SAYRAMI يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 12:26:57

سىمسىز رادىئو قۇبۇللاش ئۈسكۈنىسىدىن ياردەم

.خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن يېزىمىزدىكى ھەر قايسى كەنىتلەرگە كەنت ئۆزى كونتۇرۇل قىلىپ پىروگرامما تارقىتدىغان سىمسىز(ياكى سىملىق) رادىئو قۇبۇللاش تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىش ئويىمىز بار ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغان كەسپى شىركەت ياكى ئورۇن بولسا، ياكىمۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرى بولسا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلار.

تەلەپ ئىنتايىن ئاددى: يەنى كەنىت رادىئو ئۇزىلدا تۇرۇپ پىروگرامما تارقتىمىز، ھەر قايسى گۇرۇپپىلاردىكى كانايلار قۇبۇل قىلالىسىلا بۇلىدۇ.كەنت بىلەن كاناينىڭ ئارلىقى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 5كىلومىتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

2.ھەر قايسى گۇرۇپپىلاردا ئەزەلدىن بار بولغان قۇبۇل قىلىش چاستۇتىسى مۇقىم بولغان كانايلارنىڭ چاستۇتىسىنى مەلۇم بىر ۋاقىت بۆلىكىدەباشقا چاستۇتا بۆلىكىگە ئالماشتۇرۇپ، مۇشۇ چاستوتا ئارقىلىق كەنىتتە كونتۇرۇل قىلىش ئىمكانىيتى بارمۇ؟

دىمەكچى بولغۇنۇم مەسلەن ھازىر يېزىمىزنىڭ 60ئاھاللار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى بېسىملىق كانايدىن بىردىن بۇلۇپ،بۇ كانايغا سىگنال قۇبۇل قىلغۇچ ۋە ۋاقىت كونتۇرۇل قىلغۇچ ئورنىتىلغان .قۇبۇل قىلىش چاستۇتىسى مۇقىم، ھەر كۈنى مۇقىم ۋاقىتتا سۇنئى ھەمراھ ئارقىلىق تارقىلىغان سىگنالنى يېزا قۇبۇل قىلىپ ئۇلاپ تارقىتىمىز ياكى ئۆزىمىزنىڭ پىروگراممىسىسنى تارقىتىمىز(مۇشۇ چاستوتا دائىرىسىدە سىگنال تارقىتىش ئۈسكىنىمز بار).كەنىت ئۆز تەۋەسىدىكى مۇشۇ كانايلارنى كونتۇرۇل قىلىش ئۈچۈن بىر كانايغا ئىككى خىل چاستوتىدا قۇبۇل ئۈسكۈنىسىنى ئورنتىپ بۇنى ۋاقتى كونتۇرۇل قىلغۇچ قاتارلىق مەلۇم خىل ئۈسكىنىلەر بىلەنئىككى خىل چاستوتا دائىرىسىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزى كونتۇرۇل قىلىش مەقىسىتىگە يەتكىلى بۇلامدۇ؟ (ئەتىگەن، كەچ ، چۈشتە سۇنئى ھەمرادىن تارقىتىلغان پىروگراممىنى قۇيۇشقىمۇ تەسىر يەتمىسە، ئارلىقتا كەنىتنىڭ پىروگراممىسى قۇيۇلسا)ئەگەر بۇ مۇمكىن بولغان بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندىن تىجەشلىكرەك بولغىلى بۇلامدۇ قانداق؟
QQ:82645910

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 13:53:47

ھازىر سەھراغا قارىغاندا شەھەر جىمجىتمىكى دەيمەن .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 14:47:32

بولدى قىلىڭ ، شۇ يىزىدىكىلەر سىزدىن خوش بوپ قالسۇن
   
   بۇ تىخنىكىنى بىلىدىغانلارمۇ دەپ بەرمەڭلار ، بۇنداق قىلغىلى بولمايدىكەن دەپلا بۇ ئىشنى يوقاتسۇن

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:03:12

ياخشى ئىشكەن بۇ قوللايمەن. :)

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:13:31

تازا ناماز ۋاقتىغا ئۇدۇللاپ قويىدۇ مابىزنىڭ يىزىلادا،ھەربىر مەسچىت ،ھەربىر تۆت كوچا دوقمۇشىدا بىردىن با ئۇ ئۆلگۇر كاناي....

