yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 21:17:59

ياقۇپجان: ئۇيغۇر يېزىقى

بۇ ماقالە ئۆزبېكلەرنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، بەلكى بۇرۇن يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان، مۇنداقچە ئېيتقاندا پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرلا ئەمەس، ئېمپىراتور مىللەتلەر موڭغۇل، مانجۇلارنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغۇچى «ئۇيغۇر يېزىقى»نى ئىجاد قىلغۇچى قەدىمقى تۈركىي ئۇيغۇر خەلقلىرىنى پەخرلىك ئەجدادلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 7- ئەسىردىن 16- ئەسىرگىچە تۈركىي ۋە باشقا بەزى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، دۆلەتچىلىك، كىتابچىلىق... ئىشلىرىدا تۇتقان رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋەتلەر ھەم بىزگىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. دوستلارنىڭ ماقالىنى ئىلمىي قىممىتى نوقتىسىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشلىرىنى ئۈمد قىلىمەن.-ياقۇپجان

قاسىمجان سادىقوۋ
تۈرك-ئۇيغۇر يېزىقى (1989)
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ياقۇپجان
تۈركىي خەلقلەرنىڭ يېزىق مەدەنىيىتى قەدىمىي تارىخقا ئىگە. ئەرەب يېزىقىنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇنمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قانچە مۇكەممەل ئېلىپبەلىك يېزىقى بولغان. ئەنە شۇلاردىن بىرى ھازىر پەندە «ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ يورۇتىلىدۇ. مەزكۇر يېزىققا نىسبەتەن قوللىنىلغان بۇ نام شەرتلىك بولۇپ، ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى، قەدىمىي يازما مەنبەلەردە ئۇ تۈرلۈك ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنغان. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە ئۇنى «تۈركچە يېزىق»، «تۈرك خېتى» دەپ ئاتايدۇ. ئەلىشىر نەۋائىيمۇ ئۇنى «تۈرك يېزىقى» نامى بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئەرەب-پارس مەنبەلىرىدە «ئۇيغۇر يېزىقى»، «موغۇل يېزىقى» دىگەن ئاتاشلارغا دۇچ كېلىمىز. «ئۇيغۇر يېزىقى» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى XX- ئەسردە شىنجاڭدىن ئەنە شۇ يېزىقتا پۈتۈلگەن تۈركىي يادىكارلىقلارنىڭ كۆپرەك تېپىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بۇ دەۋردە شىنجاڭغا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئېكسپىدىتسىيەلەر نەتىجىسىدە بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە تۇرالغۇ خارابىلىرىدىن قەدىمقى تۈركلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ يادىكارلىقلىرى تېپىلدى. شۇ دەۋردىن ئېتىبارەن ئۇشبۇ پۈتۈكلەرنى «قەدىمقى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى»، يېزىقىنى «ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتاش ياۋروپا شەرقشۇناسلىغىدا مۇقىملاشتى.
مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمىي خەلقلىرىدىن بولغان سوغدىلارنىڭ خوشنا خەلقلەر بىلەن مەدەنىي، سودا ئالاقىلىرى كۈچلۈك ئىدى. شۇ تۈپەيلى ئەرەمىي ئېلىپبەسىگە ئاساسلانغان «سوغدى يېزىقى» دەپ ئاتالغۇچى يېزىقمۇ كەڭ تارقالغان ئىدى. سوغدىلار ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ئالاقە-ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە ئېرامىزنىڭ VI ئەسىرىدە «ئۇيغۇر يېزىقى» شەكىللەندى.
«ئۇيغۇر يېزىقى» تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆتمۈشتە قوللانغان باشقا ئېلپبەلەردىن، جۈملىدىن ئەرەب يېزىقىدىن پەرقلىنىدىغان، تامامەن مۇستەقىل يېزىقتۇر. ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە ھەرپلەر سانى كۆپ ئەمەس- جەمئى 18 بولۇپ، تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن 23 گە بارىدۇ. ئېلىپبەدىكى ھەرپلەر ئازلىغىنىڭ سەۋەبى بىر بەلگە بىر قانچە تاۋۇشنى ئىپادىلىگەن. بەزىدە ئۇلارغا قوشۇمچە بەلگىلەرمۇ كۆپەيتىلگەن. تۈرلۈك ئارفاگرافىك ئۇسۇل ۋە قوشۇمچە گرافىك ۋاسىتىلەر ياردىمىدە تىلنىڭ مۇرەككەپ تاۋۇش قۇرۇلۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئېرىشىلگەن. شۇ قاتارلىق ئامىللار نەتىجىسىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىن تۈركىي خەلقلەر ھېچ بىر قىيىنچىلىقسىز پايدىلىنالىغان.
ئادەتتە، ئەرەب يېزىقىدا ئاھاڭداشلىق (ئەسلىسى ئۇنلىلار) دائىم ئىپادىلەنمەيدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇنىڭدا ئاھاڭداشلىق (ئۇنلىلار) ھەر قاچان ئىپادىلەنگەن. يېزىقنىڭ بۇنداق خۇسۇسىيەتلىرى ئۇنىڭ تۈركىي سىڭارمونىزم (ئاھاڭداشلىق [ئۇنلىلار] ئۇيغۇنلىقى) قانۇنىغا بويسۇنغانلىغىدىن دالالەت بېرىدۇ. ئاھاڭداشلار (ئۇندوشلارنىڭ) نىڭ ئىپادىلىنىشىدىمۇ ئۆزىگە خاس تەرەپلىرى بار. ئۇنىڭدا قاتار ھەرپلەر بىر قانچە ئاھاڭداشلىقنى (ئۇنداشنى) ئىپادىلىگەن (مەسىلەن: ب-پ، ت-د، ك-گ، ق-غ-ھ، س-ز دىگەندەك)
«ئۇيغۇر يېزىقى» تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلدى. مەھمۇد كاشغەرىي ئۇنىڭ قەدىمىيلىگى ۋە تارىختا تۇتقان ئورنىنى تەكىتلەپ مۇنداق يازىدۇ: «بارچە خاقانلار ۋە سۇلتانلارنىڭ كىتاپلىرى، يېزىقلىرى قەدىمقى زامانلاردىن بۈگۈنگىچە، كاشغەردىن چىنغىچە- ھەممە تۈرك شەھەرلىرىدە مۇشۇ يېزىق بىلەن يورۇتۇلغان» (مەھمۇد كاشغەرىي. دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك، 1-توم، تاشكەنت، 1960، 50-بەت).
X- ئەسرگە كەلگەندە قاراخانىيلار دۆلىتىدە ئىسلام رەسمىي دىن سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىندى. نەتىجىدە ئەرەب يېزىقى كەڭ ئومۇملاشتى. بۇ دەۋرگە كەلگەندە ھەر ئىككى يېزىق تەڭ ئىشىتىلىشكە باشلىدى. شۇنىسى خاراكتىرلىككى، ئۇيغۇر يېزىقى كېيىنكى بىر قانچە ئەسر مابەينىدىمۇ ئاساسىي يېزىقلاردىن بىرى بولۇپ كەلدى. موغۇللار ئىمپىرىيەسى دەۋرىدىمۇ رەسمىي ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا كەڭ قوللىنىلدى. ئۇ باشقا يېزىقلارنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ ئاساس بولدى. XIII- ئەسردە ئۇنىڭدىن موغۇل يېزىقى، موغۇل يېزىقىدىن بولسا مانجۇر يېزىقى ئاجرىلىپ چىقتى.
