمەن، ئۇنىڭ 60 پارچىسى مىنىڭ كىچىك كىتابخانمىدا بار ئىكەن، نىمىشقىكىن بۇ كىتابلار ماڭا يەنىلا ئازدەك تۇيۇلدى.چۈنكى بىر قانچە يىلدىن بىرى يىققان كىتابلىرىم ئاران شۇنچىلىكلا بوپتۇ.شۇڭا مەن داۋاملىق كىتاب سېتىۋىلىش ۋە ئوقۇش پىلانى تۈزدۈم.تاقا-تۇقا گەپلىرىمىنى تۈگەللىسەم گەرچە مەن بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى بولساممۇ ئەمما نىمىشقىكىن بالىلارغا ئۆز تارىخىمىز ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بىرىشتە رولۇم بەكلا يۈكسەك ۋە مۇھىم دەپ قارايمەن.بولۇپمۇ ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان كىتابلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىمىز تەرىپىدىن ئوقۇشىسز قالماسلىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ باھادىر ئىش.چۈنكى بىز ئۇلارغا يەتكۈزمىسەك،تارقىتىپ تەشۋىق قىلمىساق ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە ھىچىنىمىنى بىلمەي چوڭ بولىدۇ.كىتاب مەدەنىيىتىمىز ياخشى تەشۋىق قىلىنمىسا مىللي مەدەنىيىتىمىزمۇ ئىز باسارسىز قىلىشى مۇمكىن. «مەخمۇد قەشقىرى يىلى»،«جۇڭگۇ- روسىيە يىلى»،«خەلق تۇرمۇشى يىلى»دىگەن چوڭ ئاتالمىلار تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىگىلى نىكەم بولسىمۇ ئەمما «بۇ يىل مىنىڭ كىتاب يىلىم،بۇ يىلىنى ماقالە ياكى كىتاب چىقىرىش يىلىم قىلىمەن،بۇ يىلىنى كۆپرەك نەتىجە قازىنىپ نەتىجە يىلى قىلمەن» دەيدىغان كىچىك ئاتالمىلار تۇرمۇشىمىزغا تىخى تولۇق سىڭىپ كىرەلمىدى.مەن 2014 - يىلىنى ئالدىن بۇ مىنىڭ كىتاب يىلىم دەپ بىكىتىۋالغانمۇ ئەمەس،ئەمما قەلبىمدە مەۋج ئۇرغان بىباھا كىتابلىرىمىزنى ئەتراپىمىزدىكلەرگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تۇنۇشتۇرشتەك بىر خىل ۋەزىنلىك مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا كىتابقا بولغان ھىرىسمەنلىكىم ئات يىلىمىنى كىتاب ئارقىلىق كۆپلىگەن مەنىلارغا پۈركىدى.يىل ئاخىرىدا نەزەر سالسام 2014-يىل ھاياتىمدىكى مەن ئۈچۈن ئەك كۆپ كىتاب سىتىۋالغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ كىتاب ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ رادىئو پىروگىراممىسى ئىشلىگەن ھەمدە ھاياتىمىدىكى ئەڭ كۆپ ماقالە يىزىپ ئىلان قىلدۇرغان بىر يىل بوپتۇ.بۇلارنىڭ روياپلىنىش ئۈچۈن كىتابنىڭ خىىمىتۇرۇچ بولغانلىقغا گەپ كەتمەيدۇ.كىلەر يىلىمنىڭ ئۆزگىچە ئۆتۈشى شۇندقلا بارلىق ياش زامانداشلىرىمىنىڭ پۇرسەت چىقىرىپ كۆپرەك كىتاب كۆرۈپ ياشلىق باھارىنىڭ ھەر بىر بىتىنى گۈزەل ئەستىلەكلەرگە ۋە قىممەتلىك ئۇنچە- دۇرلارغا بىزىشى شۇنداقلا كىتاب مەدەنىيىتىمىزنى قاغجىرتىپ قويماسلىقى پىقىرنىڭ 2015-يىلدىكى ئەڭ ئىزگۈ تىلىكىدۇر.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەمىنە يىتىم بالىلار كىتاب فوندىمىزغا نەخ پۇل ئىنانە قىلغان يۇپۇغا ئەشمىدىن قىيۇمجان(2000يۈەن)،ئاتۇشتىن تىلغۇن نۇمۇر 138 ئاخىرىقى نۇمۇر 530 بولغان قېرىندىشىمىزغا(1000يۈەن)،غۇلجىدىن ئابدۇۋاخاپ ئەپەندىمىگە (1000يۈەن) چىن قەلبىمىزدىن دۇئايى سالاملار يوللايمىز.ھەمدە بارلىق قانداشلىرىمىزنىڭ رايۇنىمىزدا تىخى تۇنجى بولغان يىتم بالىلار كىتاب فۇندى خەيرى-ساخاۋەت پائالىيىمىزنى داۋاملىق قوللاپ تۇرشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

