tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 12:58:22

سەھرا

سەھرا

مادې

1
يىراق يېزا-قىشلاقلاردا ئېتىزدىكى بىرەر باش سەۋزە ياكى تۇرۇپنى يۇلۇپلا، پۈلەپ ۋە سۈرتىۋېتىپ يۇيمايلا چىشلىسەڭ، خۇددى مەزىلىك پولو يىگەندەك ھېسىياتتا بولىۋېرىسەن، چۈنكى ئۇنىڭدا سەن ئەندىشە قىلىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق. ياق، باردەك قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يامغۇر سۈيىدىن قالغان ئىز، شامال سوقۇپ قالدۇرغان يېرىق، ئاپتاپ كۆيدۈرۈپ ئۆزگەرگەن رەڭ، بەك بولسا ۋاقىتقا بېقىپ پەيدا بولىدىغان قۇرت، ئەمما بۇلارنىڭ كارايىتى چاغلىق.
شۇنداق، يىراق سەھرالاردا ئادەم تەڭرىنىڭ شاپائىتىگە تايىنىپ ياشايدۇ، شۇڭا ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر بۇ زېمىنغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا رەزىللىك بىلەن سۇغىرىلغان پۇچەك ۋىجدانغىمۇ بۇ يەردە ئورۇن يوق.
2
سەھرايىڭىززغا قايتقان چاغدا دىققەت قىلىپ بېقىڭ، سىز مەيلى نېمە قىلىڭ، نەگىلا بېرىڭ، خەق سىزگە سالام بېرىدۇ، تېخى كىچىك ئىسمىڭىزنى، ھەتتا لەقىمىڭىزنى چاقىرىپ قالىدۇ.
قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك جاراڭلىق چىقىدۇ، خۇددى سىزگە ئەمەس يىراقتىكى تاغقا ۋارقىرىغاندەك ھۆركىرەيدۇ! بۇنداق چاغدا مەيلى تاغقا قاراڭ، مەيلى سۇغا قاراڭ، ھەتتا باشقا ھەرقانداق نەرسىگە قاراڭ، ئۇنىڭدىن سىزنىڭ ئىسمىڭىز جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
3
جەمەتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئانىسى بار، يېشى 90 دىن ئاشتى، بىراق ئۇنىڭ قۇلىقى ساز، كۆزى ئۆتكۈر، چۈنكى ئۇ سەھرانىڭ ئەڭ ئىچكىرىسى بولغان بۇ تاغلىقتا ياشايدۇ، ھەرقانداق مودا نەرسىدىن خەۋىرى يوق، بىراق ناخشا ئېيتىشقا ئامراق، ناۋادا سىز ئاڭلاشنى خالىسىڭىزلا، ئۇ سىزگە تاغ ناخشىسى دېگەننى ئارقا-ئارقىدىن ئېيتىپ بېرىدۇ.
يەنە بىر قوشنام بار، ياش چاغلىرىدا كاندا ئىشلەپ بىر پۇتىدىن ئايرىلغان، ھازىر كەنتنىڭ مەكتىپىنى باقىدۇ، قوڭغۇرىقىنى چالىدۇ. خۇددى ناۋايغا يولۇقساڭ قولۇڭ خېمىر بولغانغا ئوخشاش، ئۇ ھەر كۈنى مەكتەپتە يۈرگەچكە، «ئازراق كۆزى ئېچىلىپ قالغان». ناۋادا بىرەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى چىقىپ قالسا، ئۇ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ بالىلارغا دەرس ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ قۇرداشلىرى، ھەتتا ئۇنىڭدىن كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى شەھەردە مەدىكارلىق قىلىدۇ، تېخى بەزىلىرى خېلىلا ئەتلىنىپ قالدى، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ھەۋەسمۇ، ھەتتا ھەسەتمۇ قىلمايدۇ.
ئۇلار ئەنە شۇنداق چاڭ-توزانلىق، ئەمما ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن مەڭگۈلۈك يىراق. ئۇلار پەقەت يۈرىكىگە ئەڭ يېقىن ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمىشى بەك تېنچ، ئەمما بەك خوشال.
ئەكبەر غوپۇر تەرجىمىسى
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 14:28:17

سەھرا ھەققىدىكى چىن گەپلەر..تەرجىمانغا ئوتلۇق سالام!

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 14:46:59

ئادەم تىللىغان گەپمىكىن دەپتىمەن ئاۋۇ ئىسىمنى.

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 18:47:57

سەھرا ھەقىقەتەن تىنىچ ، ئازادە ، پاكىز ماكان ! شۇنىڭ ئۇچۇنمىكىن سەھرادىكى تۇققانلارنىڭ ئۇيىگە بارسام جاھان ئىشلىردىن ، غەم - ئەندىشلەردىن يىنىكلەپ قالغاندەك بۇلۇپ قالىمەن .

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 20:26:14

بولۇپمۇ سەھرانىڭ ھاۋاسى شۇنچىلىك ساپ

يول بويىدىكى ئىتىزلىق دەل دەرەختىن كەلگەن ھىدنى پۇرىغانسىرى تويمايدۇ.
نەچچە يىل بولدى بارمىغىنى سەھراغا بۇدۇ يازدا بىر بىرىپ كەلمىسەم.

mujahid731 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:00:48

ئەڭ ساپ مۇھىت ساپ ھاۋا شۇ سەھرادا، شۇڭا سەھرادىكى ئاتا بوۋىللىرىمىز ئادەتتە شەھەرلىكلەرگە قارىغاندا روھلۇق ،كەرچە ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە قۇرۇق بولسىمۇ نۇرلۇق كۆرىنىدۇ.

mujahid731 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:00:56

ئەڭ ساپ مۇھىت ساپ ھاۋا شۇ سەھرادا، شۇڭا سەھرادىكى ئاتا بوۋىللىرىمىز ئادەتتە شەھەرلىكلەرگە قارىغاندا روھلۇق ،كەرچە ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە قۇرۇق بولسىمۇ نۇرلۇق كۆرىنىدۇ.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 15:24:31

ئانسى قاغىۋەتكەنلەر سەھرادا ياشايدۇ،دادىسى قاغىۋەتكەنلەر سەھرادا ياشاشقا ھەۋەس قىلىدۇ، چوڭ ئانسى بىلەن چوڭ دادىسى قاغىۋەتكەنلەر سەھرا ۋە سەھرالىقلارنى ماختايدۇ ،بولاپمۇ مۇشۇ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى تېخىمۇ شۇنداق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە.:lol:lol:lol:lol
بەت: [1]
: سەھرا