ئالتۇن ئوردا دۆلىتىدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېتىبارى كۈچلۈك بولدى. يېزىق ئەنئەنىسى داۋاملىشىپ، XIV-XV ئەسىرگە كەلگەندە تىمۇرىيلار ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت-ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئۇشبۇ يېزىقنى كەڭ قوللاندى. ماۋەرائۇننەھر ۋە خۇراسان مەدەنىي مۇھىتىدا بۇ يېزىقنىڭ ئورنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.
ئۇيغۇر يېزىقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۈركىي خەلقلىرى ئارىسىدا XV ئەسرنىڭ ئاخىرىغىچە ئەرەب يېزىقى بىلەن تەڭ قوللىنىلدى. كېيىنكى ئەسردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئورنىنى تامامەن ئەرەب يېزىقى ئىگىلىدى. ئىسلام تەسىرى تېخى بەك يېتىپ بارمىغان جايلار- تۇرپاندىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا XVI ئەسردىمۇ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىلدى.
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلارنىڭ ئەڭ قەدىمقىلىرى VI-X ئەسرلەرگە مەنسۇپ. بۇ دەۋرگە ئائىت بۇددا، مانىي، خرىستىيان دىنىي-پەلسەپىي ئەسەرلەر، ھۆججەتلەر ۋە باشقا تۈردىكى پۈتۈكلەر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. بۇددىزم ئەپسانە ۋە رىۋايەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان «ئالتۇن يارۇق» سۇتراسى، قەدىمقى تۈركىي ئەدەبىياتنىڭ دراماتىك نەمۇنەسى بولغان سەل كەم 600 سەھىپىگە يېقىن «مايترى سىمىت» ئەسىرى، مانىي مەزھىپىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «خۇەستۇەنىفت» ئەسىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
XI-XV ئەسرلەردە ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن يادىكارلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ۋە ئەرەب يېزىقلىرى تەڭ قوللىنىلغىنى ئۈچۈن بىر قاتار ئەسەرلەرمۇ ئىككى يېزىقتا كۆچۈرۈلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»، ئەھمەد يۈكنەكىينىڭ «ھەتەبەتۇل ھەقايىق»، خارەزمىينىڭ «مۇھەببەتنامە»، خوجەندىينىڭ «لاتاپەتنامە»، يۈسۈپ ئەمىرىي يازغان «دەھنامە» ئەسەرلىرىنىڭ ھەر ئىككى يېزىقتىكى نۇسخىلىرى بار. تۈركىي خەلقلەر ئاغزاكى ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ قەدىمقى نەمۇنىلىرىدىن بىرى «ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋارىيانتىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.
لۇتفىي، سەككاكىي ۋە باشقا بىر قاتار كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن غەزەل، قەسىدىلىرى بار. مىر ھەيدەرنىڭ «مەھزۇنۇل-ئەسرار» ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى مەلۇم. شۇنىڭدەك، «سىراجۇل-قۇلۇب»، «راھەتۇل-قۇلۇب»، «مىراجنامە»، «تەزكىرەئى ئەۋلىيا» كەبى بىر قاتار دىنىي-پەلسەپىي، ئەخلاقىي ئەسەرلەرنى بىلىمىز.
يۇقۇرىدا ئۇيغۇر يېزىقى رەسمىي ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىمۇ قوللىنىلغىنى ئېيتىلدى. بۇ دەۋردىن بىزگىچە بىر قاتار يارلىقلار ۋە ئىپىگراپىك مەتنلەر (تاشقا پۈتۈلگەن يېزىقلار) ساقلانغان. توختامىشخاننىڭ 1393- يىلى پولەك قىرالى ياغايلانغا يوللانغان يارلىقى، 1397- يىلى يېزىلغان تىمۇر قۇتلۇق يارلىقى، زەھىرىددىن بابۇرنىڭ ئاتىسى ئۆمەرشەيخ مىرزىنىڭ 1469- يىلى مەرغىلاندا پۈتكەن يارلىقى شۇلار قاتارىغا كىرىدۇ.
ئۇيغۇر يېزىقىدا ھەرپلەر ئورخۇن-ئىنىسەي يېزىقىدىكىدەك ئايرىم- ئايرىم ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىگە ئۇلاپ يېزىلغان. شۇنىڭدەك، يېزىقنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى بولغان. يېزىقنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى كىتاباتچىلىق ئىشىدا بەكمۇ قول تۇتقان. مەلۇمكى، XIV-XVI ئەسىرلەر ئوتتۇرا ئاسىيا كىتابات سەنئىتىنىڭ گۈللەپ- ياشنىغان دەۋرى ھىسابلىنىدۇ. بۇ دەۋردە ئەرەب يېزىقىدا غايەت ئاجايىپ قوليازمىلار پۈتۈلگەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز. كىتاباتچىلىقىمىز تارىخىدا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭمۇ ئورنى كەم ئەمەس. ماۋەرائۇننەھر ۋە خۇراساندا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەرلەر ئاساسەن يەزد، ھىرات، سەمەرقەند كەبى مەدەنىي مەركەزلەردە كۆچۈرۈلگەن. بۇ دەۋر مەدەنىي مۇھىتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرگۈچى كاتىپلار مەكتىپىمۇ ۋۇجۇدقا كەلدى. بىزگە بۇنداق كاتىپلاردىن بىر قانچىسىنىڭ ناملىرى مالۇم. ئۇلارنى شۇ چاغلاردا «باخشى» دەپ ئاتىغان. جۈملىدىن، يەزد شەھرىدە مەنسۇر باخشى، ھىراتتا ئەبۇمالىك باخشى، ھەسەن قارا، سەيىل شەمس، سەمەرقەنددە زەينۇل ئابىدىن باخشىلار ياشىغان. ئىستامبۇلدا ياشاپ ئىجاد ئەتكەنلەردىن ئابدۇراززاق باخشىنىڭ نامى مەلۇم.
ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئاجايىپ قوليازما كىتاپلار پۈتۈلگەن، مەجمۇئەلەر تۈزۈلگەن. مەجمۇئەگە مىسال قىلىپ يەزددە 1432- يىلى مەنسۇر باخشى كۆچۈرگەن قوليازمىنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭغا «راھەتۇل- قۇلۇب»، «مەسىلە كىتابى»، «سىراجۇل- قۇلۇب» كەبى نەسرىي ئەسەرلەر، خارەزمىينىڭ «مۇھەببەتنامە»سى، شۇنىڭدەك، قوليازما كاتىبىنىڭ بىر قەسىدىسى، لۇتفىينىڭ تۆت غەزىلى، قەمبەر ئوغلىنىڭ ئۈچ، جەۋھەرىي، سەييىد، قاسىمنىڭ بىردىن غەزىلى ۋە بەش دانە تۆتلىك كىرگۈزۈلگەن، ھاشىيەدە راشىدىددىن ۋاتۋاتنىڭ «سەد كەلىمىسىدىن بىر قىسمى، ئۇندىن تاشقىرى ئەرەب يېزىقى بىلەن كامال ئىسفەھانىينىڭ پارىسىي دىۋانى كۆچۈرۈلگەن. 1480- يىلى ئىستامبۇلدا ئابدۇراززاق باخشى تۈزگەن قوليازما مەجمۇئەگە «ھەتەبەتۇل ھەقايىق»، «مەھزانۇل- ئەسرار» ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك، لۇتفىي ۋە سەككاكىي غەزەللىرىدىن نەمۇنەلەر كىرگۈزۈلگەن.
XIV-XV ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەرەب يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقىنى تامامەن سىقىپ چىقىرىشقا باشلىدى. نەتىجىدە كاتىپلار ئۇيغۇر يېزىقىنى ئاممىغا كەڭراق يەتكۈزۈش زۆرۈرىيىتى كېلىپ چىقىپ، ئايرىم كىتابلاردا ئەرەب يېزىقىنىمۇ قوشۇپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋردە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن مەتنلەر ئارىسىدا ھەر بىر سەتر ئاستىدا ئەرەب يېزىقى بىلەن ئىزاھلاپ چىقىلغانلىقىنى، شۇنىڭدەك، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلىپ، ئايرىم ئورۇنلىرى ئەرەب يېزىقىدا يېزىپ قويۇلغانلىقىنىمۇ ئۇچرىتىمىز. تارىختا تۈرلۈك تىل نامايەندىلىرى تەلىپىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىككى تىلدا ئىككى خىل يېزىق بىلەن پۈتۈلگەن يادىكارلىقلار بار. لېكىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتاپلاردا ئىككىنچى يېزىق تۈرك يېزىقىدىكى مەتننى ئىزاھلاپ بېرىش، مەلۇم ئورۇنلارنى ئاجرىتىپ كۆرسىتىشكە خىزمەت قىلغان. ياكى باخشى ئۆز دەۋرى ئۇدۇمىغا كۆرە ئايرىم سەترلەرنى (مەسىلەن، ئەرەبچە ھەدىس، ئايەت) ئەرەب يېزىقىدا بېرىشنى لازىم تاپقان. ھەر ئىككى يېزىق بىر-بىرى بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، كىتاپ كۆركىگە كۆرك قوشقان.
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازما كىتاپلارنى ئېتىبارلىق شەخسلەر مەخسۇس بۇيرۇتقان بولۇپ، ئۇلار ئىجتىھات بىلەن تەييارلانغان. كىتاپ سەھىپىلىرى مىنىياتۇرالار، تۈرلۈك گىيومىترىك شەكىللەر ھەمدە باشقا خىلدىكى نەقشلەر بىلەن بېزەلگەن. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەتن ئەنە شۇ گىيومىترىك شەكىللەر ئارىسىغا ياكى نەقشلەرگە ماسلاشتۇرۇپ كۆچۈرۈلەتتى. يېزىق بىلەن نەقشلەر ئۆز- ئارا ئۇيغۇنلىشىپ، ئومۇمىي ئاھاڭداشلىق گەۋدىلەنگەن. كىتابات سەنئىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل نەمۇنىلىرى قاتارىغا بېرىتانىيە مۇزىيىدىكى ئارىيەنت 8193- نومۇرلۇق مەجمۇئەنى، «ھەتەبەتۇل ھەقايىق»نىڭ سەمەرقەند نۇسخىسىنى، «مىراجنامە» كەبىلەرنى كىرگۈزۈشىمىز مۇمكىن. بۇ قوليازما كىتابلار ئۆزىنىڭ نەپىسلىگى، شەرقانالىقى، تەكرارلانماس بېزەكلىرى بىلەن كۆرگەن كىشىنى ھەيرەتكە سالىدۇ. تۈرك يېزىقىدىكى كىتابلاردا ئۇنىڭ يېزىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. تۈرلۈك سىياھلار- رەڭلەر ئىشلىتىلگەن. زۆرۈر ئورۇنلاردا زەرھەل رەڭدىنمۇ پايدىلىنىلغان.
ئادەتتە، ئەرەب يېزىقىدىكى قوليازمىلاردا ئەسەرنىڭ نامى مەتن ئارىسىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ توغرىسىدا تۈركىي يېزىقتىكى پۈتۈكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بار. ئۇلاردا دەسلەپ ئەسەرنىڭ نامىنى يىرىك ھەرپلەر بىلەن ئايرىم يېزىپ، ئاندىن پۈتۈك كۆچۈرۈلەتتى.
كۆرۈنىدۇكى، ھازىر شەرتلىك رەۋىشتە «ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇمۇم تۈركىي يېزىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمىي پۈتۈكى سۈپىتىدە مەدەنىيەتىمىز تارىخىدا كاتتا ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن يادىكارلىقلارنى ئۆگىنىش ساھەسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانغا قارىغاندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى لازىم بولغان ئىشلار كۆپ. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ئەدەبىياتىمىز، تىلىمىز، خەلقىمىز تارىخىنى ئۆگىنىشتىكى ئەھمىيىتىنى بىر سۆز بىلەن ئېيتىپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزى مۈشكۈل. ئۇلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ئەجدادلىرىمىز ياراتقان بىباھا مىراستىن خەلقىمىزنى بەھرىمان قىلماق لازىم. بۇنداق خەيرلىك ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى پېنىمىزنىڭ زور ئۇتۇقى بولىدۇ خالاس.
«ياشلىق» ژورنىلى، 1989- يىل، 7-سان

