bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 07:57:47

NASA: يېڭى ئالەم كېمىسى «ئورىئون» نى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىكتى

يېڭى ئالەم كېمىسى «ئورىئون» نى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىكتى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى


مەن ئۆزەمنىڭ يېقىنقى بىر يازمىسىدا ناسا بۇ يىل 4-دىكابىر كۈنى «ئورىئون» (Orion) دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى ئالەم كېمىسىنى سىناق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدىم.  بۈگۈن (4-دىكابىر) ئەتىگەن سائەت 6 دىن سەل بۇرۇن مەن خىزمەتكە مېڭىۋاتقاندا، مەن بار يەردىكى رادىئولارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىشنى خەۋەر قىلىۋاتقان ئىكەن. ئەمما بىر سائەتتەك يول مېڭىپ ئىدارىگە كەلسەم، ئىدارىمىزگە كەلگەن كۆپلىگەن تېلېۋىزور مېدىئا شىركەتلىرىنىڭ خەۋەر تارقىتىش ماشىنىلىرى ئىدارىمىزدىن قايتىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئىشخانامغا كىرىپ، ئىدارىمىزنىڭ تور بېتىغا قاراپ باقسام، بۈگۈنكى سىناق بىر كۈن كېچىكتۈرىلىپتۇ.

بۈگۈنكى سىناقنىڭ كېچىكتۈرۈلىشىدىكى سەۋەب، ئورىئوننى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدىغان چوڭ-تىپلىق راكېتىنىڭ بىر زاپچىسىدىن چاتاق چىقىپتۇ.  بۇ راكېتىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش ئىشىنى چوقۇم بىزنىڭ ۋاقتىمىز ئەتىگەن سائەت 4:05 دىن باشلانغان 2 سائەت 39 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە قىلىپ بولۇش شەرت بولۇپ، بۈگۈن ناسا خادىملىرى ئاشۇ ۋاقىت ئىچىدە راكېتىنىڭ چاتىقىنى ئوڭشاپ بولالمىغان.  شۇڭا بۇ سىناق ئەتىگە كېچىكتۈرۈلگەن.  راكېتىنى ئېتىشنىڭ بۇ ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئاشۇ راكېتا ئەتىلىدىغان رايوننىڭ ئاسمىنىدىكى ھاۋارايىنىڭ ئەھۋالى كەلتۇرۇپ چىقارغان.  ئورىئوننى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان راكەتا ئامەرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىن ئەتىلىدۇ.

بۇ قېتىم ئورىئونغا ئادەم چىقمايدىغان بولۇپ، ئۇ ئالەم بوشلۇقىنىڭ 5760 كىلومېتىر ئېگىزلىكىگە چىققاندىن كېيىن، ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە يەر شارىنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ، ئاندىن تىنچ ئوكيانغا قايتىپ چۈشىدۇ.

ئورىئوننى لاھىيىلەپ ياساپ چىقىش ئىشى 2004-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەگەر ھەممە ئىش پىلانلىغاندەك بولىدىكەن، ناسا 2020-يىللىرىدىن باشلاپ ئورىئوننى مارسقا، ئايغا ۋە ئاستېرويدلارغا (كائىنات ئۇچار تاشلىرىغا) ئادەم چىقىرىشتەك ئىشلارغا ئىشلەتمەكچى.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

ناسا 2030-يىللىرى مارسقا ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
http://bbs.izdinix.com/thread-58286-1-1.html

Orion launch scrubbed for today
https://js.jpl.nasa.gov/Pages/story.aspx?ID=21456

Orion


NASA is testing Orion - a spacecraft that might someday carry people to Mars


تۆۋەندىكى رەسىملەر ئورىئوننىڭ ھەر خىل كۆرىنىشلىرى بولۇپ، ئۇلار يۇقىرىدىكى 3 مەنبەدىن ئېلىندى:


1-رەسىم: ياسىلىۋاتقان ۋاقتى


2-رەسىم: ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىشنىڭ ئالدىدا


3-رەسىم: يەر شارى ئوربىتىسىغا كېتىۋاتقاندا


4-رەسىم: يەر شارى ئوربىتىسىدا


5-رەسىم: يەر شارىغا قايتىپ چۈشۈش ئالدىدا

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 08:44:20

رەھمەت،ئەركىن ئەپەندىم بولسا مۇشۇ  مارسىقا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتلىگەن جاسارەت ۋە پۇرسەت نامىلىق تەكشۈرۈش ماشىنىسنىڭ تەكشۇرۇپ تەتىق قىلغان ئۇچۇرلىرى توغىرسدا بىر  تىما يىزىپ باققان بولسىڭىز……

uqarbora يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:45:02

ئەپەندىم سىلى بۇ تۈرگە قانتاشماملا؟؟؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:57:14

uqarbora يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 11:45 static/image/common/back.gif
ئەپەندىم سىلى بۇ تۈرگە قانتاشماملا؟؟؟

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام!

مېنىڭ ھازىر ئاساسلىق قىلىۋاتقان ئىشىم جانلىقلار بار بولۇش ئېھتىماللىقى بار تاشقىي پلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرەلەيدىغان ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئىشى بولۇپ، ئورىئوننى ياساش ئىشىغا مەن قاتنىشىپ باقمىدىم.  ماۋۇ يازمىنى كۆرۈپ بېقىڭ:

بىلىمخۇمار: تاشقى پلانېتىلاردا جانلىقلار بارمۇ؟
http://bbs.izdinix.com/thread-60692-1-1.html

uqarbora يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 15:49:44

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 11:57 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام!

مېنىڭ ھازىر ئاساسلىق قىلىۋاتقا ...

ھە مۇنداق دىسىلە...

uyghur2014 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 18:56:59

بەت: [1]
: NASA: يېڭى ئالەم كېمىسى «ئورىئون» نى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىكتى