waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 00:09:15

گۇاڭخۇي كۇلۇبى CBA نىڭ چەتئەللىك ئەزا تۇنۇشتۇرغۇچىسىمۇ؟

  

   ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى سامپۇل مۇلاھىزىسى؛
  بۈگۈن كەچ شىنجاڭ كاماندىسى كونا رەقىبى بېيجىڭ كاماندىسىنى بىر نۇمۇر پەرق بىلەن يەڭدى!
    بۇ غەلىبە نەچچە كۈندىن بېرى ئىچى بىر خىل ئاچچىق ۋە تىت- تىتلىققا تولغان شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىغا تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىق ئاتا قىلدى.
بۇ خۇشاللىق ۋە بۇ نەتىجىدە شىنجاڭ كاماندىسىنىڭ چوڭ چەتئەللىك ئەزاسى بۇراچنىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور بولدى. ئۇ بۈگۈن 43 نۇمۇر ۋە 15 گاردىن قايتقان توپ ئالدى!  
   ئەمەلىيەتتە بۇراچنىڭ تۆھپىسى مۇشۇ بىر قېتىملىقلا ئەمەس. بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيانقى 14 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 32.4 نۇمۇر ۋە 15.2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان ماھىرلار ئىچىدە ئوتتۇرچە نومۇر ئېلىشتا ئالدىنقى بەشىنچى، گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتا ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
سان- مەلۇمات گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، بۇراچنىڭ مەيداندىكى جان پىدالىق بىلەن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئىپادىسى، ئېغىر- بېسىق ۋە قىزغىن خارەكتىرى، ھارماس روھى ۋە ۋاسكېتبولدىكى سان بىلەن خۇلاسىلىغىلى بولمايدىغان يەنە نۇرغۇن نەمۇنە تەرەپلىرى ئۇنى شىنجاڭلىق ۋاسكېتبول مەستانىلەرنىڭلا ئەمەس، پۇتۇن مەملىكەتتىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. نۇرغۇن قېرىنداش كاماندىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنىڭ ئاجىز ۋە تەلىيىنىڭ تەتۈر كېلىپ، بۇراچنى تەكلىپ قىلالماي قالغىنىغا ئۆكۈندى.  ھەتتا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بۇراچنىڭ شىنجاڭ كاماندىسىغا قۇشۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا  ئامرېكىدىكى NBA توپ مەستانىلىرى ئىچىدىمۇ بۇراچنى ئەركىن توپچىلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكۈچىلەرگە نارازى بولۇش سادالىرى ئاۋۇپ كەتكەن ئىدى.
   دىمەك، بۇراچ ھەقىقەتەن ماھارەت ۋە مەيدان ئىپادىسىدە تەڭ يىتىشكەن ئېسىل توپچى! ھەقىقەتەنمۇ شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى!
    يىللاردىن بېرى بىز مۇشۇنداق بىر ماھىرغا قانچىلىك تەقەززا بولغان ھە!
   ئەپسۇس،  شىنجاڭ دەل مۇشۇنداق ياراملىق چەتئەللىك ئەزانى بىر يىل ئىشلىتىپلا كېيىنكى يىلى باشقا كاماندىغا ئۆتۈنۈپ بېرىىپ، يەنە يېڭى ئەزا ئىزدەپ تاپىدىغان  CBAدىكى ‹‹لېي فىڭ›› كاماندىلارنىڭ بىرسى. گويا ھەر يىلى باشقا كاماندىلارغا بىر يېڭى ئەزا تېپىپ بېرىش خالىس ۋەزىپىسى باردەك!
  بۇ نوقتىدىن ئويلىغاندا بىز تەبىئى ھالدا بۇراچنىڭ كېيىنكى يىلىدىن ئەنسىرىنمەي تۇرالمايمىز ۋە گۇاڭخۇي كۇلۇبىنىڭ سەمىگە بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بۇ ئەنسىرىشىمىزنى سۇنماي ئامالىمىز يوق. چۈنكى، بىزنى كۆپ يىلدىن بۇيان بۇ خىل ئەنسىرەشكە چۈشۈرۈپ قويغىنى دەل شۇ گۇاڭخۇي گۇروھىدۇر!
  راست ئەمەسمۇ؟
   يىراقنى قۇيۇپ، يېقىنقى يىللارنى ئەسلەيدىغان بولساق ئاۋال  چارىسنى، ئارقىدىن كۇنشى دۇبىنى، ئاندىن ۋون ۋافىرنى، فېيبانى، ئۆتكەن يىلى خادېسىننى ئۇزاتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ پەسىلدىمۇ  CBAدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلاردۇر! مەسىلەن:
بىزدىن ئاۋال شەنشى كوماندىسىدا ئاندىن بۇ يىل جېجاڭ چۇۋجۇ بانكىسى كاماندىسىغا  يۆتكىلىپ توپ ئويناۋاتقان چارىس بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر مەيداندا 15.8دىن گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ بىرىنچى ئۇرۇندا، بۇ يىل تىيەنجىن كاماندىسىغا جايلاشقان كۇنشى دۇبى ھەر مەيداندا ئوتتۇرچە 33.6دىن نومۇر ئېلىپ 3- ئۇرۇندا، لىياۋنىڭ كوماندىسدا ماكان تۇتقان خادېسىن 7.1 قېتىمدىن ئۈنۈملۈك پاس بېرىپ 4- ئۇرۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالغان نومۇرى ۋە باشقا ئىپادىلىرى ھەقىقەتەن قالتىس بولۇۋاتىدۇ.  دەل ئاشۇ قالتىس توپچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى شىنجاڭ گۇاڭخۇي گۇروھى تۇنجى بولۇپ CBAغا ئىلىپ كىرگەن ۋە بىر يىل ئىشلىتىپلا ئۇزۇتۇپ قويغان. گەرچە ئۇلارنى ئۇزاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا كۇلۇب بەزى سەۋەپلەرنى ئىزاھلىغان ۋە ئۇ سەۋەپلەرگە بىز مەستانىلەرنى ئىشەندۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىز توپ مەستانىلىرى كېيىنكى يىلى ئۇ سەۋەپ ۋە ئۇ ئىزاھاتلارنىڭ تازا پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق.
  مەسىلەن:  يەنە باشقىسىنى قۇيۇپ تۇرۇپ، بۇ يىل خادېسىننىڭ تەكلىپ قىلىنماي ئەكسىچە جوردان كىرافورد نىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا قارىتا گۇاڭخۇي كۇلۇبىنىڭ لىدىرى گوجىيەن ئەپەندى ‹‹بىزنىڭ خادېسىن بىلەن توختاملاشقۇمىز بار ئىدى، ئەمما ئۇ توختام تۈزۈشنى ئىزچىل كەينىگە تارتتى ۋە توختىماي قۇشۇمچە شەرت قۇيۇپ تۇرۇۋالدى. شۇڭا بىز كىرافورد بىلەن توختاملاشتۇق. كىرافورد نۇرغۇن تەرەپلەردىن خادېسىندىن ئۈستۈن تۇرۇدىغان ماھىر›› دىگەن ئىدى. ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىدى. خادېسىن لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن توختام تۈزۈشتىن ئاۋاللا گۇاڭخۇي كۇلۇبى كىرافورد بىلەن توختام تۈزۈپ بولغانلىقنى جاكارلىدى. خادېسىننىڭ باھاسىدىن بىر مىليونغا يېقىن يۇقۇرى باھادا تېخى!
   دىمەك، لىياۋنىڭ كوماندىسى كۆنگەن خادېسىننىڭ ‹‹توختىماي ئاۋۇتۇپ تۇرغان ‹قۇشۇمچە شەرتلىرى›››گە بىز ‹چىدىيالمىدۇق›.
   بەلكىم، بەزىلەر ‹‹شۇنچە كۆپ پۇل چىقارغان كۇلۇپ كىمنى ئەكەلسە ئەكەلمەمدۇ؟››، ‹‹ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ›› دىيىشى مۈمكىن.
   يۇقسۇ! ئۇنداق ئىش يوق! ئۇلار گەرچە پۇل چىقارغىنى بىلەن كوماندىنىڭ ئىسمى ئالدىغا ‹‹شىنجاڭ›› دىگەن نامنى قوللانغانلا ئىكەن، بۇ ھالدىكى كاماندا ئۆزىنى شىنجاڭلىق سانايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئورتاق كامانسىغا ئايلانغان بولىدۇ. ئۇلار ئىقتىسادىنى مەبلەغ سالغان بولسا، بىز ئەقىدە- ئىخلاسىمىزنى،  ۋاقتىمىزنى،  زېھنىمىزنى،  ھىسسىىياتىمىزنى مەبلەغ قىلىپ قوشتۇق! نەچچە مىليون توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۇ خىل قىممەتلىك مەبلىغىنى پۇل ياكى سان- مىقدار بىلەن ئۆلچەش مۈمكىنمۇ؟!
   دىمەك، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى يالغۇز گۇاڭخۇي گۇروھىنىڭ ياكى بۇ يىل ئىسىم ھوقۇقىدىن پايدىلىنىۋاتقان تەڭرىتاغ يېزا - سودا بانكىسىنىڭلا كوماندىسى ئەمەس، بەلكى بارلىق ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنجاڭ كاماندىسىنى ياخشى كۆرۈدىغان ھەممە توپ مەستانىلىرىنىڭ ئورتاق كاماندىسىدۇر! شۇنداق ئىكەن، پۈتۈن شەھەر ئۇيقۇغا كەتكەن مۇشۇنداق ئاخشامدا بۇراچنىڭ كېلەر يىلىدىن ۋايىم يىيىش، كوماندىمىزنىڭ ياخشى- يامان تەرەپلىرى ھەققىدە ئورتاق مۇلاھىزىلەردە بولۇش ھوقۇقىمىز  ھەممىمىزنىڭ بار، ئەلۋەتتە!
  گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك، گۇاڭخۇي  كۇلۇبى بۇراچ بىلەن بۇ مۇسابىقە پەسلىدە تۈزگەن ئاران بىر يىللىقلا توختامىنى كېلەر يىلغىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىلىغىمۇ ئۇزارتىشنىڭ بۇرۇنراق كۇيىغا كىرىشى زۈرۈر. پەيتنى يەنە ئۆتكۈزۈۋېتىپ، بىز توپ مەستانىلىرىغا يەنە بىر قېتىم ‹چىرايلىق باھانە›لەردىن بىر تاغار تۆكۈپ بېرىشىنى بىز ئەمدى خالىمايمىز!
بۇراچىدەك نەمۇنىچى توپچىنىڭ كوماندىمىزدا ئۇزاقراق توپ ئوينىشى ھەممىمىزنىڭ تەلىيى ۋە شەرىپى!
  
