Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 10:05:04

ئۇيغۇران: كۆكرەك (ھېكايە)


كۆكرەك

ئۇيغۇران

(ھېكايە)

ئىككى تال ئالما. پەقەت ئىككىلا تال ئالما. قىزىرىپ پىشقان ياسىۋالغاندەكلا يۇمۇلاق ئالما. خرۇستال تەخسىدىكى نېرۋىلىرىمغا «يېيىش» ئىستىكى تارقىتىۋاتقان ئىككى تال ئالمىغا قارىغىنىمچە لىققىدە ھاياجانغا تولدۇم. تېخىمۇ نازۇكلىشىپ كەتكەن ئاۋاز پەردەمنىڭ يېنىدىن غىققىدە ئۆتكەن ھەۋەس نەپەسلىرىم شۆلگەي بەزلىرىم بىلەن ئىشرەت بەزمىسى قۇرغاندىن كېيىن ئاجرالغان سۇيۇقلۇقنى يەنە غۇرتتىدە ئىچىمگە يۇتىۋەتتىم. شۇ تاپتا بۇ ئىككى تال ئالما ئاشقازىنىمنىڭ ئىشتەي ئىنتىزارىنى ئەمەس، بەلكى تومۇر – تومۇرلىرىمدا غەليان ئۇرىۋاتقان جىنسىي ئىستەكلىرىمنى دەيدەيگە سېلىۋاتاتتى.
دەرۋەقە ئالدىمدىكى بۇ ئىككى قىزىل جىسىم ئالما ئىدى. ۋەھالەنكى مەن ئۇ ئىككى قىزىل ئالمىنى قىزىل پوپايكا كىيىۋالغان ئايالنىڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئىككى كۆكسى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋاتاتتىم. خرۇستال تەخسىدە جۇلالىنىپ تۇرغان بۇ ئىككى قىزىل ئالما قانچىلىك سېھىرلىك بولسا، قىزىل پوپايكىلىق ئايالنىڭ كۆكسىمۇ شۇنچىلىك سېھىرلىك ھەم تارتىشچان ئىدى.
بوراندا قالغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىنىڭ غوڭۇلدىشىدەك ئىسەنكىرەۋاتقان ۋۇجۇدۇمنى زورىغا بېسىپ، تەخسىدىكى خۇددى مېنىڭ ئىلتىپاتسىزلا ئېلىشىمنى كۈتۈپ ئېغىر سۈكۈتتە تۇرغان ئالمىلارغا تىترىگەن قوللىرىمنى ئۇزاتتىم. مۇزدەك ئىككى ئالما ئالقىنىمدا تۇراتتى. نېرۋىلىرىم زەرەتسىزلەندى. ۋۇجۇدۇم ئىسياندىن تىنجىدى. كۆز ئالمام ئۆزىگە ئوخشايدىغان بۇ جىسىمنى قايتىدىن تونۇدى. ھەئە، قولۇمدىكى راستىنلا ئالما ئىدى. ئىسسىق كۆكرەك ئەمەس ئىدى.
ئەر كىشى قىرىقتىن ئاشقاندا ئادەم بولىدۇ دېيىشىدۇ. بەلكىم بۇ گەپ راستتۇر. مەن ئويلايمەن ئەركەك قىرىق ياشتىن ئاشقاندىمۇ ئادەم بولالمىسا ئالۋاستى بولىدۇ. مەن ئۆزۈمگە ئوخشاش قىرىققا كىرگەن ھەم قىرىقتىن ئاشقان ئەرلەرگە دىققەت قىلىپ باقتىم. بەزى ئەرلەر ھەقىقەتەنمۇ ئادەمدەك ياشاۋېتىپتۇ. بۇرۇن ئادەم بولالمىغانلىرى قىرىقتىن ئاشقاندا ئادەم بوپتۇ. بەزى ئەرلەر قىرىقتىن بۇرۇن ئادەمدەك ياشاپ، قىرىقتىن ئاشقاندا ئادەملىكتىن قاپتۇ. يەنە بەزىلىرى قىرىقتىن ئېشىپمۇ ھېلىھەم ئادەم بولالماپتۇ. دېمەك ئادەم بولالمىغانلىرى ئالۋاستىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى. مەنمۇ قىرىققا كىردىم. ئادەمدەك ياشاپ كەلدىم دەپ ئويلايتتىم ھەم ئادەملىكىمدىن خۇرسەن بولاتتىم. داۋاملىق ئادەمدەك ياشايمەن دەپ ئويلايتتىم.
مەكتەپكە بارىدىغان يولدا نۇرغۇن قىز – ئاياللارغا نەزەر سېلىپ ماڭىمەن. بەكرەك نەزەر سالىدىغان يېرىم ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۆكسى. ئۇلارنىڭ كۆكسىگە قاراۋاتقانلىقىمنى چاندۇرمايمەن. ئۇلارنىمۇ ھەم بىلمەيدۇ دەپ بىلىمەن.
دەرۋازىدىن كىرىپلا مەيداندا بالىلارنى مەيداننى چۆرگىلىتىۋاتقان ئايال تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىغا دوقۇرۇشۇپ قالدىم. مۇئەللىمە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا مەيدىسىدىكى خۇددى ھىڭگان تۆگىنىڭ لوكىسىدەك پۇلاڭشىپ تۇرغان ئىككى كۆكسى بىلەن پەرۋايى پەلەك ھالدا بالىلارنىڭ يېنىدا تەڭ يۈگرۈپ كېتىۋاتاتتى. مەن بىلەن دوقۇرۇشقاندا تېخى ماڭا قاراپ كۈلۈپمۇ قويدى. ئۇنىڭ كۈلۈشى ماڭا سالام قىلغىنى بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۈلكە ئۆزىنىڭ مەغرۇرلىقىنى ئىپادىلەۋاتقاندەك بىلىندى. بۇ ئايال ئاشۇ يوغان