waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 00:00:06

شىنجاڭ كوماندىسى باش تىرىنىر ۋە چەتئەللىك ئەزانى ئالماشتۇرىدىكەن



   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى نۇپۇزلۇق تەنتەربىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبى يىقىندا NBA بىرلەشمىسىدىكى چاقماق كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋىتىلگەن ئارقا سەپ بىكى سىباستئان تېلفىر بىلەن توختاملاشقان.  بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدە توختاملاشقان ئۈچۈنچى چەتئەللىك ئەزاسى ھىساپلىنىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى دەسلەپتە توختالاشقان چەتئەللىك ياردەمچى ئەزاسى جوردان كىراۋفوردنىڭ كۆزىنىڭ سەزگۈرلىگى ئېشىپ كەتكەنلىگى تۈپەيلىدىن، نۆۋەتتە ئامرىكىغا قايتىپ داۋالىنىۋاتقان بولغاچقا . ئامرىكالىق ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى ئىستىفان بىلەن ۋاختىچە توختاملاشقان.  نۆۋەتتە جوردان كىراۋفورد يەنە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن.  ۋاقىتلىق ئالماشتۇرۇلغان ئىستىفاننىڭ ئىپادىسىمۇ كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىگەنلىگى ئۇچۇن شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرى چەتئەللىك ئەزاسىنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلغان. يىڭى چەتئەللىك ئەزا ئالدىنقى پەسىلدە تىيەنجىن كوماندىسىدا توپ ئوينىغان بۇلۇپ، 12-ئاينىڭ 5-كۇنى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جىلىن كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
  
تاراتقۇلارنىڭ بۇگۇن بەرگەن يەنە بىر خەۋىرىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى پەسىلدىكى باش تىرىنىرى سۈي ۋەنجۇننى بۇ پەسىلدىكى باش تىرىنىر  گاۋ شۇمىڭنىڭ ئورنىغا باش تىرىنىرلىققا قۇيۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقۇرى ئىكەن.  سۈي ۋەنجۇن بۇگۇن چۇشتىن كىيىن جىددى ئۇرۇمچىگە يىتىپ كەلگەن بۇلۇپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بۇلمىسىلا 12-ئاينىڭ 3-كۇنى شىنجاڭ كۇماندىسى بىلەن بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا يىتەكچىلىك قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:19:46

ئالدىنقى تېرىنىېر خېلى بوپ قويىدىغاندەك كۆرۈنگەن كۆزۈمگە، ئۆزەمچە:lol. ئەمدى ھازىرقى كالۋانى ھەيدىگىنى ياخشى بوپتۇ.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:53:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-3 12:13  

..................

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 10:01:19

ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ قېرىندىشىم ...........................

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 17:41:39

سۈي ۋەنجۈن بۆگۈن ئىشقا چىقىپتۇ.شۇ تاپتا بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قۇماندانلىق قىلىۋاتىدۇ.

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 20:03:35

شىنجاڭ كوماندىسى 108گە قارىشى 109نومۇر بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى يەڭدى،سۈي ۋەنجۈننىڭ بىرىنجى قەدىمى ئۇتۇقلۇق بولدى...بۇ مەيدان مۇسابىقە بەكلا قىززىدى!
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى باش تىرىنىر ۋە چەتئەللىك ئەزانى ئالماشتۇرىدىكەن