xotenbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 22:10:37

كىتاپ بېسىپ چىقىرىشنى ۋە قەغەزنى كىم ئىجات قىلغان؟

كىتاپ بېسىپ چىقىرىشنى ۋە قەغەزنى كىم ئىجات قىلغان؟

يادىكار سابىتوۋ(قازاقىستان)

ئىپتىدائي دۇنىيانىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە يىرىك مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان مەركىزىي ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دىيارى- ھازىرقى ش ئۇ ئا ر -ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئىنتايىن چوڭ، پەخىرلىك ئورۇندا تۇرىدۇ.مانا موشۇ زېمىندا ئەزەلدىن ياشاپ، ئۇنى گۆھەر دىيارغا ئايلاندۇرغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەرىيانىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ ئىجاتكارلىق روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ، پەم-پاراسىتى بىلەن چەكسىز مول ۋە پارلاق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياراتقانلىقى، دۇنىيا مەدەنىيىتىگە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەس تۆھپىسىنى قوشقانلىقى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز.
19 – 20 ئەسىرلەر مابەينىدە ۋە 21- ئەسىرنىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش،تەكشۈرۈشلەر،ئىلمىي-تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئورخون، ئاناساي دەرىيالىرىنىڭ بويلىرى،ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تارىم ۋادىسى، تۇرپان ئويما نلىقى ۋە كەڭسۇ غارلىرىدىن تېپىلغان مېمارچىلىق، ھەيكەلتاراشلىق ۋە كۆپلىگەن باشقا ساھەلەرنىڭ ئاجايىپ يادىكارلىقلىرى، مىڭ ئۆيلەردىكى تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ تەكرارلانغۇسىز ۋە كەم ئۇچرايدىغان ئۈلگىلىرى، دىن، پەلسەپە، ئاسترونومىيە، تارىخ،تىل، ئەدەبىيات، تىبابەتچىلىككە ئائت بىباھا قوليازمىلار، كانچىلىق، مەدەن (رۇدا) تاۋلاش، قەغەز چىقىرىش، مەتبەئەچىلىكنىڭ تۇنجى كەشپىيات ئىزلىرى -يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغانلارنى تولۇق ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز-بۇ جاپاكەش ۋە ئەمگەكسۆيەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىڭلىغان يىللىق تارىخىنىڭ يارقىن ئەينىكى بولۇپ، ئۇنىڭدا مىللىتىمىزنىڭ ئەقىل ئىدرىكى ۋە ئىستېداتىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى  ئىپادىسىنى تاپقان.
روسسىيەلىك ئالىم، پروفېسسور ك.ئا.بوروۋكوۋ: «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇش تارىخىدا ئۇيغۇرلار مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەن خەلق. ئۇيغۇرلار قەدىمىي زامانلاردا يۇقۇرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان شەرق خەلقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ» («تىل،تارىخ-ئەدەبىيات مەسىلىلىرى»، ئالمۇتا، 1950-يىل، «قازاق ئېلى» نەشرىياتى، 21-بەت) دەپ تەكىتلەيدۇ.
ئەمگەكچان ۋە ئىجاتكار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئايرىم كەشپىياتلىرىنىڭ پەقەت شەرىققىلا ئەمەس، بەلكى غەرىپكىمۇ تارقالغانلىقى مەلۇم. دۇنىيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئاجايىپ كەشپىياتلار-قەغەز چىقىرىش ۋە كىتاب بېسىش ئوتتۇرا ئەسىرلەردە نەق موشۇ ئۇيغۇر دىيارىدا كەشىپ قىلىنىپ، روناق تاپقانلىقى توغرىلىق ئالىملارنىڭ مەلۇماتلىرى ئاز ئەمەس.
ئىلىم-پەندە «قەغەز- مەدەنىيەتنىڭ نېنى» دېگەن قاناتلىق سۆز بار. قەغەز چىقىرىشنى قەدىمىي ئەجداتلىرىمىز بىلگەنمۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ئالىملارنىڭ پىكرىگە مۇراجەت قىلايلى. «قەغەزنىڭ ئۇيغۇرستانلىق بىر قۇل تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغانلىقى توغرىلىق رىۋايەتلەر مەۋجۇت.جۇڭگو ئىمپېراتورى بۇ كەشپىياتنى يۇقۇرى باھالاپتۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە: «ئەگەر قۇللار ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ شۇنچىلىك چوڭ يېڭىلىقنى ئاچقانلىقىنى بىلسە،ئۇلار ئىنتايىن مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ» دېگەن پىكىرنى ئېيتىپتۇ. ئۇ كەشپىياتچىنىڭ ئىسمىنى مەخپىي ساقلاشقا ۋە ئۇنى پەخرىي جازا بىلەن جازالاشقا پەرمان قىپتۇ. قۇلنى ئىمپېراتورنىڭ تەشە ككۈرى ئويۇپ يېزىلغان ئۆتكۈر ئالتۇن پلاستىنكىنى يۇتۇشقا مەجبۇر قىلىشىپتۇ…» (Е.Яковлев, «Чудесные превращения», журнал «Мастер леса», 1959 г. №5, стр. 38).
جۇڭگو ئالىمى ليۇ گوجۈن «قەغەز لوۇلاندا (لوۇلان- ئۇيغۇرلارنىڭ كىروران شەھىرى-ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ مىلادىدىن ئىلگەركى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە ئۆز ئالدىغا ئايرىم خانلىق سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغان. كېيىن قۇم بېسىپ كەتكەن) 200-يىلى، تۇرپاندا 299-يىلى ئەتراپىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن»، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تېپىلغان ماددىي ماتېرىياللارمۇ ئۇيغۇرستاندا قەغەزنىڭ قەدىمىي زاماندىن تارتىپ پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مەسىلەن؛بۇ ھەقتە تارىخچى ئالىم مۇنىر ئېرزىن مۇنداق دەيدۇ: «ئېنگىلىز ئالىمى ئاۋرىېل ستەين دۇنخۇاڭ ۋە باشقا جايلاردىن سوغدى يېزىقىدا قەغەزگە چۈشۈرىلگەن قالدۇق مەتىنلەردىن توققۇز پارچىنى تاپقان. بۇ ھۆججە تلەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى كۆرسىتىلمىگەن. لېكىن مەزكۈر ھۆججەتلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا تېپىلغان يېزىقى بار تاختىلاردىكى يىل ھېسابى ئۇلارنىڭ ئەڭ كەچ دېگەننىڭ ئۆزىدە 137-يىلنىڭ نەرسىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» (م.ئېرزىن:«ئۇيغۇر سوۋېت مەتبۇئاتىنىڭ تارىخى»،22-بەت. «قازاقستان» نەشرىياتى، ئالمۇتا، 1980-يىل)
قەغەزنىڭ ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغانلىقى دۇنيا مىقىياسىدا ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە بولغانلىقىنى تەكىتلەش ئورۇنلۇقتۇر. قەغەزنى ئەجداتلىرىمىز نېمىدىن تەييارلىغان؟ بۇ ھەقتە ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: «قەغەز قەدىمىي زامانلاردا يىپەكتىن،كەندىر ۋە پاختا ئۆسۈملۈكلىرىدىن تەييارلانغان. قەغەزنى پاختىدىن ياساش ئۇسۇلىنى خەنزۇلار ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان. خەنزۇلار 13- ئەسىرگە قەدەر پاختا تېرىشنى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلمىگەن. پاختا ۋە ئۇنى تېرىش ئۇسۇلى 13- ئەسىردىن كېيىنلا جۇڭگوغا ئۇيغۇرلار دىيارىدىن بارغان. (М.Ерзин. «К историко-этимологическому толкованию слов «толума» и «тарма». «Советская тюркология». Баку, 1974, №4, 61 — 64 стр.).
يۇقۇرىدا بىز«قەغەز- مەدەنىيەتنىڭ نېنى» دېگەن قاناتلىق سۆزنى زىكىر قىلىۋىدۇق. قەغەز، ھەقىقەتەنمۇ يېزىقى بولغان خەلققە خۇددى سۇ بىلەن ھاۋادەك كېرەك بولىدىغان ماددىي بايلىقتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ بالدۇر ئۆز يېزىقىنى كەشىپ قىلغانلىقى توغرىلىق مەشھۇر كېڭەش ئالىمى ئا.يۇ.ياكۇبوۋسكىي مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار باشقا تۈركىي خەلقلەردىن بالدۇر ئولتۇراقلاشقان ھايات تەرىزىگە ۋە دېھانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا كۆچتى، باشقىلاردىن بالدۇر شامانىزمغا خاتىمە بېرىپ، ئاۋال مانىي، ئاندىن بۇددىزم دىنىنى قوبۇل قىلدى، باشقا تۈركىي خەلىقلەردىن ئىلگىرى ئۆز يېزىقىنى كەشىپ قىلدى ۋە جۇڭگو بىلەن ماۋەرائۇننەھر ئوتتۇرىسىدا ياشايدىغان خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلققە ئايلاندى».
А.Ю.Якубовский («Восточный Туркестан и Средняя Азия» изд. «Наука», Москва, 1985 г. стр.7).
يېزىق ۋە قەغەز كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە، كىتاب بېسىپ چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى كەشىپ قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى تەبىىي ھادىسىدۇر. ئۇيغۇر كېڭەش مەتبۇئاتى ۋە ئومۇمەن ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىكىنىڭ يىرىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر ئېرزىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەتبەئەچىلىكنى قەدىمىي زامانلاردا قانداق كەشىپ قىلغانلىقى توغرىلىق مۇنداق دەپ تەكىتلەيدۇ: «مەتبەئەچىلىك ھۈنىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەم-پاراسىتى، ئىلىم-پەنگە، يېڭىلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئۇلۇغ كەشپىيات. ئۇنى ئەينى زاماندىكى مۆجۈزىلەرنىڭ مۆجۈزىسى دېسەك، چەكتىن چىققان بولمايمىز، ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن خەزنىسىگە قوشقان مانا شۇ ئاجايىپ چوڭ تۆھپىسى بىلەن دۇنيا خەلقى ئالدىدا پەخىرلىنىشكە ھەقلىق...».
ئۇيغۇرلار، قەدىمىيدىن ئۆز يېزىقىغا ئىگە بولغان خەلق سۈپىتىدە، خەتلەرنى ياغاچ تاختىلاردا ئويۇپ،كىتاب بېسىپ چىقىرىش ھۈنىرىنى-كسىلوگرافىيە ئۇسۇلى بىلەن كىتاب بېسىشنى باشقىلاردىن خېلى بالدۇر ئىگىلىدى. ئۇيغۇر كسىلوگرافىيەسىنى ئۈچ توپقا بۆلۈشكە بولىدۇ: 1) مەتىنلەر؛ 2) مەتىن ئارىلاش سۈرەتلەر؛ 3) سۈرەتلەر.
ئۇيغۇرلارنىڭ كسىلوگرافىيەلىك ئۇسۇل بىلەن باسقان مەتىنلىرى ۋە تاختىغا ئويغان سۈرەتلىرىنىڭ نۇسخىلىرى 1902-1907-يىللىرىدىكى پرۇسس ئېكسپېدىسىيەسىنىڭ تۇرپاندا ئېلىپ بارغان قېزىش ئىشلىرى جەرىيانىدا تېپىلدى.
