nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:19:34

Nijat:يېزا بازىرىدا بىر كۈن (سۈرەتلەر)

بازارغا چىقىپ سۈرەت تارتمىغىلى خىلى ۋاقىت بوپ قاپتىكەن،  تۆنۈگۈن كامېرانى بوينۇمغا ئېسىپ  بىر قانچە پارچە سۈرەت تارتىپ كىرىپ ئۆزەم ياخشىراق دەپ قارىغانلىرىنى تورداشلارغا سۇندۇم.


12-ئاينىڭ 3-كۈنى ھاۋا  تۇتۇق ۋە بەك سوغۇق، قار ياغىدىغاندەكلا قىپ  تۇراتتى، سائەت 10 دىن ئاشقاندا بازار تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم، يولدا  ماشىنا بىلەن ، ئىشەك ھارۋىسى بىلەن ، موتوسىكىلىت بىلەن ، پىيادە  بازارغا كېىتىۋاتقان كىشلەرنى ئۇچراتقىلى بولاتتى.



بازار ئىچى بازار كۈنىدە  ئادەتتىكى كۈنگە قارىغاندا ئاۋات بوپ كېتىدۇ. كىچىك بالىلارمۇ خۇددى بالىلار بايرىمى بولۇۋاتقاندەك ھىس قىلالايدۇ.


بازار ئىچىدە  تۇرمۇشقا كېرەكلىك بولغان تۈرلۈك سانائەت ماللىرىنى تاپقىلى بولىدۇ، سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرى  ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەپ پات پات بازار ئارىلاپ تەكشۈرۈش قىلىدۇ.


بازاردا سەي كۆكتاتلارنىڭ تۈرى خىلى مول بولۇپ،  باھاسى شەھەردىكى كۆكتات دۇككانلىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن. چامغۇر سەل ئەرزانكەن.


بازاردا دېھقانچىلىققا ۋە تۇرمۇشقا ئشىلتىلىدىغان قول ھۈنەۋەنچىلىك  بويۇملىرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، سودىگەرلەر  بۇ يويۇملارنىڭ كۆپىنچىسىنى  قەشقەردىن  ئەكىلىپ ئازراقلا پايدىسغا ساتىدىكەن.


ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ بازاردا سېتىلىدىغان كېتىم كېچەكلەرمۇ قىش پەسلىگە ماسلىشىپ  ئېسىلىپتۇ.


بىر ئىككى ھەپتە بۇرۇن بۇ ئورۇندا دوپپا ، شەپكە ، شاپاق دوپپا دېگەندەكلەر سېتىلاتتى، ئەمدى بۇ ئۇستام سەرپىچە تۇماق ساتقىلى تۇرۇپتۇ، دانىسى 20 سومدىن.


قىش پەسلى كىرىشى بىلەن تۇنكىساز ئۇستاملار ئالدىراش بوپ كەتتى. بازاردىن ھەر خىل نۇسخىدىكى مەش ۋە كانايلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.


بازاردا ئىلما توقۇلما ماللارنىڭمۇ تۈرى كۆپ بولۇپ، سوغۇق چۈشكەندىن بېرى سودىسى يامان ئەمەس بولغىلى تۇرۇپتۇ.


دېھقانلار كېۋەزلىرىنى سېتىپ ،  ئىقتىسادى ئازراق ياخشىلانغاندىن كېيىن ، بازار ئىچىدىكى مال چارۋا سودىسىمۇ خىلى جانلىنىپ قاپتۇ. ئورمىدىن كېيىن 400~500 سومغا بېرىدىغان پاقلان ھازىر 500~600 سومغا ئۆرلەپتۇ.


بازار ئىچىدىكى بۇ لەغمەنخاننىڭ لەغمىننى ئانچى مۇنچە يەپ قويىمەن. بۇ بازىمەنچى ئۇستام يېڭىدىن كەلگەن ئوخشايدۇ ھۈنىرى يامان ئەمەسكەن،  بۇ سۈرەتنى بىر  سائەتچە ھەپىلىشپ  تارتىۋالدىم.