ئىككى كۆكسى بىلەن مەكتەپتە نۇرغۇن ئاشكارە – يوشۇرۇن كۇسۇرلاشلارغا، پىچىرلاشلارغا سەۋەبكار ئىدى. مەنمۇ ھەم ئۇنىڭ باشقۇرۇقسىز كۆكسىدىن بىزار ئىدىم. خانىم ئۆزىنىڭ كۆكسىنىڭ بىراۋلارنىڭ غەيۋەت ئىشتىھاسىغا بوغۇز بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا بىپەرۋا. مەيدىسىدىكى ئىككى پارچە گۆش ئۇ ماڭغاندا، يۈگۈرگەندە بولسۇن ئۇنىڭ قەدەملەپ مارشلىرىغا ماس ھالدا پۇلاڭلىغىنى پۇلاڭلىغان. بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ كۆكسىدىن بىزار بولمىدىم. ئۇنىڭ بىزنى بىزار قىلغان كۆكسى ئۇنىڭ ئاياللىق بەدىنىنىڭ غۇرۇرى ئىدى. ئۇ ئەنە شۇ غۇرۇر بىلەن ھەممە نېمىگە پەرۋاسىز ئىدى. ئۇنىڭ كۆكسى ھەققىدە بولۇۋاتقان سۆز – چۆچەكلەر پاشىنىڭ غىڭشىشىدەك شۇنچىلىك ئەھمىيەتسىز ئىدى. مۇدىرە خانىمنىڭ «ئاۋۇ نېمەڭنى باشقۇر» دېيىشلىرىگىمۇ كۈلۈپلا قويىدۇ خالاس.
ئىشخانا بىناسىغا كىرىشىمگە تاپشۇرۇق دەپتەرلەر بىلەن گلۇبۇسنى كۆتۈرۈپ ئالدىراپ ماڭغان ئايالىم چىقىپ كەلدى. ئۇ مېنى كۆرۈپ كۈلمىدى. مەنمۇ ھەم ئۇنى كۆرمىگەنگە سېلىپ مېڭىۋەردىم. بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بىر – بىرىمىزنىڭ كۆزىگە قاراپ مەلۇم ئۇچۇرلارنى يوللىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. سالاممۇ، ئوتلۇق، ئوتسىز بېقىشىشلارمۇ ئۆيىمىزدە بولۇپ بولغان. ئۇ ماڭدى. سىنىپىدىكى 34 جۈپ كۆزگە مېھىر تۆككىلى ماڭدى. شۇنداق، ئايالىم مېھىرلىك ئايال. 34 بالىسىدىن ئاشقان مېھرىنى قىزىم بىلەن ماڭا تۆكىدۇ. ئۇنىڭ شۇنچىۋالا مېھىرنى 48 كىلوگىراملىق بەدىنىگە قانداق سىغدۇرغانلىقىغا ھەيرانمەن. ئايالىم ئىشىكتىن چىقىشىغا ئۇنىڭغا قارىغۇم كەلدى. قايرىلدىم. ئۇنىڭ ئىھتىيات بىلەن گلۇبۇسنى كۆتۈرۈۋالغان ھالىتى شۇنچىلىك سالماق ئىدى. مەشئەل كۆتۈرىۋالغان دانكودەك يەر شارىنىڭ مودىلىنى كۆتۈرىۋالغان ئايالىم دۇنيانى كۆتۈرگەن ھالدا يەنە بىر دۇنياغا، مېھىر دۇنياسىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى.
رەسىم جازامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. كۆز ئالدىمغا يوغان كۆكسى بىلەن مەغرۇرلىنىدىغان تەنتەربىيە مۇئەللىمەسى بىلەن كۆكسى يوقلىقىدىنمۇ غۇرۇرسىزلانمايدىغان ئايالىم كېلىۋالدى. كۆكسى يوغان ئۇ خانىمنى ھەركىم ھەر نېمە دېيىشىدۇ. لېكىن كۆكسى يوق ئايالنى ھېچكىم ھېچنېمە دېمەيدۇ.
ئايالىم مېنىڭ نەزىرىمدە مۇكەممەل ئايال ئىدى. بىراق بۈگۈن ئايالىمنى مۇكەممەل ئەمەستەك ھىس قىلدىم. چۈنكى ئايالىمنىڭ كۆكسى يوق ئىدى.
ئايالىمنىڭ كۆكسى يوق. ئەلۋەتتە بۇ يالغان گەپ. ئەمەلىيەتتە ئايالىمنىڭ مەيدىسىنى تىككىدە كۆتۈرۈپ ئاياللىق سالاھىيەتتە نامايىش قىلىپ تۇرىدىغان ئالمىدەك كۆكسى يوق. ئايالىمنىڭ ئارتۇقچىلا تاقىۋالغان باغىردىقى كۆينەكنىڭ ئىچىدە كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ ئۇنى بەكمۇ جەزبىدار كۆرسىتەتتى. ئەمما ماڭا ئايالىمنىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچە كىيمى بولغان باغىردىقى شۇنچە زىلۋا بەدىنىنى مەسخىرە قىلغاندەكلا بىلىنەتتى.
توي ئاخشىمى ئايالىمنىڭ تويدىن بۇرۇن مېنىڭ يىگىتلىك ھىسلىرىمنى نۇرغۇن قېتىم مالىمان قىلغان كۆكسىنىڭ ئەمەلىيەتتە باغىرداق بىلەن نىقابلانغان ساختا كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم. لېكىن بىز توي قىلغان 14 يىلدىن بېرى بۇ سەۋەبلىك ئايالىمنىڭ مۇكەممەللىكىدىن گۇمان قىلىپ باقمىغان ئىدىم. يېقىندىن بۇيان نېمىشقىدۇر ئايالىمنىڭ كۆكسىنىڭ بولماسلىقىدىن كۆڭۈلسىز بولۇشقا باشلىدىم. ئاياللارنىڭ كۆكسىنىڭ ئەرلەرگە، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى ئەرلەرگە، بولۇپمۇ قىرىقتىن ئاشقان ئەرلەرگە مۇنداق زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەمدى ھىس قىلىپ يېتىۋاتىمەن. بەزىدە مۇشۇ ھەممىگە پىنھان، ئۆزۈمگىلا ئايان ھىسلىرىمدىن چۆچۈپمۇ قالىمەن.