«...مەتبەئەچىلىكنىڭ كسىلوگرافىيەلىك ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ،ئۇنى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي ئەتكۈزگەن ئۇيغۇرلار كىتابنى ئايرىم-ئايرىم ئېلىمىنتلاردىن تەشكىل تاپقان نابور (تىزىش) شەكلىنى قوللىنىپ بېسىش، يەنى مەتىنلەرنى مەتبەئە ھەرپلىرى بىلەن تىزىپ چىقىپ، بېسىش پرىنسىپىغىمۇ مۇراجەت قىلدى- نابور قىلىپ تىزىش ئۈچۈن ياغاچ ھەرپلەردىن پايدىلاندى. مەتىنلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھەرپلەر بىلەن تىزىپ بېسىش ئۈچۈن ۋە كىتاب بېسىپ بولغاندىن كېيىن ھەرپلەرنى ئۆز جايىغا تارقىتىپ، ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە ياغاچ ھەرپلەر 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيە ئېكسپېدىسىيەسى تەرىپىدىن دۇنخۇاڭدا مىڭ بۇددا ئۆڭكۈرىنىڭ بىرىدىن تېپىلدى» (ت.ف. كارتېر؛«جۇڭگودا مەتبەئەچىلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ غەرپكە تارقىلىشى»، نيۇيورك، 1931، 167-بەت.). بۇ خىل ھەرپلەر پۈتكۈل ئالەمدە تېپىلغان مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ ئەڭ تۇنجىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 1914-1915-يىللىرى روسسىيەلىك ئالىم، ئاكادېمىك س. ئولدېنبۇرگنىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرپاندا ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان روسسىيە ئېكسپېدىسىيەسى غارلاردىن 100 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرچە مەتبەئە ھەرپلىرىنى تاپقان» (م.ئېرزىن. « Ғасырлар сере — Тайны веков»، «مىر» نەشرىياتى، 2012-يىل، 85-86-بەتلەر).
ئىجاد-كەشىپ قىلىش ئىنسان پائالىيىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىسى بولۇپ، ئۇ بارلىق خەلقلەرنىڭ مەنپەتلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان ئاجايىپ تۆھپىدۇر.
9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەيدانغا كېلىپ، ئۆز مەركەزلىرىنى قوجۇغا (ش ئۇ ئا ر نىڭ تۇرپان تەۋەسىدىكى ئاستانە) ۋە بېشبالىققا (ش ئۇ ئا ر نىڭ جىمىسار شەھىرى) قۇرغان ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتى يىراق ئەجداتلىرىمىزنىڭ پەم-پاراسىتىنىڭ نەقەدەر يۈكسەك دەرىجىدە بولغانلىقىنى يارقىن ئىسپاتلايدۇ. ئەنە شۇ دەۋردە كىتاب بېسىشتىكى مۈشكۈللۈكنى ھەل قىلىپ، ئەجداتلىرىمىز ياغاچتىن ھەرپ ياساپ، ھەرپ تىزىش ئارقىلىق كىتاب بېسىشنى ئىجاد قىلغانلىقى-بۇ ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن غايەت زور كەشپىياتتۇر ۋە بۇ ساھەدىكى ئىنقىلاپ دېسەك، مۇبالىغە بولمايدۇ.
«ئېگىلىز ئالىمى كارتېرنىڭ «دۇنىيادىكى تۇنجى مەتبەئە ھەرپلىرى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى بىلەن ئويۇلغان بولۇپ،تۈركىدۇر» دېگىنى مۇتلەق ھەقىقەتتۇر» (شەرپىدىن ئۆمەر،«ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن ئوچېركلار»، «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»، ئۈرۈمچى، 9-10-بەتلەر).
ئۇيغۇرلاردا كسىلوگرافىيە ئۇسۇلى ۋە ياغاچتىن ئىشلەنگەن مەتبەئە ھەرپلىرى قاچان پەيدا بولغان؟ يەنە پاكتلارغا مۇراجەت قىلايلى. «قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يېتىپ گۈللەنگەن دەۋرى 9 -10- ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېتىبارغا ئالساق ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارغا ئاساسلا نساق،كىتاب بېسىپ چىقىرىشنىڭ كسىلوگرافىيەلىك ئۇسۇلىنى 9-ئەسىردىن ئىلگىرى، مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى 10- ئەسىردىن كېيىنكى يىللارغا ياتقۇزۇشقا بولىدۇ. بۇ پىكىرنى دەلىللەش ئۈچۈن «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابتىن مىسال كەلتۈرىمىز: «تۇرپاندىن تېپىلغان مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ 9- - 12- ئەسىرلەرگە ئائت بولۇشى بۇ جەھەتتىن ماددىي پاكتتۇر. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنى قوللانغانلىقىنى، مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ» («ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۈرۈمچى، «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»، 1990-يىل، 154-بەت.).
«...كسىلوگرافىيە ئۇسۇلى ياۋروپادا 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ۋە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تارالدى. نېمىس ئىوگانن گۇتېنبېرگ 15- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىرخىل ئوخشاش لىتېرلارنى (باسما ھەرپلىرىنى) كۆپ مىقداردا تېز تەييارلاپ چىقىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى» (مۇنىر ئېرزىن:« Ғасырлар сере — Тайны веков»، ئالمۇتا، «مىر» نەشرىياتى، 2012-ژىل، 91-بەت).
مانا بۇ پاكتلاردىن بىز شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، ئەجداتلىرىمىز كىتاب بېسىش تېخنىكىسىنى ياۋروپالىقلاردىن 400-500 يىل ئىلگىرى ئىجاد قىلغان. ئەجداتلىرىمىز دەسلەپ كىتاب بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغاندا، ياغاچتىن ئويۇپ ئىشلەنگەن ھەرپلەردىن پايدىلانغان بولسا، پەم-پاراسەتلىك ئىجاتكار ئەجداتلىرىمىز كىتاب بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرپلەردىن كۆپ قېتىم تەكرار پايدىلىنىش ئۈچۈن مېتالل لىتېرلىرىدىن (تىزىلىدىغان ھەرپلەردىن) پايدىلىنىشنى ئۆزلەشتۈرگەن. سۆزىمىزنى دەلىللەش ئۈچۈن مونۇ مىسالغا نەزەر سالايلى: «…ئۇيغۇرلار14- ئەسىردە مېتالل لىتېرلىرىدىن پايدىلانغان» (ن.بوگدانوۋ، ب.ۋيازېمسكىي،
(Н.Богданов, Б.Вяземский, «Справочник журналиста», Лениздат, 1965, стр. 478.)

ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى، يازغۇچى ۋە شائىر مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خەلقىمىزنىڭ موشۇ ئاجايىپ كەشپىياتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپادا ئۇيغۇرلاردىن تەخمىنەن 400 يىل كېيىن، يەنى 15- ئەسىردىلا تۇنجى مىخ مەتبەئە بۇيۇملىرى پەيدا بولغان. بۇ پاكت ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسىدا نەقەدەر يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ» («ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، «خەزنىلەر بوسۇغىسىدا»، 263-بەت، ئۈرۈمچى، 1996-يىل).
يۇقۇرىدا بىز ئۇيغۇر، خەنزۇ، رۇس، ئېنگىلىز ئالىملىرىنىڭ، تارىخچى ئالىم ۋە پۇبلىسىست مۇنىر ئاكا ئېرزىننىڭ ئەمگەكلىرىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا خېلى بۇرۇنلا قەغەز كەشىپ قىلىنغانلىقى، مەتبەئەچىلىك، يەنى كىتاب بېسىش تېخنىكىسىنىڭ ئىجاد قىلىنغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق. قەغەز كەشىپ قىلىش، كىتاب بېسىپ چىقىرىش ئىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىي ۋە ئىجتىماىي تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى تالاشسىز. ئەجداتلىرىمىزنىڭ پەم-پاراسىتى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىرلەردىلا كىتاب بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، ھازىرقى زامان مەتبەئەچىلىك ئىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە سالماقلىق ھەسسە قوشقانلىقى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ جاھان مەدەنىيىتىگە قوشقان بۇ بىباھا تۆھپىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مەدھىيىلىنىشكە ئەرزىيدۇ.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 08:26:14