بۇ ئاشخاننىڭ لەغمىنى ئوخشىغاچقا بازار كۈنلىكى ئادەم ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. ئاشىخانىدىكى ئۇستاملار چۈشلۈك تامىقىنى خىرىدارلار ئاز قالغاندا سائەت 3~4 لەردە يەيدىكەن.


بۇ ئاشخاننىڭ لەغمىدىن باشقا يەنە پولۇسىمۇ يامان ئەمەس ئوخشايدىكەن.


بازاردا  پولۇ ،شورپا، كاۋاپ قاتارلىق ئىسسىق تاماقلاردىن باشقا ، ئىسسىق باسار يېمەكلىكلەرنىمۇ تاپالايدىكەنمىز، بەزىدە قوسىقىم توق بولسىمۇ ئارىلاپ لەڭپۇ يەپ قويىمەن.


بازاردا  رەڭگارەڭ  'مالاچۈەر' لەرنىمۇ  تاپالايدىكەنمىز، قىز چوكانلار ئۆچرەت تۇرۇپ يېيشىىپ كېتىدىكەن.


ھەر بازار كۈنلىكى بۇ بوۋاينى ئۇچقاتقىلى بولىدۇ، بۇ بوۋاي ياز قىش باققالچىلىق قىلىدىغان بولۇپ، ساتىدىغان قوغۇنلىرى خىلى تەملىك. بازار كۈنلىكى بىر ئىككى تىلىم قوغۇن يەپ قويىمەن.


بازار كۈنلىكى بۇ مومايدىن ئانچى مۇنچە تۇخۇم سېتىۋالىمەن. بازار كۈنلىكى بىر كۈدە 1000 سوم ئەتراپىدا سودا قىلالايدىكەن. پايدىسى 100 سوم ئەتراپىدا دەيدۇ.


ئانار پىشقاندىن بېرى بازاردا ئانار سۈيى سىقىپ ساتىدىغانلارنى ئۇچرىتالايدىكەنمىز، بۇنداق سىقىپ ئىچكەندىن ، قولدا ئۇۋاپ تەبىئيلا يېيشنى ياخشى كۆرىمەن.


قىش كىرگەندىن بېرى كۆمۈر سودىسىمۇ جانلىنىپ كەتتى. بۇ خىل كۆمۈرنىڭ توننىسى 600 سوم ئەتراپىدا بولۇپ، قالىساق پەقەت داشقال قالمايدىكەن. بۇ كىچىك سودىگەر دادىسغا ياردەملىشىپ كۆمۈر سېتىشىپ بېرىۋاتقان ئوخشايدۇ.


سودىلىقىنى تۈگەتكەن دېھقانلار ئۆيلىرىگە قايتىشقا باشلىدى، مەنمۇ لاقالۇقىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ  ياتاققا قايتتىم.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:40:44

ئالدىنقى رەتتىكى سافادا ئولتۇرۇپ ھۇزارلاندىم

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:43:34

قايسى ناھىيە (يېزا) بازىرىدۇر بۇ؟
ماۋۇ تېمىنى مەپتىيا تورى دېگەندەك خەلقئارا تورلارغا چىقىرىدىغان ئىشكەن سۈزۈك رەسىملەر بىلەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:50:02

ياخشى تارتىپىسز ، شۇنداق قىلىپ ئۆزىڭىز نەدە ؟

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:54:57

شۇنچىلىك تەبىئىي چىقىپتۇ بولۇپمۇ تۇخۇم ساتقۇچى موماي بىلەن ئىۋۇ كۆمۈرنىڭ يېنىدا تۇرغا بالا شۇنداق تەبىئىي چىقىپتۇ! سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىڭىز خېلى بولىدىكەن.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:24:16

تەبئىي تارتىلغان رەسىملەر پەيزى چىقىدىكەن

Hikmet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:31:50

ھەممىسىنى ياقتۇرۇپ كۆردۈم .
تۇخۇم ساتقۇچى موماينىڭ پەچەت تارتىلىپتۇ .:)

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:44:33

ھەشەمەتلىك سودا-ساراينى ئاۋۇ بازارغا تەڭ قىلمايمەن جۇمۇ ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:47:27

بەدىئىلىك ، بايقاش جەھەتتىن ئاۋۇ كۈمۈرچى بالىنىڭ بەك ئىسل كۈرۈنۈشكەنتۇق ، ئەمما تارتقاندا ئازراق تېيىلىش باركەن ، سۈرەت ئازراق سۈپەتسىز ، غۇۋا ، قاراڭغۇمىكىن دىسە رەڭلەر ئۇچۇق ....

ئاۋۇ قوي سودىسى بىلەن تۇخۇم ساتقان ئايالنىڭ ياخشى چىقىپتۇ ، ئىشقىلىپ ھەممىسى بىر-بىرىدىن ياخشىكەن ..

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 16:11:16

ماڭا ھەممىسى يارىدى،فىيىسبوكقا چىقىرىۋەتسەم مەيلىمىكى،بىرەيلەن بولىدىغان مۇشۇنداق ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك پىچەت رەسىملەرنى يوللايدىغان،قارىسام ماۋۇ رەسىملەمۇ قىلىشمىغۇدەك تارتىلىپتۇ،

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 16:18:07

ياخشى تارتىپسىز ، ئىسىل چىقىپتۇ.
كومپىيوتىردا رەڭنى بەك ياساپسىز . رەسىمنىمۇ ئانچە-مۇنچە سىزىپ قۇيامسىز قانداق؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 16:42:38

شۇنچە ئىزدىسەممۇ قەيەر ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىنىق ئۇچۇرلارنى تاپالمىدىم. سۈرەتنى چوڭايتسا غۇۋالىشىپ كېتىدىكەن.
لىكىن چوقۇم يەكەن ناھىيسىكەن بۇ.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:01:53

ئەجەپ بىزنىڭ يۇرتقا ئوخشايدىكەنيا؟ رەسىمدىكىسى قەيەر؟

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:09:49

arkan2011 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 14:54 static/image/common/back.gif
شۇنچىلىك تەبىئىي چىقىپتۇ بولۇپمۇ تۇخۇم ساتقۇچى موماي  ...

ماڭىمۇ دەل شۇ توخۇم ساتقان موماي بىلەن كۆمۈر سېتىۋاتقان بالىنىڭ رەسىمى ھەممىدىن بەك يارىغان ئىدى، بۇ تېمىنى خەلقئارالىق مۇنبەرلەرنىڭ فۇتۇ سۈرەت تېمىسىغا بەرسىڭىزمۇ بوپتىكەن. سۈرەتلەر ناھايىتى سۈزۈك تەبئىي چىن چىقىپتۇ.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:23:56

13565528655 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:24:15

ماڭا قوغۇنچى بۇۋاينىڭ رەسىمى بەك يارىدى،.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:40:54

قىزىل بايراقنىڭ جېقلىقىغا قارىغاندا كۇچادەك قىلىدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:47:18

  لەغمەن تاشلىغىنى نوچى چىقىپتۇ.{:198:}

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:50:30

زامانىۋى بىزەكلەردىن خالى ساپ ئۇيغۇر تۇرمۇشى.   رەسملەرنى ياقتۇردۇم .
             بولۇپمۇ ھىلقى كۆمۇرچى بالا ،بەك تەبئى تارتىلىپتۇ، لىكىن ئازراق نوخسان بار . ئارلىق سەل يىقىن ھەم تارازا رەسىمنىڭ يىرىمنى دىگۇدەك ئېگەللەپ كەتكەن ئاساسى مۇھىت تازا گەۋدىلىك ئەمەس ، بولمىسا پولتىزىر ئاخپارات مۇكاپاتىغا تەۋىسيە قىلغۇدەك رەسىمكەن .{:112:}
         

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:52:06

بىر-بىرىدىن ئىسىل  
بەت: [1] 2 3
: Nijat:يېزا بازىرىدا بىر كۈن (سۈرەتلەر)