  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

function يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 08:37:37

ناھايتى ياخشى تەھلىل قىلىپسىز. ئاخشامقى مۇسابقىدە تاس قالدى چوڭ توقۇنۇش چىققىلى، يامان تەستە 1 نومۇر پەرق بىلەن يەڭدى بېيجىڭنى.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 09:00:17

بۇ يازمىلىرىڭىزنى خەنزۇچە تەرجىمە قىلىپ خەنچە تور بەتلەرگىمۇ يوللاپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولىشىڭىز مۇمكىن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:22:00

سامپۇل ئىسىملىك تورداشنىڭ ئۆتكەن قېتىمقى مۇلاھىزىسىمۇ ناھايىتى ياخشى چىقىپتىكەنتۇق، بۇ مۇلاھىزىمۇ بەك جايىدا يېزىلىپتۇ. 'لېيفېڭ كاماندا ' دىگەن نام بەك ياخشى قويۇلۇپتۇ. بولۇپمۇ دۇبى بەك قابىليەتلىك ماھىر ئىدى.

شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى تېرىك لېيفېڭ 新疆人都是活雷锋 ، ھازىر شۇنداقلا دەيدىغان بولدۇم.
بەت: [1]
: گۇاڭخۇي كۇلۇبى CBA نىڭ چەتئەللىك ئەزا تۇنۇشتۇرغۇچىسىمۇ؟