tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 12:14:09

ئاۋارچىلىققا تولغان كىچە

  خۇپتەندىن كىيىن نىمە ئۇچۇندۇر شانىيازنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەي قالدى .يۇرىكى سەل پەل دۇكۇلدىگەندەك ئارامسىزلانغاندەك بىر ھىسياتتا بولدى. ئىچى توختىماي تىتىلدايتتى . شانىياز تەرەتنى يېڭىلاپ باشقىدىن نامازغا تۇردى . يېرىم سائەتلەر نەپلە ئوقۇغان شانىياز ئۆزىنىڭ زادى قانچە رەكەت ناماز ئوقۇغانلىقىنىمۇ بىلەلمەي قالدى .تەكەخان شانىيازنىڭ نامىزىنى ئۆتەپ بولسا توردىن ناتىۋانلارنىڭ ئىككىنىچى بۆلىمىنىڭ 83-سانىدىن باشلاپ  تېپىپ قويۇپ بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىپ خېلى قاراپ باقتى . نىمە ئۇچۇندۇر باشقا كۇنلىرى خۇپتەننى تەرەت سۇنۇپ قالمىسۇن دەپ شامنىڭ ۋاقتى چىقا چىقمايلا پالاق پۇلۇق ئۆتەپ ئاندىن بىر خىل ئازادىلىك ھىس قىلىدىغان شانىياز قارىنىڭ بۇگۇن كەچ ئوقۇيدىغان دۇرۇت تەگبىرىلىرى ھىچ تۇگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى . شانىياز ئاخىرى بالخانىدىن چىقتى .تەكەخان مانا ئەمدى ناۋات چاينى دەملەپ بەرسەم ، بۇ ئەدەم ناتىۋانلارنىڭ قويۇشنى باشلار دەپ خىيال قىلىغىنىنىڭ ئەكسىچە شانىياز قارى توڭلاتقۇنىڭ ئۇستىدىكى مۇھەممەت سالىھ قارى ھاجىم تەرجىمە قىلغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئاۋايلاپ ئېلىپ يەنە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بالخانىغا كىرىپ كەتتى . تەكەخان بۇگۇن كەچ ناتىۋانلارنى كۆرەلمەيدىغانقىغا ئەمدى شەك كەلتۇرمىدى. ۋە ئاستا ئۇئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۇگۇرەپ ئويۇنچۇق ئايرىپىلانىنى ئۇچۇرىۋاتقان ئەمەتجاننى چاقىرىپ ئۇخلاشقا بۇيرىدى .-ياق ياق ياق ، ئاتام بۇگۇنمۇ ماڭا بۇ ئائىلىگە قاراڭ دىگەن فىلىمنى قويۇپ بەرمەكچى ئىدى . -ياق بالام ئاتاڭ بۇگۇن ئىبادەت قىلىدىغان چىراي ، -ئاتام ئادەتتە بۇنداق چاغدا ئىبادەتنى ئاللبۇرۇن تۇگۇتۇپ بىز بىلەن بىللە توردىن كىنو ئېچىپ كۆرەتتىغۇ ؟ -بالام مەنمۇ بىلمىدىم . ئىبادەت دىگەن ئادەمنىڭ قەلبىدىن چىقىدىغان نەرسە ، قارىغاندا ئاتاڭنىڭ بۇگۇن بەكرەك ئىبادەت قىلغۇسى كەپ كەتكەن بولسا كېرەك. تەكەخان شۇنداق دىگەچ ھەي بۇ ئادەمنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چۇشۇنۇپ بولغىلى بولمايدۇ . ئابدۇقادىر جالالىدىندەك تۇغۇلغان كۇنلەردە ئشىكنى ئېتىۋېلىپ ئىبادەت قىلغاننى ئاڭلىغان زىيالى دىگەننىڭ .ئەمما بىزنىڭ بۇئەدەمنىڭ نەرى زىيالىغا ئوخشىسۇن . ھېچنىمىگە توغرا كەلمەيدىغان بىر كۇندە بېشىغا لۇڭگىنى ئارتقان با ، خوتۇن نەدە بالا نەدە بۇگۇن ئاخشام كۆرىدىغان كىنو نەدە ھېچنىمە خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىكىنا . توۋۋە خۇدايىم مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ، ئېرىم ئىبادەت قىلسا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ قىلىدۇ ، ئۆيىمىزگە بەركەت بەرگىن ئاللاھىم . بۇ ئەدەم ئەدەسسىز ئۇسسايدىغان ،چاي ئىچەرمۇ يە بۇ ئەدەم .تەكەخان شۇ خىياللار بىلەن يېڭى ئالغان مەھموت چېيىنى توشقاننىڭ قېنىدەك دەملەپ بالىخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى .-چاي ئىچىڭ دادىسى .شانىياز قولى بىلەن بولدى دىگەندەك شەرەتلەپ بىر خىلدا قۇرئاننى ئوقىۋەردى. تەكەخان ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قويۇپ ،چېپىپ يۇرگەن ئەمەتجاننى تەسلىكتە تۇتۇپ قولىدىن سۆرەپ ئىچكىرى ھوجۇرىغا ئېلىپ كىرىپ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئۇخلىتىشقا تىرىشتى .ياق ياق ئۇخلىمايمەن ئۇخلىمايمەن  ، كىنو كۆرەلمىسەم چۆچەك ئوقۇپ بەر ئەمىسە .-ماقۇل قوزام دىدى تەكەخان ياندىكى شانىيازنىڭ تىۋىشلىرىغا زەڭ سالغاچ ئوغلى ئەمەتجانغا چۆچەك ئوقۇپ بىرىشنى باشلىدى .

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 13:44:22

يەنە بىر ياخشى تېما

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:01:17

ساقلاۋاتىمەن

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 16:14:17

تەتەيخان شانىيازنى ئىزدەپ كەپ قالامدۇ نىمە:lol

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 16:40:41

مۇشۇ قىسىملىق تېمىلارنىزە، ئادەمنىڭ تاقىتىنى تاقىلدىتىپ...

