salqi0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 22:58:35

پەن تېخنكا ۋە بىزگە قاراپ كېلىۋاتقان كەلگۈسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salqi0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 23:27  

پەرھات ئەمەت

ھازىر تەرەققىيات دەۋرىگە كىردۇق،بۇنىى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرۋاتقان مۇھىتقا قاراپلا جەزىم قىلالايمىز. يېڭلىقلارۋە كۆزىمىزنى ئالا چەكمەن قىلىۋاتقان بۇ نەرسىلەر  بىلەن ئەش ھوشىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.چۈنكى بۇلار پەقەت تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى باشلانمسى.شۇڭلاشقا ئاز تولا پەن تېخنكا تەرەققىياتنى كۆرۇپ ھەممىگە ئېرشتۇق دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك،پۇرسەتنىڭ ئەمدى يېتىپ كېلىۋاتقانلىقنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشمىز كېرەككى
دۇنيا يەنە بىر قېتىم يېپەك يولىغا قايتىپ كەلدى. تەلەيمىزگە  بۇ يولنىڭ بىر ئۆتەڭلىرىدە بىز بار.ئەمدىكى گەپ بىز بۇ پۇرسەتنى
چىڭ تۇتۇپ پەن تېخنكىدا تەرەققى قىلىشمىز،تەبئىي پەن نەتجىلرىىمىز بىلەن دۇنيا بىلەن بىر گەۋدىلشىشمىز زۆرۇر.
جەمئىيەت تەرەققياتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ،بۇلار بەزىدە ئاجايىپ بولىدۇ،ئىلىگىرى غەرب تەرەققى قىلغان ئىدى،كېينچە ئامىرىكا قۇرۇقلىقى تەرەققى قىلدى،،،بۇ  بىر دەۋردىن كېيىن ياپون،كورىيە  جوڭگو ۋە ئىران، قاتارلىق شەرقتىكى دۆلەتلەر تەرەققى قىلشقا باشلىدى،،،قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا،،ھاۋادىن سۇغا ئاندىن يەنە قۇرۇقلۇق يولىغا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنيا سودا كارىدورىنىڭ ئاجايىپ ئالمىشىشى بىزگىمۇ پۇرسەت ئاتا قىلىۋاتقانلىقىنى كىشلەر بىلەمدىغاندۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىمى، پەيلاسوپ ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن بۇرۇنلا يىپەك يولى بەلبغىنىڭ كەلگۈسىدە ،تەرەققىيات پۇرسىتىگە تولدىغانلىقى سۇ ۋە ھاۋا سودا يولىدىن ئەرزان بېخەتەر بولغان قۇرۇقلۇق يولىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاقىلانە تەسەۋۋۇرلىرى مانا ئەمدى رېئاللىقتا بولىۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى ئۇزاق زامانلاردىكى ئاتا بۇۋىلارنىڭ تۆگىلەرنىڭ كولدۇرما ئاۋازلىرى بىلەن شەرق غەرب ئارىسدا قاتنايدىغان تۆگىلەرنىڭ چۇلۋىرى ئۇزاق زامانلاردىن كېيىن ئالتۇن تاسملىرى بىزنىڭ قۇلىمىزغا قايتا تېگىپ ،ئەمدى بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان يىپەك يولدىن ئىبارەت سودا كارىۋنىغا قوشۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بولۇشىمز مۇمكىن.
شۇڭلاشقا ئەمدى شىركەت زاۋۇت قۇرىۋەرگەن بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ،،،تېخىمۇ زور تەرەققى قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى پەن تېخنىكنى بىلىشمىز،زامانىۋى سودىدا قانداق قىلىپ نەپ ئېلشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ شۇنىڭ كويىغا چۈشۈش كېرەك. بۇ دەۋردىكى سودا ئەزىنگە ئېلىپ قىممتىگە سېتىش ئەمەس،پۇلغا پۇل قونسلا ھېساب بولدىغان ئىش ئەمەس،،،بۇلارنى كارخانا دەيمىز،كارخانا مەدەنىيتى دەيمىز،،ئىچكى قىممەت يارىتىش،ئىلىمى پىلان دېگەندەكلەر بىلەن رۋاجلىندىغان سودا دەۋرى ئەلۋەتتە.
