begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 19:03:18

ئۇبۇنتۇ بۇرادەر ( UbuntuMate ) دىن بىر قانچە كۆرۈنۈشلەر( سىنلىق)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begmurad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-4 19:04

لىنۇكىس(Linux ) سىستېمىلېرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپئۇبۇنتۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىشلەتكۈچىلېرى ئەڭ كۆپ، ئەڭ مودا تۈرىدۇر. ئۇنىڭ مۇلازىمىتىر نۇسخسى ، ئۈستەليۈزى نۇسخسى ۋە بۇلۇت نۇسخىلېرى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇبۇنتۇ ئۈستەليۈزى نۇسخسىنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان تۈرلەنمىلېرى ۋە نۇسخىلېرى بۇلۇپ Kubuntu,mythubuntu, xubuntu, Lubuntu,gnomeubuntu, Edubuntu...قاتارلىق نۇسخىلېرىدىن باشقا يەنە جوڭگوچە نەشىرىدىن linuxdeepin ,UbuntuKylin قاتارلىقلار بار بۇنىڭ ئىچىدە ئۇبۇنتۇ كىيلىن بىلەن ئۇبۇنتۇ ئورگان تەرەپنىڭ نەچچە ئون مىليون يۈەنلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار.يۇقىرىقىلېرى پەقەتلا بىر قەدەر كۆزگە كۆرۈنگەن تۈرلەنمە نۇسخىلېرى بۇلۇپ ئۇنىڭىدىن باشقا start OS pear OS يەنە wolf OS يەنە كۆپلىگەن لىنۇكىس سىستېمىلېرى ئادەتتە ئۇبۇنتۇ ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن بۇلۇپ بۇلارنى بەزىلېرى بىر مەزگىلدىن كىيىن توختاپ قالغانلېرى بار يەنە بەزىلېرى بولسا بىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان يىڭى تۇغۇندىلېرىدۇر.   ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇبۇنتۇ تۈرلەنمىلېرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ كەتمەيمەن.

       

Ubuntumate
Hardware requirementsMinimum
Pentium III 750-megahertz

512 megabytes (MB) of RAM
8 gigabytes (GB) of available space on the hard disk
Bootable DVD-ROM drive

Keyboard and Mouse (or other pointing device)
Video adapter and monitor with 1024 x 768 or higher resolution
Sound cardSpeakers or headphones[/url
پايدىلانغان ئادرىس: https://ubuntu-mate.org/about

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئۇبۇنتۇ بۇرادەرنىڭ قاتتىق دىتال تەلىپى ئىنتايىن تۈۋەن بۇلۇپ سىز ھەتتا ئەسكى-تۈسكى يىغىۋىلىش ئورنىدىن بىر دانە خاتىرە كومپىيوتىرنى نەچچە يۈز سومغا سىتىۋىلىپ ئۇنىڭغا ئۇبۇنتۇ بۇرادەرنى قاچىلىسڭىزمۇ ئىنتايىن يىنىك مەشغۇلات قىلالايسىز. بۇ سىستېمىنى ئىشلتىش ئىنتايىن ئاسان بۇلۇپ مەشغۇلات ئۇسۇلى ئۇبۇنتۇ 10.04 كە ئوخشاپ قالىدۇ. شۇنداقلا ئۇبۇنتۇ 14.04 نىڭ ئەپلېرىنى، ئەڭ يىڭى ئۇبۇنتۇ ئەپلېرىنى ئىجرا قىلالايسىز.چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ https://ubuntu-mate.r.worldssl.net/longterm/ubuntu-mate-14.04.1-final-desktop-i386.iso
بۇ سىستېما ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ئۈچۈن بۇ قۇرالنى ئىشلىتىڭ
http://sourceforge.net/projects/win32diskimager/
مەن بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بۇلۇپ قالدى XP ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ياخشى تاللاشكەن تۆۋەندىكىسى مەن مىنىڭ كومپىيوتىرىمدىن تۇتۇلغان ئۇبۇنتۇ بۇرادەر سىنلىق كۆرۈنىشى سۈزۈك نۇسخسىىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ ؛ئۇبۇنتۇ بۇرادەر كۆرۈنۈشلېرى

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 20:05:39

بۇ تېمىنى يورۇتۇپ قۇيۇڭلا بۇرادەر،،،،،

uyghur2014 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 21:36:28

بەت: [1]
: ئۇبۇنتۇ بۇرادەر ( UbuntuMate ) دىن بىر قانچە كۆرۈنۈشلەر( سىنلىق)