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:20:54

بۇنداق ئىشنى تىپىپ نىمىمۇ پايدا ئالارسىز،

بەلكىم ھۆكۆمەتتكى بىرەر ئالاقاپ رەھبەرنىڭ كاللىسىغا مۇشۇنداق ئىشلار كىلىپ قالىدىغان بولسا، دىھقانلارغا ئارام يوق.

سىزنىڭ بۇنداق تىخنىكىنى قوللىنىشتىكى مەقسىتىڭىز نىمە؟

ئەڭ ياخشىسى دىھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا بىرىپ مۇلازىمەت قىلىڭ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 16:10:58

بۇ ئىش بۇرۇن
جۇڭگۇ يىڭى ئازات بولغان ۋاقىتلاردا بار ئىدىھازىر مەن تىخى چاۋشىيەندىلا بارمىكەن دىسەم يىزىلاردىمۇ ساقلاپ قويۇپتۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 16:13:57

بىخەتەر سىگنال تارقىتىش ئارلىقى 1-2يۈز مىتىر، ئىشىپ كەتسە ناھىيدىنمۇ تەستىقلىيالماسمىكىن، ئىلىكتىر كەسپىدە بۇنداق ئىشلار ئۇيۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش. بۇنى قىلغىلى بولغان بىلەن بىخەتەرلىككە كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟...
بىر ئالا قاپ يۈگىرەپ كىرىپ قانونسىز چاقىرىق قىپ سالسا سىزنىمۇ، ياساپ بەرگۈچىنىمۇ نەس باسقىنى باسقان. بۇرۇن بىرى زاكازنىڭ 2000 دىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇشۇنداق ئېلان بېرىپتىكەن، مەن ھەر-بىرى 100 يۈەندىن بۇلىدۇ، تارقاتقۇچ ھەقسىز دىگەندىن كىيىن يۇقارقىدەك ئەسكەرتىشنى بېرىپ قۇيىۋدىم ، ھۈددىسىدىن چىققىلى بولمايدىكەن دەپ تۇختاپ قالغان...

SAYRAMI يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 16:36:30

بولدى قىلىڭ ، شۇ يىزىدىكىلەر سىزدىن خوش بوپ قالسۇن
   
    بۇ تىخنىكىنى بىلىدىغانلارمۇ دەپ بەرمەڭلار ، بۇنداق قىلغىلى بولمايدىكەن دەپلا بۇ ئىشنى يوقاتسۇن����: Android�ͻ���

قىلسىمۇ قىلمىسىمۇ بۇلدىغان ئىش بولسا ئاۋارە بوپ بۇ يەرگە تېما يېزىپ يۈرگىچە باشقا ئىشىمنى قىلاتتىم.
ئىختىيار قىلدىغانلار دەپ بەرسە ئۇنى سىز تۇسالمايسىز،بۇنداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدىكەن دەپ كىمنى ئالدىغىلى بولار ھازىر؟بۇنداقئىشىنى قىلىغىلى بولۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە كىم ئىشىنەر مۇشۇ دەۋىردە؟

SAYRAMI يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 16:42:30

بۇنداق ئىشنى تىپىپ نىمىمۇ پايدا ئالارسىز،

بەلكىم ھۆكۆمەتتكى بىرەر ئالاقاپ رەھبەرنىڭ كاللىسىغا مۇشۇنداق ئىشلار كىلىپ قالىدىغان بولسا، دىھقانلارغا ئارام يوق.

سىزنىڭ بۇنداق تىخنىكىنى قوللىنىشتىكى مەقسىتىڭىز نىمە؟


ئەڭ ياخشىسى دىھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا بىرىپ مۇلازىمەت قىلىڭ.

