aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 10:18:36

كۈتۈپخانام بىلەن مۇھەببەت ۋە نەپرەت


كۈتۈپخانام بىلەن مۇھەببەت ۋە نەپرەت:
بەزى كىتابلىرىمدىن قانداق قۇتۇلدۇم


ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى


يېقىنقى ئىككى چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ ئىككىنچىسىدە، نويابېر ئېيىدىكى بولۇ يەر تەۋرىشى مەزگىلىدە، كۈتۈپخانامنىڭ بىر قانىتى تاراق-تاراق تاراقشىپ، ئۇزۇنغىچە غىچىلداپ تۇردى. ئۇ چاغدا مەن ئىچىدە كارىۋاتقا ئۇزىنىپ، قولۇمدا بىر كىتاب، تورۇستىكى لامپىلارنىڭ تەۋرىنىشىگە قاراپ تۇراتتىم. كۈتۈپخانامنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ غەزىپىگە قېتىلىپ كېتىشى، ساراسىمىنىڭ باياناتچىسى بولىۋېلىشى، ئىسيان كۆتۈرىشى مېنى ھەم قورقۇتتى، ھەم بىر خىل ساتقۇنلۇق ھېس قىلدۇرۇپ غەزىپىمنى قوزغىدى. بۇندىن بۇرۇنقى قالدۇق يەر تەۋرەشلەردىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار بولغانىدى. كۈتۈپخانامنى جازالاشنى قارار قىلدىم.
شۇنىڭ بىلەن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەلىتە بىر خىل كۆڭۈل راھەتلىكى بىلەن كۈتۈپخانامدىن 250 كىتابنى تاللاپ تاشلىۋەتتىم. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئالدىراش-تىنەش ئايلىنىپ، جازالىماقچى بولغان قۇللىرىنى ئىشارەت قىلىۋاتقان پادىشاھقا ئوخشاش، ياكى ئىشتىن ھەيدىلىدىغانلارنى بارماقلىرىنى بىلەن كۆرسىتىۋاتقان بىر سەرمايەدارغا ئوخشاش ئالدىراشلىق ئىچىدە  تاشلىنىدىغان كىتابلارنى تاللاۋاتاتتىم. جازالىغىنىم ئەمەلىيەتتە ئۆز كەچمىشىم، بۇ كىتابلارنى تېپىپ، تاللاپ، سېتىۋىلىپ، ئۆيگە ئەكىلىپ، يىغىپ ئوقۇغان چاغلىرىمدا قىلغان ئەجر-مېھنەتلەر ۋە كېيىنچە ئوقۇغان چاغلىرىمدا ھېس قىلىشىم مۇمكىن بولغانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىياللار ئىدى. تېخىمۇ كېيىنلەردە ھېس قىلغىنىمدەك، بۇ ئىشنى جازالاشتىن بەكرەك بىر خىل ئەركىنلىككە چىقىش، قۇتۇلۇش تۇيغۇسى بىلەن قىلىۋاتاتتىم.
بۇ خۇشاللىق، كىتابلار ۋە كۈتۈپخانام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن ياخشى بىر باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى. چۈنكى كۈتۈپخانام ھەققىدە بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم كېلىپ تۇراتتى، لېكىن كىتابلىرىنى نە قەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئالاھىدە، قانچىلىك «مەدەنىيەتلىك» ۋە سەرخىل ئىكەنلىكىنى ئىما ئېتىدىغانلارغا ئوخشاش، ياكى پراگنىڭ ئارقا كوچىلىرىدىكى كونا كىتاب بازارلىرىدىن قانچىلىك نادىر كىتاب سېتىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرىيدىغانلارغا ئوخشاش ماختانغۇم يوق ئەسلا. كىتاب ئوقۇماسلىق ئەمەس، بەلكى كىتاب ئوقۇش بىر خىل غەلىتىلىك، ھەتتا بىر خىل كېسەللىك دەپ قارىلىدىغان بىر دۆلەتتە ياشىغانلىقىم ئۈچۈن، دەل مۇشۇ بىر ئوچۇم كىتاب ۋە كۈتۈپخانا مەستانىلىرىنىڭ بەتخەجلىكى، ئىشتىياقلىرى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا قىزىقىشلىرى بىزنىڭ كۈندۈلۈك نورمال ھاياتىمىز ۋە ئادەتلىرىمىزنىڭ يېنىدا، مەندە پەقەت ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغايدۇ. لېكىن مېنىڭ مەقسىتىم، كۈتۈپخانامدىكى كىتابلارنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئەمەس، ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى سۆزلەپ بېرىشتۇر. بۇ غەزەبنى ھېكايە قىلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ئەپچىل يولى كىتابلاردىن قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن قۇتۇلغىنىمنى ئەسكە ئېلىشتۇر.
