Crowssonwhite يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 21:57:30

جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ شىنجاڭدا ئىشلىگەن مىكرو فىلىمى_پۇتبول ئا.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Crowssonwhite تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 22:02  

http://v.youku.com/v_show/id_XODM2Mjk0Mzg4.html

Crowssonwhite يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 22:33:05

ئۇيغۇرچە ئىسمى : « پۇتبول ئارزۇسى»، خەنچىسى : « ئارمان يۈرەكتىن كۆكلەر» كەن.

ئالاھىدە سۈزۈك (超清) قىلىپ كۆرۈڭلار باللا،  {:112:}  ما تەيۋەنلىك رېژىسسور بوپ قويىدىكەن.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 22:35:40

بەلەن ئىشلەپتۇ ، ئاۋۇ باللا رولنى بەك تەبىئى ئەپتۇ...

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 22:57:29

قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىسىدىكى باللىمۇ نېمە؟

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 23:31:46

   
    بۇ فىلىم قارقاشنىڭ كاۋاك يىزىسدا سۇرەتكە ئىلنىپتۇ . تەكلىماكاننىڭ چەت سەھرالىردىكى ئۇيغۇر باللىرنىڭ سەمىمى ئارزۇسى ئەكىس ئەتتۇرلۇپتۇ. شۇندقلا يىز-كەنىت مەكتەپ مائارپىدا ساقلانغان بەزى مەسلىلەرنىمۇ بىزگە ھىس قىلدۇرۇپتۇ.

Crowssonwhite يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 23:36:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Crowssonwhite تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 23:38  

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 22:57 static/image/common/back.gif
قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىسىدىكى باللىمۇ نېمە؟

ھەئە.
فىلىمدىكى ھەممىسى پۇقرا ئارتىسلاركەن.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 00:26:43

ئۇماق شۇمتەكلەركەن بۇ{:92:}

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 02:55:37

پەچەت ئىشلەپ تاشلاپتۇ. يامان كودەكلەركەن.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 08:58:52

  ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىك ئىشلەپتۇ ، ئاچچىق بىر نەرسە بوغۇزۇمغا قاپلىشىپ قالدى .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:04:26

'مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى' غا يەتمەيدىكەن، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۆزلىرىنى تازا گەۋدىلەندۈرەلمەپتۇ .شىرزات دىگەن شىرزات -تە{:87:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:06:52

بۇ ھەقتە ھۇررا كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ساتتارنىڭ بىر باياناتىنى كۆرۈپ قالدىم، ئەينى ۋاقىتتا جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسى بىرقانچە بالىنىڭ بېلىتىنى ئۈستىگە ئالغىنىنى باھانە قىلىپ ، ماۋۇ فىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى تەشۋىق قىلىۋاپتۇ-دەك.

ersoy يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:10:16

تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدونىڭ ئوغلىغا بەك ئوخشايدىغان بالىدىن بىرى باركەن.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:46:53

بارى يوق 7 كىشلىك بېلەتنى كۆتىرەپتىكەن ، ئاقىبەت بالىلارنىڭ قان - تەر بەدىلىگە كەلگەن نەتىجە جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ 2 مىلىيۇن مەبلەغ چىقىرىپ بۇ قىسقا فىلىمنى ئىشلىشى بىلەن ئۆزلىرىگە تەۋە بوپتۇ .
كەم نومۇس  ...

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:48:06

گەرچە مەن ئۇلار شىنجاڭ پۇتبولى ئۈچۈن ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىدى دېگەننى توغرا كۆرمىسەممۇ يەنىلا بۇنى چىقىرىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:54:28

بىزنىڭ مەلىدە ئىشلىگە فىلىمنى ئۈزەم كۈرەلمەي قالدىم-دە.:funk:

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 11:43:08

ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىشلەپتۇ

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 12:11:38

ھەقىقەتەن كىچىككىنە ئىش قىلىپ قويغىنىغا تازا قوللىغان قىلىپ چىقىرىۋاپتۇ، مۇسابىقىگە كېلىپ چاۋاك چېلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشلىرىگە كۈلگۈم كەلدى. بالىلارنىڭ ئۇلارغا خەت يازغىنى راستمىدۇ؟ مېنىڭچە بەدىئىي توقۇلما بولۇشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ئارىدا بۇ ئىشنى كېلىشتۈرگەن بىر ئادەم بارلىقى ئېنىق،مەيلى كىم بولسۇن،شۇنىڭغا رەھمەت.
نەزەر دائىرىنى كەڭرەك تۇتساق. شۇلارنىڭ تەشۋىق فىلىمى بولسىمۇ مەيلى، بىراق ئۆزىمىزدىن بىرەرسى مەبلەغ چىقىرىپ، شۇنداقراق فىلىمنى قېنى كىم ئىشلەپ باقتى؟ كۆڭلىدە ئويلىسىمۇ قىلالاش ئاسان ئەمەس.
ئەڭ مۇھىمى قېرىنداش ئىنىلىرىمىزنىڭ پۇتبول غايىسى شۇنچىلىك جايىدا ئىپادىلىنىپتۇ.ھەتتا قېرىنداشلىق مېھرىنىمۇ ئۈنۈملۈك قىستۇرۇپتۇ، تىلى ئۇيغۇرچە بوپلا قالماي، يەرلىك شىۋىنى ئۆز پېتى ئىشلىتىپتۇ.ئاپتونۇم رايوندا ئىشلىسە ئاۋال خەنزۇچە تارقىتىپ، كېيىنرەك ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ، ھەتتا ئۆز تىل ئىشلەتمەي، ئاۋاز بېرىدۇ. ئۇيغۇر يېزىلىرى مەھەللە كوي تەسۋىرلىرى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ.نەنخاڭنىڭ باھانىسىدە مۇشۇنداق تەبىئىي فىلىمىمىزدىن بىرى ۋۇجۇدقا كەپتۇ. قىسقىسى، بۇ ئۆزىمىزنىڭ فىلىمى.

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 11:56:04

بالىسى توپنى تىپىپ ھارۋۇدىكى تاۋۇزنى  يېرىۋەتتى..
دادىسى: -يا سەن ئۆينىڭ ئىشغا ياردەملەشمىسەڭ، نىمە قىلىسە ئۇتتۇرۋىتىدىغان توپنى ئويناپ؟..
يۇقارقى گەپنى پۈتۈن جۇڭگۇدىكى پۇتپۇلچىلارغا دىگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى...
بەت: [1]
: جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ شىنجاڭدا ئىشلىگەن مىكرو فىلىمى_پۇتبول ئا.....