مەن تىجارەت قىلىپ پايدا ئالغۇچىدەك تۇرامدىم؟ قىلساقمۇ قىلىدىغان، قىلمىساقمۇ قىلىدىغان ئىش ئۇ، كەنتنىڭ مەبلىغى بىكاردىن بىكار ئىسراپ بولمىسۇن دەۋاتىمەن مەن.
بۇنداق تېخنىكىنى قوللىنىشتىكى مەقسىتىمنى باشقىلار ئىزاھلاپ بوپتىغۇ، ھازىرقى شارائىتتا بۇنىڭ مەقسىتىنى يەنە ئىزىپ ئەزۋەيلەپ چۈشەندۇرۇشنىڭ ھاجىتى بارما؟
ئىشىڭ ئالدىغان بېرىپ قىلىدىغان مۇلازىمەت بار، ئۇنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ قىلىۋاتىمىز.

SAYRAMI يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 16:53:59

يەنە دىسەم يەنە شۇ قىلساقمۇ قىلىدىغان قىلمىساقمۇقىلىدىغان ئىش بۇ،ئابلىمىت دىگەندەك ئىلىكتىر كەسپىدىكى ئەڭ ئاسان ئىشلار، مەن شۇ تورداشلار يول كۆرسەتسە، قايسىنى قىلساق مەبلەغ ئازراق كىتىدۇ، قايسى ئىشەنچىلىك بۇلىدۇ،ياكى قىلالايدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا دىگەنلا مەقسەتتە يازغان تېما بۇ.
ماڭىغۇ بەك ئاسانتى بىز قىلالمايمىز، ناھيىلىك ھۆكۈمەت شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ بىرىڭلار، كەنتتىن پۇل چىقىرايلى دىيىش.   شۇ كەنتنىڭ پۇلى ئازراق بولسىمۇ ئىختىساد بولسۇن دەپ ئويلىغانتىم.

بۇنىڭ ئەھمىيتى مەقسىتىنى بۇ يەردە مۇنازىرە قىلماي، نەق گەپكە كەلمەيمىزمۇ(بەك ئاسان ھاياجانلىندىغانلاردىن ئەنسىرەيمەنچۇ)؟نەچچە پۇلغا قىلىسىز، قانچىلىك ۋاقىتتا پۈتتۈرسىز؟ سىزنى نەدىن تاپىمەن دىگەندەك.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 17:06:33

SAYRAMI يوللىغان ۋاقتى2014-12-3 16:53 static/image/common/back.gif
يەنە دىسەم يەنە شۇ قىلساقمۇ قىلىدىغان قىلمىساقمۇقىلىد ...

   بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ھەم باشقىلارنىڭ ئارام ئىلىشىغا بەك تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىشتا قۇۋۋىتى 5 ۋاتتىن كىچىك بولغىنى ياخشى. قۇۋۋىتى چوڭ، ئاۋازى يۇقىرى بولغاندا يىقىندىكىلەرنىڭ قۇلىقىنى پاڭ قىلىۋىتىدۇ. شۇڭا ساننى ئاشۇرۇپ قۇۋۋەتنى چەكلەشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاھالىلەر بەك تارقاق بولسا سىمسىز قىلسا قۇلايراق، دوپ-دوپ ئاھالە بولسا سىملىق قىلسا بولسا 0.5ۋاتلىقنى ھەر-بىر ئۆيگە ئورناتسىمۇ بۇلىدۇ. ئاز ساندىكى يامان نىيەتلەرنى دەپ ئاممىنىڭ قۇلاقلېرىنى زىدە قىلىۋىتىشتىن ساقلانغان ياخشى...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 17:23:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-3 17:24

SAYRAMI يوللىغان ۋاقتى2014-12-3 16:53 static/image/common/back.gif
يەنە دىسەم يەنە شۇ قىلساقمۇ قىلىدىغان قىلمىساقمۇقىلىد ...