مەنبە: ئۆزبېكچە زىيائۇز تور كۈتۈپخانىسى   www.ziyouz.com

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 21:19:12

ماقالە ئارىسىدا ئىككى پارچە رەسىم بار ئىدى، قانداق كىرگۈزۈشنى بىلەلمەي كىرگۈزمىدىم...

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 03:04:55

بۇ ھەقىقەتلەر بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇن ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىكەن. ھازىرقىلىرى بولسا، سىياسەتنى ئىلمى، تارىخى ھەقىقەتلەرنىڭ ئۈستىگە قويماقتا. تولىمۇ قىممەتلىك بىر ئىلمى پاكىتنى يوللاپسىز. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بېرەر.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 08:40:41

yaxar0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 21:19 static/image/common/back.gif
ماقالە ئارىسىدا ئىككى پارچە رەسىم بار ئىدى، قانداق كىر ...

مەن قىستۇرۇپ قۇياي :


مەنبە:
http://n.ziyouz.com/maqolalar/qosimjon-sodiqov-turk-uyg-ur-yozuvi-1989

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 10:18:26

گۈزەل بىر تېما. رەھمەت!:)

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 10:24:27

بۇ ماقالە ئۆزبېكلەرنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، بەلكى بۇرۇن يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان، مۇنداقچە ئېيتقاندا پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرلا ئەمەس، ئېمپىراتور مىللەتلەر موڭغۇل، مانجۇلارنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغۇچى «ئۇيغۇر يېزىقى»نى ئىجاد قىلغۇچى قەدىمقى تۈركىي ئۇيغۇر خەلقلىرىنى پەخرلىك ئەجدادلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ

ھازىرقى ئۇيغۇرلار توككىدە يۇپېتىردىن چۈشۈپ قالغان بولغىيتۇق.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 11:02:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 11:07  

بۇ ماقالىنى يازغۇچى ‹‹ئۇيغۇر يېزىقى››دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئاتالغۇ ئىزدەپ تاپالماي ئامالسىز مۇشۇنداق دەپ قاپتۇدە.بەكلا ھەرەج تارتىپتۇ بۇ.
بەزىدە ئويلاپمۇ قالىمەن،ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەزيۈزىدىكى ئۇيغۇر ئاتلىق بىر مىللەت خۇددى قەدىمقى مايالىقلاردەك بىر كېچىدىلا غايىپ بولۇپ كەتسە قانچىلىغان ئادەمنىڭ يۈرىكى خوشاللىقتىن يېرىلىپ كېتەر ھە .

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 12:11:24

ياخشى تىما ئىكەن ساۋاغدىشىم رەھمەت

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 12:13:38

قايتىلانماس باھار رومانىڭ  ياخشى يىزلىپتۇ قۇلۇڭغا دەرت بەرمىسۇن .ئاخىرنىمۇ يىزۋەت

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 12:13:56

{:112:}

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 12:33:55

ھازىر ئۇيغۇرلار مەۋجۈد بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرغا باھا قانداق بولار ئىدى؟...

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 12:41:30

    قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى : بۇ يېزىق 8-ئەسىردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ، كېيىن قاراخانىيلار ، ئىدىقۇت ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن .
   قىتانلار بۇ يېزىقدىن ئىلھام ئېلىپ خەنزۇچىدىن ئۆزگەرتكەن «قىتان يېزىقى»نى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ ئېلىپەلىك يېزىققا ئايلاندۇرغان .
  چىڭگىزخاننىڭ دەۋرىدە بۇ يېزىق مۇڭغۇل تىلىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن . قۇبلاينىڭ دەۋرىدە تىبەت يېزىقى مۇڭغۇل تىلىنى خاتىرلەشكە ئىشلىتىلگەن ، يۇەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتكەن . كۆپ قېتىملىق ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق ھازىرقى مۇڭغۇل يېزىقى ۋۇجۇدقا كەلگەن .
   ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل يېزىقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مانجۇ يېزىقى ۋۇجۇدقا كەلگەن .
   تۇرپان ، قۇمۇل ۋە ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەۋەسىدە 16-ئەسىرلەرگىچە بۇ يېزىق ئىشلىتىلگەن

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:03:06

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 11:02 static/image/common/back.gif
بۇ ماقالىنى يازغۇچى ‹‹ئۇيغۇر يېزىقى››دىگەن ئاتالغۇنى ...

