ئالتۇن سودا تەھلىلى2 / 12
دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئاسىيا بازىرىدا 1142 دوللارغا چۈشۈپ ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا بازىرىغا كىرگەندىن كىيىن 1221 دوللارغا ئۆرلىدى ، خەلقئارالىق Moody's دۈشەنبە كۈنى ياپونىيە نىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىنى چۈشۈردى ، بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلار خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نىشانىنى يەنىلا ئالتۇنغا قاراتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى ، بۇ دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى سەۋەب .دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ كۈنلۈك سىزىقى مۇسبەت سىزىق ھالەتتە يىغىلدى ، سەيشەنبە كۈنى سودا بازىرى ئاۋال چۈشۈپ ئاندىن ئۆرلەشنى ئاساس قىلىدۇ . ئاسىيا بازىرىدا 1192 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ ، ياۋرۇپا بازىرىدا ئۆرلەشنى ئاساس قىلىپ 1215 دوللاردىن 1225 دوللارغىچە بولغان ئارىلىقتا تەۋرىنىدۇ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 88.0 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1210 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن 1142.7 دوللاردىكى نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، نيۇيورك ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى ئۆسۈپ 1220.99 دوللار بولغان ، نيۇيورك ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا خام نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە ياۋروپا-ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئاۋسترالىيە 3 - پەسىللىك دائىملىق ھېسابات سانلىق مەلۇماتى ، ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:30 دە ئېلان قىلىدىغان ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ، ئەنگلىيە بىناكارلىق PMI سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر ئەنگلىيە سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى ياخشى بولسا ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن ، ئامېرىكا 10 - ئايلىق بىنا قۇرۇلۇش چىقىم سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ياخشى بولسا دوللارغا پايدىلىق بولىدۇ ، بۇندىن باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:30 دىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلىننىڭ نۇتۇق سۆزى ، بازار مۆلچەرىچە بۇقېتىملىق نۇتۇق بازارغا ئانچە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن .
تۈنۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى
تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار / يېن باھاسى تۆۋەنلىگەن ، قىممەت مېتاللار باھاسى بىر ئۆرلەپ بىر چۈشۈپ ، ئەڭ ئاخىردا يەنە ئۆرلىگەن ؛ خەلقئارا خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىغان ؛ بۇ سودا كۈندە ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ۋە ياۋروپا رايونى PPI قاتارلىق مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان ؛
بۇنىڭدىن سىرت كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، تۈنۈگۈن خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ ، ئامېرىكا پاي چېكى تۆۋەنلىگەن ، شۇ سەۋەپتىن نەخ ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ، ھەم دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ ، خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكتىن ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسىمۇ چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ؛
ھەرقايسى بانكىلارنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان مۆلچەرى
خۇاچى بانكىسى Citi نىڭ 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە ، 2015 - يىلى ئالتۇن باھاسى تەخمىنەن 1220 دوللار بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن كۈمۈش باھاسى 16.5 دوللار بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن . مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھالىتىگە كىرگەن ، بۇنىڭدىن 2015 - يىلى بازارنىڭ تېخىمۇ مۇقىملىشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ، خۇاچى بانكىسىنىڭ مۆلچەرىدە ، ئالتۇن ETF كۆپىيىدۇ دەپ قارىغان ، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك دىققەت نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ .
كانادا پادىشاھلىق بانكىسى RBC نىڭ George Gero كۆرسەتمە بەرگىنىدە : " بىز شۋېيتسارىيە پۇقرالار ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ماقۇل بولىشىنى مۆلچەرلىمىگەن ، بىراق بۇ ئاخىرى ھۆكۈمىنى چىقاردى . ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى 3 چوڭ قىتئەنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن تەسىرى سەۋەب بولغان ."
Gero سۆزىدە : بۇلار تېخىمۇ كۆپ تەسىرى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ، يەنى تېخىمۇ كۆپ پۇل پاخاللىشىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خام نېفىت باھاسى تۆۋەن نۇقتىدىن يۇقىرى ئۆرلىگەن . ئەگەر ئالتۇن باھاسى نۆۋەتتىكى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرالىسا ئالتۇن باھاسى 1225 دوللاردىكى سەۋىيىگە يېتىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن .
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ETF فوند نىڭ ئالتۇن زاپىسى ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى 1.19 توننا كېمىيىپ 717.63 توننا غىچە بولغان .
پۇل ۋە تاۋارنىڭ تۈنۈگۈنكى بازار يېپىلىش باھاسى
12-ئاينىڭ 1 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.2469 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5727 بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.8489 بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 118.39 بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.1326 بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9645 بولغان .
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار جەھەتتە : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1211.56 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1211.56 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.44 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.692 دوللار بولغان ؛ بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 72.54 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 69.00 دوللار بولغان .
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئەھۋالى
جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1325 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.6537 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1880 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79077 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.6535 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.2067 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.8278 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.7006 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.4141 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.55796 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 8.3088 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7754 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3603 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .
كېلىش مەنبەسى : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
دوللار بەش كويدىن چۈشۈپ كەتسە ئۇرۇش بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان كوچا پاراڭلېرىدىن پۇل مۇئامىلىنىڭ ئۆزى بىر ئۇرۇش، ئۇرۇش بولغاندىمۇ جەڭگاھ غەيەت زور بولغان، قاتناشقۇچىلار سانىمۇ مىسلىسىز كۆپ بولغان ئۇرۇش.
بەت:
[1]