tuyghu99 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 05:19:15

پروفىسسورىمىزنىڭ بالا تەربىيىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tuyghu99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 05:53  

پروفىسسورىمىزنىڭ بالا تەربىيىسى
تۇيغۇ

بىزنىڭ فاكۇلتىتتا بىر پروفىسسور بار بولۇپ ئۇ ئۆزى ئامېرىكىلىق، بىزگە قەدىمىي ماگنىتشۇناسلىق دەرسىنى بېرەتتى. يېقىندا بۇ دەرسنىڭ تەجرىبىسى ئۈچۈن بىزنى شەھەر سىرتىدىكى بىر كۆزىتىش تەجرىبىخانىسىغا ئېلىپ باردى. بىز ئۇ كۈنى دىيىشكەن ۋاقىت بويىچە ئەتىگەن سائەت سەككىز بىلەن فاكۇلتىت ئالدىغا يېتىپ باردۇق. بېرىپ تۇرىشىمىزغىلا پروفىسسور ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ قالدى. ماشىنىنىڭ ئىچىدە يەنە بىر 8-10 ياشلار چامىسىدىكى خەنزۇ قىزچاق ئولتۇراتتى. مەن ئۇنى بەلكىم پروفىسسورنىڭ بىرەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ بالىسىمىكىن دەپ ئويلىدىم. پروفىسسور ماشىنىدىن چۈشۈپ بىز بىلەن سالاملاشتى، ۋە ئۇ قىزنى تونۇشتۇرۇپ :"مىنىڭ باشلىقىم (my boss)"  دەپ چاقچاق قىلدى، قىزچاقمۇ ئىنتايىن راۋان ھەم ئۆلچەملىك ئېنگلىزتىلىدا :"مەن باشلىق ئەمەس، مەن باشلىق ئەمەس" دەپ ئەركىلەپ كەتتى. قىزنىڭ ئېنگلىزچە ئىسمى كرىستىنالى، يەنە بىر ئىسمى مىڭ مىڭ ئىكەن. ئۇلار بىر نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قىزغىن پاراڭلاشقاچ ئىشخانىسىغا چىقىپ كەتتى. ساقلاش جەريانىدا ئۇنىڭ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇ قىزچاق پروفىسسورنىڭ بېقىۋالغان قىزى ئىكەن، ئايالىمۇ ئامېرىكىلىق بولۇپ باشقا بالىسى يوق ئىكەن.
        سەل ساقلىغاندىن كىيىن بىز بىر نەچچە ماشىنىغا چىقىپ تەجرىبىخانىغا قاراپ يول ئالدۇق. مەن پروفىسسورنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم. ھېلىقى كىچىك قىزچاق پروفىسسورنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆز جايىدا، يەنى پروفىسسورنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. ئۇ قىزچاق بەك شوخ بولۇپ توختىماي بىر نەرسىلەرنى سوراپ تۇراتتى. پروفىسسور باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بولسىمۇ پارىڭىنى توختىتىپ قىزىنىڭ سوئالىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىۋېتىپ ئاندىن پارىڭىنى داۋاملاشتۇراتتى.
        _  دادا، بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا يېتىپ بارىمىز؟
        _  ئەسلى بىر يېرىم سائەتتەك ۋاقىت كىتەتتى، لىكىن بۈگۈن شەنبە بولغاچقا يولدا ماشىنىلار ئاز، شۇڭا بىرەر سائەت كېتىدۇ تاتلىقىم.
        _  بىز بارىدىغان جاينىڭ ئىسمى نىمە؟
        _  نيېدىرلىپپاخ دەپ ئاتايدۇ.
        _  نىمىشقا ئۇنداق دەپ ئاتايدۇ؟
        _ مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن، لىكىن قايتىپ بېرىپ سەۋەبىنى ئىزدەپ بېقىپ سىزگە دەپ بىرەي.
        _  ئۇيەر چىرايلىقمۇ؟
...
        ئۇ قىزچاق مۇشۇ تەرىقىدە توختىماي سوئال سورايتتى، پروفىسسور بولسا ھەربىر سوئالغا ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بىرەتتى.
        _ دادا ھازىر قانچىلىك ۋاقىتتا يېتىپ بارىمىز؟
        _ ھازىر تىز سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىپ بولدۇق، مۇشۇ تەرىقىدە ماڭساق يەنە يېرىپ سائەت كېتىدۇ.
        _ ھە، مۇنداق دەڭ. قاراڭ دادا، بىر ئوقۇغۇچىڭىز ئۇخلاپ قالدى ، ھاھا...
        _ ۋوي،ھە شۇنداقمۇ، ھاھا،ھېچقىسى يوق قىزىم.
        _ ئۇ يەرگە بېرىپ نىمە تەجرىبە قىلىسىز؟
        _ كايتون دەپ بىر دېڭىزدا ياشايدىغان جانلىق بار، شۇنىڭ چىشىدىن بىر ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماددىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ھەرخىل بىسىملاردىكى ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنى تەجرىبە قىلىمىز.
        _ ھە، ئۇنىڭ چىشىدىن تارتىپ چىقىرامسىز؟
        _ ھەئە، چۈنكى ئۇنىڭ چىشىدا بۇ ماددا داتلىشىپ كەتمەي ساپ ھالەتتە ساقلىنالايدۇ. بىز ئۇنى ئايرىپ چىقىرىپ ھەرخىل بىسىملارغا ئۇچرىتىپ ماگىنىتلىق خۇسۇسىيىتىنى ئۆلچەپ چىقىمىز.
        _ ماگىنىتلىق خۇسۇسىيىتى دەڭ،
        _ ھەئە، بۇ خۇددى سىزنىڭ گېلىڭىزنى بىرسى مۇجۇپ تۇرغاندا سىزنىڭ قانداق تەسىرلەرگە ئۇچرىشىڭىزنى بىلىۋالماقچى بولغانغا ئوخشايدۇ.
        _ ھاھا، شۇنداقما؟ مۇجۇۋالسا دەڭ.
        _ ھەئە، ياكى مەن، 62 كىلوگرام كېلىمەنغۇ، سىزنى دەسسەپ تۇرۇپ سىزنىڭ نەپەسلىنىش ئەھۋالىڭىزنى خاتىرىلىۋالىمەن، يەنە بىزنىڭ سېمىز چىڭگومۇ قوشۇلۇپ سىزنى دەسسەپ تۇرسا نەپەسلىنىشىڭىز يەنە بىر خىل تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ تەجرىبىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئوخشىمىغان بىسىمدىكى شۇ ماددىنىڭ ماگىنىتلىشىش خۇسۇسىيىتىنى بىلمەكچى.
        _ ھە، مۇنداق دەڭ، چۈشەندىم، بەك قىزىقارلىقتەك تۇرىدۇ. چوقۇم شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلىمىسىڭىز بولمامدۇ بۇ تەجرىبىنى؟
        _ ھەئە، بەك قىزىقارلىق تەجرىبە. ئۇ يەرگە بارغاندا كۆرىسىز، ئۇ يەرنىڭ پۈتۈن ئەتراپى ئورمانلىق. شۇڭا ئۇ يەردە تەجرىبە ئىشلىسەك باشقا يەرلەردىكىدەك ماگىنىتلىق تەسىرلەرگە بەك ئۇچراپ كەتمەيدۇ.
بۇ تېخى ئەمدى 8-10 ياشلارغا كىرگەن كىچىككىنە قىزكەن، پروفىسسورنىڭ دەۋاتقانلىرىمنى چۈشىنەرمۇ چۈشەنمەسمۇ دىمەي شۇنچىلىك ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ كېتىشلىرىگە قاراپ بەك ھەيران قالدىم. دېمىسىمۇ چۈشەنمەي قالمىسۇن دەپ ئامال بار ئەڭ ئاددىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ جاۋاب بېرىۋاتاتتى.
        _ بىلدىم دادا. ئالدىنقى قېتىم ئاپاملار بىلەن بىللە بارغان ھېلىقى باغچا ئېسىڭىزدىمۇ؟
        _ ئەلۋەتتە ئېسىمدە، بەك كۆڭۈللۈك ئوينىۋالدىڭىزغۇ ھە ئۇ يەردە.
        _شۇنداق، بەك كۆڭۈللۈك بولغانتى. ھېلىقى كىچىك ئۆيدىكى ساراڭ كىشى ئېسىڭىزدىمۇ؟
        _ تاتلىقىم، بۇ توغرىلىق سۆزلەشمىسەك بولامدۇ؟
        _ بولىدۇ دادا، بولدى دىمەي.
        قىزچاق ئۇيان قاراپ بۇيان قاراپ يەنە بىر نەرسىلەرنى سورىغۇسى كېلىپلا تۇراتتى. دادىسى ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە شارپىسىنى ئېتىپ ئېلىپ ئات قېلىپ ئوينايتتى. بەزىدە شارپا دادىسىغا تېگىپ كەتسە پروفىسسور قىلچە ئاچچىقلانمايتتى، ۋە قىزىغا بولۇشۇپ ئۇنى خۇش قىلاتتى.
        _ دادا، بىز بارىدىغان ئورمانلىق چىرايلىقمۇ؟ ئۇ يەرنىڭ ئېگىسى يوقمۇ؟
        _ شۇنداق، بەك چىرايلىق ئورمانلىق ئۇ. ئۇ ئورمانلىقنى 200 يىل ئىلگىرى شۇ چاغدىكى پادىشاھ بىزنىڭ مەكتەپكە پۇل تېپىۋېلىشى ئۈچۈن تارتۇق قېلىپتىكەن. ھازىرمۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشىدا. ھازىر كىشىلەر ئوۋ ئوۋلىماقچى بولسا مەكتەپكە نۇرغۇن پۇل بېرىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ. ئاتقان ئېيىق ياكى جەرەنلىرىگە ئايرىم پۇل تۆلەپ ئېلىپ كېتىدۇ ياكى بىر تەرەپ قېلىدۇ. يەنە ھەر يىلى روژىستوۋ دەرىخىنى مۇشۇ يەردە ئۆستۈرۈپ نۇرغۇن پۇل تاپىدۇ. شۇڭا بۇ ئورمانلىق ھازىرمۇ مەكتەپنىڭ نۇرغۇن مەبلىغىنى ھەل قېلىپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە تېخى نۇرغۇن ياغاچ چىقىدۇ. ئۇ ئورمانلىقنىڭ ئېگىسى بىزنىڭ مەكتەپ قىزىم...
        مۇشۇ تەرىقىدە قىزنىڭ سوئاللىرى تۈگىمەيلا تەجرىبىخانىغا كېلىپ قالدۇق. ئۇ تەجرىبىخانا پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسالغان چوڭ ئۆي ئېدى. ئىچىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەجرىبىلەرنى قېلىدىغان ئايرىم-ئايرىم كىچىك ئۆيلەردىن باشقا يەنە ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا قاتارلىق ئەسلىھەلەرمۇ تولۇق ئىدى. ھېلىقى قىزچاق بىردەمدىلا پۈتۈن ئۆينى ئايلىنىپ چىقتى. ئارىلاپ-ئارىلاپ دادىسى ئۇچراپ قالسا بىر نەرسىلەرنى سوراپ باقاتتى. لېكىن ئەلۋەتتە دادىسىنىڭ ئىشىغا بەك تەسىر قېلىپ كەتمەيتتى. ھەر قېتىم سوئال سوراپ قالسا قىلىۋاتقان ئىشىنى ئامال بار توختىتىپ قويۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىۋېتىپ ئاندىن ئىشىنى داۋاملاشتۇراتتى. يەنە تېخى قىلىۋاتقان ئىشىغا قىزىنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ، قىزىقچىلىق قېلىپ كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرەتتى. ئەلۋەتتە، پروفىسسورىمىز ئادەتتىمۇ بەك قىزغىن بولۇپ، باشقا ماشىنا ئادەمدەك سوغۇق گىرمان پروفىسسورلارغا ئوخشىمايتتى. ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئىنتايىن كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، بەزىدە سۆزلەۋىتىپ ھاياجانلىنىپ كىتەتتى.
        تەجرىبە قاراڭغۇ چۈشۈپ بىرەر سائەتتىن كىيىن، يەنى كەچقۇرۇن 6 يېرىم ئەتراپىدا ئاياغلاشتى. ھېلىقى قىزچاق بىردەم ئۇنى بىردەم بۇنى سوراپ، ئاخىرىدا بىكار بولغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەكىلىۋالغان قۇراشتۇرىدىغان ئۇيۇنچۇقىنى ئويناپ ۋاقىت ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ ئېنگىلىزچىسى شۇنچىلىك راۋان ھەم ئۆلچەملىك بولۇشىغا قارىماي، يەنە گىرمانچىنىمۇ سۇدەك سۆزلىيەلەيتتى، شۇڭا گىرمان ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ چۇۋۇرلىشىپ بىر نېمىلەرنى تالىشىپ كېتەتتى. زېرىكسە ئۇياق بۇياققا يۈگرەپ، ئۇنىڭ بۇنىڭ قېلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرەتتى. لىكىن ھەرگىز دادىسىغا كېتىمىز دەپ جىدەل قىلىپ تۇرۇۋالمىدى. پروفىسسور بولسا قىزى سورىمىسىمۇ يەنە مۇنچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن، ياكى مۇنچە قېتىم ماۋۇ تەجرىبىنى قىلىۋەتكەندىن كىيىن ماڭىمىز دەپ چۈشەندۈرۈپ تۇراتتى. بىر كۈن كەچكىچە تەجرىبە قېلىپ مەن چېغىمدا چارچاپ كەتتىم، لىكىن پروفىسسور شۇنچە چارچىغىنىغا قارىماي بىزگە ۋە قىزىغا سوئالغا جاۋاب بېرىشتە شۇنچىلىك قىزغىن ئىدى. ئاخىرى تەجرىبىمۇ ئاخىرلىشىپ قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتۇق. مەن ئويلاپ قالدىم، ئەگەر مەن بولسام ياكى بىزنىڭ يۇرتتىكى ئاتا ئانىلار بولىدىغان بولسا ھەرگىز بۇنچىلىك ئەستايدىل بولۇپ كەتمەس ئىدى (بۇنداق ئاتا ئانىلار بار بولۇشى ئەلۋەتتە مۇمكىن، لىكىن مەن كۆرۈپ باقمىدىم، شۇڭا بەك بەك ئازمىكىن دەيمەن). ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ كىچىك بالىسى يۇقىرى سەۋىيىلىك سوئاللارنى سوراپ تۇرۇۋالسا، سەن چۈشەنمەيسەن، بولدى سورىماي ئۇيۇنۇڭنى ئوينا دەپ قوغلىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. لىكىن بۇ پروفىسسور ۋە ئۇنىڭ قىزى مېنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردى. گەرچە بۇ يەرلەرنىڭ مائارىپىدا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى سوئال سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەر قانچە كالۋالارچە سوئاللىرىڭىز بولسىمۇ سورا دەپ تۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭ قىزى سورىغان سوئاللارنى ئويلاپ بولۇشقا ۋە سوراشقا ئەقلىم ۋە جۈرئىتىم يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم. چۈنكى بىز كۆپىنچىمىز ئوقۇتقۇچى نىمە دەپ بەرسە شۇ توغرا دەپ يادلىۋېلىشقا، سەۋەبىنى ئويلاپ باقماسلىققا كۆنۈپ قالغان. لىكىن ماۋۇ قىزچاق مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشاپ توختىماي سوئال سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. سورىغان سوئاللىرى ھەرگىز رەھىمسىزلەرچە رەت قېلىنىشقا ئۇچراپ، سەن ئۇقمايسەن، كىيىن بىلىۋال دېيىلىپ، ئازار يېمىگەن، سوئاللىرى سوئال پېتى قالمىغان. شۇڭا سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ دىگەندەك ھەتتا تېخى بىز قىلغان تەجرىبىلەرنى ئاساسەن چۈشىنىپ بولدىمىكىن دەپ ئويلىدىم.
        _ سىز ماۋۇ باكلاردىكى گازلارنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ قاراڭ، ماۋۇ ئوڭ تەرەپتىكىگە 95 دەپ يېزىپتۇ، سولدىكىسىگە بولسا 95 ئې دەپ يېزىپتۇ.
        تۇيۇقسىز مەندىن سوئال سورالدى. ئەسلىدە خىياللار بىلەن بولۇپ كېتىپ گاز قاچىلاش پونكىتىغا كېلىپ قالغىنىمىزنى تۇيمايلا قاپتىمەن. پروفىسسور بولسا ماشىنىدىن چۈشۈپ گاز قاچىلاش ئۈچۈن سەل يىراققا كەتكەن ئىدى.
        _ ھىم، مەن بىلمەيدىكەنمەن، سەن بىلەمسەن؟- دەپ يېنىمدىكى ساۋاقداشتىن سورىدىم.
        _ مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن، بەلكىم بىرسى يەنە بىرسىدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن.- دېدى ئۇ.
        ئەلۋەتتە بۇ قىزچاق بىزنىڭ جاۋابىمىزغا رازى بولمىدى. ئاڭغىچە پروفىسسور ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ماشىنىغا چىقتى. قىزچاق دەرھال سوئالىنى باشقىدىن سورىۋېدى، دادىسى يەنە ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويدى.
        فاكۇلتىتقا يېتىپ كەلدۇق. ماشىنىدىن چۈشىۋېتىپ پروفىسسوردىن:
        _ قىزىڭىز بەك ئوماق ھەم ئەقىللىقكەن، سىزمۇ بەك ياخشى تەربىيىلەيدىكەنسىز، مەن ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.- دىسەم، پروفىسسور كۈلۈپ كەتتى.
        _ شۇنداق، قىزىم بەك ئەقىللىق چوڭ بولدى. سوئال سوراشقا بەك ئامراق. قاراڭ، ئۇنىڭ ئېنگلىزچىسى ۋە گىرمانچىسىمۇ بەك ياخشى، مەكتەپتىمۇ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ،- دېدى پروفىسسور ۋە قىزىغا،- قاراڭ قىزىم، ماۋۇ ئاكىڭىز جۇڭگونىڭ شىنجاڭ دىگەن يېرىدىن كەلگەن، مەن ھېلىقى چاغدا بارغان جاي شۇ.
        _ ھە، ھېلىقى بىز بارغان شەندۇڭ دىگەن جاي شۇمۇ؟
        _ ياق، ئۇ دىگەن خې ئاكىڭىزنىڭ يۇرتى، بۇ ئاكىڭىز بولسا شىنجاڭ دىگەن يەردىن كەلگەن. ئۇ يەر بەك چىرايلىق، مەن ئالدىنقى يىلى بارغان جاي شۇ. ھە قېنى، ئاكىڭىزغا خوش دەڭ.
        شۇنداق قېلىپ بىز خوشلاشتۇق. لىكىن مىنىڭ كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار ئەگىشكە باشلانغانىدى. سىلەرنىڭچۇ؟

