bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 09:05:19

[بوزقىر]«سەنلەرنى دېرىزىدىن تاشلىۋېتىمەن »

لوڭ شاڭياڭ : «سەنلەرنى دېرىزىدىن تاشلىۋېتىمەن»


بوزقىر تەرجىمىسى


«يېڭى ئاستانە گېزىتى» خەۋىرى : ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەر دېلو بېجىرىۋاتقاندا بىر كادىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەر دېلو بېجىرىۋاتقان نەق مەيدانغا  بۆسۈپ كىرىپ ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى دېلو بېجىرىۋاتقانلارنى دېرىزىدىن تاشلىۋەتمەكچى بولغان. يېقىندا تورغا يوللانغان بىر يازمىدا دېيىلىشىچە ، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھرى چىدوڭ ناھىيەلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى لوڭ شاڭياڭ شەھەر،ناھىيىلىك ئىككى دەرىجىلىك  ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرگە دەخلى قىلغان ۋە تەھدىت سالغان.
      
      
چاپلانمىدا دېيىلىشىچە ، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە خېڭياڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەر بىلەن  چىدوڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەر خۇايۇن مېھمانخانىسىدا دېلو بېجىرىۋاتقاندا دېلو بېجىرگۈچىلەر تەكشۈرۈش ئوبىيېكتى بولغان لوڭ...غا ئىنىسى لوڭ شاڭياڭنىڭ مەخسۇس دېلوگۇرۇپپىسىدىكىلەرنى مۇناسىۋەتلىك ماتىياللار بىلەن تەمىنلىشىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۇقتۇرغان. شۇ كۈنى كەچ سائەت يەتتىدە لوڭ شاڭياڭ ماتېرىياللارنى ئېلىپ خۇا يۈن مېھمانخانىسىنىڭ دېلو بېجىرلىۋاتقان خانىسىغا كەلگەن . ئۇ  دېلو بېجىرىۋاتقانلارنىڭ ئۇنىڭ بانكا ھېساباتىنى تەكشۈرمەكچى ئىكەنلىكىدىن نارازى بولۇپ ، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى قوشۇمچە ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا « بارمىقىنى تەڭلىگەن ھەم يانفونىنى شىرەگە تاشلاپ ،ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى كادىرلىرىدىن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلغان »
      
      
چاپلانمىدا دېيىلىشىچە ،لوڭ شاڭياڭ دېلو بېجىرلىۋاتقانلارنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قولاق سېلىش تۈگۈل  تېخى دېلو بېجىرىۋاتقان تۆت نەپەر  ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرگە : « مەن سەنلەرنى بىر-بىرلەپ دېرىزىدىن تاشلىۋېتىمەن» دەپ ۋاقىرىغان .
      
      
«يېڭى ئاستانە گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ چىدوڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، لوڭ شاڭياڭ 5 كۈن مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇلغان.
      
      
  مۇخبىرنىڭ دەلىللىشىچە ، لوڭ شاڭيوڭ كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ ، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى دەرىجىلىك كادىر ئىكەن.
      
  
      
      
http://news.sohu.com/20141202/n406597474.shtml
   
مەنبەسى : http://bbs.bozqir.net/forum.php

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 06:55:01

ما كالۋانىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى. پارتىيىدىن قوغلاپ خەلق ئاممىسىغا قوشىۋىتەرمۇ ئەمدى...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 07:27:13

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 06:55 static/image/common/back.gif
ما كالۋانىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى. پارتىيىدىن قوغلاپ خەل ...

:lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 17:51:44

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 06:55 static/image/common/back.gif
ما كالۋانىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى. پارتىيىدىن قوغلاپ خەل ...

:lol :lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:04:05

پۇلىغا ئىشىنىپ ئۇيقۇسى تېخى ئېچىلمىغان ئوخشايدۇ ، ياكى يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆل دەپ ، تۈرمىگە چۈشۈشنىڭ ئالدىدا دەردىنى تەكشۈرگۈچىلەردىن ئالماقچى ئوخشايدۇ ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:04:06

پۇلىغا ئىشىنىپ ئۇيقۇسى تېخى ئېچىلمىغان ئوخشايدۇ ، ياكى يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆل دەپ ، تۈرمىگە چۈشۈشنىڭ ئالدىدا دەردىنى تەكشۈرگۈچىلەردىن ئالماقچى ئوخشايدۇ ...

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 18:59:49

چاشقاننىڭ چاشقاننى تۈگىتىشى مۇمكىن ئەمەس
بەت: [1]
: [بوزقىر]«سەنلەرنى دېرىزىدىن تاشلىۋېتىمەن »