ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 09:11:30

توخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە

توخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە


19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىۋىن ھېدىن ( 1865-1951 ) ، سىتەيىن ( 1862-1930 ) ۋە پائول پىللىئوت ( 1945-1978 ) قاتارلىقلار ئىلگىرى ۋە ئاخىر تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىدا كۆپ قېتىم ئارخىئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايىتقاندىن كىيىن قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، جۇغراپىيىسى ، ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ، شۇنداقلا قوللانغان تىللىرىغا بېغىشلانغان يۇقىرى سەۋىيىلىك ، ھۈرمەتكە سازاۋەر ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ ، ئىلىم ساھەسىدە زور شۆھرەت قازاندى .

جۈملىدىنتوخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىمۇ ئەڭ دەسلەپ ئارخىئولوگ سىۋىن ھېدىن ئۆزىنىڭ ئارخىئولوگىيىگە بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسىرى -ئاسىيا باغرىغا ساياھەت -تە : خوتەن ئەتراپىدا توخۇلا دېگەن بىر يېزا بار ، بۇ توخارلاردىن قالغان ئىسىم -دەپ مەلۇمات بەرگەن .جۇڭگو ئالىمى ۋاڭ زۇڭۋىمۇ : دۇنخۇۋاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى -ناملىق ماقالىسىدە سىۋىن ھېدىننىڭ ئەسىرىدىن يۇقىرىقى قاراشنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، بەلگىلىك مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغان . ئەمما بۇ قاراشنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن .

بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ماقالىسىدە ئاساسلىق قىلىپ : دۇنخۇاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە توخارلارنىڭ جۇڭگو يازما مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى پائالىيىتى ئۈستىدىلا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ، ئەمما نەزىرىنى كەڭرەك دائىرىگە قويمىغان .
توخۇلا-قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى بولۇپ ، شەرقتە بۇ ناھىيىنىڭ جاھانباغ ، جەنۇبتا ئاقساراي ، كۇيا ، غەربتە ماڭلاي يېزىلىرى بىلەن ، شىمالدا قاراقاش بازىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ . بۇ يېزىدا ( 1996-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى ) 11 مەمۇرىي كەنت ، 42 مەھەللە ، 15مىڭ 507 نوپۇس ، 15 مىڭ 704 مو تېرىلغۇ يەر بار .

توخۇلا -دېگەن بۇ يۇرت نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان توخارلار توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپقالدۇرۇلغان ئىشەنچلىك خاتىرە مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىيە 1-ئەسىردە ياشىغان يۇنان تارىخشۇناسى سىترابون نىڭ -جۇغراپىيە -ناملىق ئەسىرىدۇر . بۇ ئەسەردە توخارلار ئىسكىت(ساك ) قەبىلىلىرىنىڭ بىرسى دەپ مەلۇمات بېرىلگەن .ئىسكىتلەر ، يەنى ساكلار ئەڭ دەسلەپ مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇلۇپ ، كىيىنھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىغا ،تارمەنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ، ھىندىستان ۋە ئىران قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان . ھىندىستانغا كۈچۈپ بارغان قەبىلىلەر تەركىبىدىكى توخارلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 140 -يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ( ئالىكساندىر ماكىدونىسكى ) ئىستىلاسىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان گرېك-باكتىرىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، مەشھۇر كۇشان ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان . بۇ ئىمپېرىيىنىڭ توخارلار تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغانلىقى كۆپلىگەن تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى . بۇددىزىم تارىخى تەتقىقاتچىسى لۈي جىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ -ھىندىستان بۇددىزىمىنىڭ مەنبە-ئېقىملىرى -ناملىق كىتابىدا بۇددىزىمنى ياراتقان ساكيامونىنىڭ ( ساك خەلقىنىڭ دانىشمىنى ) دېگەن نام بىلەن شۆھرەتلەنگەنلىكىنى ، بۇددىزىمنى سەنئەتلەشتۈرۈشنى ۋە ماھايانا بۇددا مەزھىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان مەشھۇر كۇشان پادىشاھى كانىشكا نىڭ خوتەنلىك ساك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان .

توخارلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان كۇشان ئىمپېرىيىسى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرلەردە يالغۇز ھىندىستاندا ھۆكۈم سۈرۈپ قالماستىن ، بەلكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن .
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى ب . ئا . لىتۋىنىسكىيىنىڭ پىكرىچە - ئەڭ دەسلەپكى توخار ئېتنىك دولقۇنى شۇنچىلىك چوڭ بولغانكى ، مۇشۇ دولقۇندا كەلگەن قەدىمكى توخارلار شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك يېيىلغان .   بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىكى كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان خوتەندە توخارلاردىن خېلى كۆپ خەلقنىڭ ياشىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ .
كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى سىياسىي تەسىرى ھونلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغاندىن كىيىن ، بۇ رايوندىمۇ توخارلار تەدرېجى ھالدا تۈركلىشىشكە باشلىغان .
ئالىم مەھمۇد كاشغەرىيمۇ -تۈركىي تىللار دىۋانى دا خوتەن تىلىدا ھىندى تىلىنىڭ تەسىرى بار ، ئىككى تىل بىلىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر ئارىلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىلىدا بۇزۇقلۇق بار . چەتئەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدىغان خوتەن ، تۈبۈت خەلقلىرى ۋە تاڭغۇتلارنىڭ بەزىلىرىمۇ شۇنداق . بۇلار تۈركلەر ئېلىگە كېيىنرەك كەلگەن . تۈبۈتلەرنىڭ ئايرىم تىلى بار . شۇنىڭدەك خوتەنلىكلەرنىڭمۇ ئايرىم تىلى ۋە ئايرىم يېزىقى بار . بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تۈركىي تىلدا چىرايلىق سۆزلىيەلمەيدۇ ....دەپ يېزىش ئارقىلىق خوتەن رايونىنىڭ كېيىنچىرەك تۈركلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان .

توخار-دېگەن بۇ مىللەت (قوۋم ) نامىنىڭ خوتەن رايونىدىكى ساكلار ، يەنى توخارلار تۈركلەرگە ئاسسىملىياتسىيە بۇلۇشقا باشلىغان دەسلەپكىمەزگىللەردە ( تەخمىنەن 5-ئەسىرلەردە ) كونكرېت بىرەر جايغا قارىتىلغان نام سۈپىتىدە كەلمەي يەنىلا قوۋمنىڭ ( توخارلارنىڭ ) نامىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ . پەقەت تۈركلىشىش بىر قەدەر تولۇق تاماملانغاندىن كىيىنلا ، ئەينى ۋاقىتتا توخارلار كۆپراق ئولتۇراقلاشقان ياكى تولۇق تۈركلىشىپ ( ئۇيغۇرلىشىپ ) كىتەلمىگەن توخارلار ئولتۇراقلاشقان كونكرېت بىرەر جايغا قارىتىلىپ ھەم يۇرت نامىنى ، ھەم شۇ جايدىكى خەلق نامىنى بىلدۈرۈشكە باشلىغانلىقى مەلۇم .ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەتتا -تەكلىماكان -دېگەن بۇ نامنىڭمۇ توخارلار ماكانى دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا . خوتەن رايونىدا توخارلار دېگەن ئىسىم ئەڭ ئاخىرقى توخارلار ئۇيغۇرلارغا تەلتۆكۈس ئاسسىملىياتىسىيە بۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ، كونكرېت بىرەر قوۋمنى كۆرسىتىشتىن قېلىپ ، يۇرت نامىدىلا ساقلىنىپ قالغان . ئۇ ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ ئادىتى بۇيىچە تەلەپپۇزدا -ر - تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن توخارلا -توخالا غا ئۆزگەرگەن . ئاندىن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش -ئا- نىڭ نۇتۇقتا ماسلىشالماي -ئۇ-غا ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن بۈگۈنكىدەك -توخۇلا - دېگەن ھالەتكە كەلگەن .

ئىزاھات :
1) ۋاڭ زۇڭۋىي -دۇنخۇاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 1987-يىللىق 4-سان ، 163-164-بەتلەر )
2) قاراقاشنى چۈشىنەيلى -78-بەت (1997-يىل خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى ، قاراقاش ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىتۈزۈپ باستۇرغان )
3) يۈي تىيەنخېڭ ( خانېدا تورۇ ) :-غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى -شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 7-ئاي 1-نەشىرى 35-بەت .
4) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن - ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى -دە كەلتۈرۈلگەن نەقىل . شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى 1997-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى ،41-بەت .
5) ب . ئا . لىتۋىنىسكىي : غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى تەقدىرى ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىخى -مەدەنىي باغلىنىشلار موسكۋا 1984-يىلى
6) مەھمۇد كاشغەرىي : تۈركى تىللاردىۋانى 1-توم ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 8-ئاي 1-نەشىرى ،10-،39-،40-بەتلەر .
7) پالتاخۇن ئەۋلاخۇن ، گۈلنار ئىسمايىل : تەكلىماكان نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە قايتا ئىزدىنىش -شىنجاڭ ئۇۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى -2000-يىللىق 4-سان 57-بەت

مەنبەسى:قاراقاش مەدەنىيەت تەزكىرىسى ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل 1-ئاي 1-نەشىرى )
مەمتىمىن قۇربان ، ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 09:24:26

دىيارىمىزدا ، بىلىشىمچە 3 جايدا مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان يەر -جاي بار ئىكەن :

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 09:45:23

نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ بىر ئەسرىدە «توخۇلادا توخۇ چوقۇشتۇرۇپ، ئىشتاچىدا ئىشت تالاشتۇرۇپ...» دەپ بىر تەسۋىر بولىدىغان.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 10:24:35

بىر ياشلىق قوينى توخلا دەپ قويۇتتۇق بىز،،

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 10:36:51

sarwan يوللىغان ۋاقتى2014-12-4 09:45 static/image/common/back.gif
نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ بىر ئەسرىدە «توخۇلادا توخۇ چوقۇش ...

نۇرمۇھەممەد توختى تىلغا ئالغان توخۇلا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بىر يېزىسى، ئىشتارچى دېگىنى توخۇلا يېزىسىغا قوشنا بولغان بىر كەنتنىڭ ئىسمى، ئۇ ئاقساراي يېزىسىغا قارايدۇ.

toghrulbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 10:41:17

بىزنىڭ ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىمۇ شۇنداق بىر يەر بولىدىغان توخۇلا دەپ.بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشاشمىدۇ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 10:50:49

6-ئەسىردە   كەشمىر ، خوتەن رايۇنلىرى تۈرۈكلىشىپ بولغان ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك راھىب سەيياھلارنىڭ خاتىرىسىدە كەشمىرنىڭ ئاساسى ئاھالىسى ۋە ھۆكۈمدارىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىدىيىلىپتىكەن ، 9-ئەسىردىكى ئۈدۈنخانى ئارىسلانخان دىيىلەتتىكەن

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 11:32:37

toghrulbeg يوللىغان ۋاقتى2014-12-4 10:41 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىمۇ شۇنداق بىر يەر بول ...

توخۇللۇق بالىلاردىن سوراپ باقاي جۇمۇ :)

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 12:15:38

{:112:}

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 13:09:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-4 13:11

ئاتۇشتىمۇ ئىشتاچى دەپ كەنىت بار


ساكلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكساق -ئىككى ساك ،بەيساق -بەشساك ، ئۇنساق -ئونساك ، قەشقەردە توققۇزساق
ياۋچىلارغا مۇناسىۋەتلىكيولچىلا

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 13:14:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-4 13:19

مەنمۇ ئىلتەردەك كۆز قاراشتا
يەنى قەشقەردە مۇنداق يىزا ناھايىلەرمۇ بار
ئوغۇزساك(ئوغۇساق)توققۇزساك (توققۇزساق، (يەنە كونا شەھەر))
دىگەندەك ناملار مىنىڭچە يۈزدە يۈز ساك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىم دەپ
جەزىم قىلىمەن ھەم ئىشىنىمەن ،ھەمتوي قىلسام ئوغۇزساك دىگەن يۇرتتىن خوتۇن ئىلىشنى ئويلىشۋاتىمەن .