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 08:36:45

بۇ يەردە كۆپىنىچىسى دىھقان بولغاچقا ئۇنداق تخنىكا ئاتالغۇلىرىغا بالىرىغا چۈشەندۇرۇش بىرەلمىگەنلىكىتىن
بىلمەيمەن دىيىشنىڭ ،ئورنىىغا  كىچىك بالا بۇنى ئۇقۇمسىمۇ بۇلىدۇ دىگەن گەپ ئارقىلىق سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەن بۇلۇشى مۇمكىن ، ئەگەر مىللىتىمىزنىڭ ئالى مەلۇماتلىق سەۋيەسىدىكى نۇپۇسى پۈتۇن نۇپۇسنىڭ 90 نى ئىگلىسە ،  ئاۋۇ پىروپىسوردىنمۇ ئەستادىل جاۋاپ بىردىغانلار كۆپ چىققان بۇلاتتى،

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:20:30

ل.م.يۇ دىكى گىلدىر پىروفىسورنىڭ قىزىكەندە. ئۇ مۇئەللىم ھەتتا خەنزۇچىنىمۇ بەك ياخشى سۆزلەيدۇ، بىزنىڭ يۇرتنى بىزدىن ياخشى بىلىدۇ، 18 قېتىم بارغان، ئاجايىپ ماگنىتىلىق ماددىلارنى تەتقىق قىلىدۇ، قەدىمى ماگنىت مەيدانىنى خاتىرىلەيدىغان بىر خىل قۇرۇتنى تەتقىق قىلغىلى خېلى بولدى. ئالدىنقى مەۋسۈم بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىپ دوكلات بەرگەن بىر ساۋاقدىشى بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىرگە بولۇش جەريانىدا، ئۇ پىروفىسورنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ل.م.يۇغا قوبۇل قىلىنىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى شۇ چاغدا ھىچكىم قىلالمايمىز دېگەن تەتقىقات تۈرىنى مەن قىلالايمەن دەپ ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىدىن بولغانلىقنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولدۇم، مېنىڭ ھازىرقى پىروفىسورۇمغىمۇ ئەينى چاغدا مەن توغرۇلۇق ئالاھىدە خەت يېزىپ، مېنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى، دەرسىدىكى ئىپادىلىرىمنى ئېيتىپ تەۋسىيە قىپتىكەن. بۇ پىرافىسور ھەقىقەتەن ياخشى ھەم ئوچۇق چىراي، تىگى ئىتالىيىكىمىن دەپ قالىمەن.

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:28:32

مۇشۇنداق ياخشى مىجەزلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىۋېتىپسىز، تەلەيلىك ئىكەنسىز، قايسى مەكتەپنىڭ پرافىسسورى بۇ كىشى، مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم، ئەگەر بالىلارغا مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچى بولسا بالىلارنىڭ تەلىيى دىگەن شۇدە،بۇ كىشىنىڭ باشقا كەسپىي بىلىملىرىنى مەن بىلمەيمەن ئۇنى قويۇپ تۇرايلى، ھىچ  بولمىغاندا سىز بالىلىق بولغاندا بالىنىڭ سۇئاللىرىغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلىۋالدىڭىز.

tuyghu99 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 01:48:26

Tashchiqiz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 11:20 static/image/common/back.gif
ل.م.يۇ دىكى گىلدىر پىروفىسورنىڭ قىزىكەندە. ئۇ مۇئەللىم  ...

ھەئە دەل شۇ، بىلىۋاپسىزدە، مەن سىزنى تونۇغاندەك قېلىمەن، جاھان كىچىككەن جۇمۇ، ھاھا... بەرگەن ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت، راستلا مەن بىلمەيدىغان ئىشلاركەنتۇق.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 09:56:55

      بىز مۇقەددەس كىتابىمىزدا بىلمىگەننى ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراشقا بۇيرۇلدۇق .ۋە شۇنداقلا سورالغان چېغىمىزدا سورىغۇچىغا قوپاللىق قىلماسلىققا بۇيرۇلدۇق(93-سۈرە،10-ئايەت).  ئەگەر مۇشۇ ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى ئىلگىرىكى (يېقىنقى زاماندىكى) ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار ۋە ئۈگەنگۈچىلەر بەجاندىل ئورۇنلاشقانلىرىدا ئىدى ھازىرقى ئىلمىي ۋەزىيىتىمىز تامامەن باشقىچە بولار ئىدى.  تازا ئويلايدىغان بولساق بىلمىگەننى سوراش ۋە بىلگىنىمىزدىن سورالغانغا سىلىقلىق بىلەن يوشۇرماي جاۋاپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىش بولسا يېڭى بىلىمگە ئېرىشىش ۋە ئېرىشكەن بىلىمنى تارقىتىشتىكى ئەڭ مەركەزلىك ئۇسۇللار جۈملىسىدىندۇر.
      كىچىك بالىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەسلىك، ھەتتا قوپاللىق قىلىش بولسا ئۇلاردىكى يېڭى بىلىمگە ئىنتىلىش قىزغىنلىقىنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئىجادىي تەپەككۇرىغا سىرىتماق سالىدىغان قاتىلدۇر! قاچانغىچە توغرىنى بىلمەي ۋە قىلماي يۈرىيمىز؟

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 10:32:06

مەنمۇ سىزنى تونۇۋالدىم.
بەت: [1]
: پروفىسسورىمىزنىڭ بالا تەربىيىسى