OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 14:18:31

ئوغۇز:ئالمىشىش

تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئالمىشىش
(نەسىر)
پائۇل كوئىلخو
[برازىلىيە]
ئوغۇز تەرجىمىسى
تەبىئەت دۇنياسىدا يېڭىش ۋە يېڭىلىش مەۋجۇت ئەمەس،بەلكى ئالمىشىشلا مەۋجۇت.قىش باھارغا ،ياز كۈزگە ئورۇن بېرىدۇ.
قوي ئوت-چۆپنى يەيدۇ، شىر قوينى يەيدۇ.بۇ كىمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز،پەقەت ھايات بىلەن ئۆلۈم  توختاۋسىز  ئالمىشىدۇ خالاس.
بۇ خىل ئالمىشىشتا يەڭگۈچى بولمايدۇ شۇنداقلا يېڭىلگۈچىمۇ بولمايدۇ،پەقەت رولغا چىقىدىغان  سەھنىلا بولىدۇ.
ئىنسان بۇنى چۈشەنسە،ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ.ئەڭ چوڭ مۈشكۈلاتقا ،بىردەملىك شان-شەرەپكە بىمالال يۈزلىنەلەيدۇ.
ھەر ئىككىلىسى يوقىلىدۇ،بىرسىنىڭ ئورنىنى يەنە بىرسى ئالىدۇ،ئالمىشىش داۋاملىشىدۇ، ئىنساننىڭ رۇھى تەندىن ئازات بولۇپ،ماكانىنى تاپىدۇ.

مەنبە:«ياشلار تەرمىلىرى»ژۇرنىلىنىڭ 2013 –يىلى 4-ئايلىق (ئالدىنقى يېرىم ئايلىق) سانى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 17:41:26

قىسقا ھەم پاساھەتلىك

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 17:52:08

{:92:} مىنىڭ ئالمىشىپ كەتكىم يوق{:99:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 18:02:26

ئىنساننىڭ رۇھى تەندىن ئازات بولۇپ،ماكانىنى تاپىدۇ.

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 18:41:58

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 18:02 static/image/common/back.gif
ئىنساننىڭ رۇھى تەندىن ئازات بولۇپ،ماكانىنى تاپىدۇ.

گەپ ئاز بولغىنى بىلەن سالمىقى ئېغىردەك تۇرىدۇ ، چۇشەنچىڭىزنى دەپ باقامسىز ؟

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 18:47:29

   بوران ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولسا، دەرەخلەر بەرداشلىق بېرەلمەي، ياكى شاخلىرى سۇنىپ كېتىدىكەن. يا بولمىسا يىلتىزىدىن قومۇرلۇپ، يىقىلىپ چۈشىدىكەن. ئاۋۇ يازغۇچى قىش بىلەن، باھارنى،  ياز بىلەن كۈزنى مىسال كەلتۈرۈپتۇ. تەبىئەتنىڭ قوينىدىكى دەرەخ بىلەن بوراننى مىسالغا ئالساق، بوران دەرەخنى يىقىتتى. دەرەخ يېڭىلدى، بوران يەڭدى. بۇ  يەردە ئالماشقان بىر نەرسە يوق. « قوي  ئوت-چۆپنى يەيدۇ، شىر قوينى يەيدۇ. بۇ كىمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز،پەقەت ھايات بىلەن ئۆلۈم  توختاۋسىز ئالمىشىدۇ خالاس. » ئاجايىپ خىيال پەېەرەست ئادەممۇ ماۋۇ. قوينىڭ كۇچى بولغاچقا، ئوت- چۆپنى يۇلۇپ يىيەلىگۈدەك ئۆتكۈر چىشى بولغاچقا پاراسلاپ يىيەلەيدۇ. شىرنىڭمۇ قوينى پارچىلاپ يەۋېتەلىگۈدەك كۇچى بولغاچقا بىر ئېتىلىپلا يەۋېتەلەيدۇ. مۈشۈكمۇ گوش يەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭ كۇچى يەتكەن دائىرىدىكى كىچىك جانلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ قوينى پارچىلاپ يەۋېتەلمەيدۇ. مانا بۇ كۇچ مەسىلىسى. بۇ يەردە توختاۋسىز ئالماشقان بىر نەرسە يوق. نېمىلا دەسە بولىۋىرىدىغان گەپما.

    تەبىئەتتىكى سان ساناقسىز   مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ھەرىكىتى كۇچ سېلىشتۇرمىسىدا. كۈچلۈكلەر غەلبە قىلىدۇ، ياشايدۇ. كۈچسىزلەر مەغلۇپ بولىدۇ، ئۆلىدۇ. مانا بۇ قانۇنىيەت. قىشتىكى سوغاق دەرىىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، نۇرغۇنلىغان جانلىقلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاخىرلىشىپ، ئۆلۈشكە باشلايدۇ. ئىسسىقمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بولۇپ كەتسە، جانلىقلاردىن تارتىپ، ئۆسۈملۈكلەرگىچە بەرداشلىق بېرىش كۇچى ئاخىرلاشسا، ئۆلۈپ كېتىدۇ ۋە قۇرۇپ تۈگەيدۇ.

ئۆلۈم ھاياتلىقنى ئۆلتۈرۈپ ماڭىدۇ. يەنى بار نەرسىنى يوق قىلىدۇ. بۇ يەردە بىر نەرسە يەنە بىر نەرسىگە ئالماشقان ئىش يوق. ئاۋۇ ياقلاردا نېشە تېرىش، چېكىش قانۇنسىز ئەمەسمىش!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 18:52:20

تالىشاي دىسە نىمە دىسە قاملىشىدۇ ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 18:52:44

BUHARA يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 18:41 static/image/common/back.gif
گەپ ئاز بولغىنى بىلەن سالمىقى ئېغىردەك تۇرىدۇ ، چۇشەن ...

ئەتراپلىق يۇرۇتۇپ بىرەلەيدىغانلار بار ...

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 19:15:42

مېنىڭ تالاشقىم يوق. ئەمما ئۇقۇملارنى بۇرمىلىسا بىر نەرسە دېگۈم كېلىدۇ. يوقۇتۇش بىلەن يوقۇلۇشنى « ئورۇن ئالمىشىش» دەۋالسا، باشقىچىلا تۇرىدىكەنيا ئاينا.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 19:50:12

پائۇل كوئىلخو قارىغاندا ئۈندىدار ئوينايدىغان چېغىۋا جۇمۇ. پاساھەتلىك جۈملىلەرنى يېزىپ ئۆزىنى پەيلاسوپلاردەك كۆرسىتىپ يۈرۈپتۇ

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 20:11:12

تورداشلارنىڭ ماۋۇ تىمىغا قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ كۆرگەنلىكىگە،ئىنكاس يازغىنىغا رەھمەت!بولۇپمۇ توردىشىمىز jan نىڭ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلغىنىدىن سۆيۈندۈم.بىراق،ئىنكاسىڭىزدىكى بەزى قاراشلىرىڭىز ھەققىدە سىز بىلەن مۇنازىرە قىلىشنى كېيىنگە قالدۇردۇم.ھازىرچە مەن تورداشلارنىڭ مۇشۇ ئەسەر ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىنكاسلارنى يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 20:53:47

1.يىقىندىن قارىغان چىغىڭىزدا تەبىئەت دۇنياسىدا ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇش ۋە ئۈزلۈكسىز يوقۇلۇش مەۋجۇت.
تىخىمۇ كەڭ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇش ۋە ئۈزلۈكسىز يوقۇلۇشنىڭ ئەسلىدە ئۈزلۈكسىز ئالمىشىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.
سىزگە نىسبەتەن ئانىڭىزنىڭ ئۆلىشى يوقۇتۇشتىن دىرەك بىرىدۇ. ئانىڭىزنىڭ ئۆلىشى بىلەن يىڭى بىر بۇۋاقنىڭ تۇغۇلىشىنى ئالمىشىش دەپ تەسەۋۋۇر قىلمايسىز.
ئەمما ئەڭ كەڭ نۇقتىن قارىغىنىڭىزدا ئانىڭىزنىڭ ئۆلىشى بىلەن يىڭى بۇۋاقنىڭ تۇغۇلىشى ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت تەبىئىي ۋە ئىجدىمائىي سىستىمىغا نىسبەتەن ئالمىشىش.
پايدىلىنىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كىشىلەرنىڭ يوقۇلۇش ۋە پەيدا بولۇشقا بولغان قارشى ئوخشىمايدۇ.
2.كۈچلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن يوقۇلۇشنىڭ مۇناسىۋىتى پەقەت ۋاستە ۋە كاتالىزاتۇر رولىنى ئويناش.
قوينىڭ چۆپنى يىيىشى چۆپنىڭ يوقۇلىشىغا،شىرنىڭ قوينى يىيىشى قوينىڭ يوقۇلىشىغا،بىنادىن چۇشۇپ كىتىش ئادەمنىڭ يوقۇلىشىغا كاتالىزاتۇرلۇق رول ئوينايدۇ.شىر،قوي ۋە چۆپنىڭ كۈچ سىلىشتۇرمىسى پەقەت ئۇلارنىڭ يوقۇلىشىنى تىزلىتىدۇ.ھەرگىزمۇ شىر بولمىسا قوي،قوي بولمىسا چۆپ يوقالمايدۇ دىيەلمەيمىز.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 21:14:28

