Qonasliq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 17:34:08

پىيالىدىكى سىمايەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qonasliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 17:48  

پىيالە ئۇزۇن تارىخدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە كەڭ ئىشلىتىلىپ كېلىپ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلىنىپلا قالماي يەنە مېھمانلارغا قويۇلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە  تۇنجىلىك مۆرىتىگە ئىگە بولغان، شۇنداقلا،  ھەرقايسى شەھەرنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن قۇيۇلغان چاينىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ ساھىبخاننىڭ سەمىمىيىتى ۋە قارشى تەرەپكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى  ئىپادىلەپ بېرىدىغان بۇيۇم. بۇنىڭغا مىسالەن قىلىپ ئېيتساق، قەشقەردە چاينى ئاز قۇيۇش بىلەن مېھمانغا بولغان يۈكسەك  ھۆرمىتىنى  بىلدۈرسە،  مېنىڭ يۇرتۇم قوناستا ئەكسىنچە جىق قۇيۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەنە شۇ پىيالىغا قۇيۇلغان چايدىن تۈنۈگۈن ئۆز سىمايىمنى كۆرۈپ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە « سىلەر ئۆزۈڭلەرگە قاراپ باقمامسىلەن؟» دېگەن ئايىتىنى ئېسىمگە ئالدىم-دە، دەرھاللا ئۆزۈمنىڭ نەچچە مىليونلىغان ئىسپىرما ئىچىدىن تاللىنىپ، ئۈچ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ساق سالامەت ھالدا تەدرىجى تۇلۇق بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىگە كەلگەنلىكىمنى، يۇرۇقلۇققا كۆز ئېچىش ۋاقتىمدا ئانامنىڭ ئىلگىرى سېزىك، بەدەن شەكلىدىكى ئۆزگۈرۈشلەردىن ئىبارەت تارتقان ئازابلىرىدىن نەچچە ھەسسە قاتتىق بولغان تولغاق ئازابىنى تارتقانلىقىنى ۋە بۇ دۇنياغا پۈتۈن ئەزايىمنىڭ تۇلۇق ۋە ساغلام ھالدا كەلگەنلىكىمنى ئويلاپ، ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھەممىگە قادىر ۋە ھەممىدىن ياخشى سۈرەت بەرگۈچى ئىكەنلىكىگە قايتا-قايتىلاپ ھەمدۇ-سانالارنى ئېيتتىم ۋە ئېيتىمەن! شۇ ئەسنادا يارىتىلىشىمدىكى مەقسەتنىمۇ بىر-بىرلەپ ئويلاپ چىقتىم. مەن زادى بۇ دۇنياغا مۇسەخخەر قىلىنغان باشقا مەخلۇقاتدەك يەپ-ئىچىش ئۈچۈن يارىتىلدىممۇ ياكى بىزلەرگە ئەسىردىن بۇيان ئۈلگە بولۇپ كەلگەن ساھابىلەر، يۈسۈپ خاسھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرىيدەك جەمئىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىممۇ، دەپ ئويلاپ ئەتراپىمدىن جاۋاب ئىزدەشكە ئۇرۇندۇم. ھەممەيلەن ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولۇپ جاۋاب بەرگۈدەك ئادەممۇ چىقمىغاچ ئاخىر تارىخدىكى يەكتا كىشىلەرنىڭ ياشاشدىكى مەقسىدىنى بىلمەكچى بولۇپ كىتاب ۋاراقلاشقا باشلىدىم. مانا كۆز ئالدىمدا ئون نەچچە يىل مىسسىرنىڭ مېۋە-چىۋىللىرىنى ۋەقفە مال دەپ گۇمانلىنىپ، ساتقۇچىغا گۇناھ بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن يېمەي، ئورنىغا ئۆيدىن ئايدا ئەۋەتىپ بېرىدىغان نان ۋەزەيتۇننى يەپ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن جاپا تارتقان ئىمام نەۋەۋىينىڭ چاپاغا چىداپ ئوقۇش روھى، شۇنداق دۆشكەلچىلىك ۋە تۇسقۇنلۇققا ئۇچرىسىمۇ قەتئىي بوشاشماي ئاخىرى غوجايىنىنىڭ ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا بويسۇندۇرغان ماكسىم