ھازىر ،ناخشچىلارغا ،مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى تالانت سەينالىرنى ئېچىپ بېرىۋاتىمىز، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكەت ئاۋازلىرى ئارقىلىق ھەرقانچە قىلىپمۇ دۇنياغا  تونوتالمايمىز، مەيلى بۇلار ئىجادى بولسۇن خاھى سەنئەت مىراسلىرىمىز بولسۇن،بۇ باشقىلارغا بىر ۋاقتلىق ھاياجان خۇددى ئسل  بىر نوموردىن كېيىن كىشلەر چاۋاك چېلىپ بولغاندىن كېيىن كۆپۈكتەك يوقاپ كېتىدىغان ئۆتكۈنچە ھېس تۇيغۇ ئاتا قىلالايمىز، مانا بۇنى ئاجىزلىق دەيمىز، بىز ئاجىز تۇرۇپ يەنە ئاجىز نەرسىگە قول ئۇزاتساق مۇستەھكەم تۇرالمايمىز. سۇدا ئىقىپ كېتىۋاتقان ئادەم پاخالغا قو ل ئۇزاتسا چۆكۈپ كېتىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۇچى مۇستەھكەم دەرەخش شېخى بولامدۇ،ياكى مۇستەھكەم قىيا تاش بولامدۇ شۇنىڭغا ئېسلىشى كېرەك.دۇنيا رېئال بولغان ئىكەن ،رېئال قىممىتى بار نەرسلەرنىڭ  يەنى ھەركۈنى كشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان نەرىسلەرگە ئىگە  بولغاندا ھەمدە شۇلارنى ئىختىرا قىلغاندا ئاندىن دۇنيا ھەركۈنى بىزنى چۈشەيدىغان بولىدۇ.شۇڭلاشقائەمدى پەن تېخنكا كۇرۇسلىرىنى ئىلىم پەن كۇرۇسلىنى ئېچىشمىز، بالىلارغا ئويۇنچۇقلارنى تەييار ئالدىغا تاشلاپ بەرمەي ئىلكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقلارنى ياسالايدىغان قىلالىشمىز.ئىلكتىر ماتور ئارقىلىق ھەرىكەتلىندىغان  ئاددى ناھايىتى قوپال بولسىمۇ ئۆزلىرى ياسىغان ئويۇنلارنى ياساشقا يېتەكلەيدىغان ئىجادىكار بالىلار كۇرۇسلىرىنى ئېچىپ بالىلارنىڭ تەييار قونچاقلارنى ئوينايدىغان،چېقلىشقا چۈرئەت قىلالمايدىغان ،تېلۋوزورداكارتون فىلىم كۆرۇشكە ئامراق بالىلار قىلىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.ھازىر كومپيوتىر دەيمىز يانفۇن دەيمىز بۇلارمۇ پەن تېخنكا مەھسۇلاتى.
يانفۇن تۇرمۇشمىزىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلنىپ قالغانلىقى ئېنىق،ئۇنىڭ ئەسلىدىكى پەقەت سۆزلىشش قورالى بولۇشتىن ئىبارەت بىر تەرىپى ئاللىقاچان ھالقىپ ئەقىلى ئىقتىدارلق بولۇش تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىپ ،كۆپ ئىقتدارلىق بولۇش قاراپ يۈزلەنمەكتە.
بۈگۈنكى كۈندە يانفۇن ھەۋەسكارلىرى دېگەن ئاتالغۇمۇ پەيدا بولدى.يانفۇن تۇرمۇشمىزغا زادى قانداق تەسىر كۆرسىتۋاتىدۇ دېگەنلەرنى ئويلاشقا كىشلەرنىڭ چولىسى تەگمەيلا قالماي ئۇنىڭغا بارغانسىىرى باغلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. مېنڭچە يانفۇن تەرەققى قىلغانسىىرى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى سۆزلىشىش ئىقتىدار بىر چەتتە قىلىپ يانفون  باشقا نەرسىلەرگە ياكى ئۇنىۋرسال بىر ئىلكتورۇنلۇق ئويۇنچۇققا ئايلنىپ قېلىشى شۇنىڭ بىلەن باشقا بىر خىل سۆزلىشىش قورالى چىقىشى مۇمكىن،دېمەك يانفون دېگەن بىلەن ئۇنىڭمۇ مودىدىن قالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ.چۈنكى ھەرقانداق پەن تېخنكا مەھسۇلاتنىڭ يېڭلىنىپ تۇردىغانلىقى ئېنىق كەلگۈسىدە بەلكىم بىز ئوي خىياللىرىمنى گەپ- سۆزلىرىمىزى يانفۇنسىز،يانفۇننى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ ھەتتا ۋاكۇم ھالەتتە بولسمۇ يەتكۈزەلىشىمىز مۇمكىن،بەلكىم بىز ئاڭسىز تەپەككۇرنىڭ ئاجايىپ قۇدىرىتى ئاستا ئاستا تونوپ قېلشىمىز مۇمكىن. دېمەك ئىنسانلارنىڭ ئايغا چىقشى خەۋەرلەردىكى ئىش بولسا يېقىن كەلگۈسىدە ئاي شارىغا بېلەت سېتلىشى مۇمكىن،بىز يەنە بىر نىشان مارىس،ۋىنىرالا ئۈستىدە ئىزدىنشمىز مۇمكىن،
بەلكىم بىز يېقىن كەلگۈسىدە ئەينەكتەك سۈزۈك كومپيوتىرلارنى ئىشلتىشمىز مۇمكىن،..

ئىشقلىپ بىز پەن تېخنكا ،تەبىئى پەن بىلىملىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا رەسىمى ھالدا ئەھىمىيەت بېرشكە تېگشلىك دەۋر يېتىپ كەلمەكتە.

مەنبە: ئۆزەم

2014.12.4

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 16:16:31

ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىڭ!

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 19:27:17

     بالىلاردا ئىلىم-پەننى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۇ خىل روھنى پەرۋىش قىلىشقا ئالاقىدار كىتابلارنى ئەپ بېرىپ، ھەتتا ئۆزىمىز قول سېلىپ ئويۇن ئوينىتىش تەرىقىسىدە تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ بەرسەك ئۈنۈمى بەك يۇقىرى بولىدىكەن. بالىلىق مەزگىلىدىكى كۈچلۈك قىزىقىشنىڭ ئۆزىلا ھەر قانداق ئۇستازنىڭ يېتەكلىشىنى بېسىپ چۈشكىدەك كۈچ-قۇدىرەتكە ئىگە ئىكەن. يېقىندا ياپونىيەلىك بىرسىنىڭ يازغان «يېڭى پەننىي ئويۇنلار» دىگەن كىتابىنى بالامغا ئەپ بەرگەن ئىدىم، بالام ئۇنىڭدىكى تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ كۆرۈپ بېقىشقا كىرىشىپلا كەتتى. بالىلار مۇشۇنداق قىزىقىشى بويچە مۇۋاپىق يېتەكلەش ۋە ماددىي شارائىتقا ئېرىشەلىسىلا ئۇلارنىڭ تەبىي پەن تەتقىيقاتى ياكى كەشپىياتچىلىق يولىغا مېڭىپ كېتىشىدە ئۈمۈت زور دەپ قارايمەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 19:31:17

ئۇيغۇرچە كىتاپمۇ؟ مۇقاۋىسىنى يوللاڭە

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 08:38:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 08:43  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 19:31 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە كىتاپمۇ؟ مۇقاۋىسىنى يوللاڭە

    ماۋۇسى ئىچكىي مۇقاۋىسىدۇر.  

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 10:01:57

ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار شىركەت قۇرسا قانداق ئېتىبار سىياسەتلەر بار ؟ مۇشۇ ھەقتە بىلىمى بار ئاكىلار ياردەم قىلساڭلار ، ، ،
بەت: [1]
: پەن تېخنكا ۋە بىزگە قاراپ كېلىۋاتقان كەلگۈسى