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 10:50:38

كىچە سائەت ئون ئىككىگە داڭ ئۇردى . ئەمەتجان چۆچەك ئاڭلا ئاڭلا ئاخىرى ئۇيقۇغا كەتتى .شانىياز بالخانىغا شۇ كىرىپ كەتكەنچە ھىچ چىقاي دىمەيتتى .گويا بۇ ئەدەم بۇگۇن كىچە ئۇيقۇنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك . تەشۋىشلەنگەن تەكەخان ھېلى ئۆزىنى ئۇيقۇغا زورلاپ باقاتتى ،ھېلى قۇلۇقىنى دىڭ قىلىپ بالىخانا ئۆيدىكى تىۋىشنى تىڭشايتتى .ئاخىرى بولماي تەكەخان ئاستا بالىخان ئۆينىڭ ئىشكى ئالدىغا كەلدىدە ئشىىكنىڭ يوچۇقىدىن شانىيازنى مارىلاپ باقتى . شانىياز جەينامازنىڭ ئۇستىدە كۆزىلىرىنى يۇمغان ھالەتتە بەدەشقاننى قۇرۇپ تەسۋى  سېرىپ ئولتۇراتتى . ئاغزىدا بولسا شىۋىرلاپ ئىسمى ئەزەم ئوقۇۋاتقاندەك قىلاتتى . قانچە مىنۇت ئۆتتىكىن تاڭ تەكەخان بۇنداق مارىلاشتىن زىرىكىپ ئەمدى كىرىپ ئۇخلايا بولدى ، بۇ ئەدەم ئۇخلامدۇ ئۇخلىمامدۇ ، ئۇنىڭغا مەن گەپ قىلسام ، بومبىنىڭ پىلىكىنى تارتقاندەك بولۇپ قېلىپ بۇگۇن كەچ ئۇخلىيالمايدىغىنى مەن بولۇپ قالماي يەنە دىگەنلەرنى ئويلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز شانىيازنىڭ تىلفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى .
   شانىياز كەينىگە ئۆرىلىپ زەر قوتقىدىن تېلفۇنىنى ئاجىرتىپ ئالدىدە بارماقلىرىنى تىز تىز ئوينۇتۇپ تىلفۇنىنى ئېچىپ قوبۇل قىلىش كونۇپكىسىنى باستى .-ۋەي ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،-ۋەي شانىياز ئاكامما، مەن مەن ،نازاكەت ، سىز مېنى تونىمايسىز ، مەن مەن مەتنىيازنىڭ ساۋاغدىشى ، ...........ئاكا ئاكا سىزگە دىسەم مەتنىياز مەتنىياز ئىش تېرىپ قويدى . -ئۇكام يىغلىماي ئالدىرماي دەڭ سىزلەر نەدە ئۇ نىمە ئىش تېرىدى . -بىز بىز ئەسلىدە تاماق يەپلا قايتماقچى ئىدۇق ، ئەمما مەتنىياز ئۇ تىبەت قاۋاخخانىسغا (تاڭگولا زاڭباغا )كىرەيلى دەپ شۇ ، -ئاۋۇ دىيەنلى بىڭگۇەننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاڭگولا زاڭباغىمۇ -(ئەسلىدە شانىياز ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۇچۇن ھەر يەردە بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇگۇن سەل جىددىلىشىپ قالغاچقا خەنسوچە ئارلاشتۇرۇپ دەۋەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ تۇيماي قالدى ،)ئۇ يەرگە كىرىپ مەتنىياز بەكمۇ جىق ئىچۋەتتى . ئاندىن يەنە ئاندىن ئۇلارنىڭ بىر سيرىلما ئەينەك ئىشكىنى چېقىۋەتتى . ھازىر ئۇلارنىڭ لوبىنى ساقچى چاقىردى ، تىز كىلىڭ ئاكا -ھەبىلدىم بىلدىم مەن ھازىرلا باراي .
مەتنىياز ئەي رەببىم ئاسانلىق بەرگىن ، ئاسانلىق خاتىرجەملىق پەقەت سەن بىلەن دىگىنىچە يېيىقلىق جەينامازىنى يىغىشتۇرۇپ ئورنىدىن ئالدىراش قوپتى . شانىياز چاپاننىڭ يېڭىنى ساپقاچ بالخانا ئۆينىڭ ئىشكىنى ئېچىشىغا كۆزلىرى تەكەخاننىڭ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى .
-نەگە قارىم بۇ يېرىم كىچىدە ، قايسى نايناق تىلفۇن قىلدى . -ماڭ كىرىپ ئۇيقۇڭنى ئۇخلا -ياق بۇگۇن كەچ ھىېچ يەرگە بارمايسىز دەپ شانىيازنىڭ ئالدىنى توسىدى تەكەخان ،-قانداق دىگەن گەپ  بۇ ئائىلسى بار بىر ئادەم نەدىكى بىر نايناقنىڭ تېلفۇنى بىلەنلا ئۆيدىن چىقىپ كىتىدىغان ئىشمىكەن .-نىمە داۋاتىدۇ ماۋۇ ساراڭ خوتۇن . ھە راست ئاۋۇ چوڭ كارتىنى ئېلىپ چىقە ، ئەسلىدە ھەممە جۇڭ كومنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەممە كارتا ئوخشاش ئۆلچەمدە بولىسمۇ شانىيازنىڭ چوڭ كارتا دىگىنى ئىچىدىكى پۇلى كۆپ كارتىنى ئېلىپ چىق دىگىنى ئىدى .-سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى ئېلىپ چىق . -ۋاھ نىم بولدى ، يانچۇقىمىزدىكى پۇل يەتمەمدىكەن نايناقلىغا ، ھەمياندا باشقا كارتىلارمۇ بار ئىدىغۇ . -بولە چاققان ! ئاۋۇ مەتنىياز ئازراق ئىش تېرىپ قويۇپتۇ ،-ھۇۋ -دەپ ئىچىدىن بىر تىنىق چىقاردى تەكەخان ، -مەتنىياز ، مىياۋ مۇشۇكتەك يۇۋاش بالىتىغۇ ئۇ،-دىدى تەكەخان ھەيران قېلىپ ئۇ بۇ قېينى ئۇكىسنىڭ ھاراق ئىچىكىىننى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتاتتى ،-ۋاي خۇدايىمەي ،بۇ بالا بەكلا يۇۋاش بالىتىغۇ ، -ھە بولدى بولدى .ماڭا يەتكەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ئاتام ياش ۋاقىتلىرىدا ئاز تولا كۆتۇرۇپ قويدىكەنتۇق  بۇ ئىشەكنىڭ سۇيدىكىنى .قارىغاندا بۇ ئىش ئۇكىنىڭ گىنىدا ئىپادىلىنىپ چىقىپتۇ ، بولمىسا مەنمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن . ھە بولە تولا گەپ قىلماي ئەينەك ئشىكىنى چېقىپتۇ  بۈ جەڭۋا ،- ئۇنىڭ پۇلىنى بىز تۆلەمدۇق دىدى تەكەخان دومسىيىپ ئوزايىدىن ئۇنىڭ قوزغۇلۇپ كارتىنى ئېلىپ چىققۇسى يوقتەك تۇراتتى . -ئەمىسە كارىم بولماي ئۇخلاۋىرەيمۇ يە ، -مەنغۇ ئۇنداق دىمىدىم .- بۇ پۇلىنى كىم تۆلەيدىغانلىقىنى قويۇپ تۇرايلى ، -ھازىرچە بىز تۆلەپ قېرىندىشىمنىڭ كۆتىنى پاكىزلىشىم كېرەكتە . ئاندىن بىر گەپ بولمامدۇ ، -ھە ماقۇل دىدى تەكەخان خوشياقمىغاندەك مېڭىپ ئىچكىرى ھوجۇرنىڭ بىر يەرلىرىنى مالتىلاپ بىرەر مىنۇتلاردىن كىيىن كارتىنى ئېلىپ چىقتى ، قارىغاندا تەكەخان كارتىنى مالتىلىغاچ بۇ پۇل زادى قايتىپ كىلەمدۇ كەلمەمدۇ دىگەنلەرنى ئويلىشىۋاتاتتى . -ھېي بولە دەيمەن ، دىدى شانىياز ئىشىكنىڭ تۇۋىدە ئاياقلىرىنى كىيىپ ماڭىدىغانغا تەق بولۇپ تۇرۇپ ،-ھە راست ساراي ئۆيگە ئورۇن راسلاپ قوي ، مەتنىيازنى ئۆيگە ئېلىپ كىلىمەن ، -ۋاي ئۇ بالىنى چوڭ ئۆيگىلا ئاپىرۋەتسىڭىز ياخشىمىكىن -ھېي ھېچقاچان ئىچىپ چىكىپ باقمىغان بىر بالىسنى غەرى مەست ھالەتتە كۆرسە ياخشى دەمسەن چوڭلارغا -ئىلدام ئىلدام ماڭە گەپنى ئاز قىلىپ ،-ھە راست ئورۇننى راسلاپ بوپ ئىچكىرى ھوجۇردىن چىقما جۇمۇ ئۇكام كەلگەندە ،بولمىسا پۇتۇڭنى چانىۋېتىمەن ، -ۋاي ئەمدى ئوبۇرنىغىمۇ چىققىلى قويمامسىز ئەدەمنى ،-تەلەڭگىنى ئەكىرۋېلىپ شۇنىڭغا سىي . بىرەر كىچىنى خەنسو پەدىسىدە ئۆتكۇزگەنگە نىمە بولاتتى .بىچارە جېنىم ئۇكامنى سەندەك بىر شاڭخوچىنىڭ كۆرۇپ قېلىشىغا يول قويمايمەن مەن . -ۋاييەي ، ئاراقنى ئىچىپ خۇددىنى بىلمەيدىغان ئۇكىسىنى بىچارە جېنىم دەپ كەتكىنىنى ما ئەدەمنىڭ چىقمىدىم بولدى ، ئۆزىڭىز  ئۇكىڭىزنىڭ دىدارىغا ئوبدان قېنىۋېلىڭ بۇگۇن كەچ . بولدى خەيرىلىك كەچ مەن ئارلاشمىدىم ئەمىسە بۇ ئىشلارغا .

