xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 01:28:46

قىسىلىش (شەھلا)

قىسىلىش



شۇنچىلىك خاتىرجەم ھالدا كىتاپ ئوقىۋاتقان ئىدىم، ئۈستەلگە بىر چەينەك چاي بىلەن قاپارتما گۈللۈك جانان چىنىنىمۇ قويىۋالدىم، ئانچە-مۇنچە پىستە بادام يىگەچ چايدىن ئوتلاپ قويۇپ، پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن قولۇمدىكى كىتاپقا بېرىلىپ كەتتىم.
بىراق بۇ ھالىتىم سىرتقى كۆرۈنۈشۈم ئىدى، سىنچى كۆزلىرىمنى يېنىمدا تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان قىزىمدىن نېرى قىلمىدىم، تامدىكى سائەتنىڭ چىكىلدىشى، دەپتەر-كىتاپلاردىن چىقىۋاتقان يېقىشلىق شىلدىر ئاۋازدىن باشقا قىزىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ بوش تىنىقلىرى بۇ ئۆيدە ئادەم بارلىقىنى ئەسكە سالاتتى.
تۇيۇقسىز قىزىم ئۈنلۈك ئاۋازدا كىتاۋىدىكى بىر يەرنى ئوقۇشقا باشلىدى.

-شۇنداق بۇ بالامنى يۆگىۋالسام ياخشى بولاتتى، دەيدۇ ھېلىقى ئايال مۇستاپا كامالغا مەردانىلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ. لېكىن ھارۋىدىكى قۇرال ياراقلار ھۆل بولۇپ كەتسە ۋەتەن مۇنقەرىز بولىدۇ، بالام ئۆلۈپ كەتسە تۇغۇۋالسام بولىدۇ، ئەمما ۋەتەننى قايتا تۇغقىلى بولمايدۇ.
ئۇ يۇقارقى پارچىنى دۇدۇقلاپ تۇرۇپ بىر قېتىم ئوقۇدى، كەينىدىن يەنە بىر ئوقىدى، ئاندىن شۇنچىلىك جاراڭلىق ئاۋازدا، خۇددى ئاجايىپ يۇغان بىر سەھنىدە دېكىلماتسىيە قىلىۋاتقاندەك كەيپىياتتا قايتا بىر ئوقىدى.
ئۇنىڭ يۇمران چاچلىرى ئۇماق پىشانىسىگە چۈشىۋالغان بولۇپ، كۆزلىرى تېنىق كۆل سۈيىدەك غۇبارسىز ئىدى. تولىمۇ رايىش كۆرىنىدىغان بۇرنىنىڭ ئاستىدىكى نىپىز لەۋلىرى قىزغۇچ غۇنچە بەرگىنى ئەسلىتەتتى.
ئۇ ھەممە نەرسىگە قىزىقاتتى، ھاياتقا كۈلۈپ باقالايتتى، ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان شوخ كۈلكىلىرى بىلەن مېنى شاتلاندۇرالايتتى.
ئىككىمىز بىرلىكتە ئۆي تازلايتۇق، تاماق ئېتەتتۇق، يەنە تېخى بىرلىكتە قونچاق ئوينايتۇق. ھەر قېتىم تۈگۈپ تاماق ئېتىشقا توغرا كەلگەندە، قىيمىلارنى قېلىپ بولۇپ ئۇنىڭ مەكتەپتىن كېلىشىنى ساقلايتتىم، ئۇ كېلەتتى، جىلتە ئاچاتتى، مەن تۈگەتتىم، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاچقان جىلتىلىرىدىن پەخىرلىنەتتى. پىلتىڭلاپ ئويناشلىرى، ئەينەككە قاراپ چاچ تاراشلىرى، كىيىملىرىنى تاللاشلىرى...
ئۇ ئەمدىلا تېخى ئون ياشقا كىرگەن ئىدى، چوڭ بولسام دوختۇر بولىمەن دەيتتى.
ئۇنىڭ كىچىككىنە ۋۇجۇدى ھەر خىل گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن لىق تولغان ئىدى، ئۇنى ئاۋايلايتتىم، شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتىم.
ئۇ ئاشۇ ئابزاسنى ئوقۇپ بولۇپ ماڭا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى.بەلكىم يېرىم مىنۇت سۈكۈت قىلغاندۇ، نۇرغۇن ئىشلارنى كۆڭۈل ئېكرانىدا ئۆتكۈزۈپ باققاندۇ.
چايدىن بىر ئۆتلىۋىتىپ، ئۈستەلگە تايىنىپ ئىڭىكىمنى يۈلەپ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلەندىم، لېكىن كۆزۈمدىن بالقىپ تۇردىغان ئانىلىق مېھرىمنى سېخىلىق بىلەن مەيلىگە قويىۋەتتىم.
ئۇ قولىدىكى كىتاپقا بىر- ماڭا بىرقارىدى، ھېلىقى پارچىنى يەنە ئوقۇغىسى كەلدى، لېكىن ئۇنداق قىلمىدى.
ئاشۇ پارچىنىڭ مەزمۇنى بۇيۇنچە ۋەتەن توغۇرلۇق جانلىق بىر چۈشەنچە بىرىش خىيالىنى قىلىۋاتاتتىم، بەزەن ئوتلۇق ئىبارىلەرنىمۇ تەييارلىۋىلىشقا ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
لېكىن ئۇنىڭ ئاشۇ غۇنچە كەبى سۆيۈملۈك لەۋلىرىدىن، دانە-دانە ھالدا-ئاپا ئەگەر ئاشۇ ئانا سىز بولغان بولسىڭىز، مېنى سوغاقتا توڭلۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، مۇنقەرىزسىز ۋەتەندە يەنە بىر بالا تۇغۇۋالامتىڭىز؟ دىگەن سۆزلەر كۆز ياشلىرى بىلەن تەڭ ئېتىلنىپ چىقتى.  
قانداق ئولتۇرغان بولسام شۇ پېتىم قېتىپ قالدىم، ئاغزىم گەپكە كەلمىدى، ھېچنىمە دىيەلمىدىم، يۈرۈكۈم پىچاق بىلەن قوچىغاندەك ئاغرىپ كەتتى. تىنىقلىرىممۇ يېتىشمەي قالدى.
مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايتتىم، ئۇ مېنىڭ يۈرەك پارەم تۇرسا، پەرزەنتىمنىڭ زۇۋالىغا سەۋەپچى بولۇش بەدىلىگە كېلىدىغان ھەر قانداق شان-شەرەپ مەن ئۈچۈن ھارام بولسۇن!
ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇ ھېكايەتنى مەنمۇ نۇرغۇن قېتىم ئوقىغان، ھەر قېتىم ئوقىغىنىمدا قانلىرىم قىزىغاندەك ھېسياتتا ھاياجانلانغان ئىدىم، بىراق بۇ قېتىم ئۇنداق بولمۇدۇم، سۆزلىمەكچى بولدۇم، تىلىم قېتىپ قالغاندەك كىكەچلەپ تۇرۇپ بىر نەرسىلەر دىدىم، لېكىن ئۆزەم ئاڭلىيالمىدىم، بەلكىم قىزىممۇ ئاڭلىيالمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ مېنى قۇچاقلىدى، يېقىشلىق سۈت پۇراپ تۇرىدىغان ئاغزىنى مەڭزىمگە چىڭ باستى. ھەر ئىككىلمىز ئۈنسىز يىغلاۋاتاتتۇق.
تاراملاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇنداق تاللاشقا دۇچار قىلماسلىقنى تىلىدىم.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 04:42:29