(ئاپتۇر:يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)
手机号:1389919807

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 09:44:45

تەسەۋۋۇر توغرۇلۇق يۇقىرىدىكى گەپلەرنى ئوقۇۋېتىپ ئۆتكەن ھەپتە ئاڭلىغان بىر ئىش يادىمغا كېلىپ قالدى: بىر تونۇشۇم بالىسىنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا قاتنىشىپتۇ. بالىسى تولۇقسىزدا ئوقۇيتتى. مەكتەپ بۇ يىغىنغا ئالاھىتەن بىر پىسخىلوگنى تەكلىپ قىلىپتۇ. مەقسەت: مەكتەپ، ئائىلە ۋە مۇناسۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ بالىلاردا كۆرۈلىۋاتقان بەزى غەلىتە ئىش، ھەرىكەتلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش ئىكەن. پىسخىلوگ بىرەر سائەت لېكسىيە سۆزلىگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ سۇئاللىرى بولسا سورىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئاتا-ئانىلار ھەر خىل سۇئاللارنى سوراپتۇ. تونۇشۇمنىڭ دېيىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ سۇئاللىرى ئىچىدە مۇنداق بىر ئوخشاشلىق بار ئىكەن. تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ئۇ بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ ھەر خىل غەلىتە ئىشلىرىنىڭ ئىچىدە ھەممىسىگە ئورتاق بولغان بىر ئىش، ئۇ بالىلار ھاجەتخانىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرىدىكەن، قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن، يېرىم سائەتلەپ، ھەتتا سائەتلەپ سۇخانىدا ئولتۇرىۋالىدىكەن. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى دوختۇرغا ئاپىرىپتۇ، بەزىلەر ئارتۇقچە گۇمانلىنىپ «قاتتىق » تەربىيە قىلىپتۇ. بەزىلەر «ئېنىق» ۋاقىت بەلگۈلەپ بېرىپتۇ، ھەركىم كاللىسىغا كەلگەننى قىلىپ بېقىپتۇ، لېكىن سەۋەبىنى چۈشىنەلمەپتۇ. پىسخىلوگ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپتۇ. بالىلارنىڭ ھاجەتخانىدىن باشقا ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ خىيالىنى سۈرگۈدەك بىر يېرى، بوشلۇقى، ماكانى يوق ئىكەن. ئۇلار دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىماي بىردەم بولسىمۇ خىيال سۈرىدىغان، سۈرەلەيدىغان يەر ھاجەتخانا ئىكەن، ھاجەتخانىدىن چىقسىلا ئۇلارنى تۈگىمەس تاپشۇرۇق، تەلەپ، بۇيرۇق، بېسىم...لار كۈتۈپ تۇرىدىكەن.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 09:50:29

يۇقۇرىدىكى ۋاقىتنىڭ (ئۇچۇقراقى خاس ۋاقىت ئىنتىرۋالىنىڭ )  ‹‹تىزلىكى››توغرىسىدىكى بايانلار كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا خالىغان سېستىمىدا قۇرۇلمايدۇ ، تىزلىكتىن باشقا يەنە ماكان-زامان ئەگىرىلىك مەسلىسىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك . ئېينىشتېيننىڭ « كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» بويىچە قارىغاندا، ھەممە يەردە ئوخشاش تېزلىك بىلەن ئۆزگىرىپ ماڭىدىغان بىر خىللا «ۋاقىت» مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ئوخشىمىغان كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ. كونكىرىت ئالغاندا نىسبى ھەرىكەت تىزلىگى ، ماكان -زامان ئەگىرىلىكى يەنى كىلاسىك مەنىدىكى ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىشى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئورتاق تەسىرى تەرىپىدىن ۋاقىتنىڭ ‹‹تىزلىكى ›› بەلگىلىنىدۇ.
ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم ، كەچۇرىسىلەر.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:48:27

بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلار بىلەن تەمىنلىۋاقانلقىغان كۆپ رەخمەت.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:00:45

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 09:50 static/image/common/back.gif
يۇقۇرىدىكى ۋاقىتنىڭ (ئۇچۇقراقى خاس ۋاقىت ئىنتىرۋالىنى ...