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 10:22:13

ئېسىل بىر ئەسەرنى يەتكۈزگىنىڭىزگە رەھمەت، قەغەز ۋە مەتبەنى ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغانلىقىنى داۋاملىق پاكىت بىلەن دەلىللەپ تۇرۇش كېرەككەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 11:06:23

ئۇرخۇن-يېنسەي دېگەندىكى يېنسەي ئەسلىدە ئاناساي دېگەن گەپكەندە.

RGB يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 12:52:18

سەيلۇن دىگەن ئادەم

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:21:32

     ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىگە ئائىت  يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە مەتبەئەدە بىسىلغان  قايسى كىتابلار بار ؟
ئەينى ۋاقىتتا مەتبەئە تىخنىكىسىنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئىشلەتمىگەنمۇ ؟
  نىمە ئۈچۈن قارىخانىيلار ۋە كىيىنكى   دەۋىرلەردە  مەتبەئەدە بىسىلغان كىتابلار يوق ؟ مەتبەئەنى چەكلەيدىغان پەتىۋا قاچان چىققان ؟
    شۇنداق ئۇلۇغ تىخنىكا قانداق قىلىپ ئۇنتۇلغان ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 01:07:49

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 20:21 static/image/common/back.gif
ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىگە ئائىت  يازما يادىكارلىقلار  ...

بۇ مەتبەئە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە بولغان ئىشلار. ھازىرقى گەنسۇغا توغرا كېلىدۇ ئورنى. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردىن تېپىلغان.
مەتبەئەنى چەكلەيدىغان پەتىۋانى بىلمەكچى بولسىڭىز بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرىنى كۆرۈڭ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-7 08:27:20

نومۇسسىزلار

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 10:20:37

RGB يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 12:52 static/image/common/back.gif
سەيلۇن دىگەن ئادەم

:lol

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:34:07

بۇنداقمۇ بوزەك ئەتكەن بارمۇ؟ مىخ مەتبەنى كۇرىئانلار تالاشسا ،قەغەزنى بىز تارتىۋالساق ،مىلتىق دورىسىنى ياۋرۇپالىقلار ئېلىۋالسا ئەمدى يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۈسكىنىسىلا قاپتىغۇ؟؟؟4چوڭ كەشپىياتقا خىرىس قىلمايلى!:shutup::'(:'({:136:}

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 23:06:27

مەن بىر كىتاپتا مىخ مەتبەئەنى سۈمەرلەرنىڭ كەشىپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:53:32

تارىخنى كۆپرەك ئۆگەنمىسەم بولىمىدى .:'(

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 17:30:24

ئۇرخۇن - ئانىساي ……   ئەسلى مۇشۇنداقكەندە ، بىلىۋالدىم .
    قەلەم ئېگىسى ۋە يوللىغۇچىغا رەھمەت
بەت: [1]
: كىتاپ بېسىپ چىقىرىشنى ۋە قەغەزنى كىم ئىجات قىلغان؟