ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 09:15:47

باشقىچىرەك ياشاش

باشقىچىرەك ياشاش

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

يېقىندىن بۇيان خەنزۇچە تور بېكەتلەردە «باشقىچە ياشاش» دېگەن تېمىدا تۇرمۇش كارتىنىلىرى جانلىق سۈرەتلىنىپ، باشقىچىرەك تەپەككۇر ۋە ياشاش ئۇسۇلى يورۇتۇپ بېرىلىدىغان ئېلىكتىرونلۇق كىتابلار كۆپىيىپ قالدى، كۆپ قىسمى گەرچە ئەتىراپىمىزدىلا يۈز بەرگەن ياكى ئاڭلىغان ئىشلار بولسىمۇ، ھازىرغىچە بۇنچىلىك تەھلىل قىلىنىپ، پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەر ئاز بولغان، بۇ ئىشلار كىشىلىك ھاياتنى باشقىچىرەك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇسۇلىنى سۈرەتلەپ بېرىۋاتقاندەكمۇ قىلىدۇ.گەرچە نارازىلىق كەيپىياتى چىقىپ تۇرسىمۇ، ياشاش ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدىنىش بولغانىكەن، يامان ئىش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۈگۈنمۇ شۇنداق تېمىدىن بىرى دىققىتىمنى تارتتى.
بۈگۈنكى جۇڭگو ئۆتمۈشتىكىدىن كۆپ باي-باياشات، لېكىن قانچىكى باياشاتلاشقانسېرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ دەردى شۇنچە كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. 30 يىلنىڭ ئالدىدا ۋېلىسىپىت مىنىپ، ماشرەڭ چاپان كىيىپ، غۇربەتچىلىك ئىچىدە ياشايتتۇق، بەخت كىشىلەرنىڭ يۈزىگە يېزىقلىق ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قورساق توق، كىيىم پۈتۈن، تۇرمىشىمىز باياشات، لېكىن نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار بەخىتنى باشقىلاردىن ياخشىراق ياشاش دەپ چۈشىنىدۇ: «تۇرىۋاتقان ئۆيۈم باشقىلارنىڭكىدىن چوڭراق بولسا، ھەيداۋاتقان پىكاپىم باشقىلارنىڭكىدىن نوچىراق بولسا، بالام ئوقۇۋاتقان مەكتەپ باشقىلارنڭكىدىن داڭلىقراق بولسا» دەپ قارايدۇ. «پۇلنى باشقىلاردىن كۆپرەك تاپسام، كىيىمنى باشقىلاردىن ئېسىلرەك كىيسەم، باشقىلارنىڭكىدىنمۇ يېڭى پاسۇندا يانفون ئىشلەتسەم، باشقىلار ئېرىشىپ باقمىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشسەم...» دەپ ئويلايدۇ، بىراق دۇنيادا ئادەمنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن، يەنە نېمىشقا باشقىلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ يۈرگۈدەكمىز.
ۋەس-ۋەسىدە تۇرۇپ ئىزدىگەن بەخت ئىزدىگەنسېرى مەڭگۈ سىزدىن يىراقلىشىدۇ. «سەندىن مەن قالارمەنمۇ» دەپ بەسلىشىپ ئىزدىگەن بەخت بىر ئۆمۈر سىزگە نېسىپ بولمايدۇ، باشقىلارغا نېسىپ بولغىنى سىزگىمۇ ئوخشاشلا نېسىپ بولۇشى ناتايىن. ياشاشتىمۇ باشقىلاردىن ئۆرنەك ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشىنى تولۇق تونۇپ يەتكەندىلا، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئوبدان جارى قىلدۇرغاندىلا، ئېرىشىشكە تېگىشلىك بەخت سىزگە ھەر خىل يوسۇندا سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.
مەنپەئەت ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن چېلىشىش، بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك؛ بىراۋ مەيلى راست سۆزلىسۇن ياكى يالغان سۆزلەپ سىزنى ئالدىسۇن، ھامان ئەڭ يۇقىرى مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇش؛ بىراۋنىڭ خالىسانە قىلغان ياخشىلىقلىرىنىمۇ ئورۇنسىز گۇمان تۈپەيلىدىن قۇبۇل قىلماسلىق،«جان ساقلاشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇش» دەپ قاراش؛ باشقىلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك تەدبىر، يەنى ھىيلە-مىكىر تېپىش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش؛ باشقىلارنى دامىغا چۈشۈرۈپ، ئۆزىگە پايدىلىق تەرىپىگە بۇراش كويىدا تىپىرلاش ئازاپتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە بۇنچە قىينىلىپ ياشاشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق. دىققەتنى باشقىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ياكى ئوي-پىكىرىگە قاراتقاندىن كۆرە، ئۆزى قىلشقا تېگىشلىك ئىش ئۈستىدە كۆپرەك ئويلانغان ياخشى. بەزىدە باشقىلارنىڭ نېمە دەپ باھا بېرىشىگە ئۇنچە سەزگۈر بولۇپ كېتىشنىڭمۇ قىلچە ھاجىتى يوق، شۇنداق قىلغاندىلا نۇرغۇن بىھۇدە خاپىچىلىقتىن خالىي بولغىلى، ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئۆز ئىشىغا تېخىمۇ بەكرەك سەرپ قىلغىلى بولىدۇ. دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىلغان ھەر قانداق ئىش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ، پەقەت «باشقىلار نېمە دەپ قالار» دەپ دەككە-دۈككە ئىچىدە قىلغان ئىش قىلغانسېرى نۇقسانلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىزدىنىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئۆزىدىكى ئاجىزلىقلارنى تولۇقلاشنى بىلىش كېرەك. مەكتەپتە ياكى باشقا ۋاقىتتا ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قېلىش ئادەمنى ماڭدامدا بىر باشقىلارغا ھاجەتمەن قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەممىلا ئىشنى ئۆزىنىڭ چۇڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش باسقۇچىغا بارمىغان تېيىز چۈشىنىشى بويىچە پەرەز قىلىپ ئىدىتلاش، باھا بېرىش ماھىيەتتە كىشى دۈچ كەلگەن ئايىغى چىقماس باش ئاغرىقى، خالاس. دائىم «مەن ھەممىنى بىلىمەن » ئەمەس، «مېنىڭ بىلمەيدىغانلىرىم تېخىمۇ كۆپ» دەپ ئويلاش ئاقىلانىلىك. كۆپ گەپ قىلىدىغان ئادەم شۇنچە نادان قالىدۇ، باشقىلارنىڭكىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئادەم بىلىمدە داۋاملىق چوڭقۇرلاپ ماڭىدۇ.
بەختمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا، باشقىلارنىڭكىدىن ئۈلگە ئېلىش ئادەمنى ياش تۇرۇپلا روھىي چۈشكۈنلۈككە مەھكۇم قىلىدۇ. ئەكسىچە بېشىنى ئىچىگە تىقىپ قىلىۋاتقان ئىشىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشقاندىلا، ھامىنى بىر كۈن باشقىلارمۇ ئېرىشىپ باقمىغان بەخىتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 11:36:04

ھاياتلىق ۋە ياشاشنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ‹ئېنجىنىرى› نىڭ بىزگە بىلدۈرگەن ‹قوللانمىسى› بويىچە ياشىساق ،خۇددى بىرەر ئۈسكىنىنىڭ ياسىغۇچىسى كۆرسەتكەن قوللانما بويىچە ئىشلەتسەك شۇ ئۈسكىنىنى بۇزۇپ قويماي توغرا ئىشلىتەلىگەندەك ياشاۋاتقان زىمىننى ،ھاياتلىقنى سىزنى ۋە مىنى ‹ياسىغان› باش ‹ئېنجىنىر› كەرەملىك ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى ياشىساقلا ئىككىلى ئالەمدە ياخشى ياشىيالايمىز. دۆۋلىتىمىز ئەخلاق قۇرۇلىشىنى ئەمدى تەكىتلەۋاتىدۇ بۇ نىمە ئۆچۈن زۆرۈر بولۇپ قالدى ؟چۈنكى ماۋۇ خەقنىڭ ئەخلاقى پۈتۈنلەي بولمىسىمۇ ئاساسەن گۇمران بولدى

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:09:44

قەدىمىي يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتىلنىڭ بۇ ھەقتە مەشھۇر سۆزى بار : ئۆزەڭنى بىل!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:42:58

ھەسەتخورلۇق ۋە سېلىشتۈرۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى رولى ناھايىتى چوڭ. ئۆزىگە بىر غايە تۇرغۇزۇپ ئارزۇسى بويىچە ئىلگىرلەپ ماڭىدىغان كىشىلەر يەنىلا ئاز ساندا، كۆپىنچە كىشىلەر ئەگەشكۈچى: ئۇنىڭغا قارايدۇ،بۇنىڭغا قارايدۇ، ئۆزىگە قارايدۇ، ئارىلىقنى دەڭسەپ بېقىپ ئاندىن قەدەم ئالىدۇ ۋە مېڭىش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ. يەنى 'ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولىدۇ'.
ھازىرقى جۇڭگۇدا كەينىدە قالغانلار كەمسىتىلىپلا قالماستىن بەلكى گۆرگە ئىتتىرلىدۇ - كەينىدە قېلىشنىڭ ئۆزى جىنايەت ھىساپلىنىدۇ- مەيلى ئۇ قانچىلىك ئەخلاقلىق، ئۇلۇق ئادەم بولۇپ كەتسۇن. قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن شۇنداق بىر دەۋىر ۋە شۇنداق تەلۋىلەشكەن بىر ئەۋلات كىشىلەر لازىم بولسا كېرەك. ئىچكىردىكى تەرەققى قىلغان رايۇنلاردىكى كىشىلەر بۇ دەۋىرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، 'باشقىچىرەك ياشاش' نى ئىستەۋاتقان بولسا كېرەك. ئەمما دىيارىمىزدا مەن ئۇچراتقان كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئاشۇنداق تەلۋىلىكنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن- ئېتىلىپ تۇرىدۇ، بوش ئورۇن بولسىلا چوقۇم قىستىلىدۇ ھەم كەينىدە قالغان كىشىگە بىچارىلەرگە قارىغاندەك كەمسىتىش نەزىرىدە قارىشىدۇ ، ئۇلارغا بىر كۈلۈپ قاراشنىمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلغان ساخاۋىتى دەپ قارايدۇ ، ھەرقانداق پۇرسەتلەرنىڭ ئىشىگىنى ئېتىپ ئۆزىدىن ئاشقان تەقدىردىمۇ باشقىلارغا بېرىشنى خالىمايدۇ...
بۇنداق مۇھىتتا، باشقىچىرەك ياشاش شىنجاڭلىقلارغا نىسىپ بولمىسا كېرەك، ھىچ بولمىسا ھازىرچە. 'تەلۋىلەرچە ياشايدىغان' بىر ئەۋلات بولۇش دەۋىرنىڭ تەقەززاسى.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:59:36

مەن تەرجىمە قىلغان 'پۇل پاخاللىقى' ماۋزۇسىدىكى تىمىنى تەستىقلىماي قويدىڭلار. مەركىزى بانكا ئۆسۈم چۈشۈرگەندىن كىيىنلا ئېلان قىلىنغان يازما ئىكەنتۇق، ئاشۇ ئۆسۈم چۈشۈرۈشنىڭ تەسىرىدە پايچەك بازىرى بىر ھەپتە ئىچىدىكلا 300 نوقتىغا يېقىن ئۆسۈپ بولدى، پۇللارنى بانكىدىن چىقىپ ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا بارارمىكىن دىگەن پەرەزلەر بېسىقىپ، قارىغاندا ھەممە پۇللار پاي بازىرىغا ئېقىۋاتقان چېغى. ئاشۇ تىمىدىن ئازراق بولسىمۇ ئىلھام ئېلىپ ئۇخلاۋاتقان نومۇرلىرىنى ئويغىتىپ ئازراق فوند ياكى پايچەك ئېلىپ قويغان قېرىنداشلار بولغاندا بۇ ۋاقىتقىچە پايدا ئالماي قالمايتتى، شەخسەن مەن شۇ چاغدا ئېلىپ قويغان فوندنىڭ ئالدى 15 پىرسەنت ،پايچەك 10 پىرسەنت ئۆسۈپ بولدى.بۇنداق پۇرسەت ئون يىلدا كەلمەيدۇ.

بوش ۋاقتى بارلار دىققەتنى پاي بازىرىغا ئاغدۇرۇپ باقسا بولىدۇ. قارىسام پايچەك ئۇستىلىرى پۇل ساناش بىلەن ئاۋارە ئوخشايدۇ، ئاكسىيە مۇنبەرلىرىمۇ چۆلدەرەپ دىگەندەك.
بەت: [1]
: باشقىچىرەك ياشاش