3. ئۆلۈم مەسىلىسى مىتافىزىكىنىڭ ئۇلى.دىنلارنىڭ كىسىشىش نۇقتىسى.ئىنسانلار ھەل قىلالمىغان ۋە چۈشىنەلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ بىرى.

ئۆلۈم سىرلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قورقۇنۇشلۇق.ئۆلۈم ھەققىدە ئۇچۇر بولغان بولسا ئۆلۈم قورقۇنۇشلۇق بولمىغان بولاتتى.ئەمەلىيەتتە ئەڭ قورقۇنۇشلۇق نەرسىلەر ئەڭ سىرلىق نەرسىلەردۇر.
ئۆلۈم مەسىلىسىدە مىتافىزىكا بىر قەدەر كەڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە.
ئۆلۈمنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئۆلۈمدىن كىيىنكى جەريانغا قاراش كىرەك.ئۆلۈمنى چۈشىنەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۆلۈمدىن كىيىنكى ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆلۈمنىڭ مەنىسىنى يىشىشقا ئۇرىنىمىز.
ئىسلام، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىي دىنىدا ئۆلۈمدىن كىيىنكى جەرياننى دوزاق ۋە جەننەتكە ئايرىش ئارقىلىق ئۆلۈمنى يەنە بىر دۇنياغا بىرىشنىڭ ئىشىكى دەپ تونىتىدۇ.
بۇددا دىنىدا سانسارا نەزىريىسىنى تەرغىپ قىلىپ ئۆلۈشنى روھنىڭ ئالمىشىش جەريانى دەپ ئىزاھلايدۇ.
ئاتىسىتلار ئۆلۈشنى مەڭگۈلۈك يوقۇلۇش دەپ تونىيدۇ.ئۆلۈشتىن كىيىنكى جەريان ھەققىدە تۇغۇلغاندىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ھىس قىلالمىغانغا ئوخشاش ئۆلۈمدىن كىيىنمۇ ئۆزىڭزنى ھىس قىلالمايسىز دەيدۇ.
قىسقىسى دىنلار ۋە پەلسەپەدە ئۆلۈمنىڭ تەبىرى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە قاراشلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.
ھەممىسىدىن مۇستەسنا تەپەككۈر قىلساق ئۆلۈمدىن كىيىنكى جەرياننى ياكى ئۆلۈمنى بىز ھىس قىلالمايمىز.ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈم ھەققىدە ھىچقانداق ئىسپاتلانغان ئۇچۇرى يوق.
ھەممىمىز يەككە شەخىس ھالىتىمىز بىلەن پەقەت ۋە پەقەت زامانى كەلگەندە ئۆلۈمنى چۈشۈنىمىز.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 19:10:01

   مەن يەنە بىر ئاز پىكىر قاتناشتۇرۇشنى قارار قىلدىم.

«تەبىئەت دۇنياسىدا يېڭىش ۋە يېڭىلىش مەۋجۇت ئەمەس،بەلكى ئالمىشىشلا مەۋجۇت.قىش باھارغا ،ياز كۈزگە ئورۇن بېرىدۇ.
قوي ئوت-چۆپنى يەيدۇ، شىر قوينى يەيدۇ.بۇ كىمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز،پەقەت ھايات بىلەن ئۆلۈم  توختاۋسىز  ئالمىشىدۇ خالاس.
بۇ خىل ئالمىشىشتا يەڭگۈچى بولمايدۇ شۇنداقلا يېڭىلگۈچىمۇ بولمايدۇ،پەقەت رولغا چىقىدىغان  سەھنىلا بولىدۇ.
ئىنسان بۇنى چۈشەنسە،ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ.ئەڭ چوڭ مۈشكۈلاتقا ،بىردەملىك شان-شەرەپكە بىمالال يۈزلىنەلەيدۇ.
ھەر ئىككىلىسى يوقىلىدۇ،بىرسىنىڭ ئورنىنى يەنە بىرسى ئالىدۇ،ئالمىشىش داۋاملىشىدۇ، ئىنساننىڭ رۇھى تەندىن ئازات بولۇپ،ماكانىنى تاپىدۇ.»
    بۇ يازمىنىڭ بېرى يوقى ئالتە يېرىم قۇر بولغىنى بىلەن، ئىچىگە يۇشۇرۇنغان مەزمۇن خېلە كەڭرى، دىنى ئەقىدىدىن- پەلسەپەگىچە،  ھەقىقەتتىن - سەپسەتىگىچە بولغان، نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىپ كەتكىنى ئۈچۈن، بىر نەرسە دېيىشكە كىشىنى جەلىپ قىلىۋالىدىكەن.
    شەيئىلەرنىڭ  تەبىئەت قانۇنىيتىدىكى ھەرىكەت جەريانىنى پەلسەپىۋى چۈشەنچىلەر بىلەن ئىزاھلاپ، : تەبىئەتكە ئائىت ھەرقانداق شەيئى ئۆزىگە خاس رەۋشتە ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا ھەرىكەتتىن خالى، تۇرغۇن ھالەتتە ھېچنەرسە مەۋجۇت ئەمەس. شەيئىلەر ھەرىكەتلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزگىرىدۇ. ئۆزگەرمەيدىغان ھېچقانداق شەيئى مەۋجۇت ئەمەس- دېگەندەك، ھەقەقەتلەر ئوتتۇرغا قويۇلغاندا،  سەپسەتىچىلەرمۇ دەرھال ئۇقۇمنى بۇرمىلاپ، بۇنىڭغا يانداش ھالدا ساختىكارلىقلىرىنى بازارغا سالغان. مەسىلەن: تەبىئەتكە تەئەللۇق ھەممە شەيئى ئۆزگىرىدۇ. مەن بىلەن سەنمۇ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى. شۇڭا بۈگۈنكى « مەن »  تۈنۈگۈنكى« مەن » ئەمەس. ئوخشاشلا بۈگۈنكى « سەن » مۇ  تۈنۈگۈنكى « سەن » ئەمەس. چۈنكى بىز ئۆزگىرىپ كەتتۇق. ئۆز ئورنىدا ، ئەسلى ھالىتىدە سۈكۈتتە تۇرىدىغان ھېچقانداق مەۋجۇتلۇق يوق. ھەممە شەيئى ھەرىكەتتە. ھەرىكەتچان شەيئى ئۆزگىرىشچاندۇر. شۇڭا سەن ماڭا قەرز بەرگۈچى ئەمەس. مەن ساڭا قەرزدار ئەمەس. ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قەرز مۇئامىلىسى تۈنۈگۈنكى ئۆتۈپ كەتكەن ئىش خالاس!
   سەپسەتە - دېگەن، ھەقىقەت بىلەن قوش كېزەك. قايسىنىڭ ھەقىقەت، قايسىنىڭ سەپسەتە ئىكەنلىكىنى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى ئەمەلىيەت ، ئۇنىڭ قورالى لوگىكىلىق تەپەككۇر، ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلغۇچى ۋە پەتىۋاچى ساغلام ئەقىلدۇر. لېكىن لوگىكىلىق تەپەككۇرگە تاينىپ ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش بولسا ، سۆزلىگەنچىلىك ئاددى ئىش ئەمەس. بەلكى، سېستىملىق ئىگەللىگەن بىلىمنىڭ كۇچى بىلەن  تۈزۈپ چىقىلغان نەزەرىيە بولمايدىكەن، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى ئايرىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ .  

   يازغۇچى«  پائۇل كوئىلخو » نېمە دەيدۇ؟ «  تەبىئەت دۇنياسىدا يېڭىش ۋە يېڭىلىش مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى ئالمىشىشلا مەۋجۇت....» ئۇ، مەزكۇر ھۆكمىگە مىسال كەلتۈرۈپ : « قىش باھارغا ،ياز كۈزگە ئورۇن بېرىدۇ.»-دەيدۇ. بۇنىڭغا دەرھال  قارىسىڭىز راستقا ئوخشاپ قالىدۇ. گەپنىڭ بېشىدىلا  سىز بىر ئاز قايىل بولۇشقا باشلايسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىلگىرلەپ:  « قوي ئوت-چۆپنى يەيدۇ، شىر قوينى يەيدۇ. بۇ كىمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت ھايات بىلەن ئۆلۈم  توختاۋسىز  ئالمىشىدۇ خالاس.» - دېيىش ئارقىلىق، تولۇق ۋە مۇكەممەل بىر سەپسەتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ سەپسەتىسى بىلەن، « تۈنۈگۈنكى سەن بۈگۈنكى سەن ئەمەس، چۈنكى سەن ئۆزگىرىپ كەتتىڭ» دېگەن سەپسەتىنىڭ  پەرقى نەدە؟ شىر كۈچلۈك بولغاچقا قوينى يەپ كەتسىمۇ، - يااق، بۇ يەردە يەپ كېتىش ۋە يىيىلىپ كېتىش مەۋجۇت ئەمەس، پەقەتلا ئالمىشىش مەۋجۇت - دېگىنى، بىر كۈچلۈك قاراقچى سېنىڭ مېلىڭنى، ماكانىڭنى، ھەتتا خوتۇن باللىرىڭنىمۇ زورلۇق، كۈچ بىلەن تارتىۋېلىپ، ئاندىن - بۇ يەردە تارتىۋېلىش، تارتقۇزۇپ قويۇش مەۋجۇت ئەمەس، پەقەتلا مۈلۈكنىڭ ئىگىسى ئاملاشتى- دېگەن مۇتىھەملىك بىلەن نېمە پەرقى؟ ئۇ مۇنۇ ھۆكمى بىلەن قانۇنى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتى: « بۇ خىل ئالمىشىشتا يەڭگۈچى بولمايدۇ شۇنداقلا يېڭىلگۈچىمۇ بولمايدۇ، پەقەت رولغا چىقىدىغان  سەھنىلا بولىدۇ.»- دېمەك، سېنىڭ مۈلكۈڭنى كۈچ بىلەن يېڭىپ تارتىۋالغىنى، سېنىڭ كۈچسىزلىكىڭدىن تارتقۇزۇپ قويغىنىڭ، رولچىنىڭ ھەرىكىتى، دىلو نەق مەيدانى بولسا رول كۆرسىتىلىۋاتقان سەھنە! ئويۇن ئاخرلاشتى، تولا غىڭشىماي يوقال! « ئىنسان بۇنى چۈشەنسە،ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ.ئەڭ چوڭ مۈشكۈلاتقا ،بىردەملىك شان-شەرەپكە بىمالال يۈزلىنەلەيدۇ. .. » يەنى مۈلكىنى تارتقۇزۇپ قويغان كىشى بۇ ئادىل ھۆكۈمنى چۈشىنەلىسە، ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ! يەنى تارتقۇزۇپ قويغۇچى يىىنىكلەپ قالىدۇ. تارتىۋالغۇچى تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت مۈشكۈلاتقا تەۋەككۈل قىلىپ، مال، مۈلۈك ئىگىسى بولۇشتىن ئىبارەت، شان، شەرەپكە بىمالال ئىگە بولدى. « ئىنساننىڭ رۇھى تەندىن ئازات بولۇپ،ماكانىنى تاپىدۇ » - تارتىۋالغۇچىمۇ، تارتقۇزۇپ قويغۇچىمۇ ھامان ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ روھلىرى مالسىز، مۈلۈكسىز ئوخشاش جايغا قايتىدۇ -دېمەكچىمۇ؟

   بۇ ، بىرازىلىيە جەمئىيىتىدىكى زوراۋانلار بىلەن، كۈچىسز، ئاجىز، زىيانلانغۇچى ئاممىنىڭ ئوتتۇرسىدا مۇرەسسە قىلىش رولىنى ئويناۋاتقان سەپسەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ تېمىدىكى ئاخىرقى پىكرىم.

بەت: [1]
: ئوغۇز:ئالمىشىش