يۇقىرىدىكى مەزمۇننى تولۇقلاپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:06:34

مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش-تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىمدىن پايدىلىنىپ مەنمۇ  مەكتەپتە «كىتاب يىلى» پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئويىغا كەلدىم...

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:10:29

ما ئورۇنغا ئىنكاس يازاي ھېلى.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:20:08

مەن قېرىنداشلارغا  ماۋۇ يازمىنىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.  روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىم، ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

2015-يىلى بىز ئۈچۈن نىمە يىلى بولۇشى كېرەك
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ
http://bbs.bagdax.cn/thread-27206-1-1.html

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:40:31

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 11:00 static/image/common/back.gif
يۇقىرىدىكى مەزمۇننى تولۇقلاپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمە ...

、ئەرزىمەيدۇ ، تىمىڭىزدا ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويغانلىغىم ئۇچۇن كەچۇرۇم سورايمەن .
ئەركىنكا مىنىڭ ئوتكەن يىلى سىزگە ئەۋەتكەن چالا ‹‹ماقالە››مدىكى بىر ئاساسلىق تەڭلىمىدە ئازراق مەسلە بار ئىكەن ، خاتاغۇ ئەمەس ، ئەمما قىسمەنلىكتە تىكلىنىدىكەن .
مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر مەسلىنى سورىۋالسام ، مىنىڭ قارىشىمچە ئالەم كېڭىيىش بىلەن بىرگە يەنە ئوز ئوقىدا ئايلىنىدۇ ، يەنى ئوز ئۇقىدا ئايلىنىشتىن شەكىللەنگەن مەركەزدىن قاچما كۇچ بىلەن دەسلەپتىكى ‹‹چوڭ پارتلاش››تىن كىلىپ چىققان ئىنىرتىسىيىلىك كۇچنىڭ تەسىرىدە كېڭىيىدۇ ، كېڭىيىش سۇرئىتى دەسلەپتە تىزلىشىپ كىيىن ئاستىلاپ ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكەندە كېڭىيىشتىن توختاپ تىزلىنىشچان تىزلىك بىلەن يىغىلىدۇ .
ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش تىزلىكىدىمۇ ئوزگىرىش  (دەۋرىيىلىك )بۇلۇپ تۇرىدۇ ، فىزىكىدىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكى ، ھەقىقى بوشلۇقنىڭ ئىلىكتىر -ماگىنىت سىغىمى ، پىلانىك تۇراقلىقى ۋە  نازۇك تۇزۇلۇش تۇراقلىقى قاتارلىق ئاساسلىق تۇراقلىق سانلار يۇقۇرىدىكى كېڭىيىش تىزلىكى ۋە ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش تىزلىكىگە ئەگىشىپ دەۋرىيىلىك ئوزگىرىدۇ . ئەگەر ئالەمدە ‹‹پارتلاش›› بىلەن ‹‹ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش››  ‹‹ھادىسىسى›› بولسا ، ماكرو ئولچەمدە تەكشى زىچلىققا ئىگە نۇرغۇن ماگىنىت يەنى ئالەم جىسىملىرىدىن تۇزۇلگەن ھەرىكەتتكى ئالەم  مۇسپەت مەنفى قۇتۇپىغا ئىگە بۇلىشى كېرەك ، يەنى ئالەمنىڭ يەرشارىغا ئوخشاش ئىككى ماگىنىت قۇتۇبى بۇلۇشى كېرەك .
ئالەم ماگىنىت مەيدانىنىڭ كۇچىنىشى پىلانىك ئولچىمىدە بۇلۇشى مۇمكىن ،مەسلەن ئارقا كۇرۇنۇش رادىئاتسىيىسىنى ئولچىگەندەك ئالەمدىكى ماگىنىت قۇتۇبى بارلىغىنى ، ئۇنىڭ مىقتارىنى ، يۇنۇلۇشىنى ئېنىقلىغىلى بولسا غۇۋا ماددا .... ، ئالەمنىڭ چوڭلىغى ...قاتارلىقلارنىڭ سىرى تەبئىلا يىشىلىشى مۇمكىن .
مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم ئالەمنىڭ ماگىنىت قۇتۇبىنى ئولچىگىلى بولارمۇ؟
رەھمەت ، ئاۋارە قىلدىم.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:58:21

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 11:40 static/image/common/back.gif
、ئەرزىمەيدۇ ، تىمىڭىزدا ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويغانلىغ ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام مۇھاكىمە ئۇكام!

گەرچە يەر شارىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ، كائىناتتىكى نۇرغۇن كۆرىنىشلەرنى ۋە كائىنات مىكرو-دولقۇن رادىئاتسىيىسىنى ئۆلچىگىلى بولسىمۇ، ماگنېت مەيدانى بىر خىل «يەرلىك نەرسە» بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاشۇ ماگنېت مەيدانى بار يەرگە بارمىغىچە ئۇنى يىراقتىن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.  شۇڭا ناسا مارسنىڭ ماگنېت مەيدانىنى ئۆلچەش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئالەم ئۇچقۇرى ماڭدۇردى.  ناسا 1977-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان «سەپەرچى 1» ئەمدى قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىغا كەلدى.  شۇڭا كائىناتنىڭ ماگنېت مەيدانىنى ئۆلچەش ھازىرقى تېخنولوگىيە بىلەن مۇنكىن ئەمەس، دەپ ئويلايمەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 12:18:43

      2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش ھەجەپمۇ ياخشى باشلىنىش بولغۇسى!  كىتابسىز ھايات بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن نۇمۇسلۇق ھاياتتۇر. ھاياتتىكى تۈپكى غايىمىزنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولغان ھەر ساھە بىلىملىرىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارىي قىلدۇرۇشقا ماس كەلگىدەك كەسپىي ساھەدىكى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈشتىن ئىبارەت توختاپ قالمايدىغان تىرىشىش بىزنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىمىزدىكى بوش ۋاقىتلىرىمىزنىڭ يادروسىغا ئايلىنىشى كېرەك. ئەگەر تىرىكچىلىك زۆرۈرىيەتلىرى سەۋەپلىك ئۆزىمىز ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان كەسىپ بىزنىڭ كۆپ ۋاقتىمىزنى ئىگەللەپ كېتىدىغان بولسا،  مۇشۇ جەرياندىمۇ يەنىلا يوچۇقلارنى تاپالىشىمىز مۈمكىن. مەسىلەن ئاۋازلىق كىتاب، ئىلمىي لىكسىيە ئاڭلاش(قۇلاقلىقتا) دىگەندەك. مەنچە بولغاندا كېلەر يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلساقمۇ بەك كېچىككەن بولىمىز! بەلكى ھازىردىن باشلاپ ھەر كۈنىمىزنى كىتاب ئوقۇش كۈنى قىلىشىمىز كېرەك!(قۇرۇق شۇئارۋازلىق بەكمۇ  ئاينىپ كەتكەن بۇ جەمىيىتىمىزدە  بۇ گېپىممۇ شۇئار تۇيۇلمىسۇن قېرىنداشلىرىم)، مەن مۇشۇ كىتاب ئوقۇشقا بوش ۋاقتىمنىڭ كۆپرەكىنى چىقىرىشقا كۈچىگەنسىرى قېرىشقاندەك بۇ ۋاقىتتا بەرىكەتنىڭ قالمىغىنى، ۋاقتىمىنى پەقەتلا يەتكۈزەلمەي ھەسرەتتىمەن. كوچىلاردا بىكارچىلارنى كۆرسەم ئۇلاردىكى نەدىن كەلگەن شۇنچە كۆپ بوش ۋاقىتتۇ بۇ دەپ ھەيران قالغان ۋاخلىرىم كۆپ. ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ مەھشەر كۈنى ۋاقىتتىن سۇئال قىلىنغاندا نىمىمۇ دەر دەپ.
       بىزنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىمىزدىكىلەرگە كىتاب ئوقۇشنى دەۋەت قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى ئۆزىمىز تەشنالىق بىلەن كىتاب ئوقۇش. ئۆزىمىز مۇشۇ ياخشىلىق ئۈستىدە داۋاملا قىلىدىكەنمىز تەسىر دائىرىمىزدىكىلەرنى ئانچە كۈچىمەيلا كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ بىلىم سورۇنىغا جەلىپ قىلالايمىز.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 12:21:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 12:43  

、ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا (كەچۇرۇڭ سالام بەرمەيلا گەپ باشلاپ كىتىپتىمەن.) :

ئالەم ئوز ئۇقىدا ئايلانسا ماگىنىت مەيدانى شەكىللىنىدۇ ، چۇنكى ھەربىر ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە ئاسمان جىسمى ماگىنىت ھىساپلىنىدۇ ،ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ماگىنىت مەيدانى ‹‹يەرلىك›› بولغان بىلەن كائىنات ماگىنىت مەيدانى ئۇمۇمىيۇزلۇك بۇلىدۇ ، نۇۋەتتىكى قىيىن مەسلە ئالەم ماگىنىت مەيدانى بىلەن ‹‹يەرلىك›› ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرلىشىشى نەتىجىسىدە ئالەم ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىنى ‹‹يەرلىك ›› ماگىنىت مەيدانىنىڭ ‹‹يۇيۇۋېتىشى›› بۇلۇشى شۇنداقلا ئالەم ماگىنىت مەيدانىنىڭ ناھايىتى ئاجىز بۇلۇشىدۇر، بىراق بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش مۇمكىن ، مەسلەن يۇلتۇز نۇرلىرىنىڭ ئېغىشىدىكى (ئالەم ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدە ئېغىشى كېرەك )دىكى نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى خارەكتىرلىك ئېغىشىدىن باشقا ئېغىشىنى ئولچەش ۋە بوشلۇقتىكى تەقسىملىنىشىنى ھىساپلاش ئارقىلىق ئالەم ماگىنىت مەيدانىغا نىسبەتەن ئانالىز يۇرگۇزۇش مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا مىكرو-دولقۇن رادئاتسىيىسى يۇقۇرى ئېنىقلىقتا ئولچەنسە ۋە بوشلۇقتا تەقسىملىنىشى خەرىتىسى سىزىپ چىقىلسا ئالەم ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىنى ئېنىقلاش مەنبە تارقاتقان دولقۇننىڭ ئالەم ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدە چاستوتىسىدا ئاجىز بولغان قىزىلغا (ياكى بىنەپشىگە) كۇچۇش ھادىسىسى كىلىپ چىقىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئالەمنىڭ ئىككى قۇتۇبى ۋە ماگىنت كۇچىنىشىنى تەخمىنەن ھىساپلاپ چىقىش ۋە ئورنىنى بېكىتىش مۇمكىن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 12:38:35

   بۈگۈنكى كۈندە بىز  بىچارە نىمجان ئۇيغۇرغا دۇنيادا كۈچلىنىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇشتىنمۇ ياخشىراق بىر باشلىنىشنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئەلۋەتتە تاللاپ ئوقۇش پىرىنسىپى(بەلكى ئالدى بىلەن قايسىنى ئوقۇش پىرىنسىپى) ھەر بىر ئەقىيدىسى ساپ، قەلبى ئويغاق ئۇيغۇرغا ئىنىق ئايان بولغان مەسىلىدۇر. قويۇق ئورمان ئىچىگە كىرىشتىن ئىلگىرى يېنىدىكى ئىگىز تاغ چوققىسىغا بىر چىقىپ ئورمانلىققا ئومۇمىي بىر نەزەر تاشلىۋېتىپ ئاندىن كىرگەن كىشى نىشاندىن ئاداشماسلىقى مۈمكىن.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:13:50

ئۇكىلار……نىمە دىگەن يېقىشلىق ئاتاش بۇ،رەھمەت ئەركىنكا

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:51:24

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا!
ئالەمنىڭ يېشىنى ھېسابلاشتا، ھازىرغىچە بايقالغان بىزگە ئەڭ يىراق يۇلتۇز بىلەن ئارىلىققا ئاساسەن ھېسابلامدۇ؟ ئاشۇنداق ھېسابلىغاندا ئالەمنىڭ يېشى 49 مىليارد يىل بولامدۇ؟
مەن چوڭ پارتلاش نەزىرىيەسى بويىچە بولغاندا ھازىر ئالەم پەيدا بولغىنى 16 مىليارد ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ كۆرگەنتىم. بىر تونۇشۇم يۇقىرىقىدەك دېدى.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 15:05:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 15:10  

