malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 21:43:13

تۇغۇلغان كۈنۈمدە يىغلىدىم يەنە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   malak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 21:47  


تۇغۇلغان كۈنۈمدە يىغلىدىم يەنە
گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى

سورىغۇم بار بۈگۈن، نىشانىم نەگە؟
تۇغۇلغان كۈنۈمدە يىغلىدىم يەنە،
نە ۋەجىن سورىما ئەي گۈزەل يارەن.
مۆچەلدىن ئىككىنى ئاتلىدىم ئەنە.

بالىلىقتا ئاتقان پولىرىم تۇرسا،
خىيالىمدا گۈزەل ئارمىنىم تۇرسا.
يىغلىمامتىم بۇ كۈن، ئېيتقىنا يارەن،
ئارمانلىرىم قېلىپ، كۆز يېشىم قۇرسا.

مەشئەل يېنىپ، يوللار داغدام ئېچىلسا،
كۆزۈم يۇمۇپ، ئالغا قەدەم ئېلىنسا.
تاپالامدىم كېيىن ۋارىسنى يارەن،
ئىزىم قۇرۇپ، ئۈستىگە قۇملار چېچىلسا.

گۆشنى ئۆز يېغىدا قورىماس بەندە،
ئۇنداقنىڭ ئىزىدىن قۇرىماس گەندە.
ماڭساڭمۇ پوقىغا تېيلىيسەن يارەن،
بىلسەڭ پالتا سېپى ياسىغان رەندە.

تۇغۇلدۇم يەنە مەن تۆرەلدىم قايتا،
يوللىرىم تاپايمەن، دەرمانىم قايدا.
كۆردۇڭمۇ قىبلەمنى ئەي گۈزەل يارەن،
تاشلىماس يىللىرىم مېنى ھەم سايدا.

2014- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 23:12:04

ياشكەنسىز تېخى

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 01:25:33

مۇتلەق كۆپ ئادەم تۇغۇلغان كۈنىدە يىغلايدۇ، تۇغۇلغان شۇ كۈن شۇ دەقىقىدە ئىڭەلەپ چۈشىدۇ ئەمەسمۇ؟ :P

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 02:13:21


تۇغۇلغان كۈنۈڭگە ئاتاپ گۈلدەستە
سۇندۇم مەن. قوبۇل قىل بۇ كۆڭۈل خەستە...
ئارمانغا يەتكۈزەر ئىلاھىم سېنى!
ياش تۆكمە، دىلىڭگە بەرمە شىكەستە.

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:20:07

رەھمەت  تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا، تەبرىكلىرىگە ھەم رەھمەت:lol

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 10:10:51

بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،
نەق ئۇتتۇزغا تولغان كۈنۈم.
كۈلەيمۇ قايغۇرايمۇ ھىچ بىلمىدىم.
پەرھات خالىقنىڭ «تۇغۇلغان كۈن» دىگەن ناخشىسى يادىمغا كىلىپ قالدى. ھەر بىر تۇغۇلغان كۈن بەلكىم خۇشاللىق ئىلىپ كىلىشى ياكى ئادەمگە ئويلنىش ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 12:36:04

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 19:23:51

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 12:36 static/image/common/back.gif
24 ياش تازا قىران ۋاقتى قىزلارنىڭ

بىر مۈچەل 12 يىل بولامدا؟ مەن 13 دەپ، يۈرەتتىم.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 22:35:45

تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە قەتئىي مۇبارەك بولسۇن سىڭلىم!

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 22:55:12

مەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىمەيمەن ھەر يىلى ياش ئاتلىغان چېغىمدا ھاياتىمغا ئېچىنىمەن
ئېچىنىشلىق ھاياتىمنىڭ 19- قىسمى دەل بىر ئايدىن كىيىن باشلىنىدۇ

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 20:27:07

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 22:55 static/image/common/back.gif
مەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىمەيمەن ھەر يىلى ياش ئاتل ...

بەكلا كىچىك بالىكەنسىزيا. نېمىشقا كىتاپقا بېشىنى قويۇپ ئۇخلايدىكىن دېسەم، مۇنداق دېڭا.;P

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 21:19:37

:funk:
بەت: [1]
: تۇغۇلغان كۈنۈمدە يىغلىدىم يەنە