تەڭرىتاغ كوماندىسى بىيجىڭ كوماندىسىنى ئۇتتى
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، بىيجىڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىقا 9 سىكىنۇت قالغاندا بىيجىڭ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىدىن بىر نۇمۇر ئارقىدا قالدى، مابۇرى پاس بىرىش جەريانىدا توپنى شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرى تارتىۋالدى. بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ھۇجۇمىنى تارمار قىلىنىپ، ئاخىرى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى 109-108 نەتىجە بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بىيجىڭ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بۇلدى. مابۇرى ئۆزىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇر ئىلىش رىكوتىنى يارىتىپ 46 نومۇر، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چۇڭ كولەملىك دوقۇنۇش يۈز بىرىپ مۇسابىقە 20 مىنۇت ئۈزۇلۇپ قالدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 43 نومۇر، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قېتىم توپ تارىتىۋالدى؛ جۇ چى 18 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 1قىتىم قالپاق كىيگۈزدى؛ قىرانبېك ماقان 16 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇۋىي 11 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئىستىفان 8 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 8 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا جىلىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
ئەيتاۋرۇر بۈگۈنكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىلىرى بەكلا قىزىدى.قىرانبىك ياخشى ئويناۋاتىدۇ.شىرئەلى ئىنىمىز كېسەللىك ئاسارىتىدىن تېخىچە تولۇق قۇتۇلۇپ بولالمىغان چىراي. سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن... داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەڭلار...بىزدىن توپچى ۋە ۋاسكىتبولچىلارنىڭ چىققىنى بۇ بىر ياخشى ئىش. تاس قالدى قان بولىشاپ كەتكىلى function يوللىغان ۋاقتى 2014-12-04 08:38:48 static/image/common/back.gif
تاس قالدى قان بولىشاپ كەتكىلى
نىم بولاپ كەتتى ؟ئاخشام مۇسابىقە كۆرەممىگەن ...20مىنۇت توختاپ قاغىنىغا قارىغاندا چوڭ ئىش ئوخشايدۇ شىرئەلى بىلەن بۇراچ ئىككىسى ئاقساپ تۇرۇپ ئوينىدى. شىرئەلىدىكى غەلبىگە بولغان تەقەززالىق ۋە كەسپى روھ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ، رېپىرلارغا ئېتىلىپ تۇرغاندىكى قىززىققانلىقىمۇ بەك ئوماق. قىرانبىك ئىككىسى ھەقىقى شىنجاڭلىق{:112:} تەڭرىتاغ كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلىشى ئىنتايىن تەبىي ئىش بولۇشى كېرەك abduzaher يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 10:42 static/image/common/back.gif
نىم بولاپ كەتتى ؟ئاخشام مۇسابىقە كۆرەممىگەن ...20مىنۇت ...
بېيجىڭ كوماندىسىدىكى 35-نومۇر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىككى تەرەپ خورازدەك ھۈرپىيىشىپ بىر بىرىگە ئېتىلىشىتى، رېپىرلار ۋە باشقا ئەزالار تېزلىكتە ئاجرىتىۋالدى، باش رېپىر 20 مېنۇتتەك سىن كۆرۈپ ئاندىن ھۆكۈم چىقاردى. ئىشقىلىپ ئاجايىپ قىزىغان مۇسابىقە بولدى. ۋاسكىتبول دېربىسى بولغاندىكىن مۇشۇنداراق بولمىسىمۇ بولماس...:lol نەق مەيداندا كۆرۈۋاتقانلارنىمۇ بوش كەلمىدى دەيدىغۇ؟ نارازىلىق بىلدۈرۈپ مەيدانغا قولىغا چىققاننى ئاتقاننىڭ، ئۇ نەرسەلەرنى تازىلايمىز دەپ بىرمۇنچە ھايال بولغاننىڭ گېپى بارغۇ؟ مەن بايا «سۇمرۇغ» تورىدىن كۆرۈپ قالدىم ئازراق... شىر ئاخشام يىقىلىپلا يۈرەتتى جۇڭگۇ ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە تاماشىبىنلار جۇڭگۇ تارىخىدىكى تاماشىبىنلار سانىنى يېڭىلاپ رىكوت ياراتقان ئىدى ، ئەمدى ۋاسكىتبول ساھەسىدىمۇ ئەخلاقلىق ، تەرتىپلىك، قىزغىن ، ئۆزگىچە تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى تەسىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋاسكىتبول بۇرادەر، ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز مۇسابىقىگە ئائىت مۇشۇ ياخشى يازمىلىرىڭىزنى كىنو ۋە قىسقا فىلىملەر سەھىپىسىگە چىقارماي ، ئىزدىنىش كۆڭۈل ئىچىش كۇلۇبى ›تەنتەربىيە كۇلۇبى دىگەن سەھىپىگە چىقارغان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتى. كىيىنچە تۈرلەر ۋە مۇندەرىجە بويچە ئىزدەشكىمۇ قولايلىق بولاتتى. بۈگۈن بەك قاملاشمىغان ئىش بولدى…يەنە بىر نۇمۇرلۇق پەرق…ھەي ئىسىت…
بەت:
[1]