مۇشۇ ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكىلەرنىلا دەيلى، 2015-يىلى ئۇقۇماقچى بولغان كىتاپقا نىسبەتەن ئەڭ تۆۋەن چېكى بېكىتىپ ھەرقايسىمىز شۇنىڭغا ئەمەل قىپ بېقىشقا تىرىشىپ باقامدۇق؟
مەيلى قايسى تىلدا يېزىلغان كىتاپ بولسۇن، نىمە مەزمۇندىكى كىتاپ بولسۇن ئىش قىلىپ جەمىيلىگەندە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ   4000 بەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك دەپ ئۆزلىرمىزگە ۋەزىپە قىلىپ،شۇنچىلىك مەزمۇن ئوقۇپ بىلىم ئېلىشقا نىشان قىپ قويساق قانداق دەيسىلەر؟
ئەلۋەتتە، بەت سانىنى توشقۇزۇش مەقسەت ئەمەس، لېكىن شۇنچە بەت مەزمۇننى چۈىنىشىپ ئوقۇغاندا چوقۇم خېلى نەرسىلەرنى بىلىۋالىمىز. ئالدىنقى كۈنى بىر يولداش ئىدارىمىزغا دەرسى ئۆتكىلى كەلگەن، ئۇ سۆزلەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ بىر يىلدا 40 تىن كۆپ كىتاپ ئوقۇغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتتى.
مەيلى توردا ئوقۇيلى ياكى يانفۇندا ئوقۇيلى، ياكى نەشىردە بېسىپ چىقارغان كىتاپ بولسۇن ھەممىسى كىتاپقا ھىساپ.
مەيلى مەلۇم بىر تېخنىكا كىتاب بولسۇن، رۇمان بولسۇن، ژورنال بولسۇن، دىن بىلىملىرى بولسۇن، ... ھەممىسى قوشۇلۇپ 4000 بەتتىن كەم بولمىسۇن. بىر يىلدا ئوقۇماقچى بولغان كىتاپلىرىمىزنى مۇشۇ ئاي ئىچىدە پىلانلىۋالايلى.
ئاندىن ئوقۇغان كىتاپلىرىمىزنىڭ گېپىنى بىر سەھىپە ئېچىپ مۇنبەردە شۇ تۇغرىلۇق سۆھبەتلىرىمىز بولۇپ تۇرسۇن.
2015-يىلىنىڭ 12-ئايغا كەلگەندە بىر يىلدا ئوقۇغان كىتاپلىرىمىز تۇغرىلۇق تەسىراتىمىزنى يازايلى.
ئىش قىلىپ مۇشۇ مۇنبەردىكىلەرمۇ مۇشۇنداقراق پائالىيەت قىلىپ 2015-يىلىنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىپ، ئاندىن شۇنىڭدەك كىتاپ ئوقۇپ بىلىم ئېلىپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىش ئۈچۈن باشلىنىش قىلساق ياخشى بۇلامدىكىن دەپ ئويلىدىم.
يەنە قانداق پىكىرلەر بولسا تورداشلار دەپ باقساڭلار. گېپىمىز شۇئار بىلەنلا تۇختاپ قالماي، ئەمىلىيىتىمىزدە ئىجرا قىلىدىغان پائالىيەت قىلساق دىمەكچىمەن.
سىلەرچە قاندق؟
قانداق ئېلىپ بارىمىز؟
ئىلگىرى سىز ئوقۇغان ياخشى بىلىم ئالغان بولۇپ باشقىلار تېخى ئوقۇمىغان بولسا، شۇنداق كىتاپلارنىمۇ بىر-بىرىمىزگە تەۋسىيە قىلساق.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 15:22:15

seraph يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 15:50:48

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، بىلىمخۇمار ئاكا . قانداق ئەھۋالىڭىز .
ئالدىنقى قېتىمقى ‹ تاشقى پىلانىتىدا جانلىقلار بارمۇ ؟ › دىگەن ماقالىڭىزدە ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ سورىغان سوئاللىرىمغا جاۋاپ بەرگەن ئىدىڭىز  . بۇگۈن بولسا  مانا بۇ ئەتراپلىق ، تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن ماقالىنى تەييارلاپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپسىز .  سىزگە كۆپ رەھمەت . تاشقى پىلانىتا ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغان بولدى .  ۋاقىت چىقىرىپ ھەر ھەپتىدە بىر پارچە ئېسىل ماقالە سۇنىۋاتقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر .

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:50:33

86 بۇرەدەرنىڭ پىكىرنى ئويلۇشۇپ بېقىشقا تىگىشلىك !
بەت: [1] 2
: بىلىمخۇمار: ئالەم بوشلۇقىدىكى سەپەر ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى