uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:58:16

ئالتۇن سودا تەھلىلى 4/ 12

تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئازراق ئۆرلەپ ئالتۇن 1200 دوللار ، كۈمۈش 16.00 دوللاردىكى ھالىتىنى ساقلىغان ، ئالتۇن باھاسىىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئاساسلىقى خام نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مال زاپىسىنى تەڭششى قاتارلىق ئامىللار سەۋەپ بولۇپ ، ئاساسىي جەھەتتىن دوللار باھاسى كۈچىيىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرمىغان ؛

بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئاۋسترالىيە ئىلان قىلدىغان ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتى ؛ تۈنۈگۈنكى تۆۋەن بولغان GDP سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىن ، دوللار كۈچىيپ ، ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچرغان ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات بۈگۈن يەنە تۆۋەنلىسە ، دوللار تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ؛ ياۋروپا ۋاقتىدا  ئەنگلىيە مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتى قارارى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، بۇنىڭدىن باشقا ، سائەت 20:45 دە ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئىلان قىلىدۇ ، 20:30 دە ، گېرمانىيە فرانكفورتتا ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدۇ ، يىغىندا دېلاجى نۇتقى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولىدۇ .

ئامېرىكا بازىرىدا شۇ ھەپتىلىك ئامېرىكا دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى تېزىمغا ئالدۇرۇش سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولىدۇ ،  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ .  

1. چارشەنبە كۈنى ياۋرپا ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1194-1208 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئامىرىكا بازىرىدا 1214 دوللارغا ئەتىراپىغا چىقتى . بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1209-1204 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، تەۋرىنىش سۇس بولدى .

2.  ياۋرۇپا بازىرىدا 1200-1198 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسنى 1210-1215 دوللاردا چىقىرىشقا بولىدۇ . بىر كۈن ئىچىدە 1215 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1221 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ ، ئەگەر 1215 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1210-1205 دوللاردا چىقىرشقا بولىدۇ .




ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

        بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 88.95 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1210 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، تۈنۈگۈن ئامېرىكا ADP سانلىق مەلۇماتى مۆلچەرىدىكىگە يېتەلمىگەنلىكى ۋە خان نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، بۈگۈنكى يۇقىرى نۇقتىسى 1214.40 دوللار بولسىمۇ ، لېكىن دوللار ۋە ئامېرىكا پاي چېكى يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ئاساسى چەكلىك بولىدۇ . نۆۋەتتە بۈگۈن كەچتىكى ياۋروپا مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ۋە دېلاجىنىڭ نۇتقى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ ، ئەگەر بۇ قېتىمقى قارار QE سىگنالى قويۇپ بەرسە ، دوللارنى ياۋروغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئالتۇن باھاسى قىسقا ۋاقىت بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلەيدۇ ؛
     بۈگۈن ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولىدۇ ؛ ياۋروپا مەركىزى بانكىسى 2015 - يىلى 1 - پەسىللىك مۈلۈك سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى ئىشقا سالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ ، ئەگەر يېڭى ھەركەت ئوتتۇرىغا چىقسا ياۋروغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ،  ئەگەر بۇ سەۋەپتىن ياۋرو تۆۋەنلىسە ، دوللار يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن ؛




پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى

       تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار باھاسى يۇقىرى پەللىگە چىققاندا ، دوللار /  يېن باھاسى 120 چوڭ ئۆتكىلگە يېقىنلاشتى، قىممەت مېتاللار باھاسى ۋە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋروپا مەركىزى بانكا ۋە ئەنگلىيە مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتى قارارى قاتارلىق ئاساسى يۈز ئىش ۋەقەلەر بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدۇ .  
     بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا 11 - ئايلىق ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى مۆلچەرىدىكىگە يېتەلمىگەنلىكتىن نەخ ئالتۇن ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ، EIA خام نېفىت زاپىسى كەڭ كۆلەمدە ئازلاپ كەتكەنلىكتىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ؛




پۇل ۋە تاۋارنىڭ تۈنۈگۈنكى بازار يېپىلىش باھاسى

       12-ئاينىڭ 3 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.2310 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5684 بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.8404 بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 119.79 بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.1366 بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9774 بولغان .
       تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار جەھەتتە : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1209.20 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1209.20 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.40 دوللار بولغان ؛ Comex  قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.412 دوللار بولغان ؛  بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 69.92 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 67.38 دوللار بولغان .




بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئەھۋالى

       جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1411 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.5624 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1268 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79206 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.6397 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى  5.1643 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7648 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6806 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛  1 كانادا دوللىرى 5.4068 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56044 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 8.6672 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7502 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3636 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .




بۈگۈنكى دوللار كۆرسەتكۈچى باھاسى

12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 89.0421 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 88.88 ، ئوتتۇرچە باھاسى 88.95 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى -0.03% بولغان ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 88.9477 بولۇپ ، 88.95 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 88.9368 ، سېتىلىش باھاسى 88.9468 بولغان ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  88.9511 بولغان .


كېلىش مەنبەسى : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى


bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 21:37:22

يېڭى تەھلىللەرنى يوللىمايسىلەرغۇ بۈگۈن بەك ئۆسۈۋاتىدۇ تەھلىلگە ئىھتىياجلىق ئىدىم

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 16:18:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 17:13  

bardam يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 21:37 static/image/common/back.gif
يېڭى تەھلىللەرنى يوللىمايسىلەرغۇ بۈگۈن بەك ئۆسۈۋاتىد ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز كۆرۈرمەن ، ياخشىمۇ سىز ؟ ئالدى بىلەن سىزنىڭ قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ؛ ئۇيغۇر ئالتۇن تورىغا كۈندە مۇتەخخەسسىنىڭ ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا بولغان تەھلىلى  ۋە ئىقتىسادقا ئائىت يېڭى خەۋەرلەر يوللىنىلىدۇ ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى بلمەكچى بولسىڭىز ۋاقتىڭىز يار بەرسە ئۇيغۇر ئالتۇن تورىغا  كىرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ ؛ بۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى تور بېكەتلەرگىمۇ كۈندىىلك سودا تەھلىل يوللىنىلدۇ ، شۇڭا بۇ تور بېكەتكە  ۋە ئۇيغۇر ئالتۇن تورىغا داۋاملىق دىققەت قىلىڭ ؛
ئەسكەرتىش : بۇ قېتىم ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ پاي چېكى باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ، ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادى تۆۋەنلەپ دوللار كۆرسەتكۈچى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلەپ كەتكەن ، شۇ سەۋەپتىن ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ، بەلكىم بۇ قېتىمقى ئۆرلەش ئۇزاققا بارماسلىقى بىر ئىككى كۈن ياكى بىر ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىن ، ئەگەر سىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قىزىقسىڭىز ئۇيغۇر ئالتۇن تورىغا دىققەت قىلىڭ ؛  تور ئادېرىسى : www.uyaltun.com

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 08:18:56

قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئاجراتقىنىڭىزگا رەھمەت،تور بېتىڭلارنى كۆرۈپ تۇراي بۇندىن كىيىن
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى 4/ 12