ياخشى يېزىلىپتۇ،ھىسيات چىن ئىپادىلىنىپتۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 06:53:21

ئۇرۇش بولغانكىن قان تۆتۈلۈش بولىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ھېلىقى تۈرك ئانىنىڭ تاللىشى سېنىڭمۇ تاللىشىڭ بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
سەن ياشقۇ ! تۇغالايسەن ئاخىر !

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 07:33:11

؟...

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 09:10:16

قىسقا، ئەھمىيەتلىك ئىكەن

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 09:17:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 09:30  

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 06:53 static/image/common/back.gif
ئۇرۇش بولغانكىن قان تۆتۈلۈش بولىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ھېلىق ...
ماقۇل

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:05:03

ياقتۇردۇم.
قايسى بىر كىنودا شۇنىڭدەك بىر ۋەقەلىك چىقاتتى.
ئۇرۇشتا بىر قېتىملىق غەلبىنىڭ بەدىلىگە بىر نەچچە بالىنى قۇربان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر ئوفېتسىر بالىلار بىلەن غەلبىنىڭ بىرسىنى تاللاشقا توغرا كېلىپ، بالىلارسىز ۋەتەننىڭ بىزگە نېمە كېرىكى؟ دەپ ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە بالىلارنى قوغداپ قالىدۇ ۋە مەغلۇپ بولىدۇ.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:17:46

   تاللاشتا ئىككىلەنگەن ئانىلارنىڭ تاللىغان بالىلىرى قۇل بۇلىدۇ .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:21:08

تاراملاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇنداق تاللاشقا دۇچار قىلماسلىقنى تىلىدىم.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:28:25

ئوخشاپراق كېتىدىغان بىر ھىكايە بولىدىغان. ئۇنىڭدا ئاپا ئوقۇپ بەرگەن ھىكايىدە ئاپىسى كەلكۈندە ئېقىپ كېتىۋېتىپ بىر تال ياغاچنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن قۇچىغىدىكى چوڭ-كىچىك ئىككى بالىسىدىن چوڭ بالىسىنى قويىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بالا بۇ ھىكاينى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاپىسىدىن ئەگەر شۇنداق تاللاش بولۇپ قالىسى ئۆزىنى قويىۋېتىپ ئۇكىسىنى قۇتقۇزىدىغان ياكى قۇتقۇزمايدىغانلىقىنى سورايدۇ.ئاپا ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: مەن بولساممۇ شۇنداق قىلىمەن، چۈنكى سىز ئۇكىڭىزدىن چوڭراق ھىچ بولمىسا بىرەرتال ياغاچنى تۇتىۋېلىشنى بىلىسىز، بەلكىم تۆۋەنكى ئېقىندىكى كىشىلەر قۇتقۇزۋېلىشى مۈمكىن، ئەمما ئۇكىڭىزنى قويىۋەتسەم ئۇ چوقۇم ئۆلۈپ كېتىدۇ، ھەر ئىككىڭلارنى قويىۋەتمىسەم ھەممەيلەن ئۆلۈپ كېتىمىز.

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:36:30

بۇ ھېلقى كوللۇكتىپنىڭ مال چارۋىسىنى قوغدايمەن دەپ توڭلاپ قالغان ئاچا سىڭىللارنىڭ ئۆز چاپىنىنى قوزىغا يېپىپ قويغانلىقىغانلىقىدىن سەل كۇچلۇكرەك نۇمۇسلىقراق بىرئىنقىلابى  ھىكايە ، ۋەتەننىڭ قوغدايدىغان قۇرالنى يامغۇردىن ساقلاپ بالىسىنى يامغۇردا قويغان ئانا بەلكىم تۇركىيەدىمۇ ئاشۇ بىر قېتىملىقتۇ  ئەگەر راسىت بولسا ، ئۇنىڭدىن بالسىنى ياخشى جايلاشتۇرۇپ قويۇپ ئاندىن توشىسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ، لېكىن بۇ يەردە بىر ئىنقىلابى روھ ئەكىس ئەتتۇرۇلمەكتە ، ھەققەتەن نومۇسسىزلارچە بىر ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان سۆيگىسىنى پايخان قىلىۋاتقان ،قىلىشنى تەلەپ قىلۋاتقان بىر ئاپتۇر بار دىگەنە بۇ يەردە .
موشۇنداق بىر كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئازاپلىق ۋەقەلىكىنى تىپ قىلىپ چىققان ئاپتۇرھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەدىبياتقا بولغان ياكى ئەدىبياتنىڭ ئادەمنى ئىپادىلىشىگە بولغان ھۆرمىتىنى نۆل قىلىۋېىتىدىكەن .

بۇ يەردىكى ھىكايىنىڭ ئىچىدىكى ھىكايىگە بولغان نارازىلىق ئارلىشىپ كەتكەندەك تۇرامدۇ نىمە ،
شەھلانىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:39:23

بۇ ئانا بالسىنى قۇراللار بىلەن قوشۇپلا يېپپ قويسا تامامەن بولىدىغان ئىشقا بەكمۇ مەردانە قىلىچىلىك مېھىرسىز بىر جاۋاپنى بىرىدىكەن ،

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:46:49

ئوغلۇمنىڭ دەرىسلىك كىتاۋىدا كۆرگەنتىم مۇشۇ مەزمۇننى

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:51:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 11:02  

شۇنداق بۇ بالامنى يۆگىۋالسام ياخشى بولاتتى، دەيدۇ ھېلىقى ئايال مۇستاپا كامالغا مەردانىلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ. لېكىن ھارۋىدىكى قۇرال ياراقلار ھۆل بولۇپ كەتسە ۋەتەن مۇنقەرىز بولىدۇ، بالام ئۆلۈپ كەتسە تۇغۇۋالسام بولىدۇ، ئەمما ۋەتەننى قايتا تۇغقىلى بولمايدۇ(xahla91 )
-----
ما گەپنى سەل ئويلاشقا تۇغرا كېلىۋاتىدۇ. « بالام ئۆلۈپ كەتسە تۇغىۋالسام بولىدۇ»، دىگەن گەپتە مەسىلە بار.  بۇ بالا ئانىسىنىڭ مۈلكى ئەمەس، كېيىنكىسىنى تۇغىۋالسىمۇ ئۇ بەرىبىر ئىلگىرىكىسى ئەمەس. بۇ بالا ئۆلۈپ كەتسە ، يەنە مۇشۇ بالىنى قايتا تۇغىۋالالىغان بولسا ئاندىن ئۇ گېپى بىر يەرگە كېلىدۇ. 10 بالا تۇغىدىغان ھالى بولسىمۇ قالغان شۇ ئونىسى بۇ بالىنىڭ ئورنىدا ئەمەس. بالىنىڭ مۇھىملقى بىلەن ۋەتەننىڭ مۇھىملىقىنى سېلىشتۇرغاندا شۇنداق سېلىشتۇرۇشتا مەسىلە بار.« بالىنى تۇققىلى بولىدۇ، ۋەتەننى تۇققىلى بولمايدۇ »دەپ سېلىشتۇرغىنى خاتا.  ئۇنىڭغا قارشى: بۇ بالام ئۆلۈپ كەتسە قايتا تىرىلدۈرەلمەيمەن، ۋەتەن مۇنقەرىز بولسا ئازات قىلغىلى بولىدۇ دەپمۇ ئېيتقىلى بولىدۇ.  شۇڭا، ئىككىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنداق گەپ بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئېيتقىلى بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ قۇربان بېرىشىدا ھەققانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن  دەپ قۇربان بېرىدۇ.  شۇڭا، ئاۋال نىمىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنىمۇ ياخشى بىلىشى لازىم بولىدۇ.  

بىر ئانىنىڭ بالىسىنى سۈيىشى بىلەن ۋەتەننى سۈيىشى ئىشىدا ،مەلۇم شارائىتتا،  كونكىرىت ئىپادىسىدا ئىككىسىدىن بىرىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشنى تاللاشقا دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىشى ئۈچۈن ،بۇنىڭدىن ئاۋال : ۋەتەن دىگەن نىمە؟ دۆلەت دىگەن نىمە ؟ دىگەن ئۇقۇمىدا ئېنىق بولىشى لازىم..


tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:14:19

{:99:}

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:19:23

ئىلگىرى مەنمۇ بۇ ھىكاينى ئوقۇغاندا ئازاپلىنىپ يىغلىغان ھەم ئەگەر مەن بولسام قانداق قىلار ئىدىم دىگەن سۇئالنى قويۇپ بولۇپ جاۋابىنى بېرىشتىن  ئۆزۈمنى قاچۈرغان ئىدىم،شەھلانىڭ ھىكايىسىدىن كېيىن يەنە ئويلاندىم، ئەلبەتتە مەنمۇ شۇنداق دۇئا قىلدىم، مەن ئۇ تۈرك ئانىغا سېلىشتۈرغۇدەك ئۇلۇغ ئانا بولالمىغىدەكمەن.
86نىڭ يازغانلىرىغا تەشككۈر،جاھاندا بەزى نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا يەنە باشقىسىنى قويۇش مۈمكىن بولمايدۇ...

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 14:26:25

بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز {:112:}

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 15:28:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 15:30  

ھەرقانداق بىر ئىدىلوگيە ئۇچۇن قۇربانلىققا ئىنسانلارنى تەييار قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ .
دولىتىمىزدىكى لىيۇخۇلەن ، دۇڭسۇنرۇيلارنىڭ ھىكايىسى ، سابىق سوۋىت ئىتپاقى دەۋرىدىكى دانكونىڭ  ھىكايىسى، تۇركىيەدىكى بۇ ھىكايە ،ھەممىسى بىر ئىدىلوگىيە ئۇچۇن قۇربانلىققا ئىنسان تەييار قىلىشنىڭ بىر ئۇلگىسى .
مىنىڭچە ھىكايىدىكى ئايالنىڭ تاللىشى تەبئى تاللاش .

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 17:28:06

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 10:05 static/image/common/back.gif
ياقتۇردۇم.
قايسى بىر كىنودا شۇنىڭدەك بىر ۋەقەلىك چىقات ...

ئالىپكا !  توربىتىڭىزگە  نىمە  بولدى؟ بىر قىسمىللا  بولاپ قاپتۇغۇ؟مەزمۇن كۆچۇرگىلى  بولمايدۇ يا  چاپلىغىلى  بولمايدۇ،چوڭ يىزلىشتىكى ھەرىپلىنى تىخى  باسقىلى  بولمايدۇ؟؟؟مىنىڭلا شۇنداقمىكى دىسەم تۇنۇگۇن بىرەيلەنمۇ شۇنداق دەيدۇ.  بىر  قاراپ باقسىڭىز  بولىتتى
بەت: [1] 2 3
: قىسىلىش (شەھلا)