گوركىنىڭ روھى ۋە مۇشۇنىڭدەك نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ پۈكمەس ئىرادىسى، تۈگمەس چىداشجانلىق روھى ۋە ئىلىمگە بولغان چۇڭقۇر تەشنالىقى تۇرۇپتۇ. كىتابنى يېپىپ قايتا ئەتراپىمدىكىلەر قارىدىم، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئېغىز سۆزلىمىگەن بىلەن قىلغان ئىش-ھەرىكىتى سۆزلەپ سۇئالىمغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى، ئەنە يەتمىش-سەكسەن ياشدىكى بىر دېھقان كەتمىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇكام ئوقۇمىساڭ مۇشۇنداق كەتمەن چاپىسەن دېسە، قىشتا سوغۇققا، يازدا تۇمۇزنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىغا چىداپ باققاللىق ۋە ئۇندىن باشقا ئۇششاق تىجارەتچى قىلىۋاتقانلار«ئوقۇمۇساڭ كۈنۈڭ مۇشۇ» دېۋاتاتتى. بۇ قېتىم ئەتراپىمدىكى ھەممىدىن جاۋاب ئالغان بولدۇميۇ، ئەمما كۆڭلۈم يەنە ئەمىن تاپماي ئاخىر ئاخىرەتكىچە ئىنساننىڭ ھېدايەت دەستۇرى، بىباھا گۈھۈرى بولغان قۇرئاندىن جاۋاب ئىزدەپ ئاچقانىدىم، تاپتىم ياشاشدىكى مەقسىدىمنى ئاخىرى تاپتىم. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى يارىتىشىدىكى مەقسىدى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« مەن ئىنسان ۋە جىنلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن ئۈچۈن  ياراتتىم ق.»
مەقسىدىمنى بىلدىميۇ، ئەمما ئىبادەتدىن ئىبارەت بۇ كونكىرىت ئىسىمنى چۈشەنمىگىم تەس بولدى-دە، يەنە تەپەككۈر بىلەن ئىزدىنىشكە كىرىشدىم. ئەلھەمدۇلىللاھ! بۇ قېتىم بەختىمگە يارىشا، ئىبادەتكە قارىتا مەندە ئازراققىنە چۈشەنچە ئايان بولغاندەك بولدى. ئىبادەت، ئۇ تۇنجى بولۇپ چۈشكەن «ئوقۇ» دېگەن ئايەت بىلەن تۇنۇلسا، «ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن پەقەت ئالىملار ھەقىقىي قۇرقىدۇ.» دېگەن ئايەت بىلەن بۇ تۇنۇش ئەڭ يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرىلىدۇ. بۇ ماقامغا يەتكەنلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا« ۋاقىت بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ھەق ۋە سەۋرنى ئۆز-ئارا تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە كىشىلەر زىيان ئىچىدىدۇر.» دەپ كەلتۈرگەن سۈپەتلەر بىلەن خاسلىققا، بىردەكلىككە  ئىگە بولغان بولىدۇ-دە، ھەممە ئىشلىرى ئىبادەت ھېسابلىنىپ دۇنيادىكى ھاياتىنى ئەڭ ياخشى پايدا بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئاخىرىدا ئاللاھ تائالادىن بىزلەرنى مانا مۇشۇنداق ئىبادەت ساھىبى قىلىشنى تىلەيمەن. ئامىين!
-قوناسلىق
2014-12-2

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 01:07:44

ياخشى ئىپادىلەپسىز. يازمىدىكى ھېسسىياتلىرىڭىز سىزنىڭ. لېكىن مەن پىيالىگە لىق تولدۇرۇپ قۇيۇلغان قىزىق چاينى سىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئىچىۋاتقاندەك، داشلىق بويىدا ياندىشىپ ئولتۇرۇپ، تەبىئەت مەنزىرىسىنى بىرگە تەسۋىرلەۋاتقاندەك غەيرى بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم . :'( تىرىشىڭ. بىزدىنمۇ گوركىيدەك يازغۇچىلارنىڭ مۇشۇ  تور دۇنياسىدا يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

Qonasliq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 00:05:06

رەھمەت مەدەت بەرگىنىڭىزگە. ئىنشا ئاللاھ تىرىشىمەن!
بەت: [1]
: پىيالىدىكى سىمايەم