مەكتىپىمىزدىكى تەنتەربىيە دەرسى بېرىدىغان ھېلىقى خانىم كۆكسىنىڭ يوغانلىقى خەقنىڭ ئاغزىدا نۇرغۇن يومۇر – لەتىپىلەرگە سەۋەب بولغىنىغا بىپەرۋا بولغىنىدەك ئايالىممۇ مەيدىسىنىڭ رەندىلەپ قويغان تاختايدەك تۈز ھەم قاتتىق بولۇشىدىن ھېچقانداق غەم يىگەن ئەمەس. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ دەپ بىرەر قېتىم ئاھ ئۇرغانمۇ ئەمەس. خۇددى شۇنداق بولۇشى ناھايىتى تەبىئىي ئىشتەك پىسەنتىگىمۇ ئالغىنى يوق. تېلېۋىزوردا بېرىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ كۆكسىنى چوڭايتىدىغان، كۆتۈرىدىغان ئىچ كىيىم ۋە دورا ئېلانلىرى ئايالىم ئۈچۈن مەنىسىز، زېرىكىشلىك قۇرۇق گەپ خالاس. ئايالىمنىڭ ئۇ ئېلانلارغا بېرىدىغان جازاسى ــــ قانالنى يۆتكەش. مەن بەزىدە ئايالىمنىڭ قانالنى يۆتكىمەي سەۋر بىلەن ئاخىرغىچە كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىپمۇ قالاتتىم. ئۆزۈم شۇ ئېلانلارنى كۆرۈپ ئېلاندىكى يېرىم يالىڭاچ مودىللارنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ تۇرۇپ ماختاۋاتقان ئاشۇ نەرسىلىرىنى سېتىۋېلىپ ئايالىمغا ئېلىپ بەرگۈم كېلىپمۇ قالاتتى.
گىرەمگە كونا خاتىرىلىرىمنى ئىزدەپ كىرىپ، توپا باسقان ياغاچ ساندۇقنى ئاختۇرۇشقا توغرا كەلدى. بىر تالاي ئۆتمۈشۈم قاچىلانغان ياغاچ ساندۇق شۇنچىلىك سالماق ھەم بەھۇزۇر ھالدا گىرەمنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇراتتى. مېنىڭ ھېلى ھەم ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغىنىمنى ھىس قىلغان بولسا كېرەك، ھەرقانداق ئاچقۇچنى سالسا ئېچىلىپ كېتىدىغان كونا قۇلۇپمۇ، يىللاردىن بېرى قول دىدارى كۆرمىگەن ساندۇق قاپقىقىمۇ خۇشلىقىدىن تار گىرەمنىڭ سوغۇق سىمۇنت تاملىرىدىن ئەكس سادا قايتۇرۇپ غىچىرلاپ كەتتى.
ئۆتمۈشلىرىمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم. ئىزدىگەن خاتىرەمنى تاپالمىدىم. لېكىن ئىزدىمىگەن ماي بوياق رەسىمىمنى تېپىۋالدىم. گىرەمنىڭ خىرە دېرىزىسىدىن كىرىپ تۇرغان ئوغرى نۇرلارنىڭ ھىممىتىدە يورۇپ تۇرغان رەسىمگە قارىغىنىمچە ئولتۇرۇپ كەتتىم. بۇ رەسىم توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەن سىزغان ئايالىمنىڭ يالىڭاچ رەسىمى ئىدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ سىزغان يالىڭاچ رەسىم دەل مۇشۇ ئىدى. يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى. مۇشۇ رەسىمدىن كېيىن مەن يالىڭاچ رەسىم سىزىپ باقمىدىم. ئايالىمدىن باشقا يالىڭاچ مودىلنىڭ بولماسلىقى بىر سەۋەب بولسا، يەنە بىر سەۋەب ئايالىمنىڭ كۆكسىنىڭ بولماسلىقى ئىدى. ئايالىم ئۆلچەملىك يالىڭاچ مودىل بولالمايتتى. چۈنكى ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ سەنئەتلىك يېرى دەل ئىككى كۆكسى.
ماي بوياق رەسىمنى قايتىدىن يۆگەپ ساندۇققا سالدىم. ساندۇققا يەنە سولانماس قۇلۇپنى سېلىپ قويۇپ گىرەمدىن چىقتىم. قوشنا گىرەمدە سورۇن قىزىپ كېتىپتۇ. قويۇق تاماكا ئىسىغا تولغان گىرەمدىن ھاراقنىڭ ئاچچىق پۇرىقى كېلىشكە باشلىدى. سورۇن بولۇۋاتقان گىرەمنىڭ ئىشىكىدىن ئۆتۈشۈمگە قوشنام چاقىرىپ ئەكىرىۋالدى. ئامالسىز ئولتۇردۇم. ئادەتتە مەنمۇ ئانچە – مۇنچە سورۇن كۆرۈپ تۇراتتىم.
سورۇننىڭ تېمىسى ئاللىقاچان ئىلمان تېمىلاردىن ئۆتۈپ نەق تېمىغا ___ ئاياللارنىڭ كىندىكىنىڭ ئاستى بىلەن ئۈستىگە كېلىپ بوپتۇ. ئادەتتە شۇنچە بەززەپ تۇيۇلىدىغان بۇ گەپلەر مۇشۇنداق سورۇنلارنىڭ كولمۇناتسىيىسىگە كەلگەندە ئىچىۋاتقان سېسىق ھاراقنىڭ ئاچچىق تەمىگە تەتۈر تاناسىپ ھالدا تولىمۇ تاتلىق ئاڭلىنىدىغان بولۇپ كېتىدىغان گەپكەن.
مەن يېڭى كىرىپ سەل تاۋىم بوش بولغاچقا سورۇنداشلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇم. ئۇلار بىر دەمدىلا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بەدەنلىرىگە باھا بېرىپ بولدى. قىزىقى بىرسىمۇ ئۆزىگە ئەڭ تونۇش بولغان، ئەڭ چۈشىنىدىغان ئايالىنىڭ بەدىنىنى باھالىمىدى. ئۇلارنىڭ ئاياللارنىڭ بەدىنى ھەققىدىكى خۇلاسىسى ___ «كۆكسى تولغان ئاياللار گۈزەل» دېگەن يەرگە كەلدى. ئۈچ رومكا ئاق ھاراقنى ئىچكەندىن كېيىن مەنمۇ بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىدىم. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە ئايالىمنىڭ تولمىغان كۆكسى كۆز ئالدىمغا كېلىپ تۆتىنچى رومكىنىمۇ تالىشىپ تۇرۇپ ئىچىۋەتتىم. ئەرلەر مانا مۇشۇنداق سورۇن قۇرۇپ، ئاياللار ھەققىدىكى ئەپسانە گەپلەرنى قىلىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشىدۇ.
كومپيۇتېرىمنى ئېچىپ ئۇنى – بۇنى كۆرگۈم كەلدى. تورنى ئۇلىشىمغىلا چىقىۋالىدىغان بىزەڭ ئېلانلار يەنە ئىجازەتسىزلا ئېكراندا پەيدا بولدى. رېئال تۇرمۇشتىكى بارلىق پىنھانلار بۇ يەردە ئاشكارا. پىنھاندىكى ئەزالارنى ھەر قىسما قىلىۋېتىدىغان دورا – سايمانلارنىڭ يۈزى قېلىن ئېلانلىرى مەن كۆرىدىغان نەرسىدىن بۇرۇن كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ. ئۇنداق ئېلانلار چىقىپ ھارمايدۇ، مەنمۇ ئۆچۈرۈپ ھارمايمەن. بىراق بۈگۈن ئاخشام ئالدىراپ ئۆچۈرمىدىم. ئەكسىچە بۇ ئېلاننى تۇنجى قېتىم چېكىپ كىرىپ كۆرۈپ باقتىم. ئۇنىڭدا داڭلىغان دورىنى ئۈچ باسقۇچ ئىچسىلا ئاياللارنىڭ كۆكسىنى چوڭايتىپ ھەقدادىغا يەتكۈزىدۇ دېيىلىپتۇ ھەم ئۆمرۈمدە كۆرمىگەن بىر داڭلىق ئايال چولپان باغىردىقىغا پاتمايۋاتقان كۆكسىنى تومپايتقىنىچە «ھەق راست! مەن ئىشلىتىپ ماشتاق بولدى» دەپ باشمالتىقىنى چىقىرىپتۇ. ئۆزۈمچە ئايالىمنىڭ كۆكسىمۇ ئاشۇ ئايال چولپاننىڭكىدەك چوڭىيىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلدىم. راست شۇنداق بولسا مەنمۇ باشمالتىقىمنى چىقىراتتىم.
كېچىچە ئويلىنىپ بىر پىلان تۈزدۈم. ئۇ بولسىمۇ ئايالىمنىڭ كۆكسىنى چوڭايتىش پىلانى ئىدى. بۇ مۇمكىن ئىشكەنغۇ. ئايالىمنىڭ كۆكرەك ئايلانمىسىدىمۇ چىرايلىق ئەگرى سىزىقلار بولسا نېمىشقا بولمايدىكەن؟ ئەتىسى قىزىمىز ئورنىدىن تۇرماستا ئايالىمغا بۇ گەپنى دېدىم.
ــ مومىڭىزنى يەڭ!
بۇ ئايالىمنىڭ مېنى تىللىغىنى ئىدى. دېمەك ئۇ بۇ پىلانغا قوشۇلمىدى.
ــ بۇ مۇمكىن ئىكەن. ئۈنىمى بولىدۇ. نېمىشقا سىناپ باقمايسىز؟
بۇ ئەسلى مەن ئايالىمدىن ئۆتۈنمىسەممۇ بولىدىغان ئىش ئىدى. بىراق بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق – يۇمشاق ۋاستىلەرنى تەڭ قوللىنىشقا توغرا كەلدى.
ــ مەندىن چېنىۋاتقان بولسىڭىز گېپىڭىزنى ئوچۇق قىلىڭ. 14 يىلدىن بېرى دىمەي ئەمدى بۇ خىيالغا كېلىپ قاپسىزغۇ. قېرىغاندا قىلىق چىقارغۇڭىز كېلىۋاتامدۇ؟
ئۇنىڭ قوش قاپىقىنىڭ ئارىسىغا دائىم يوشۇرىنىۋالىدىغان ئۈچىنچى قاپىقى كۆرۈندى. ئۇنىڭ خاپىلىقى چەكتىن ئاشقان چاغلاردىلا مۇشۇنداق قوش قاپاق ئۈچ قاپاققا ئۆزگىرەيتتى. ھالبۇكى ئۇنىڭ مۇشۇ ھالىتى ئۇنىڭ كۆزىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىۋېتەتتى. شۇڭا مەن ئايالىمنىڭ خاپىلىقىدىنمۇ ھوزۇر ئالالايمەن. ئۇنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغىنىنى ئاخشامقى پىلان تۈزگەن خىياللىرىمدا ئاللىقاچان پەملەپ بولغان ئىدىم.
__ چانغان بولسام سىزگە بۇ گەپلەرنى دەپ يۈرمىگەن بولاتتىم. ئەجەبا سىزنىڭ شۇنداق قىلغۇڭىز يوقمۇ؟
__ سىز ئۈچۈنما؟
لەۋلىرىدىن پۇررىدە ئۇچۇپ چىققان مەسخىرىلىك بۇ سۆز تىتاڭ تومۇرلىرىمدىكى قان كەلكۈنىنى ئۇلغايتىۋەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى سالماق تۇتۇشقا تىرىشتىم.
__ گۈزەللىك ئۈچۈن.
ئايالىم ئارتىست بولغۇدەك گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ، زىلۋا بەدىنى، خۇشپىچىم ھالىتى بىلەن خېلىلا چىرايلىق ئاياللاردىن ھېسابلىناتتى. ئەگەر ئۇنىڭدا تولغان كۆكرەك بولغان بولسا ئۆلچەملىك ئاياللىق بەدەن ئۇنىڭدا تەل بولغان بولاتتى. ھېچ بولمىغاندا مەن شۇنداق قارايتتىم.
__ مېنىڭ ھازىرقى گۈزەللىكىم سىزگە يەتمىدىما؟
ئايالىم ئۆزىنىڭ ھەممە نېمىسىنى مەن ئۈچۈن دەپ ئويلايتتى. ئۆزىنىڭ بەدەن گۈزەللىكىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئۇنىڭ زەڭگەرگە مايىل كۆزلىرى ئەمدى خامىلىئوندەك رەڭگىنى قىزىلغا ئۆزگەرتىدىغاندەك قىلاتتى.
__ گۈزەللىك قاچان يېتىپ باققان؟ سىز نېمىشقا مەن ئۈچۈنلا دەپ ئويلاپ تۇرىۋالىسىز؟ ئۆزىڭىز ئۈچۈن قىلسىڭىز بولمامدىكەن؟
__ خوش جېنىم قەدىردانىم، مەن كۆكسۈمنى چوڭايتسام گۈزەل بولامدىم؟ 37 يېشىمدا مەن قىلمىغان شۇ ئىش قالغانمۇ ئەمدى؟
__ قىلامسىز ياقمۇ؟
مەنمۇ كۆزلىرىمنىڭ يالاڭ قاپاقلىرىنى ئەڭ چوڭ گىرادۇستا چوڭايتقىنىمچە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمنى ئۇزاتتىم.
__ بولىدۇ. خۇش بولىدىغان ئىشىڭىز بولسا قىلاي.
گەرچە ئايالىم مېنىڭ رايىم ئۈچۈنلا قوشۇلغان بولسىمۇ مەن ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئىندەككە كەلتۈردۈم.
پىلان تۈزىلىپ بولغان ئىدى. ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتتۇق. تېلېۋىزوردا بېرىلىۋاتقان ئېلاندىكى تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ «سېھىرلىك باغىرداق» بىلەن «يۇمران» ماركىلىق دورىنى ئەكەلدۈردۇق. ئايالىم يۇۋاشلىق بىلەن باغىرداقنى ئالماشتۇردى ۋە دورىنى ۋاقتى قەرەلىدە ئىچتى. ئاپتوبۇسقا چىققاندا ئېلانچىلارنىڭ ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي تۇتقۇزۇپ قويىدىغان «ساغلاملىق» دېگەن ژۇرنىلىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى رىتسىپلار بويىچە ئانچە – مۇنچە جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرىنىمۇ قىلدۇق. ئايالىممۇ «ئاياللار ساغلاملىقى» ناملىق خەنزۇچە ژۇرنالدا بېرىلگەن مەخسۇس ئاياللارنىڭ كۆكسىنى ساغلام قىلىدىغان گىمناستىكىنى ھەر ئاخشىمى ئويناپ تۇردى. كىمدىن بىرىدىن ئاڭلىۋالغىنىمىز بويىچە تېخى «پايدا قىلىدۇ» دەپ ئۆچلىكىمىزگە قارىماي قورۇمىغا دۇفۇ قوشۇپ يېدۇق. مەن يېمىسەم ئايالىم يېمەي قالمىسۇن دەپ مەنمۇ چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ يېدىم. توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ يەنە لامنارىيە مەنپەئەت قىلىدىكەن دەپ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ماگىزىنىدىن ئۇنىمۇ ئېلىپ كەلدىم.
بىر يىلغىچە شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ تازا ئۈنىمى كۆرۈلمىدى دەپ قاراپ ئاياللىق ھورمۇنى قوشۇلغان دورىلارنىمۇ، يېمەكلىكلەرنىمۇ ئەكەلدۈردۈم. ئايالىم «داۋالاش»قا ماسلىشىپ ئوكۇلمۇ ئۇردۇردى.
ئۈنىمى ئاخىرى كۆرۈلدى. ئايالىمنىڭ كۆكسى ئاخىرى چوڭايدى. ئەمدى باغىردىقىمۇ بوش بىكار تۇرمايدىغان بولدى. ئايالىم ئۆزىمۇ پات – پات ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئەينەككە قارايدىغان، خۇددى كۈندە جىڭغا چۈشۈپ ئېغىرلىقىنى كۆرۈپ تۇرغاندەك، كۈندە ئاخشام چىمىلداق ئىچىگە كىرگەندە كۆكسىنى كۈزىتىپ تۇرىدىغان بولدى. ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدىم.
ئاخىرى ئايالىمنىڭ كۆكسى تولدى. ئايالىم ئۆلچەملىك بولغان ئاياللىق بەدەنگە ئىگە بولدى. شۇنىسى ئايالىمنىڭ بەدىنىمۇ تولۇپ، بىر يېرىم يىلدا ئون كىلو سەمىرىپ، بىراقلا 58 كىلوگرامغا چىقىپ كەتتى. مەيلىغۇ. سەمىرىسە نېمە بوپتۇ؟ بۇمۇ ياخشى بولغىنى. يېگەن – ئىچكەندەك تۇرمامدۇ.
قىزىم ناھىيە بازىرىدىكى ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ كەتكەچكە ئۆي بىزگە ئوڭچە ئىدى. خۇشلىقىمدا مېنىڭ يەنە ئايالىمنىڭ يالىڭاچ رەسىمىنى سىزغۇم كەلدى. مەكتەپتىن ئېلىپ كەلمىگىلى ئۇزۇن بولغان رەسىم تاختام بىلەن قەلەم – بوياقلىرىمنى ئېلىپ كەلدىم. ئايالىم ياتاق ئۆيدە يالىڭاچلىنىپ تەييار بولۇپ تۇردى.
ئايالىمنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى كۈندە كۆرۈپ تۇرساممۇ، لېكىن ھازىرقى ھېسسىياتىم ئوخشىمايتتى. ئايالىمنىڭ ئاپئاق كىرلىك ئۈستىدە ئاق يىلاندەك تولغىنىپ يېتىشىغا، مەيدىسىدە تىكلىنىپ تۇرغان يۇمران كۆكسىگە قارىغىنىمچە مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈپ قويدۇم. ئىپتىخارلىق ھىس قىلدىم. كۆز ئالدىمدا ئايالىم ئەمەس، بىر سەنئەت ئەسىرى سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى مەن ئىدىم. مەن زور ئىشتىياق ۋە ھاياجان بىلەن جانلىق بۇ ئەسىرىمنى ماي بوياق رەسىمگە ئايلاندۇرىۋالدىم.
ئايالىم داۋاملىق ھالدا ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە قىزىم بىلەن ئىككىمىزگە مېھرىنى تۆكىۋەردى. مەنمۇ شۇنداق روھلۇق بولۇپ قالغاندەك، بىلەك مۇسكۇللىرىم توملىشىپ، كۆكرەك مۇسكۇللىرىم كۆپىشىپ، بۇرۇنقى بوم – بوم ئاۋازىم زىللىشىپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم. گۈزەللىك ۋە ساغلاملىق ئادەمنى مانا مۇشۇنداق ئۆزگەرتسە كېرەك.
يەكشەنبە قىزىمنى يولغا سېلىپ قويماقچى بولۇپ ئالدىراپ ھۇجرىسىغا كىرسەم قىزىم يوق. نەگە كەتكەندۇ دەپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ كەتتىم. تازىلىق ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قىيا ئېچىلغان ئىشىك يوچۇقىدىن قىزىمنى كۆرۈپ قالدىم. كۆردۈم يۇ دىڭڭىدە چۆچۈپ كەتتىم. قىزىم باغىرداق تاقاۋاتاتتى. توۋا. ئەمدى 14 ياشقا كىرگەن قىزغا باغىرداق تاقاشنى كىم قويۇپتۇ؟
كۆڭلۈم ئەسكى بولغان ھالدا قىزىمنى ئۇزىتىپ قويدۇم. ئاخشىمى ئايالىمغا بۇ ئىشنى ئېيتتىم. ئايالىم بۇ ئىشتىن ھەيران قالمىدى. قارىغاندا ئايالىم بۇ ئىشنى ناھايىتى تەبىئىي بىر ئىش دەپ قارىغاندەك قىلاتتى.
ھاۋا تىنجىق ئىسسىق بولۇپ كەتتى. كۆكرىكىم چىڭقىلىشقا باشلىدى. مۇنچىغا چۈشۈپ يەڭگىللەش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە كىردىم. ئىشتان – پىشتاننى سېلىپ، مايكامنى ئەمدىلا سېلىشىمغا «پۇلاڭ» قىلىپ ئىككى نەرسە يۈرىكىمدىن پەسكە ساڭگىلىغاندەك قىلدى. نېمىدۇ دەپ مەيدەمگە قارىدىم. كۆز قارىقىم ئارقىغا كەتتىمىكىن دېگەن ئىدىم. ئۇنداق بولماپتۇ. سىلىق چىنە خىشلىق تازىلىق ئۆيىدە تېيىلىپ يىقىلغىنىمچە ئولتۇرۇپ قاپتىمەن. بىر قولۇم تەرەت تۇڭىدىكى بايىلا مەن سىيىپ سۈيىنى چۈشۈرىۋېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن سۈيدۈككە چىلىشىپ تۇرۇپتۇ. تازىلىق ئۆينىڭ تىكلەنمە ئەينىكىدە بىر جۈپ ئالمىدەك كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكرەك ماڭا مەسخىرىلىك قاراپ تۇراتتى.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 14:14:33

مەمەت ئەمەرنىڭ ھىكايىسىما بۇ ،
  نىمە دىگەن سىسىپكەتتى بۇ يەر .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:07:11

بۇ ھىكايىدىكى ئەر بىلەن ئايالنىڭ ھىسياتى ئالمىشىپ قالدىمۇ نىمە ؟
بىر ئائىلىدىكى ئايال ئۆزىنى ئەر دەپ ئويلاپ، ئىرىنى ئايال دەپ يۇرگەندەك ھىس قىلدىم .

niyat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 17:15:44

جەسەتىزىمچە يېزىلغان شېئىرلارغا ئوخشاپ قالىدىكەن … ياخشى چىقىپتۇ …

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 18:58:59

چىن ھېسسيات ئىپادىلنىپتۇ ياخشى چىقىپتۇ.

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 22:17:35

    كۆكرەك ئومومى ئاتالغۇ. ئاياللارنىڭكى ئايرىم ئاتىلىشى بار. ئادەتتە سۈت بىزى راكى يەنە بىر نىمە كىسەللىكلەر دەپ ئاڭلاپ تۇرمىز ھەم بۇنىڭ داۋالىنىشى ، كۈتىنىشى دىگەندەك بىلىملەرنى ئوقۇپ قالمىز، كۆرۈپ قالمىز. ئاندىن ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەر - ئاياللارنىڭ كۆكرىكى توغرىسىدا يىزىلغان بىر - ئىككى قۇر ئوخشىتىش ، سۈپەتلەرنىمۇ ئوقۇيمىز. شۇنداقتىمۇ مەن بۇنداق مەخسۇس خوتۇننىڭ كۆكسى بىلەنلا قالدىغان قىزنىڭ ھەركىتىگىمۇ كۆز سالدىغان ھەم بۇنى توردا ھەممەيلەنگە جاكارلايدىغان(ھىكايە بولسىمۇ) بۇنداق ئىشنى كۆرۈش ئەمەس ئاڭلاپمۇ باقمىغان.بۇ يازمىنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قىتىم كۆرشۈم. شۇنى بىلىۋالاي بۇنداق يازمىنى توختىماي تورغا چىقىرىشتىكى مەقسەت نىمىكىن؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 08:10:16

ھېكايە ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار ئىنكاس يازمىساڭلار{:136:}

ھېكايىنىڭ مەخسىدىمۇ، ئىپادىلەش ئۇسۇلىمۇ شۇنداق ساغلام تۇرمامدۇ.  تولۇق ئوقۇپ باقمايلا ئىنكاس يېزىۋاتمسىلەر يا؟

ھېكايە ياخشى چىقىپتۇ.{:112:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 08:59:45

ياخشى ھېكايىكەن، مەقسەتمۇ ئېنىق ئوچۇق يۆلۈنۈشتە ئىپادىلىنىپتۇ، نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەككەن. تىل-تەسۋىرلىرىمۇ راۋان بىلىندى، ئۇيغۇرانغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ھېكايە يازماق ئاسان ئەمەس، بۇلۇپمۇ بۇ خىلدىكى ھەممە ئادەمدە بار بولسىمۇ ئېتىراپ قېلىشىنى خالىمايدىغان تېمىلاردىكى ھېكايىلەرنى يازماقچى بولغان ئادەمگە تېخىمۇ تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى ئەلانى بېسىپ قويدۇم.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 09:51:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 09:53  

ئەتراپىمىز چۈمپەردىگە ئورىنىپ ياشايدىغان ئادەملەرگە تولۇپ كەتكەن بولغاچقا مۇشۇنداق يازمىلاردىن سەمىمىيلىك ئىزدەيمىز. لېكىن كۆپلىگەن ئوقۇرمەن بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ساپ ئەدەبىياتقا تەۋە بۇ خىلدىكى يازمىلار ئوقۇرمەننىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقەتەن قاندۇرالايدۇ.
ئۇيغۇراننىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

asman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 12:49:19

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 11:37 static/image/common/back.gif
خوتنىڭىزنىڭ ئەمچىكىنى تەسۋىرلىشىڭىزدىن بىزنىمۇ
ھۇزۇر ...

ئوتۇنچىدەكلا گەپ قىلىدىكەنسىز.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:09:42

بۇ تېمىنى نەچچە ئاي بۇرۇن باشقا بىر مۇنبەردە كۆرگەن..ئېسىمدا قېلىشىمچە جىق ئادەم تىللاپ كەتكەن..
ئاپتورنىڭ ئەدىبىي دىتى خېلى راۋرۇس..ئىپادىلەش ئۇسسۇلى بولمىسۇن ياكى تىل ئشىلىتىش بولمىسۇن سەۋىيىسىيۇقىرى.. مەتبۇئاتلاردا  ئەسىرى ئېلان قىلىنغان يازغۇچى ئاتالغان بەزى كىشىلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ..
لېكىن ئەسەر مەزمۇنى ئانچە دىتىمغا ياقمايدۇ..كونا گېپىم يەنىلا شۇ : ئەدەبىيات دىل ۋە تىل گۈزەللىكى ...يالىڭاچلىق ..چۈشكۈنلىكنى قوينىغا ئالمايدۇ...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 18:53:41

مېنىڭ ھەرقانداق ئادەمگە ھەرقانداق گېپىمنى ئۇدۇل دەيدىغان بىر خۇيۇم بار . يەنى تۇيغۇمنى بىۋاستە ئىپادىلەيدىغان . بىركۈنى بىر تورداشنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپلا ‹بىرنېمىنىڭ ئۇچىغا چىققان سۆگەلدەك يېزىپتۇ بۇنى...›دەپ ئويلىدىم دە، ئويلىغىنىمنى ئەينەن يېزىپ قويدۇم. بۇ ئىنكاسىممۇ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئادەمدە بار ، ئەمما ئېتراپ قىلىشنى خالىمايدىغان چىن تۇيغۇنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى ئىدى .لېكىن ھاقارەت ئاڭلىدىم. ئاندىن تىللىدىم . تىللىشىپ كەتتۇق .بىردەمدە ئۈندىدار ، ئۇچۇر ، ئىنكاسلاردا تەنبىھ يېغىپ كەتتى ماڭا...مۇنبەردە مۇنداق ئادەم تىللىسىڭىز بولمايتتى دېيىشتى ...تالماس بۇرادەر ‹ھەممە ئادەم سىزگە ئوخشاش ئويلىغىنىنى ئۇدۇل دەپ كەتكىلى تۇرسا ، بۇ مۇنبەر نېمە بولۇپ كېتەر؟› دېدى... قوبۇل قىلدىم. چۈنكى مەنمۇ بۇرۇن جەسەتنىڭ بىر قېلىن يازمىسىدا ‹ھەممەيلەن چىن تۇيغۇلارنى ئەينەن ئىپادىلىشىپ كەتسەك بۇ جاھان نېمە بوپ كېتەر› دېگەن گەپنى قىلغان ئىدىم . ھەممە نەرسىلەرنى چىن ئىپادىلەش كېرەكمۇ ؟؟ ياق ... پېقىر ئەزەلدىن ھەرقانداق مۇھىتتا چىن ياشاپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ، چىنلىقنى مەن خەتلەر دۆۋىسىدىن ئىزدىمەيمەن . مۇشۇ مۇنبەردىكى چىنلىقنى خەتتىن ئىزدەيدىغان ھېجىقىز گۇيلار ئەزەلدىن ئۆزىنى ساختا نىقاپ ئىچىگە ئوراپ ياشاپ كەلگەچكە ، چىن ئىپادىلەنگەن دەپ قارالغان نەرسىلەرنى ياقتۇردۇ .
مەسچىت سالغاننى تىللىغان ، كىچىككىنە گەپ چىقىپ بولغۇچە ھەدىسنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان تورداشلارنىڭ بۇنداق تېمىلاردا قارىسى كۆرۈنمەيدۇ، بەزىلىرى تېخى جەسەتنىڭ يالىڭاچ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ شالدامىلىرى ئېقىپ يىغلاپ كېتىپتۇ ...ئەجىبا ئۇلارنىڭ ھەدىسلىرى شېئىردىكى يالىڭاچلىققا قارشى تەبىر بېرەلمەمدۇ؟......ھەممە ئادەمنىڭ كۆپ خىل خاراكتىرى بولىدۇ . رەزىللىك بىلەن گۈزەللىك تەڭ ساقلانغان بولىدۇ . ئىنسانلار قايسىنى يوشۇرۇپ قايسىنى قېزىپ چىقىرىش كېرەك ؟ توختا ، ئەخلاق دەپ بىر نەرسە بار ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالاي دېسە توغرا بولامدۇ ياكى ، ماۋۇ تېما ئېگىسىدەك خوتنىنى يېزىپ يۈرىۋەرسە بولامدۇ؟...ئويلىنىپ بېقىڭلار ھەي ئەقىل ئىگىلىرى ... شەيتاننى يېڭىش ئىنساننىڭ مۇقەددەس بۇرچى ... ... ... ...

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 20:06:48

بۇ ھېكايەمنى بۇ يىل 9- ئاينىڭ 30 - كۈنى مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ مۇكاپاتلىق سەھىپىسىگە يوللىغان ئىدىم. بەگئالىپنىڭ دېگىنى توغرا، ھەقىقەتەن كۆپ كىشى تىللاپ كەتكەن. مەنمۇ بېزىرىپ يۈرىۋەرگەن. 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى باھالاش باشلانماي تۇرۇپلا ئابابەكرى مىسرانىم بۇ ھېكايەمنى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىدىن «ماقالە - ئوبزورلار» سەھىپىسىگە يۆتكىۋەتكەن. 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مەن قايتا - قايتا ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن ئاندىن مىسرانىم 1 دېگەن باشقۇرغۇچى «ھېكايە - رومانلار» دېگەن سەھىپىگە يۆتكىگەن. مەن چۈشەنچە بېرىشنى قايتا - قايتا تەلەپ قىلغاندىن كېيىن 11- ئاينىڭ 20 - كۈنى مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تېمىلىرىم، ئىنكاسلىرىمنى قوشۇپ مېنى قوغلاپ چىقاردى. ئابابەكرىگە تېلېفون قىلسام: «ۋاي ئاكا، ئۇنداق ئىش يوق، مەن تەكشۈرۈپ باقاي» دېگەن گەپ بىلەن ئاخىرى ئۇ يەردىن قوغلانغىنىم راست بولدى. شۇڭا بۇ مۇنبەرگە قايتىدىن يوللىدىم.
مۇنبەرداشلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمەن. لېكىن بىرەر ئاي سولىۋەتسەڭلارمۇ مەيلى، قوغلىۋەتمىسەڭلار! ئىزدىنىشتىكى كۆيەك باشقىچە كۆيەك!

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 20:24:03

قوغلىمايدۇ،خاتىرجەم بولۇڭ

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 20:27:01

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 08:59 static/image/common/back.gif
ياخشى ھېكايىكەن، مەقسەتمۇ ئېنىق ئوچۇق يۆلۈنۈشتە ئىپاد ...

ئەگەر مەن ،تېما ئىگىسىگە ئوخشاشلا بولسام ،يەنى ناچار بايانچى بولسام بۇتېمنى ۋاي دېمەي ئامالىڭىز يوق.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 20:36:24

paranghumar117 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 20:27 static/image/common/back.gif
ئەگەر مەن ،تېما ئىگىسىگە ئوخشاشلا بولسام ،يەنى ناچار  ...

مېنى گەپكە سالغۇڭىز كەپتۇدە، سىز بۇ ھېكايىنىڭ بايان تىلىنى ناچار دەپ قارىغان بولسىڭىز، مەن ئۇنداق ئويلۇمۇدۇم، ماڭا بايان ئۇسۇلى ياقتى، قارىماققا بۇ ھېكايە تولىمۇ يالىڭاچ ھەم بەكلا چاكىنا تەسىر بېرىدۇ، ئادەمنى يىرگەندۈرمەكمۇ ئاسان ئىش ئەمەس، ھېكايىنى ئوقۇپ كېلىۋىتىپ ھەيران بولغان بىر نەچچە يېرى بار، ماڭا بۇ ھېكايىنى ئەلا باھالاشقا شۇلار يېتىپ ئاشتى،  مەنچە تور يۈزىدە ئەسەر يوللايدىغان، تەپەككۈرى ھەركەتچان يازارمەنلەرگە شۇنچىلىك تەلەپ قويۇلسا كۇپايە. كىمنىڭ قانداق تېمىنى تاللىشى، ھەم قانداق بايان قېلىشى تامامەن ئۆز ئىلكىدىكى ئىش، بىز ئوقۇرمەنلەر ئۇلارغا ئىش ئۈگۈتەلمەيمىز، ھەم ئۇنداق قېلىش ھەققىمىزمۇ يوق.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2
: ئۇيغۇران: كۆكرەك (ھېكايە)