دەل ماڭا ئوخشاش ئويلاپسىز..... بۇ بىچارە كۈن نۇرىنى ئېتەك بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنۇپتۇ.
لېكىن ھەقىقەت ئېگىلىدۇ سۇنمايدۇ ئەمەسمۇ....

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 22:04:32

ئادەتتە، ئەرەب يېزىقىدا ئاھاڭداشلىق (ئەسلىسى ئۇنلىلار) دائىم ئىپادىلەنمەيدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇنىڭدا ئاھاڭداشلىق (ئۇنلىلار) ھەر قاچان ئىپادىلەنگەن. يېزىقنىڭ بۇنداق خۇسۇسىيەتلىرى ئۇنىڭ تۈركىي سىڭارمونىزم (ئاھاڭداشلىق [ئۇنلىلار] ئۇيغۇنلىقى) قانۇنىغا بويسۇنغانلىغىدىن دالالەت بېرىدۇ. ئاھاڭداشلار (ئۇندوشلارنىڭ) نىڭ ئىپادىلىنىشىدىمۇ ئۆزىگە خاس تەرەپلىرى بار. ئۇنىڭدا قاتار ھەرپلەر بىر قانچە ئاھاڭداشلىقنى (ئۇنداشنى) ئىپادىلىگەن

جۈملىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىسام ئۇنلى دېگەننى سوزۇق تاۋۇش، سىنگارمونىزم دېگەننى ئاھاڭداشلىق، ئۇندوش =ئۈنداش دېگەننى ئۈزۈك تاۋۇش دېسەك بىز قوللىنىۋاتقان ئاتالغۇلارغا ئۇيغۇن بولغىدەك.

ياخشى تەرجىمە ئەسەر ئىكەن، ئاللاھ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 23:22:41

بىر ئۆزبېكنىڭ بۇنداق يازغىنىغا ھەيران بولۇپ قارىسام 25يىل بۇرۇنقى ئەسەركەن ئەمەسمۇ.قازاقلار چېغىدا ھازىر ھەرگىز قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى دېمەيدۇ.ئىشقىلىپ ئاينى ئېتەك بىلەن يېپىشقا بەكلا ئۇرنىدۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 23:23:51

ئاۋۇ تور كۈتۈپخانىسىنى زىيارەت قىلىپ ئاران دىگەندە قايتىپ چىقىۋالدىم:(.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 23:24:55

bireylen يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 12:41 static/image/common/back.gif
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى : بۇ يېزىق 8-ئەسىردە ئورخۇن ئۇي ...

   قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى : بۇ يېزىق 8-ئەسىردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ، كېيىن قاراخانىيلار ، ئىدىقۇت ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن .
   
خاتالاشتىڭىز ، ئۇرخۇن خانلىقى ئۇرخۇن _يىنسەي يىزىقىنى قوللىلانتى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىنى  قورىغار( شىنجاڭ ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا) تەرەپتىكى  تۈركى ئەللەر قوللانغان ، ئالتاينىڭ ئۇستىدىكى تۈركى ئەللەر تۈرك رونىك يىزىقى ، ئۇرخۇن يىنسەي يىزىقى ....نى قوللانغان

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 23:28:07

ئەرەب يىزىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بىر ، شۇڭا ھەرىبلەر سەل ئوخشىشىدۇ

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 15:34:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bireylen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 15:40  

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 23:24 static/image/common/back.gif
خاتالاشتىڭىز ، ئۇرخۇن خانلىقى ئۇرخۇن _يىنسەي يىزىق ...

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 20:39:01

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 23:28 static/image/common/back.gif
ئەرەب يىزىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ ئەسلى مەن ...

ئورتاق ئەسلى مەنبەسى نېمە ؟
بەت: [1] 2
: ياقۇپجان: ئۇيغۇر يېزىقى