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:43:54

ۋاھ ۋاھ پاسەھەتلىك چىقىپتۇ      يانا  ساقلايدىغان بولدۇمدە

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:56:50

شانىياز ئۆيدىن ئالدىراپ چىققاچ ئۆزىنى بۇ ئىشقا يالغۇز كەپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىپ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ئاغىنىسى قاسىمغا تېلفۇن سوقتى .-ۋەي ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاسىم ئاداش ، بامۇ ئۆزلىرىى نىم قىيىتلا ؟-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام شانىياز ئاداش نىمە قىلاتتۇق بۇ يېرىم كىچىدە شۇ خوتۇننىڭ ئۇستىدە -دىدى قاسىم شانىياز بىلەن چاقچاقلىشىىپ ، -ھەي ئەسلىدە بۇ يېڭى توي قىلغان قاسىم ئاخۇننى ئاۋارە قىلمايدىغان  ئىشكەنتۇق ،-ھە بولدى بولدى ئۇنداق بولسا مەرھەمەت  ياخشى ھاردۇق ئاسلا ،- ھە ئەمدى تىلفۇننى ئۇرۇپ بوپلا ،نىمە ئىشتى دىسلە دەيمەن ، مەن شۇ سىلىگە چاقچاق قىلغان شۇ ،-شۇ ئازراق ئىش بارتى ئەسلىدە ، ئەمما سىلىۋاغۇ يامان ئىگىز يەرگە چىقۋاپلا دىسلە قاسىم ئاخۇن ،سىلى ئۇ يەدىن چۇشكىچە تاڭ ئاتىدىغاندەك تەرى بار جۇما  بولدى ئۆزەملا تەۋەككۇل قىلىپ بېرىپ باقاي .-ۋاي چاتاق يوق ، شانىياز ئاخۇن ، موشۇ بەش مىنۇت غۇسلى قىلىپ چايقىنىپ چىقساملا تەييار بىز . نىمە ئىشتى دىمەملا دەيمەن . -باشقا ئىشمۇ ئەمەس ، ماۋۇ بىزنىڭ مەتنىياز دىگەن توخونىڭ پوقى ئاۋۇ تاڭگۇلا زاڭبا تىبەت قاۋاقخانىسدا چىلاشقىچە ئىچىپ يەنە جىدەل تېرىپ قاۋاخخانىنىڭ بىر ئەينەك ئىشىكىنى چېقىپ قويۇپتۇ . خوجايىن ساقچىغا مەلۇم قىپتىكەن .مەن شۇ يەرگە ماڭغان بولسا سىلىنىمۇ تەڭ بېرىشپ بىرەمدىكىن دەپ شۇ .ماقۇل ئادىشىم بەش مىنۇت ساقلاڭ ، جېنىم دوستۇم راستىنلا بىر چايقىنىپ چىقمىسام بولمايدۇ دەيمەن .-ئادىشىم موشۇ خاتۇن ئالغاننىڭ ياقى بېلىق بوپ كەتتىڭلار جۇمۇ ، سوغۇڭلا ئېىشىپ كەتتى ھەقاچان ، ئەتە ئۆگۇن بىر كەپتەر شورپىسى بىلەن خىزمىتىڭلەدە بولاي . تېلفۇندا ھاجىگۇلنىڭ سەت ۋاقىرىغان ئاۋازى ، قاسىمنىڭ چۇشەندۇرۇشلىرى ئاڭلاندى . شانىياز تېلفۇننى بېىسىۋەتتى . قاسىمنىڭ بۇ يېرىم كىچىدە خاتۇنى ھاجىگۇلنى قانداق قايىل قىلىپ بەش مىنۇت ئوتتۇز بەش سىكونىت ئۆتكەندە شانىيازنىڭ ئالدىغا چۇشۇشى بىر سىر بولۇپ قالدى .
   -ھەي بۇ سىلىنىڭ ئۇكاڭلا ، ناھايىتى ئوڭلۇق ياۋاش بالىتىغۇ ، نىمە ئەمدى تىبەت قاۋاقخانىسىغا دەڭلا ، - بۇ ئاي بۇ كۇندە بارغۇ ياۋاش كۆرۇنگەندىن  ئەنسىرگۇلۇق ، بۇ گۇينىڭ بالىسى داشۆگە چىققاننىڭ  ياقى  سەل ئېزىۋالدى دەيمەن . بايام تېخى مارۇششاسى تىلفۇن قىپتىكەن ،بىزنىڭ تەكەخان گەپنى چالا ئاڭلاپ تاس قالدى دەيمەن ، ھى ھى ھى ،

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 21:03:24

ئاداش سىلىمۇ موشۇ ھاياتلىرىدا ئانچە مۇنچە ئېغىز تىگىپمۇ باققانلا ،بۇ ئىشەكنىڭ سۇيدۇكىگە ، -نىمە بولانى سوراپ قاللا ياخشى ئىشنى سورىمايدىكەنلا ئۆزلىرى قاسىم ئاخۇن -ئەمدى دەيمىنا ھېلى باغاندا مەتنىيازنى بېك ئەيىپلەپ كەتمىسلە دەيمەن ، ياش باللا بولغاندىن كىيىن ئەمدى بىرتە يېرىم موشۇنداق بولۇپ قالغاندۇ ، -بۇ زاتۇرۇشكىنىڭ ئىچىپ بۇنچىلىك بوپ كىتىشىنى كىم ئويلىغان دەيلا . بىزمۇ ئون يىللارنىڭ ئالدىدا بىرەر يېرىم رومكا ئىچىپ باققان بۇ ئىشەكنىڭ سۇيدىكىنى ، ئاشۇ ياشلىق ساراڭلىقتا ئىچكەن ھەممە ھاراقنى يىغىپ كەلسە بىرەر يېرىم ئىككى بوتۇلكا بولار ، ماۋۇ زاتۇرۇشكىدەك بىر دولىققا بىريېرىم ئىككى بوتۇلكا ئىچىدىغان ھەقىلىسىزلىقنى قىلغىنىم يوق جۇمۇسلا . بولمىسا ھازىر بىز خەقتە بۇ ياشىتىكىلەرنىڭ ئىچىدە ئىچىدىغىنى بەك ئاز جۇمۇ ، -شۇنى دىسلە شانىياز ئاخۇن ، تويدىمۇ ھاراق داۋاسى قىلىدىغنى ئەللىكتىن ئاشقان ئاتمىشقا تاقاشقان پوق ساقال قېرىلار ، -پوق ساقال دەپ كەتكۇدەك ساقىلمۇ يوق ئۇ لاۋزىلارنىڭ ، نەۋرىلىك بولۇپ قالغىنىغا قارىماي ئشەكنىڭ سۇيدىكىنى ئىزدەپ سوراپ ئىچكىنى ئىچكەن . -راس دەيلا بۇ ئشەكنىڭ سۇيدىگى نۆۋەتتىكى شەھەرلەشكەن ،ماشىنلاشقان ، ئىلىكتىرۇنلۇق كۆز ھەممە يەرنى قاپلىغان ۋەزىيەتكە ئازراقمۇ ماسلىشالمىدى . قايسى كۇنى قىززىق ، قاتناش ساقچىسى توسايدۇ ، نىم بولدى ئۇكا دىسەم ئاكا سىز سېغىز چايناپسىز ،قارىغاندا ئىستىمال قىلغاندەك تۇرىسىز دەيدۇ ، چاقچاق قىلما ئۇكام سېغىز دىگەن سېغىز ، ھاراق دىگەن ھەلەق دىسەم ، توختاڭ ئاكا بۇنى ئاغىزىڭىزغا قاراتساق ھەممىسى ئاشكارابولىدۇ دەپ ھېلقى تاپانچىسىنى ئاغزىمغا قارىتىۋىدى ، ھېچنىمە چىقمىدى . ئۇكا بۇ ياشقا كىرگەندە ئەمدى ھاراق ئىچىپ سەتلىىشپ يۇرسەكمۇ ياراشمايدۇ دىسەم ، كۇلۇپ كەچۇرۇڭ ئاكا ماسلاشقىنىڭىزغا رەخمەت دەيدۇ .

-ئەمدى ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز قاسىم ئاخۇن ، نىمىلا بولمىسۇن ئۇكام تۇرسا بۇ گۇي ، باشتا ئاڭلىغاندا شۇنداق بىر ئاچچىقىم كەپتىكەن . نىم بولسا بولسۇن چاتىقىم يوق دەيمىكىن دەپ يەنە تۇرۇپلا بىر خىل مەسئولىيتىمنى ئويلاپ قالدىم دىسلە ، قانداق قىلىمىز ئەمدى ھاراق چەكلەنگەن جەميەت ئەمەستە بۇ ،  بۇ گۇي بىلەن كارىمىز بولمىسا بۇ گۇي تېخىمۇ تۇگۇشۇپ كەتمەمدۇ دەيمەن .راستىنى دىسەم مەتنىياز بىلەن پاراڭ ماراڭ سېلىشمىغىلىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن بوپ كىتپتۇ . ئۇنى ئىسىمدىن چىقىرىپ قوياي دىگەندە ئاندىن بۇ ئىش چىقىپ قېرىندىشىمنى باشقىدىن ئەسلەۋاتىمەن .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 21:03:38

ئاداش سىلىمۇ موشۇ ھاياتلىرىدا ئانچە مۇنچە ئېغىز تىگىپمۇ باققانلا ،بۇ ئىشەكنىڭ سۇيدۇكىگە ، -نىمە بولانى سوراپ قاللا ياخشى ئىشنى سورىمايدىكەنلا ئۆزلىرى قاسىم ئاخۇن -ئەمدى دەيمىنا ھېلى باغاندا مەتنىيازنى بېك ئەيىپلەپ كەتمىسلە دەيمەن ، ياش باللا بولغاندىن كىيىن ئەمدى بىرتە يېرىم موشۇنداق بولۇپ قالغاندۇ ، -بۇ زاتۇرۇشكىنىڭ ئىچىپ بۇنچىلىك بوپ كىتىشىنى كىم ئويلىغان دەيلا . بىزمۇ ئون يىللارنىڭ ئالدىدا بىرەر يېرىم رومكا ئىچىپ باققان بۇ ئىشەكنىڭ سۇيدىكىنى ، ئاشۇ ياشلىق ساراڭلىقتا ئىچكەن ھەممە ھاراقنى يىغىپ كەلسە بىرەر يېرىم ئىككى بوتۇلكا بولار ، ماۋۇ زاتۇرۇشكىدەك بىر دولىققا بىريېرىم ئىككى بوتۇلكا ئىچىدىغان ھەقىلىسىزلىقنى قىلغىنىم يوق جۇمۇسلا . بولمىسا ھازىر بىز خەقتە بۇ ياشىتىكىلەرنىڭ ئىچىدە ئىچىدىغىنى بەك ئاز جۇمۇ ، -شۇنى دىسلە شانىياز ئاخۇن ، تويدىمۇ ھاراق داۋاسى قىلىدىغنى ئەللىكتىن ئاشقان ئاتمىشقا تاقاشقان پوق ساقال قېرىلار ، -پوق ساقال دەپ كەتكۇدەك ساقىلمۇ يوق ئۇ لاۋزىلارنىڭ ، نەۋرىلىك بولۇپ قالغىنىغا قارىماي ئشەكنىڭ سۇيدىكىنى ئىزدەپ سوراپ ئىچكىنى ئىچكەن . -راس دەيلا بۇ ئشەكنىڭ سۇيدىگى نۆۋەتتىكى شەھەرلەشكەن ،ماشىنلاشقان ، ئىلىكتىرۇنلۇق كۆز ھەممە يەرنى قاپلىغان ۋەزىيەتكە ئازراقمۇ ماسلىشالمىدى . قايسى كۇنى قىززىق ، قاتناش ساقچىسى توسايدۇ ، نىم بولدى ئۇكا دىسەم ئاكا سىز سېغىز چايناپسىز ،قارىغاندا ئىستىمال قىلغاندەك تۇرىسىز دەيدۇ ، چاقچاق قىلما ئۇكام سېغىز دىگەن سېغىز ، ھاراق دىگەن ھەلەق دىسەم ، توختاڭ ئاكا بۇنى ئاغىزىڭىزغا قاراتساق ھەممىسى ئاشكارابولىدۇ دەپ ھېلقى تاپانچىسىنى ئاغزىمغا قارىتىۋىدى ، ھېچنىمە چىقمىدى . ئۇكا بۇ ياشقا كىرگەندە ئەمدى ھاراق ئىچىپ سەتلىىشپ يۇرسەكمۇ ياراشمايدۇ دىسەم ، كۇلۇپ كەچۇرۇڭ ئاكا ماسلاشقىنىڭىزغا رەخمەت دەيدۇ .

-ئەمدى ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز قاسىم ئاخۇن ، نىمىلا بولمىسۇن ئۇكام تۇرسا بۇ گۇي ، باشتا ئاڭلىغاندا شۇنداق بىر ئاچچىقىم كەپتىكەن . نىم بولسا بولسۇن چاتىقىم يوق دەيمىكىن دەپ يەنە تۇرۇپلا بىر خىل مەسئولىيتىمنى ئويلاپ قالدىم دىسلە ، قانداق قىلىمىز ئەمدى ھاراق چەكلەنگەن جەميەت ئەمەستە بۇ ،  بۇ گۇي بىلەن كارىمىز بولمىسا بۇ گۇي تېخىمۇ تۇگۇشۇپ كەتمەمدۇ دەيمەن .راستىنى دىسەم مەتنىياز بىلەن پاراڭ ماراڭ سېلىشمىغىلىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن بوپ كىتپتۇ . ئۇنى ئىسىمدىن چىقىرىپ قوياي دىگەندە ئاندىن بۇ ئىش چىقىپ قېرىندىشىمنى باشقىدىن ئەسلەۋاتىمەن .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 22:45:28

شانىياز ئاخۇن توغرا دىدىلە قۇرئاندىمۇ ئۇلار ئالىجاناپلىق بىلەن ئۆتۇپ كىتىدۇ ، دىگەن بىر ئايەت بار ، شەيىخ سەئىدى ھەزرەتلىرىمۇ بۇ خىل ئھتىماللىققا لەنەت ياغدۇرمىغان دىسلە ، -شۇنداق شۇنداق ، ئادەم دىگەننىڭ ئادەم بولمىغىغا قىرق يىل كەتكۇدەكمىش ،بىز چېغىمىزدا چولۋىرنى سەللا بوشاتساق ئىش چاتاق . -ھېلقى مۇھەممەت ئەلەيھىىسالامنىڭ تەرجىمھالىدىكى -قايسى تەرجىمھالىنى دەيدىلاكىن - ئاۋۇ مۇھەممەت سالھى قارى ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئەنە شۇكىتاپتا مۇنداق بىر شېىر بار ماڭا بەك يارايدۇ ، ساقلىمسا خۇدايىم ، خاتالىقتا سەرسانمەن ،دەيدىغان ئەلۋەتتە ئاللاھىنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ دىگەن كەلىمەدىن كۆرە بىز قانچە تەكەببۇرلاشساق قانچىلىك قولىمىزدىن ئىش كىلىدۇ دەپ ئۆزىمىزگە مەست بولۇپ يۇرسەك گۇناھ مەئىسيەتتىن ساقلانمىغىمىز شۇنچە قىيىن ، پەقەت پەقەت بىز ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا گۇناھ مەئىسيەتتىن ساقلىنالايمىز ، پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا مەقسىتىمىزگە يىتەلەيمىز .
-شۇنداق ئەي ئاللاھىم ئۇكامنى كەچۇرگىن ، ئۇنىڭغا ھىدايەت ئاتا قىل ، ئۇنىڭغا ئەمدى ئىككىنچىلەپ ھاراق ئىچمىگۇدەك تەۋپىق ئاتا قىلغىن ئامىن

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:04:11

:handshake

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:21:25

شانىياز بىلەن قاسىم پاراڭلاشقاچ بىردەمدىلا تىبەت قاۋاقخانىسىغا بىرىپ قالدى ، ساقچىلار كەلگەن بولۇپ مەتنىياز غەرىق مەس ھالەتتە ساقچىلار بىلەن ئىتتىرشىپ تارتىىشپ تۇراتتى . بۇ ياقتا ئۇنىڭ مارۇششاسى نازاكەت تۇراتتى .سىڭلىم بولدى سىز قايتىپ كىتىڭ ، ئۆزىڭىز كىتەلەمسىز ، -ھەئە ئۆيىمىز ئالدىدىكى بىنادىلا ، -ماقۇل ئەمىسە ، مەتنىيازنىڭ مەسلىچىلىكتە ساقچىلارغا قالايماقان قولىنى بۇلغاپ مۇش ئېىتىپ -سونىما ،سونىما دەپ چالۋاقاشلىرىدىن  ، قاسىم ئاخۇننىڭ سەل شەيتىنى تۇتۇپ كۇلىۋەتكىلى تاس قالدى . ئەدەم دىگەن مەس بولسا يولۋاسنىڭمۇ بۇرىتىنى يۇلۇپ بېقىشنى ئويلايدىغان چاغۋا ، ساقچىلار ئاخىرى مەتنىيازنىڭ قولىنى كەينىگە قايرىپ كويزا سېلىۋالدى . شانىياز بىرەر مىنۇتتەك نىمە قىلىشنى بىلمەي ھەم خىجىللىق ، ھەم غەزەپ ھەم ئىچ ئاغرىتىش ھەم چارىسىزلىق دىگەندەك خىلمۇ خىل ئويلا ئىلكىدە تۇرۇپلا قالغان ئىدى . قاۋاخخانا خوجايىنى پۇكلىنىپ كۇچۇكلىنىپ -سوجاڭ بۇ بۇ يامان نىمىكەن قاراڭ ئەينەك ئىشىكنىمۇ چېقىۋەتتى ، بۇنى تېخى ئالدىنقى ھەپتىلا 2600 كويغا ئورناتقا ئىشىك ئىدى . -شانىياز دەرھال ئىسگە كەلدى ، بولدى مەن تۆلەيمەن .مەن ئۇنىڭ ئاكىسى ، مەن تۆلەيمەن .
قاۋاخخانا خوجايىنى ئەمدىلىكتە شانىيازنىڭ يېنىغا بېزىرىپ كەلدى .-2600 كوي ، - ھەي تۇزۇك گەپ قىلە -دىدى قاسىم -ئەينەك ئىشىكنىڭ بىر قانىتىنىلا چېقىپتىغۇ ، بۇ دىگەن بۇيرۇتما ئىشىكلەركەنغۇ بۇ 1300كوي تۆلىىسلا بولار ، سەن بۇ يەردە ھاراق سېتىپ پۇل تاپامسەن ياكى جىدەلدىن پۇل تاپامسەن ؟   سوجاڭ بېشىنى لېڭشىتقىنىچە قاسىمنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىدى ،جىدەل دىگەنگە جەرىمانە قويۇش بىزنىڭ ئىشىمىز ، سېنىڭ ئشىىڭ زىيىنىڭ قانچىلىك بولسا شۇنى تۆلىتىۋالساڭلا بولدى ،بۇنىڭدىن پايدا ئالىمەن دەپ ئويلىساڭ بولمايدۇ . -ھە ھە سوجاڭ جاناپلىرى شۇنداق شۇنداق ئەمما بۇ ئىشىكنىڭ بىر قانىتى باۋفىڭدى ئۆزى مېڭىپ كەلمەيدۇدە ، ئونى تېخى ئورنىتىدىغان گەپ ،-ئۇنداق بولسا يەنە يۇز كوي بىرەيلى ، -يەتمەسمىكى ، -ھە دىدى سوجاڭ بۇلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن تۆلەي دەۋاتىدۇ ، بۇ كىچىدە ھەممىمىزگە خاتىرجەملىك مۇنداق ئۇيقۇ لازىم .-مانا ھازىرلا تۆلەيلى دىدى شانىياز رەڭگى خۇنۇك خوجايىنغا قاراپ -سىلەردە كارتا سۇركەيدىغان ئۇسكىنە بارمۇ ،-بارتى ئۇنىمۇ تۆنۇگۇنكى جىدەلدە بىر مەس يۇلۇپ ئېلىپلا ئاتقان ئىدى شۇنىڭ بىلەن يوق بولدى ،.ئۇنداق بولسا بىز ھازىرلا ئۇزۇپ چىقىش سارىيىنىڭ ئاسىتىدىكى پۇل ئالغۇدىن ئەپ بىرەي . -ئاۋۇ ئۇكامنى ئەپ كەتسەم بولامدۇ ، -ياق بولمايدۇ بىز ئۇنى پەيچۇسۇغا ئاپرىمىز، ئاندىن ئەتىگىچە پوزىتسىيەسىگە قاراپ ئاندىن ، قاسىم  شانىيازنىڭ پىشنى تارتىپ قويدى . ساقچىلار تىركىشىپ ماڭغىلى ئۇنىمىغان مەتنىيازنى دارقىرىتىپ سۆرىگىنىچە ئېلىپ چىقىپ كەتتى ، ئۇكام !!! شانىيازنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ئاققان ياشلار ئۇنىڭ يۇزىنى ھۆل قىلۋەتكەن ئىدى . ئەزەلدىن شانىيازنىڭ كۇلكە چاقچاق بىلەن يۇرگەنلىكىنىلا كۆرگەن قاىسىم ئاخۇن تۇيۇقسىز يىغلاپ قالغان شانىيازغا قاراپ نىمە دەپ تەسەللى بىرىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى .

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 15:51:01

بىر ئىشىك1400سوم بوپ كەتتىمۇ  ئەمدى،     قويىمىچى بولا مۇشۇندا  بولا

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:26:49

قاسىم شانىيازنىڭ مۇرسىدىن تۇتۇپ ماڭايلى بۇرادەر ،ئەمدى قالغان گەپنى پەيسوردا دىيىشەيلى -دىدى .قاۋاخخانا خوجايىنىغا سەل ساقلاپ تۇرۇڭلار بىز پۇل ئالغۇدىن پۇلۇڭلارنى ئېلىپ بىرەيلى . دەپ بۇ نەس باسقان خۇنۇك قاۋاخخانىدىن ئايرىلدى . شانىيازنىڭ يىغىسى توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ئۇ قايغۇرۋاتامدۇ ، غەزەپلىنىۋاتامدۇ ، بىلىپ بولغىلى بولمايتتى . تۇيۇقسىز شانىياز ئىتىتىك مېڭىپ ماشىنىنىڭ ئشىىكىنى ئېىچپ ئوت ئالدۇرۇدى ، ھەمدە ماشىنىنىڭ بىخەتەر سولىغۇچىنى سولاپ قويۇپ ئاۋازىنى قويۇپ بىرىپ ھۆكۆرەپ يىغلاپ كەتتى . قاسىم ئاخۇن تېخى قۇرىمىغان چېچىنى سىلاپ قويۇپ ئەي ئەمدى زۇكام تىگىدىغان بولدىىدە ماڭا دىگىنىچە ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى . شانىياز بەش مىنۇتلار يىغلاپ  ئاستا ئاستا يىغلاشتىن توختىدى ، ئەمدى شانىيازنىڭ ئىچىدىن بىر غەزەپ ئۆرلەپ  چىققان ئىدى. شانىياز تۇيۇقسىز قاسىمنىڭ سىرتتا تۇرغانلىقىنى ئەسلەپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى . قاسىم   گەپ سۆز قىلماي ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن شانىياز :جالاپنىڭ باللىرى ئۇكامنى كۆز ئالدىمدا سۆدرەپ ئېلىپ ماڭدى ، پەقەتلا چىدىمىدىم قاسىم ئاخۇن . - شانىياز ئاخۇن ، ئۇنداق دىسەڭلا بولمايدۇ ، ھاراق ئىچىپ ئەسلىھەلەرنى چېقىش بىر جىنايى قىلمىش ، ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسساڭلار ئۇ چاغدا يەنە بىر جىنايەت شەكىللىنىدۇ دەيمەن ،ئۇلارنىڭ قولىدا ناگان بار شانىياز ئاخۇن ، يەنىلا سوغۇققان بولغانغا يەتمەيدۇ .
شانىيازلار ئۇزۇپ چىقىش سوداسارىيىنىڭ ئاستىدىكى پۇل ئالغۇدىن 2000يۇەن چىقىرىپ ھېلقى سۆرۇن تەلەت خوجايىن بىلەن بولغان ئېلىم بېرىمنى ئۇزدى .قاسىم ئېرىنمەستىن 1400 يۇەنگە بىر ھۆججەت ئېلىۋالدى. ئاندىن ئۇلار پەيسۇرغا قاراپ ماڭدى . پەيسورنىڭ ئىچكى كارىدۇرىدىكى سوغاق بىر بۇلۇڭدا مەتنىياز ھېلقى مىدىرغىلى بولمايدىغان شاھانە ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان ھالدائۇيقۇغا كەتكەن ئىدى .

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 11:04:37

قاسىم ئاخۇن مەن سوجاڭنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇكامنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش تېرىشى ئىكەنلىكىنى ، كەڭچىلىك قىلىشىنى سوراپ باقاي ، ناۋادا ئەتە ئەتتىگەن ئۆزىنى موشۇنداق جايدا كۆرسە  بۇ ئۇكامغا نسىبەتەن ياخشى بولمايدۇ ، تۆلەيدىغاننىمۇ ۋاقتىدا تۆلىۋەتتۇق ، ئەمدى مەن كاپالەت بەرسەم ئىككىنچى بۇنداق ئىش يۇز بەرمەيدۇ. ئۇكامنىڭ پەيسوردا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى قولۇم قوشنا مەھەلە كويغا ئاڭلانسا تېخىمۇ ياخشى بولمايدۇ . بۇگەنكى ئىش بىر ئالاھىدە ئەھۋال دەپ دەپباقايمىكىن دەيمەن ، قاسىم ئاخۇن . -شانىياز ئاخۇن شانىياز ئاخۇن نىمانداق كىچىك  بالىدەك گەپ قىلسىلەر ، شۇنداق جۇڭگودىمۇ ئالاھىدە ئەھۋال مەۋجۇت ئەمما سىلى دىگەندەك ئىشلار ئالاھىدە ئەھۋال دىگىلى بولمايدۇ ، بىرەر باشلىق تۇققان بولسا ئۇ ھالدا بۇ نى ئالاھىدە ئەھۋال دەيمىز ، شانىياز ئاخۇن . نىمانداق گەپ چۇشەنمەيسىلەر ، مېنىڭچە مەتنىياز بۇگۇن كىچە موشۇ جايدا قېلىپ ئوبدان بىر سەگىدىسۇن ، ئەتە كىلىپ قالغان گەپلەرنى دىيشەيلى موناسىۋەتلەرنى ئىزدەپ دىگەندەك بىر ئىشلارنى قىلايلى .-ياق قاىسم ئاخۇن مەن بىر كىرىپ چىقاي ئاتاماننىڭ قېشىغا ، شانىياز كىرىپ كىتىپ بىر پەسىتىلا ساڭگىلاپ قايتىپ چىقتى .-قاسىم ئاخۇن ئاداش سىلىگىمۇ رەخمەت  بۇكەچتە سېلىنى بەك جۇۋاتتىم. سىلە ئۆيىڭلىگە قايتىڭلار مەن ئۇكامنىڭ قېشىدا قالاي .-ھەي ھېچنىمە بولمايدۇ  تەڭ قايتىلى - ياق مەن ئۇكامنى بۇ ھالدا تاشلاپ قويۇپ قايتالمايمەن . قاسىم شانىيازنىڭ  سۆزىدىن ئوبدانلا تەەسىرلەندى . -سىلى تۇرۇپ تۇرۇڭلار مەن بىر ئامال قىلىپ باقاي ، دەپ يانفۇننى چىقىرىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .ئالاھەزەل بەش مىنۇتلاردىن كىيىن مەتنىياز ئولتۇرغان شاھانە ئورۇندۇقنىڭ قۇلۇپى سىرلىق ھالدا ئېچىلىپ قاسىم بىلەن شانىياز مەتنىيازنى ئىككى قولتۇقىدىن يۆلەپ پەيسوردىن ئايرىلدى . قاسىمنىڭ قانداق چارا تاپقانلىقى  بۇگۇن كىچىدىكى ئىككىنچى بىر سىر بولۇپ قالدى .

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 12:02:55

داۋامى بارمۇ

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 13:31:49

داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق ئەمىسە

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-9 18:58:55

شۇنداق قىلىپ شانىيازلار مەتنىيازنى ماىشنىنىڭ كەينىگە ئاۋايلاپ ياتقۇزدى .ئاندىن شانىيازنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . نىمىلا بولمىسۇن ئۇكۇسىنى بۇ بالايى قىيامەتتىن ئەپچىقىپ كەتكەنلىكىدىن شانىيازنىڭ كەيپى شۇنداق چاغ ئىدى . ئۇ بىر تەرەپتىن ئىسقىرتقاچ بىر تەرەپتىن قاسىم ئاخۇنغا قاراپ -ئاداش سلىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن جۇما دىدى . قاسىم ئاخۇن بۇ سىر تۇغۇرلۇق ئېغىز ئېىچىشنى خالىماي گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى .شانىياز ئىشىكتىن چىقار ۋاقتىدا ئەي رەببىم ماڭا ئاسانلىق ئاتا قىلغىن بارچە ئاسانلىق ۋە خاتىرجەملىك سەن بىلەن دىگەن دۇئاسىنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى .بوپتۇ باش قەھرىمانىمىز ئۇچۇن ئاللاھقا بۇ ھەمدۇ سانانىنى مەن ئېيتىپ قوياي ، شۇكرى ئەلھەمدۇلىلا ، بىزگە ئاسانلىق ئاتا قىلغان ئاللاھقا شۇكرىلەر بولسۇن .
ئىككى دوست پاراڭلاشقاچ مېڭىپ شانىيازلارنىڭ بىناسىنىڭ قوۋۇق تۇۋىگىمۇ كەپ قالغان ئىدى ، مەتنياز بولسا گاڭ گالاس بولۇپ ئۇخلاۋاتاتتى .ئاداش ماۋۇ گۇينىڭ بالىسى ھاراقتىن زەھەرلىنىپ قالمىغاندۇ ھە ، يە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ باقايمۇ يا بۇنى ، -ھەي بولدى  قىسلا شانىياز ئاخۇن ، كۆڭۇللىرى بەك يۇمشاق ئادەمدە سىلى ، بۇنچىلىك مەس بولغانلارنى دوختۇرخانىغا ئاپارغىلى تۇرسا دۇختۇرخانا  مەسلەر بىلەنلا تۇشۇپ كەتمەمدۇ ؟ مۇنداق قىلسىلا مەتنىيازنى ئۆيگە ئېلىپ چىققاندىن كىيىن ئازراق شىكەر سۇيى ئىچكۇزىۋەتسىلەلا ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ ، جىگەرگە شىكەر پايدا قىلىدۇ ، ھاراقكەشلەرنىڭ كونا قائىدىسى بۇ ، -قاسىم ئاخۇن سىلىمۇ بۇ تەجرىبىنى تالاي قوللانغاندەك ئىشەشلىك سۆزلەيلاغۇ ، بىزمۇ ئەمدى ياش ۋاقىتلاردا بىرەر ئايدا بىر ئىككى قېتىم ئىچىپ قوياتتۇق موشۇنداق شىكەر سۇيىنى ئۆز خۇددىمىزنى بىلمەي قالغان چاغلاردا . شانىياز مەتنىيازنى چاقىرىپمۇ ، يۇزىگە كاچاتلاپمۇ ئۇيغۇتالمىدى . -قاسىم ئاخۇن ئۆزلە ياردەم قىلغاندىن كىيىن ئاخىرغىچە قىلىپ بۇ گۆش تاغىرىنى بەشىنچى قەۋەتكە ئەپچىقىشىپ بەسىلە بوپتىكەن .-مەيلى شۇنداق قىلاي ئىشىقىلىپ تاڭ ئېتىپ كەتمەستىن بۇرۇن ھاجىگۇل ئۇيقىدىن كۆزىنى ئاچماستىن بۇرۇن ئۆيگە بېرىپ يوتقاننى پۇركەپ يېتىۋالساملا بولىدۇ .-قايلىسلا قاسىم ئاخۇن ئىككى قەۋەتتە بىر ئالمىشىمىز مەن ئاۋۋال كۆتىرەي بۇ گۇينىڭ بالىسنى ، شانىياز قاسىمنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن مەتنىيازنى ھاپاش قىلدى .-ۋۇ ، ماگۇينىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرمەمدىغان ، ئاتا ئانامنىڭ دۆلتىنى موشۇ گۇي كۆرگەن ئىكەندە ، ۋاي قاسىم ئاداش بولمىدى پۇتلۇرۇم تىترەپ كەتتى بۇ گۇينى كۆتۇرەلمەي ، ئەڭ ياخشىسى يېرىم قەۋەتتە بىر ئالماشساق بولغۇدەك ، شۇنداق قىلىپ بەش قەۋەتلىك بىنادا توققۇز ئون قېتىم ئالمىىشىپ ئاخىرى مەتنىيازنى غەلبىلىك ھالدا ئۆيىگە ئەپچىقىۋالغان شانىياز قاسىم ئاخۇنغا رەھمەت  ھەشقاللا ئېيتىپ چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويدى .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-10 08:29:29

شانىياز بىلەن قاسىماخۇننىڭ دوسلىقىغا گەپ كەتمەيدىكەن، بۇنداق ئىشلار دوسىت بۇرادەر ئەمەس ئۇرۇق تۇققانلارغىمۇ تازا خوشياقمايدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن تەسىرلەندىم
بەت: [1] 2
: ئاۋارچىلىققا تولغان كىچە