كىتابلىرىمىزنى بىز ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى ئۈمىت قىلىدىغان دوست –بۇرادەرلىرىمىز كۆرسۇن، دەپ كۇتۇبخانىمىزغا تىزىپ ئاشكارىلىغانغا ئوخشاش، بەزى كىتابلىرىمىزنى ۋاي كۆرۈپ قالمىسۇن، دەپ يوشۇرۇپ قويۇشمۇ ناھايىتى ئەقىلگە مۇۋاپىق  تازىلاش شەكلىدۇر. مېنىڭ بۇ ئەخمەقلىقىمنى، بىر چاغلاردا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن چوڭ بىلگىنىمنى ھېچكىم بىلىپ قالمىسۇن، دەپ بەك جىق كىتابلارنى تاشلىۋېتىمىز. بۇ خىل ئىستەك بالىلىقتىن ئۆسمۈرلۈككە، ئۆسمۈرلۈكتىن ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىللەردە ئوت ئېلىپ يېنىشقا باشلايدۇ. ئاكام بىر چاغلاردا ئوقۇغانلىقىدىن نومۇس قىلىدىغان بالىلار كىتابلىرىنى، توم-توم پۇتبول ژورنىلى توپلاملىرىنى(فەنەرباغچە ژورنىلى توپلاملىرى) ئۇلارنى ھېلىغىچە چوڭ بىلىدىغان ماڭا بېرىۋىتىپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقاتتى. بەك كۆپ تۈرك رومانلىرىدىن، بەربات شېئىرلار ۋە ئىجتىمائى پەن كىتابلىرىدىن، سوۋېت رومانلىرىدىن، يېزا-قىشلاق تېمىلىرىدا يېزىلغان ئوتتۇراھال ئەسەرلەردىن، «قارا كىتاب»تىكى ئارخىپچى قەھرىمانغا ئوخشاش توپلىغان سول قانات ژورناللاردىن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قۇتۇلدۇم. پات-پات ئېلىپ ئوقۇپ تۇرمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايدىغان بىلىم قامۇسلىرىنى، قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم تېمىسىدىكى  تەسىراتلارنى، رەسىمسىز ۋە سۇسراق شەھۋانى كىتابلارنىمۇ بۇ ئەندىشە بىلەن ئاۋۋال بىرەر بۇلۇڭغا، كۆزگە چېلىقماس يەرلەرگە جىمىقتۇردۇم، كېيىن ئېلىپ چىقىپ تاشلىدىم.
بىر كىتابنى تاشلىۋېتىشكە قارار قىلغان چاغدا ھېس قىلىنىدىغان يۈزەكى پەس كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ كەينىدە، دەسلەپتە بايقالمىغان، كۆرۈنمەس ئازابلار ياتقان بولىدۇ. بىز پەس كۆرگەن نەرسە ئەمەلىيەتتە، كۈتۈپخانىمىزدا تۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا  ھۇزۇرىمىزنى بۇزىدىغان بۇ كىتاب (سىياسىي بىر ئىقرار، ناچار بىر تەرجىمە، مودا رومانلار، ھەممىسى بىر-بىرىگە ياكى باشقىلىرىغا ئوخشايدىغان شېئىرلار) ئەمەس، بۇ كىتابقا بىر چاغلاردا پۇل خەجلەپ ئۇنى ئالغان، يىللاپ كۇتۇبخانىدا ساقلىغان، ھەتتا بىر قىسىملىرىنى ئوقۇغان چاغدىكى ئەقىدىمىزدۇر. بۇ كىتابلاردىن ئەمەس، بۇ كىتابلارغا ئەقىدە قىلغان ئۆزىمىزدىن نومۇس قىلىمىز.
گەپنىڭ نەق ئۆزىگە مۇشۇنداق قىلىپ كەلگەن بولدۇق؛ كۇتۇبخانام مەن ئۈچۈن غۇرۇر مەنبەسى ئەمەس، بەلكى ئىچ سىقىلىشلىرىمنىڭ، قورساق كۆپۈكلىرىمنىڭ مەنبەسىدۇر. ئەلۋەتتە ئۆزى كۆرگەن مائارىپ تەربىيىسى بىلەن پەخىرلىنىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش، بۇ كىتابلارنى كۆرۈشنىڭ، قولدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ، بىر قىسمىنى ئوقۇشنىڭ شاتلىقىغا چۆمۈلۈپ كېتىمەن بەزىدە. ياش چېغىمدا، كەلگۈسىدە يازغۇچى بولغان چېغىمدا كىتابلىرىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈشنى خىيال قىلىپ كېتەتتىم. ئەمدى بولسا پۈتۈن بۇ كىتابلارغا ئۆمۈر ۋە پۇل سەرپ قىلغانلىقىم، كىتابچىلاردىن ئۇلارنى ھاممالدەك توشۇشلىرىم ۋە يىغىپ ساقلاشلىرىم سەۋەبىدىن تېپىۋالغان قورساق كۆپۈكلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارغا «بېقىندى» بولۇپ قالغانلىقىم تۈپەيلىدىن ھېس قىلغان بىچارىلىك مېنى بەك ئازابلاۋاتاتتى. كۈتۈبخانام ماڭا ئاتا قىلغان ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچنى، ماڭا ھېس قىلدۇرغان «ئۆيدىمەن» تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئازراق كىتابلار بىلەن ھېس قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. يېشىم چوڭايغانچە، ئوقۇپ بولۇنغان كىتابلاردىن مەيدانغا كەلگەن كۈتۈپخانا ساھىبىدىن كۈتىلىدىغان بىلگەلىك مۇقامىغا يېتىپ بولغانلىقىمغا ئۆزۈمنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن كىتابلىرىمنى تاشلاۋاتىمەن بەلكىم. لېكىن ھېلىھەم تېز سۈرئەتتە تاشلاۋاتقىنىمدىن  جىقراق ئېلىۋاتىمەن. باي غەرب ئەللىرىدىكى مۇكەممەل كۈتۈپخانىلاردىن بىرەرسى يېنىمدا بولغان بولسا، كۈتۈپخانامدا تېخىمۇ ئازراق كىتاب بولغان بولاتتى. مېنىڭ بېشىمنى ئەڭ قاتۇرىدىغان نەرسە ياخشى كىتابلارغا ئىگە بولۇش ئەمەس، ياخشى كىتابلارنى يېزىپ چىقىشتۇر.
بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى كىتابلارغا لازىم بولغان ھامان ئېرىشەلىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن ياخشى ئوقۇش دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ كۆزلىرىمىزنى مەنتىقىمىز بىلەن بىللە، دېققەت قىلغان ھالدا قۇرلار ئۈستىدە تەپسىلىي يۈگۈرتۈپ چىقىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى كىتابقا پۈتۈن روھىمىز بىلەن قوشۇلۇپ كېتىش دېگەنلىك ئىدى. شۇڭا پۈتۈن بىر ئۆمرىمىزدە بىر قانچە كىتابقا ئاشىق بولالايمىز. ئەڭ ياخشى شەخسى كۈتۈپخانىمۇ، بىر-بىرلىرىدىن قىزغىنىشقان مۇشۇ چەكلىك ھەقىقىي كىتابلاردىن تەشكىل تېپىشى كېرەك. كىتابلار ئارىسىدىكى بۇ خىل قىزغىنىش، ئىجاتچان يازغۇچىنى بىر خىل جىددىيچىلىككە مۇپتىلا قىلىدۇ. فلائۇبېرت بىر كىشى ئەگەر ئون كىتابنى ناھايىتى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىقسا كاتتا  ئالىم بولۇپ چىقىدۇ،دەپ توغرا ئېيتقان ئىدى. ئادەتتە كىشىلەر بۇنىمۇ قىلمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كىتاب توپلايدۇ، كۈتۈپخانىلىرى بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدۇ. كىتابسىز ۋە كۈتۈپخانىسىز بىر دۆلەتتە ياشىغانلىقىم ئۈچۈن، مېنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر باھانەم بار. كۈتۈپخانامدىكى ئون ئىككى مىڭ كىتاب مېنىڭ مەجبۇرى ئىشلىشىمنىڭ ۋە نەزەر-دائىرەمنى كېڭەيتىشىمنىڭ مەنبەسىدۇر.
كىتابلارنىڭ ئارىسىدا ئون،ئون بەش كىتابنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن؛ لېكىن كۈتۈپخانامغا ئۇنچە بەك ئاشىق ئەمەسمەن. بىر كۆرۈنۈش، مال-مۈلك، توپا-چاڭ يىغندىسى، ماددى بىر يۈك سۈپىتىدە كىتابلىرىمنى پەقەت ياخشى كۆرمەيمەن. ئىچىدىكىلەرگە يېقىن بولۇش، خۇددى ھەر ۋاقىت بىزنى ياخشى كۆرۈشكە تەييار تۇرغانلىقى ئۈچۈن خىيالىنى سۈرۈشمۇ بىزنى ئاجايىپ خۇشال قىلىۋېتىدىغان ئاياللارغا ئوخشاش، ئۇ كىتابلارنى خالىغان چېغىمدا ئوقۇيالايدىغانلىقىم مېنى خۇشال قىلىدۇ.
بۇ خىل خۇمار بولۇپ قېلىشتىن، خۇددى مۇھەببەتتەك قورققانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلاردىن (يەنى كىتابلاردىن) قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېپىپ چىققان ئەقىلگە مۇۋاپىق ھەر بىر باھانە مېنى خۇشال قىلاتتى. يېقىنقى ئون يىلدا، بۇلارنىڭ ئارىسىغا ياش چاغلىرىمدا خىيالىمغا كېلىپمۇ باقمىغان يېڭى بىرسى قوشۇلدى. ياش چېغىمدا «يۇرتۇمنىڭ يازغۇچىلىرى» دەپ كىتابلىرىنى سېتىۋالغان، يىغقان ۋە ھەتتا ئوقۇغان ئوتتۇرا ياشتىن يۇقىرى بەك جىق يازغۇچىلار، يېقىنقى مەزگىلەردە زىھنى كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ يازغان كىتابلىرىمنىڭ نەقەدەر ناچار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سەرپ قىلىشتى. ماڭا بۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىشلىرىگە دەسلەپتە سۆيۈنگەن ئىدىم. ئەمدى بولسا، كۈتۈپخانامنى بىكارلاش ئۈچۈن يەر تەۋرەشتىن بەكرەك سۆيۈملۈك بىر باھانە تاپقانلىقىم ئۈچۈن خۇشالمەن. شۇنداق قىلىپ، كۇتۇبخانامنىڭ تۈرك ئەدەبىياتى بۆلۈمچىسىدىن، ئەللىك ياش بىلەن يەتمىش ياش ئارىسىدا، تۇغۇلۇش بىلەنلا ھاياتى قېيىپ كەتكەن، چالا غەلىبە قىلغان، كاللىسىنىڭ ئازراق سۈيى بار، ئەر ۋە بېشىدا تۈك قالمىغان يازغۇچىلارنىڭ كىتابلىرى تېز سۈرئەتتە ئازايماقتا.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 14:28:46

يىتۈك تەرجىمان{:112:}

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 14:31:49

Toghrak يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 14:28 static/image/common/back.gif
يىتۈك تەرجىمان

ئادەمنى خىجىل قىلماڭ، مەن بىر ھەۋەسكار تەرجىمان، يېڭىياچى...

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 14:33:29

بولۇ يەر تەۋرىشى دىگىنى يەر تەۋرىگەن جاينىڭ ئىسمىمۇ ياكى؟

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 14:35:12

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 14:31 static/image/common/back.gif
ئادەمنى خىجىل قىلماڭ، مەن بىر ھەۋەسكار تەرجىمان، يېڭ ...

بۇ سىزنى ماختىغىنىم ئەمەس،سىزگە بەرگەن ئەمەلىي باھايىم. بىر نەچچە تەرجىمىڭىزنى ئوقۇدۇم،تىلى بەك راۋان. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 14:35:44

يەر-جاي ئىسمى

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 14:41:36

بۇ دائىم يەر تەۋرەپ تۇرىدىغان جاي ئوخشىمامدۇ؟ بولمىسا بولۇدا يەرتەۋرىگەن مەزگىلدە دىيىلەر ئىدى بولۇ يەرتەۋرىشى مەزگىلىدە دىيىلمەي.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 14:59:05

كۈزەتسە يازىدىغان نەرسە جىق ھە .
مەن ھەيران - تالانتلىق كىشىلەر مۇشۇنداق ئاددى ئىشلاردىن تەپەككۇر قىلىشنى ئۇگىنەمدۇ ؟
                  تەپەككۇر قىلىپ ئاددى ئىشلارنى ئۇلۇغلۇققا كوتۇرەمدۇ ؟

gulbike يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 10:49:05

ئەمدى بولسا، كۈتۈپخانامنى بىكارلاش ئۈچۈن يەر تەۋرەشتىن بەكرەك سۆيۈملۈك بىر باھانە تاپقانلىقىم ئۈچۈن خۇشالمەن. شۇنداق قىلىپ، كۇتۇبخانامنىڭ تۈرك ئەدەبىياتى بۆلۈمچىسىدىن، ئەللىك ياش بىلەن يەتمىش ياش ئارىسىدا، تۇغۇلۇش بىلەنلا ھاياتى قېيىپ كەتكەن، چالا غەلىبە قىلغان، كاللىسىنىڭ ئازراق سۈيى بار، ئەر ۋە بېشىدا تۈك قالمىغان يازغۇچىلارنىڭ كىتابلىرى تېز سۈرئەتتە ئازايماقتا.


ئايپالتىغا يەنە بىر قېتم رەھمەت :)
بەت: [1]
: كۈتۈپخانام بىلەن مۇھەببەت ۋە نەپرەت