بۇ پۇلنى كەنىت ئۈستىگە ئالامدا؟ دېھقاننىڭ پۇلىغا قىلىدىغان ئىش بولسا ئەڭ تۈۋەن باھادا ئۇقۇشۇپ بېرەي.بۇرۇنقىدىن ھازىر كۆپ ئەرزان ئۇ نەرسىلەر، قايسىنى قىلىشنى بىكىتىپ ئۇچۇر قىلسىڭىز ئامال بار زاۋۇتتىن توپ ئالىدىغان يەرنى ئۇقۇشۇپ بېرەي، نەچچە كەنىتلەر بىرلىشىپ ئۆزەڭلار ئالاقىلىشىپ باھانى تىخىمۇ تۈۋەن دىيىشسەڭلار بۇلىدۇ...
بۇرۇن 5 ۋاتلىق ف م دۇلقۇنلۇق ئىچكى ساقلىغۇچتا ناخشا قويغىلى بۇلىدىغىنىنى 60 يۈەندىن تاپقان ئىدىم.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 17:30:21

ھۆكۈمەت ھەممىسىگە تېلىفون ئېپ بەرسۇن، ئېلان بولامدۇ تەشۋىقات بولامدۇ ھەننىۋاسىنى ئۈندىداردا يوللىسۇن،
شۇ بانىدا دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ۋەھشەت يۇقىرى كۆتىرىسىزلەر:lol

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 19:55:25

tirkax يوللىغان ۋاقتى2014-12-3 13:53 static/image/common/back.gif
ھازىر سەھراغا قارىغاندا شەھەر جىمجىتمىكى دەيمەن .

نەدە جىمجىت دەيسىز، خوتەندىكى چوڭ بازار بىلەن قىزىل يۇلتۇز بازىرىدىكى كانايلاي 24 سائەت توختىمايدۇ، شۇنىڭ دەستىدىن كىشىلەر شەھەرگىمۇ كىرمەس بولۇپ، تىجارەتچىلەر قاخشاپ ئولتۇرىدۇ ھازىر! يەنىلا سەھرا جىمجىت!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 20:59:22

arkan2011 يوللىغان ۋاقتى2014-12-3 21:55 static/image/common/back.gif
نەدە جىمجىت دەيسىز، خوتەندىكى چوڭ بازار بىلەن قىزىل ي ...

نىمە دەپ توۋلايدىكەن كانايدا

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 21:08:30

udun007 يوللىغان ۋاقتى2014-12-3 20:59 static/image/common/back.gif
نىمە دەپ توۋلايدىكەن كانايدا

كېلىپ ئاڭلاپ باقمامسىز، نېمە دەپ توۋلايتتى، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى يەتكۈزىدۇ توختىماي!

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 07:41:31

راس گەپ.... يېزا سەھرادىكى پەرىقلەر بەك زورغۇ ھاىر....

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 08:32:54

arkan2011 يوللىغان ۋاقتى2014-12-3 19:55 static/image/common/back.gif
نەدە جىمجىت دەيسىز، خوتەندىكى چوڭ بازار بىلەن قىزىل ي ...

ئۇ ئاسان گەپ، تىلگىراف ياكى كۈچمە خەۋەرلىشىشكە دىسىلا 50 يۈەندىن يىغىپ تارقىتىۋېرىدۇ، ئەمما بۇ يەردە كىيىنكى ھەقلەرنىڭ ئىششى بار...
كانايدا ئىتىزلارغا چوڭنى، ئاھالىلەر رايونلېرىدا كىچىكنى ئورناتسا قۇلايراق. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىما ئىگىسى ئېيتقاندەك بىرە ناھىيلىك ھۈكىمەت قىلىمەن-قىلمايمەن دىيەلەيدىغان ئىش ئەمەس...

sodigar10 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 08:39:38

ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى2014-12-4 07:41 static/image/common/back.gif
راس گەپ.... يېزا سەھرادىكى پەرىقلەر بەك زورغۇ ھاىر....

بىزنىڭ بۇ يەردە تۇرغۇن دەپ بىرسى بۇلىدىغان كەنىتتىكىلەرنىڭ تەشۋىقاتى يەتمىگەندەك شەخسەن پۇل چىكىرىپ كاناي سېتىۋىلىپ تەشۋىق كىلىۋاتىدۇ.
بەت: [1] 2
: سىمسىز رادىئو قۇبۇللاش ئۈسكۈنىسىدىن ياردەم