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 13:40:13

بىزنىڭ ئاقسۇ كونىشەھەر (ئونسۇ) دىمۇ توخۇلا دەپ يېزا بار.مەن قاراقاشتا بارلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن قەشقەر يېڭىشەھەر تەۋەسىدە بارلىغىنى تورداش ‹‹پىس-پاس›› نىڭ يوللىغان خەرىتىسىگە قاراپ بىلدىم. توخۇلا دېگەن نامنىڭ
قەدىمكى توخرىلار يەنى توخارلارنىڭ پائالىيەت قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى ھەم شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 13:50:22

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-12-4 13:09 static/image/common/back.gif
ئاتۇشتىمۇ ئىشتاچى دەپ كەنىت بار




ئىشتاچى دىگەن سۆزنى قانداق شەرھىيلەيدىكەنمىز؟ :handshake

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:11:19

otanqi يوللىغان ۋاقتى2014-12-4 13:14 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئىلتەردەك كۆز قاراشتا
يەنى قەشقەردە مۇنداق يىزا ...

گۇاڭجۇ ساكبولاپكەتتىئۇيە

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:11:27

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-12-4 13:09 static/image/common/back.gif
ئاتۇشتىمۇ ئىشتاچى دەپ كەنىت بار




ئاتۇشتىلا ئەمەس ما بىزنىڭ باي ناھىيىمىزنىڭ ياتۇر يېزىسىدىمۇ بار ئىشتاچى، پەشتاچى دەپ كەنتلەر...:D :D :lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:54:34

تېمىغا مۇسىۋەتسىز بولاپ قالدى شۇنداق بولسىمۇ سوراۋېرەي.
خوتەن نىيە ناھىيەسىنىڭ تەۋەسىدىكى داڭلىق مازارلاردىن قايسىلار بار. نىيە ناھىيە تەۋەسىدە مازار تەۋەسىگە جايلاشقان ئىككى ئارشاڭ باركەن. بىرىنىڭ ئىسمى ئايتىللاخان مازار ئارشاڭ، يەنە بىرى يىڭجىلى مازار ئارشاڭ.
بۇ چالا ساۋات بىرسىنىڭ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان ئاتالغۇسى ئوخشايدۇ. ئەسلىسى مەنچە بۇنداق ئەمەس. خوتەنلىك تورداشلار ياردەم قىلىپ ئېنىقلاپ بەرگەن بولساڭلار. ئىلتەرىش، ئۇدۇن ناملىق تورداشلار خوتەنلىكقۇ دەيمەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 16:09:14

baytekin يوللىغان ۋاقتى2014-12-4 15:11 static/image/common/back.gif
ئاتۇشتىلا ئەمەس ما بىزنىڭ باي ناھىيىمىزنىڭ ياتۇر يېز ...

مەنىسى نىمىدۇ بۇ سۆزنىڭ؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 16:43:59

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-12-4 16:09 static/image/common/back.gif
مەنىسى نىمىدۇ بۇ سۆزنىڭ؟

ئىشتاچى دىگەن قىرغىزلارنىڭ بىر قەبىلىسىنىڭ نامى دىيىلىپتۇ.بەلكىم بۇرۇنقى دەۋىرلەردە كۆچۈپ كىلىپ ئۇيغۇرلارغا سىڭىشىىپ كەتكەن قىرغىزلار بولسا كىرەك.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:51:43

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-12-4 16:09 static/image/common/back.gif
مەنىسى نىمىدۇ بۇ سۆزنىڭ؟

ئىشلەتكىنىڭىز قايسى خەرىتىكىن؟

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 19:05:00

توۋۋا مەن ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. ھەم بۇنداق يۇرىت بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. چەتئەللىكلەرگە ئايان بولغان يۇقارقى ئىشلار بىزلەرگە ناتۇنۇش بىلىنگىنىدىن سەل ئۇيۇلۇپ قالدىم:o
بەت: [1] 2 3
: توخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە