otkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 22:01:24

ipad air2 ئىشلىتىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن

دەسلەپ كىتاپ كۆرۈش ئۈچۈن kindle سېتېۋالغان ئىدىم.  ياخشى چىققان بولسىمۇ ئېكران سەل كىچىكلىك قىلدى. شۇڭلاشقا يېڭى چىققان ipad air2 نىڭ ۋايفاي نۇسخىسىدىن بىرنى سېتېۋالدىم. مال تېخى يولدا كېلىۋاتىدۇ. ئۆزۈم ipad توغرىسدا ساۋاتسىز ھالەتتە. شۇڭلاشقا بۇرۇن ipad ئىشلىتىپ باققانلاردىن مەسلىھەت سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئاكتىپلاش، ھۆججەت كۆچۈرۈش، ئەپ چۈشۈرۈش، ياخشى بولغان ھەقسىز ئەپلەر(يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، ئېلكىتاپ كۆرۈش...)، پېروگىرامما قاچىلاش، ئۆچۈرۈش، شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلاردىن ياخشى مەسلىھەتىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 11:05:42

يېزىق بىر تەرەپ قىلدىغانغا Pages
ئېلكىتاپ كۆردىغانغا iBooks
پروگرامما قاچىلاش؟؟؟ نەشىرىنى كۆتۈرۈشنى دىمەكچىمقۇ؟ نەشىرى كۆتۈرۈلسە تەڭشەكنىڭ ئۈستىدە بىر دىگەن خەت چىقىدۇ شۇنى بېسىپلا نەشىرىنى كۆتۈرۈشنى باسسىڭز ئاپتوماتىك ئۆزى يېڭلاپ بېرىدۇ.
ئۆچۈرۈش....مەلۇم ئەپنى ئۇزۇن باسسىڭز تىتىرەيدۇ جاغىلداپ ئۈستىدىكى خاتانى باسسىڭز ئۆچىدۇ.
ياخشى بولغان ھەقلىق ئەپنى تونۇشتۇرماي سىزگە ئىھتىياجلىقى ھەقسىز ئىكەن. ھەقسىز ئەپكە كەلسەك ئەپ دۇكىنىغا كىرىپ ھەقسىز دىگەن يېرى بار شۇ يەردە ئەڭ ياخشى ھەقسىز ئەپتىن 100نى تىزىپ قويىدۇ.
شەخسى مەخپىيەتلىككە كەلسەك iCloud ۋەfind my iphone ياخشى. بىرسى ماترىيالىڭزنى ئۇدۇللاپ ماسقەدەم زاپاسلاپ ماڭىدۇ. ئىككىنچىسى ئايپەدىڭز تاساددىبى ئۇ بۇ يەرگە كېتىپ قالسا ئورنىنى تېپىۋالالايسىز. (تور بار مۇھىتتا)ھەمدە يىراقتىن تۇرۇپ ئايپەدىڭزنى كونتروللاپ ئىچىدىكى ماترىيالنى يۇيۇپ ئۆچۈرۋىتەلەيسىز.
ئاكىتپلاش_ئۇنى ئايپەدنى قولىڭزغا ئالغاندا تەبىئيلا ئاكىتپلىۋالسىز. ئالما دۇكىنىدىن ئاكونت ئېلۋالغاچ تۇرۇڭ كېلىپ بولغۇچە.
ھۆججەت كۆچۈرۈش_ھازىر بۇلۇت سۇپىسى جىق بولۇپ كەتتى . كومپيۇتىردىكى مەلۇم ھۆججەتنى بۇلۇت سۇپىسىغا كۆچۈرۈپلا ئايپەدىكى بۇلۇت سۇپىسى ئەپىنى ئېچىپ كۆرسىڭز قولاي. بۇنىڭداdropbox.skydrive.baiduyun.360. ياخشى

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 11:06:21

ئىقتىساد قىلىپ قالغۇدەك پۇل بولسا ئىقتىساد قىلىپ قالغۇلۇق. مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىز ئارتۇقچە پۇل چېچىش.
كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن بۇنچىۋالا چىقىم قىلىش كەتمەيدۇ. يەنە كىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي كىتابنى قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ.
تىم كۈك دېگەن بۇ بەچچىۋازنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بەك ۋاي دەپ كەتماڭلار:lol

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 11:15:42

ئاكتىپلاش ناھايتى ئاددى، ئايتونىس نىڭ كومپىيوتېرىڭىزغا ماس نەشىرىنى چۈشۈرىسىز، ياكى سىمسىز تورغا ئۇلاپ كۆرسىتىلگەن مەشغۇلاتلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ، ئالما ھېساباتىڭىز بار بولسا ئايتونس نىڭ ئۆزىدىن چۈشۈرۈڭ، ئۇ بولمىسا 快用苹果助手دىن ئويۇن، ئەپ قاتارلىقلارنى چۈشۈرسىڭىزبولىدۇ.  كىتاب ۋە ئۈن سىن ھۆججەتلەرنى itoolsدا  قاچىلىسىڭىز تىزرەك قاچىلىنىدۇ.
ئىناۋەتلىك كارتىڭىز بولسا ئالما ھېساباتى (ID)تىزىملىتىپ ئىشلەتسىڭىز ئالما بۇلۇت مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلەيسىز، ئۇنىڭدا ئۈسكىنىنى (يۈتۈپ كەتسە ) ئىزدەش، قۇلۇپلاش  رەسىم ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلار غا قولايلىق.  يەنە iTunesدىن ھەقسىز،ئەپلەرنىمۇ چۈشۈرەلەيسىز، ئىناۋەتلىك كارتا بولمىسا تىزىملاتقىلىمۇ بولىمىش، بىلىدىغانلار قالدۇرۇپ قويساڭلار...
مەن ئايپەد تىن زېرىكىپ ئۇنى ئاندىروئىد سىستىمىلىق پەدكە ئالماشتۇرۇپتىكەنمەن، ئويۇن ئوينىسام چوڭراق ئويۇنلاردا قېتىۋالىدىكەن... كۆنەلمەيۋاتىمەن دوستلارغا تەۋسىيە ئاندىروئىد سىستىمىلىق پەد لەر ئانچە ياخشى ئەمەسكەن، يەنىلا ئالمىنى ئىشلىتىڭلار...

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 11:49:28

مەنچە بولسا سىرىتتا كۆتۇرۇپ يۇرۇپ يوقىتىپ قويمىسىڭىزلا ئايدى سىلىشنىڭ ھاجىتى يوق،ھازىر بەرىبىر يىشىۋىتەلەيدۇئايدىنى...كىتاپ ئوقۇشقا بەك ياخشىكەن لىكىن مەن كۆڭۇلدىكىدەك كىتاپ تاپالماي يۇرىيمەن..كىتاپ ئوقۇشقا adobe readerنى تەۋسىيە قىلىمەن،يەنە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى pdfقىلىپ ساقلىۋالماقچى بولسىڭىزTO PDFدەيدىغان ئەپ بار.بولسا تۇرمىدىن قاچۇرىۋىلىپ ئۇيغۇرچە ھەرىپ تاختا قاچىلاپ دىگەندەك ئىشلەتسىڭز تىخىمۇ پىچەت بولىدۇ

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 12:13:50

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 11:49 static/image/common/back.gif
مەنچە بولسا سىرىتتا كۆتۇرۇپ يۇرۇپ يوقىتىپ قويمىسىڭىزل ...

ئالمىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئالغاندىكىن Apple ID بولمىسا بولماس، جىق نەرسىلىرى مۇشۇ Apple ID بىلەن ئىشلەيدىغان تۇرسا.
Apple ID بىلەن چوقۇم باغلاش كېرەك، ئەگەر ئۇيەر-بۇيەرگە ئېلىپ يۈرۈپ ئىشلىتىدىغان ئىش بولسا مەخپىي نومۇرنىمۇ سېلىش كېرەك، تاساددىبىي يۈتۈپ كېتىپ، ئوغرىلىنىپ كېتىپ {:136:}، مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قېلىپ ...قۇلۇپلىنىپ قالسا، ئاشۇ  Apple ID بولمىسا سېستىمىنى قايتا يېزىپ، پەدنى ئاكتىپلىغىلى بولمايدۇ.
ئەگەر باشقىلارغا ئاچقۇزىمەن دېسە ئىچىدىكى قاتتىق دېتاللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. مەن ئاشۇنداق قۇلۇپلىنىپ قالغان بىر iPad نى ئاچقۇزىمەن دېسەم، تاۋباۋدىكى يولداشلار 1000 يۈەنگە قىلىپ بېرىمىز دېگەن، تېخى يېشىپ بەرگەن بىلەن گىروسكوپ تەتۈر ئىشلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ دەيدۇ.{:107:}

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 12:20:59

iOS 8 دە تۈرمىدىن قاچۇرمىسىمۇ ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچنى قاچىلىغىلى بولىدۇ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردىنمۇ ھازىر بىر قانچىسى بار.
فىلىم كۆرىدىغان ئىش بولسا AVPlayer HD نى تەۋسىيە قىلاي، ھەقلىق ئەپ، لېكىن بەك ياخشى، نۇرغۇن فورماتتىكى فىلىملەرنى قوللايدۇ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 12:37:00

مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن، بىراق مەنچە خىزمەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئايپەد سەل ئاۋارىچىلىقكەن.  ئايپەد ئىشلىتىۋاتقانلار ، كىتاپ،كىنو قاچىلاش، ئايپەدتىن پايدىلىنىپ كۆپ ۋاستىلىك  دەرس سۆزلەش قاتارلىقلار ھەققىدە تەجرىبەڭلار بولسا ئېيتىپ بەرمەمسىلەر قىنى؟

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 12:50:16

مەنمۇ air2دىن بىرنى ئالاي دىگەن سىز قانچە پۇلغد ئالدىڭىز ؟ بۇنىڭ زادى كارتا سالىدىغىنى ياخشىمۇيا  سىمسىزتور نۇسقىسىمۇ ؟ سىمسىز تور نۇسقىسىنىڭ gpsئىقدىدارى يوق دەيدىغۇ؟  مۇشۇ كارتىلىق بىلەن كارتىسىزنىڭ پەرقىنى  ئىككىسىنىڭ يىتەرسىزلىكى ياكى ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلى بىر چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بۇلاتتى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 13:16:13

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 13:06 static/image/common/back.gif
ئىقتىساد قىلىپ قالغۇدەك پۇل بولسا ئىقتىساد قىلىپ قالغ ...

ئايپەد دىگەن قالتىس بولغان ئىلىكتىرۇنلۇق مەھسۇلات. بۇنى تىم كوكقا چىتىۋىلىش تازا ئەقىلگە مۇئاپىق ئەمەس.

مەن جىنىمدا ۋايفاي  ئارقىلىق تىلىفۇندا تورغا چىقىشتىن زىرىكىپ كىتىۋاتىمەن. مەنمۇ ئايپەدتىن بىرنى ئالايمىكىن دەپلا شۇنىڭ پىيىدە.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 13:18:06

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 14:20 static/image/common/back.gif
iOS 8 دە تۈرمىدىن قاچۇرمىسىمۇ ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچنى  ...

سىز تونۇشتۇرغان فىلىم قويغۇچنى، بىر قىتىم ھەق تۆلەپ سىتىۋالساقلا، مەڭگۈ ھەقسىز بولامدۇ؟ ياكى ۋاقىتلىقمۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 13:19:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 15:20  

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 14:13 static/image/common/back.gif
ئالمىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئالغاندىكىن Apple ID بولمىسا بولما ...

Apple ID نى تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويمامسىز؟

ئىشقىلىپ ئايپەد دىگەن ھازىرقى   سىمىسز تور ھالىتىدە ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنىڭ ياڭزىسىنى چىقىرىپ، مۇنبەر كۆرۆپ، كىنو كوروپ ئويناشقا قالتىس تۇرسا..............

kuyzar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 14:32:23

Apple ID دىگەن ئالما شىركىتىنىڭ ئابوتنلار ئاكونتى. سىز بىر دانە ئالما مەھسۇلاتى سېتىۋالسىڭىز، چوقۇم ئالما ئاكونتىڭىزغا باغلايسىز. مەسىلەن مەن ئالما يانفۇنىمغا بىر ئاكونت باغلاپ نۇرغۇن ئەپلەرنى چۈشۈردۈم، تېلېفۇن دەپتىرىگە ئالاقىلاقىلشقۇچىلارنى قوشتۇم.....رەسىم .... دېگەندەك نەسىلەرنى. ئەمدى مىنىڭ بۇ يانفۇنىم يۈتۈپ كىتىپ، يەنە بىرنى ئېلىپ ئاشۇ ئاكونتىمنى باغلىسام كونا يانفۇندىكى ھەممىسى تەييار بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال بەزى ماتېرىياللارنى زاپاسلاش دېگەندەك ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويسىز.
يەنە بىر ياخشى يېرى، ئالما ئەپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەقلىق، شۇنىڭ بىلەن سىز كونا يانفۇنىڭىزدا سېتىۋالغان بەزى ئەپلەرنى يېڭى يانفۇنىڭىزغا ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز. تېخى ئائىلە يۈرۈشلىكى دەپمۇ ئىشقىلىپ بىر يېرى بار، مەن ئالما يانفۇنىمغا بىې ئەپ سېتىۋالسام، مىنىڭ ئۈيۈمدىكى ئالما يانفۇنى بارلار ھەقسىز چۈشۈرەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدارى جەنۇب تەرەپلەردە سەل ئاۋارچىلىق تېپىپ بىرىپتۇ. بەزىلەر ئاكونتىدا بۇرۇن قۇران دېگەندەك ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ، يۇيۋەتكەن بولسىمۇ، ئاكونتىنى ئىزدىسە يەنىلا چىقىدۇ. شۇڭا بەزىلەر ئالما يانفۇنى ئىشلىتىشىتىن قورقايدىغان ئىشلار بار.
ئۇنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئالما تور بېرىگە چىقىپ، تېزىملاتسىڭىز بولىدۇ. بىر تال ئېلخەت ئادېرسى بولسا بولىدۇ.
ئىشقىلىپ ئابوتنلارغا قولايلىق، مەھسۇلاتىغا بىخەتەرلىك ئېلىپ كىلىدىغان نەرسە

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 15:29:55

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 13:18 static/image/common/back.gif
سىز تونۇشتۇرغان فىلىم قويغۇچنى، بىر قىتىم ھەق تۆلەپ س ...

قايسى Apple ID دا سېتىۋالغان بولسىڭىز، كېلەر قېتىم لازىم بولغاندا شۇ Apple ID نى ئىشلىتىپ چۈشۈرسىڭىز ھەقسىز چۈشۈرۈۋالالايسىز،  قايتا پۇل تۆلىشىڭىز ھاجەتسىز.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 15:38:10

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 12:37 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن، بىراق مەنچە خىزمەت ئۈچۈن ئىشلىت ...

كىتاپ، فىلىم...قاتارلىقلارنى iTunes نى ئىشلىتىپ قاچىلاشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز، iTools نى ئىشلىتىڭ، بۇ خېلى قولايلىق.
دەرس سۆزلەشكە ئالمىنىڭ ئۆزى چىقارغان يۇمشاق دېتالى Keynote نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئۈنۈمىلىرى بەك چىرايلىق، ھازىر ھەقسىزغۇ دەيمەن، قاچىلاپ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. مىكروسوفتنىڭ PowerPoint قا ئوخشايدۇ.
مىكروسوفت PowerPoint نىڭ iPad نۇسخىسىنىمۇ يېقىندا ھەقسىز تارقاتتى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 15:54:47

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 15:38 static/image/common/back.gif
كىتاپ، فىلىم...قاتارلىقلارنى iTunes نى ئىشلىتىپ قاچىلاشن ...

ماڭا ئايپەدتىكى دەرس كۆرسەتمىسىنى سىمسىز ھالەتتە  كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇش سىنىپلىرىدىكى كومپيۇتېر ئىكرانىغا يوللاپ، ماس قەدەملىك كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەپ كېرەكتى، شۇنداق ئەپلەر بارمىدۇ؟ ياكى قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر كېتەرمۇ؟ بەيدۇلاپ تۈزۈكرەك جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 15:56:07

ئاندىرويىد سېستىمىلىق پەد لەرنى ئىشلىتىپ رازى بولۋاتقانلار بارمۇ.؟

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 16:22:52

مەنغۇ يېڭى ئالما ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى دىن خىلى كۆپ بىر نەرسىلەرنى بىلىۋالغانمەن بولۇپمۇ يېڭىياچىلارغا زۆرۈر ساۋات دەپ بىر سەھىپىسى بار ،،دەھشەت نان بىرىدىغان تېمىلرى بار

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 16:45:06

يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇپ kindleئىشلەتكەچ تۇردۇققۇ،لېكىن بىر خىل پەيزىدە

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 16:53:37

مەن مانداق ئىشلەتتىم ھازىرچە بۇ  ئوقەتنى...كىتابلادىن بولسا بىرىپ تۇرساڭلا بولىتتى pdfكىتابلاردىن
بەت: [1] 2
: ipad air2 ئىشلىتىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن