tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 20:36:16

باھاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار


خەلقارالىق ئالتۇن-كۈمۈش باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنى تۈۋەندىكىدەك 4 چوڭ تەرەپكە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1.جايلارنىڭ سىياسى-ئىجتىمائى ئامىللىرى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ئامىللارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ يۈزلىنىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامىركىدا يۈزبەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ۋەقەسى ۋە 2005-يىلى لوندوندا يۈز بەرگەن مىترونى پارتلىتىش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ئالتۇن-كۈمۈشكە نىسپەتەن ۋاقىتلىك ئۆسۈش ھالىتى كۆرۈلگەن.
2. ئىقتىساد ئامىللىرى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
خەلىقارالىق ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش ياكى ئىختىسادى كىرزىس كۆرۈلۈش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى ئالتۇن كۈمۈشكە نىسپەتەن چوڭ ئۆسۈش ياكى چۈشۈش ھالىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ توغۇرسىدائارتۇق توختىلىپ ئولتۇرمىساممۇ بولار...
3. خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ باھا ئۆزگىرىشى دەل خەلقارالىق پۇل مۇئامىلە سەۋىسيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن: 2007-يىلى Aپاينىڭ كۈچلۈك ئۆسۈپ كالا بازار ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى بىر مەھەل چۈشۈشكە يۈزلىنىپ، ئىلگىركى بازارلارنىڭ بازار باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا تارىخى خاراكتىرلىك تۈۋەن نوقتا ياراتقان...
4.خەلقارالىقئالتۇن-كۈمۈشكە بولغان تەمىنلەش ۋە ئىھتىياج تەلىپى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ يۈلىنىشىنى تەھلىل قىلغاندا، ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ ئىشلىتىلىش ئىھتىياجى قاتارلىقلارنىمۇ ئويلىشىش كىرەك. ئادەتتە تاۋارنىڭ تەمىنلەش ۋە ئىھتىياج ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تاۋارنىڭ قىممىتىنى بىكىتىدۇ. ھەم تاۋارنىڭ باھاسى مۇشۇتاۋارنىڭ قىممىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تەۋرىنىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ تاۋارلىق خۇسۇسىيتىمۇ دەل مۇشۇ بازارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە بولغان تەلەپ ۋە تەمىنلەش ئارقىسىدا ئەكىس ئىتىدۇ.

يازمىنىڭ كىلىش مەنبەسى: دىيارىم تاشقى پىرۋوت سودا مەسلىھەتچىلىك تورى
                                                                  http://www.tahlil.cn
بەت: [1]
: باھاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار