dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:20:15

خېرىدار كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى

خېرىدار كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى
ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن

1873-يىلى ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن، 13 ياشلىق بونارد كروگىر ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 20 ياشقا كىرگەندە ئۇ ئىشلەپ يىغقان پۇلى بىلەن مىلىچمال دۇكىنى ئاچتى ۋە تىجارىتى يۈرۈشكەندىن كېيىن، بۈيۈك غەرب چايچىلىق شىركىتىنى قۇردى، بۇ ئامېرىكىدا قۇرۇلغان تۇنجى زەنجىرسىمان دۇكاندىن تەركىبلەنگەن شىركەت ئىدى. 10 يىلدىن كېيىن كروگىر 40 نەچچە دۇكان ۋە بىر يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، شىركەت نامىمۇ كروگىر مىلىچمال ۋە بولكا شىركىتىگە ئۆزگەرتىلدى. شىركەتنىڭ ھازىرقى 2000 دىن كۆپرەك چوڭ تاللا بازىرى، 170 نەچچە مىڭ خىزمەتچىسى بار، يىللىق سېتىش سوممىسى 19 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ.
كروگىرنىڭ بۇنچە زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە ئۇنىڭ خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى 1-ئورۇنغا قويغانلىقى سەۋەب بولغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جوسۇف خول كروگىر شىركىتىنىڭ باش لىدىرلىقىغا تەيىنلەندى، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا ئەڭ ئالدى بىلەن كەڭ كۆلەمدە خېرىدارلار رايىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى قوزغاپ، خىزمەتچىلەرگە:«ھەر قانداق ۋاقىتتا خېرىدارغا بىھۆرمەتلىك قىلىشقا بولمايدۇ. شىركەتنىڭ قانداق مەھسۇلاتنى ئېچىشىنى، قانداق مۇلازىمەتنى يولغا قويۇشىنى، قانداق سېتىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىشىنى دەل خېرىدارلارنىڭ رايى بەلگىلەيدۇ» دېدى. خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىگىلەش ئۈچۈن، شىركەت ھەر بىر پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ يېنىغا «بېلەت تاشلاش ساندۇقى» ئورنىتىپ، خېرىدارلارنىڭ شىركەت مۇلازىمىتىگە پىكىر بېرىشىگە قولايلىق ياراتتى، پىكرى قوبۇل قىلىنغان خېرىدارلارغا مەھسۇلات ۋە ئېتىبار كارتىسى سوۋغا قىلدى. بۇ تەدبىر خېرىدارلارنى سۆيۈندۈردى، شۇڭا پىكىر-تەكلىپ بېرىدىغانلار كۈنسېرى كۆپەيدى. شىركەت بۇ پىكىر-تەكلىپلەردىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ بازىرىنى چىقاردى.
ھازىر «خېرىدار ھەممىدىن مۇھىم» دېگەن قاراش سودا ساھەسىنىڭ ئورتاق قارىشىغا ئايلاندى، ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ بازار تېپىش ياكى تاپالماسلىقى پۈتۈنلەي خېرىدارلارنىڭ خاھىشىغا باغلىق. خېرىدارلاردىكى نېمە سېتىۋېلىش، قانچىلىك سېتىۋېلىش، نەدىن سېتىۋېلىش، قاچان سېتىۋېلىش ۋە قانداق سېتىۋېلىش خاھىشى كارخانىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ، شۇڭا خېرىدارلارنى رازى قىلىش ئۈچۈن، كارخانا چوقۇم مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇن كەڭ دائىرىدە بازار تەكشۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىشى؛ مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنمۇ خېرىدارلارنىڭ رايىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىغا بېقىپ مەھسۇلاتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى زۆرۈر.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 19:27:28

مۇشۇنداق گەپلەر كۆپرەك چۈشۈپ بەرسە..
بەت: [1]
: خېرىدار كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى