uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:24:16

ئالتۇن سودا تەھلىلى3 / 12

تۈنۈگۈن ئالتۇن كۈمۈش  باھاسى  تەۋرىنىش يۆلىنىشىنى ساقلاپ قالدى ، CFTC نىڭ ئېيتىشىچە ئالتۇن كۈمۈشنىڭ يۇقىرى بولىشى كاپىتال سودىگەرلىرىنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھام بەردى دەپ كۆرسەتكەن . ئالتۇن باھاسى 1180  دوللارنى ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن مۇھىم ، ئەگەر بۇ نۇقتىدىن چۈشۈپ كەتسە ئالتۇن باھاسى 1140 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئاۋسترالىيە  GDP سانلىق مەلۇماتى ۋە جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ناچار چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ، ياۋرۇپا ۋاقتىدا ياۋرو رايونى PMI سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ، ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ISM غەيرى ياساش كەسپى PMI قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ .

تۆت سائاتلىك سىزىقىدىن كۆرۈشكە بولىدىكى 118-1190 دوللاردا تىرەش نۇقتىسى بار بۇلۇپ ، بۇ نۇقتىلاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1200-1210 دوللاردا چىقىرىشقا بولىدۇ .

ياۋرۇپا بازىرىدا 1210 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ  زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1195-1190 دوللاردا چىقىرىشقا بولىدۇ .

ئامىرىكا بازىرىدا 1190 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1180 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .



ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

            بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 88.65 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1199 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى بازار يېپىلىش ۋاقتىدا 1% دىن كۆپرەك چۈشۈش كۆرۈلگەن . بۈگۈن  ئالتۇن باھاسى 1190 دوللارنى ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن مۇھىم ، ئەگەر بۇ نۇقتىدىن چۈشۈپ كەتسە ئالتۇن باھاسى 1140 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئاۋسترالىيە  GDP سانلىق مەلۇماتى ۋە جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ناچار چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ، ياۋرۇپا ۋاقتىدا ياۋرو رايونى PMI سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ، ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ISM غەيرى ياساش كەسپى PMI قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ .



تۈنۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى

       تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، FED ئەمەلدارى نۇتۇق ئىلان قىلغاندىن كېيىن دوللار يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ دوللار/ يېن پېرېۋوت باھاسىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ 7 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى يەنە بېسىمغا ئۇچرىغان ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋروپا رايونى پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، ئامېرىكا ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە كانادا مەركىزى بانكا قارارى قاتارلىق مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان ؛
بۇنىڭدىن سىرت كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ يېقىنقى 4 يىرىم يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەنلىكتىن ، نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى يەنە تۆۋەنلىگەن ؛ ئىراق خام نېفىت ئېكسپورتى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن ، ئامېرىكا خام نېفىتى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .




3 - دىكابىردىكى پېرېۋوت باھاسى ئەھۋالى

         FX168خەۋىرى ، بۈگۈن ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى 88.65 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ ئالدىنقى سودا كۈنى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، نيۇ يورك ۋاقتى ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 88.67 بولدى ؛ بۈگۈن  بېيجىڭ ۋاقتى 6:45 دە ، دوللار كۆرسەتكۈچى بازار باھاسى 87.99 بولدى ؛
دوللار / يېن باھاسى 119.43 كىچە يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، نۆۋەتتىكى بۆسۈش نۇقتىسى 119.27/30 بولىدى ؛ ئەگەر يەنە بۇ نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتسە نىشان 119.50 ۋە 120 بولىدىكەن . بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 09:54 دە ، دوللار / يېن بازار باھاسى 119.38/40 بولدى .  
ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار باھاسى 0.8391 گىچە تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئاۋسترالىيە دوللىرى ئۇدا 5 سودا كۈنى تۆۋەنلىگەن ؛ بۈگۈن ئىلان قىلىندىغان ئاۋسترالىيە 3 - پەسىللك GDP سانلىق مەلۇماتى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، مۆلچەرىدىكىگە يېتەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاۋسترالىيە دوللىرى يەنە تۆۋەنلىگەن ؛ بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 09:15 دە ، ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار باھاسى 0.8404/08 بولدى ؛
نيۇ يورك دوللىرى / دوللار باھاسى 0.7780 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ ئالدىنقى سودا كۈنى نيۇ يورك دوللىرىنى چوڭ ئاساستا تۆكمە قىلىپ ساتقانلىقتىن ، پېرېۋوت باھاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ ، بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 08:35 دە ، 0.7779/83 بولدى .




بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئەھۋالى

        جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1376 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.6037 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1506 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79145 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.6029 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى  5.1708 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7825 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6819 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛  1 كانادا دوللىرى 5.3787 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.55968 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 8.7413 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7563 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3628 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .




ئالتۇننىڭ بازار تەۋرىنىشى قانداق بولىۋاتىدۇ

        12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:55 دە ، خەلقئارا ئالتۇن بازار ئېچىلىش باھاسى 1198 دوللار بولغان ، تۆۋەن باھا 1194 دوللار ، يۇقىرى باھا 1201 دوللار بولغان ،  نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتىدۇ .


كېلىش مەنبەسى ئۇيغۇر ئالتۇن تورى






بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى3 / 12