ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 17:46:13

روسىيەنىڭ رىزقى ياۋروپادا


تارىخقا قارايدىغان بولساق، روسىيەنىڭ يېقىندىن بۇيانقى «سىتراتېگىيە مەركىزىنى شەرققە يۆتكەش» ىنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكى ئايان بولىدۇ. «تىنىچ ئوكيان ساھىللىرىدىن ھىمالايا چوققىلىرىغىچە، روسىيە ئاسىيا ئىشلىرىغا باشلامچىلىق قىلىپلا  قالماستىن، بەلكى ياۋروپاغىمۇ يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك»، بۇ سۆزنى ئېيتقان كىشى  بەزىلەر گۇمان قىلغىنىدەك روسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بولماستىن بەلكى چار پادىشا ئالېكساندىر  III (Alexander III) نىڭ ماليە ۋەزىرى سېرگېىي ۋىت. ئۇ 1893-يىلى پادىشاھقا يازغان مەكتۇبىدە يۇقارقى سۆزنى ئېيتقان. ۋىت ئۆزى روسىيە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ باش لايھىلىگۈچىسى، روسىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىغا جايلاشقان 2\\3 قىسىمىدىكى بايلىقلاردىن پايدىلىنىش، روسىيەنىڭ تىنىچ ئوكيان رايونىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن سىبىرىيە چوڭ تۆمۈر يولىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولغان كىشى.
ئەمەلىيەتتە، 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئورال تاغلىرىدىن تۇنجى رەت ھالقىپ ئۆتكەنگە قەدەر، روسىيە ئىزچىل تۈردە «سىتراتېگىيە مەركىزىنى ئاسىياغا يۆتكەۋاتىدۇ»، تارىختىكى باشقا ھۆكۈمرانلار--- مەيلى چار پادىشاھ ياكى سوۋېت رەھبەرلىرى بولسۇن ھەممىسى مۇشۇ يولدا مېڭىپ كېلىۋاتىدۇ. روسىيە تىنىچ ئوكيان فلوتى جايلاشقان پورت شەھەر ۋلادىۋوستوك دېگەن ئىسىمنىڭ رۇس تىلىدىكى مەنىسى «شەرقنى سوراش، شەرققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش» دېگەنلىك بولىدۇ.
ئەمما بۈگۈنكى كرېمىل سارىيى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ستراتېگىيە مەركىزىنى شەرققە يۆتكەش پەۋقۇلئاددە تەخىرسىزلىككە ئىگە. ئەينى يىلىدىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ پارچىلىنىشى روسىيە ئىقتىسادىغا غايەت زور زەربە بولدى، سىبىرىيەنىڭ شەرقى قىسىمى ۋە روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى ئۈچۈن، بۇ ئىش بىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىغا تۈۋرۈك بولىدىغان ھەربىي سانائەت كارخانلىرى ئارقا-ئارقىدىن تاقالدى، ئىشسىزلىق ئەۋجىگە چىقتى. ۋلادىۋوستوكتىكى پورتلاردا ھەربىي پاراخوتلارنى دات باستى.  بۈگۈنكى كۈنلەردە، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، نوپۇسى بارغانسېرى ئازلىماقتا. روسىيەنىڭ تىنىچ ئوكيان قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى فلورىدا شىتاتى (ئامېرىكا) دىن كېۋبىك شىتاتى (كانادا) غىچە بولغان پۈتكۈل شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ قىرغىقى بىلەن تەڭ كەلسىمۇ، ئەمما بۇ رايوندىكى ئاھالە سانى 5 مىلىيونغىمۇ يەتمەيدۇ. روسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جۇڭگونىڭ 1 مىلىيارد 300 مىلىيون نوپۇسى بار. روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ قارىغاندا، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە روسىيەنىڭ «ئاسىيادىكى باشلامچىلىقى» نى ئەمەس بەلكى روسىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش بولۇپ قالدى.
2012-يىلى پۇتىن پرېزىدېنتلىققا ئولتۇرغاندىن بۇيان، روسىيەنىڭ شەرققە بولغان دىققىتى ئېشىپ باردى. 20 يىلغا سوزۇلغان نەتىجىسىز سۆھبەتتىن كېيىن، بۇ يىلى روسىيە جۇڭگو بىلەن بىر نەچچە تۈرلۈك تەبئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ پۇتىننىڭ «شەرق سىياسىتى» نىڭ ئەڭ يارقىن نەتىجىسى بولۇپ قالدى. 1-تەبئىي گاز تۇرۇبىسى، يەنى جۇڭگونىڭ شەرقىگە تۇتىشىدىغان «سىبىرىيە كۈچى» ناملىق تەبئىي گاز تۇرۇبىسى (شەرقىي لىنيە) نىڭ يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى روسىيە 2013-يىلى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلغان گازنىڭ 1\\4 قىسىمىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر 2-تۇرۇبا، يەنى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئالتايغا تۇتىشىدىغان (غەربىي لىنىيە) ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، ئىككى تۇرۇببىنىڭ يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى روسىيە 2013-يىلى ياۋروپا يەتكۈزگەن گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %40 گە يېتىدۇ.
ئەمما، سىتراتېگىيە مەركىزىنى شەرققە يۆتكەش بىر ئىش، بۇنىڭدىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش يەنە بىر ئىش. مۇۋەپپىقىيەتكە يېتىش ئۈچۈن روسىيە ئاۋۋال بىر قانچە مۈشكۈلاتىنى بويسۇندۇرۇشى كېرەك. تەبئىي گازلىقنى ئېچىش ۋە گاز يەتكۈزۈش تۇرۇببىسى قۇرۇلۇشى كىچىك قۇرۇلۇش ئەمەس، غايەت زور مەبلەغ ۋە نەچچە ئون يىللىق ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. روسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تەبئىي گاز سانائىتى ئاساسلىقى غەربىي قىسىمىدىكى زېمىنىغا جايلاشقان. مەركەزنى شەرققە يۆتكەش ئۈچۈن، ھەممىنى نۆلدىن باشلاش، شەرقتە يېڭى بىر يۈرۈش سانائەت سىستېمىسى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك، ھالبۇكى بۇنىمۇ بىر كېچىدىلا ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ تېز سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ مۇشۇ ئەسرنىڭ 30-يىللىرىغا بارغاندا، «سىبىرىيە كۈچى» ناملىق تۇرۇببا ئاندىن  38 مىلىيارد كۇب مېتىرلىق ئەڭ يۇقىرى يەتكۈزۈش مىقدارىغا يېتەلەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو-روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 2-تەبئىي گاز يەتكۈزۈش كېلىشىمى بارلىققا كەلدى. بۇ كېلىشىم 11-ئاينىڭ باشلىرىدا ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىم نىشانى غەرب تەرەپتە روسىيەنىڭ قازاقىستان بىلەن موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سوزۇنچاق زېمىنىدا ئالتاي گاز يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇپ، گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى جۇڭگونىڭ «غەرب گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»   تۇرۇبىسىنىڭ غەربىي ئۇچى بىلەن تۇتاشتۇرۇش.
روسىيەنىڭ قارىشىچە بولغاندا، غەربىي لىنىيەنىڭ ئۈستۈنلۈكى روشەن بولۇپ، بۇ لىنىيەدە سىبىرىيەنىڭ تۈگىمەس بايلىقلىرىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لىنىيە روسىيەنىڭ مەۋجۇت بولغان گاز يەتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ تارمىقى بولۇپ، روسىيە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو ۋە ياۋروپا بازىرى ئارىسىدا خالىغانچە تاللاش ئېلىپ بارالايدۇ. بۇ لىنىيە ھەم روسىيەنىڭ ياۋروپا بازىرىغا تايىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
بۇ قۇرۇلۇشلار ئۈچۈن زور مەبلەغ كېرەك، بەزىلەرنىڭ مۆلچەرىچە، شەقىي لىنىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈنلا 55 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى كېرەك ئىكەن. گەرچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا، روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى روسىيە تەبئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى (Gazprom) غا قارىتا بىۋاستە ئىمبارگو تەدبىرلىرى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما روسىيەنىڭ قەرز ئېلىشىغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ ئېلىپ كەلگەن تەسىرى تەسەۋۋۇردىكىدىن زور ھالقىپ كەتتى. «سىبىرىيە كۈچى» تۈرىنى باشلاش ئۈچۈن، روسىيە تەبئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى چوقۇم ىەلقئارا بازاردىن كاپىتال توپلىشى كېرەك، ئەمما بۇ ئىشنىڭ كەلگۈسىگىمۇ بىر نېمە دېمەك تەس.
ئەينى يىللاردا ۋىتمۇ مۇشۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. ئۇ تەشەببۇس قىلغان سىبىرىيە چوڭ تۆمۈر يولىنى قۇرۇش ئۈچۈن 15 يىل ۋاقىت كەتكەن، يۈزلىگەن ئادەم قۇرۇلۇش جەريانىدا ئۆلگەن، قۇرۇلۇش چىقىمى خامچوتتىكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولۇپ كەتكەن. تۆمۈر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن، ۋىت ھەتتا خەلقئارا بازاردا يۇقىرى ئۆسۈملۈك زايوم تارقاتقان.
شۇنىڭ ئۈچۈن، روسىيەنىڭ 21- ئەسىردىكى بۇ قېتىملىق «مەركەزنى ئاسىياغا يۆتكىشى» مەيلى سىمۋوللۇق ياكى رېئال مەنىدىن بولسۇن، پەقەت روسىيەنىڭ شەرققە بۇرۇلۇشىدىكى يېڭى بىر باسقۇچ خالاس. بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، بۇنىڭ يۈزلىنىش سۈرئىتىمۇ يەنىلا 10 يىلنى بىرلىك قىلىپ ئۆلچىنىدۇ. گەرچە پۇتىننىڭ جۇڭگو بىلەن ئاشكارا ھالدا ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ «زومىگەرلىكى» گە قارشى چىققۇسى بولسىمۇ، ئەمما يېقىن كەلگۈسىدە، روسىيە ھامان غەربكە تەۋە بولىدۇ، ياۋروپانى مەركەز قىلىدۇ، ئۇنىڭ تەبئىي گاز ئېكسپورتى ياۋروپانى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىق سانائىتى ۋە مۇتلەق كۆپ ساندىكى نوپۇسىمۇ ھامان غەربتە بولىدۇ. روسىيەنىڭ تەقدىرى ياۋروپادا، روسىيەنىڭ رىزقى ياۋروپادا.
مەنبە : http://www.nur.cn/news/2014/12/196554.shtml

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 21:11:47

شۇ بايلىقلارنى ئېچىشتىن بۇرۇن پارچىلىنىپ كەتسە:lol{:92:}

kasim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 21:53:11

قارىغاندا روسىيلىكلەر جۇڭگۇلۇقلارنى نامرات كۆرۈپ يىگىرمە يىل كەينىگە سۆرىگەن ……ئەمدىلىكتە ئەسكى قوشنا ئۈلەمدە لازىم بولغان چىراي

يەنە بىر مەسىلە روسىيەگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى چارە تۈركىيەگە نىپىت ئىكىسپورت قىلىش تۈركىيە ئارلىقتىن نەپ ئۈندۈرۈپ ياۋرۇپاغا چىقىرىش بولسا كىرەك ……ئۇنداق بولمىسا روسىيلىكلەر جۇڭگۇلۇقلارغانىپىت سېتىپ بولغىچە روسىيە پارچىلىنىپ كىتىدىغان چىراي……

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 23:15:25

كۆتىگە ئاق تىكەن قىستۇرۇۋالغان ئېشەكتەك بوپ قالدى،يېقىن كەلگۈسىدە تاماشاسىنى كۆرىمىز

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 08:04:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 08:05  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 23:15 static/image/common/back.gif
كۆتىگە ئاق تىكەن قىستۇرۇۋالغان ئېشەكتەك بوپ قالدى،يېق ...

   شۇنداقتەك :lol

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 10:06:38

بىر گەپ ئاڭلىغان، پەرەڭلەرنىڭ گىپىمىش. قايسى قەۋىم ھالاك بۇلىدىكەن ئالدىدا غالجىرلىشىدۇ دەپ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 10:25:54

يەنىلا ھەققانىيەتچى بىيوتېخنىك بولمىسا قىززىمايدىكەن بۇنداق تېمىلار:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 10:34:23

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 05:06 static/image/common/back.gif
بىر گەپ ئاڭلىغان، پەرەڭلەرنىڭ گىپىمىش. قايسى قەۋىم ھال ...

پەرەڭلەرنىڭ مۇشۇ گېپىنىڭ توغرا چىقىشى بەكلا ئۈمىد قىلىمەن

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 10:47:25

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 10:06 static/image/common/back.gif
بىر گەپ ئاڭلىغان، پەرەڭلەرنىڭ گىپىمىش. قايسى قەۋىم ھال ...

بۇ قەدىمى يۇنان ئەقلىيە سۆزلىرىدىن بىرىغۇ دەيمەن :
Those whom the Gods wish to destroy, they first make mad

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 12:05:29

رۇسلارنىڭ 300 يىلدىن رۇسسىيە ئۈچۇن  قىلىپ كىلىۋاتقان ئەڭ توغرا ئىشى قورال كۈچىنى كەسكىن ئىشلىتىش، رۇسسىيە بۇنىڭدىن  ئالغان پايدىسى تارتقان زىيىنىدىن جىق. ئەمما 21-ئەسىردە بۇ ئانچە ئاقمايدىغاندەك قىلىدۇ، پۇتۇن يەر شارى ئىقتىسادىي ئىرماش-چىرماش بۇلۇپ كەتتى، ئىقتىسادىي كۈچلۇك بولمىسا بولمايدىغان بۇلۇپ قالدى.
ئەمدى رۇسسىيەنىڭ بۇرۇن ئالغان پايدىلىرىنى خەجلەيدىغان ۋاقتى كىلىپمۇ قالدى

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 12:16:21

سالام باي راست ئېيتىدۇ ،ھەممەيلەن ژۈندىگە چۈپ كەتكەن پۇتىن مۈشۈك ،ئۆلگۈر ئېيىق دەپ بىلىپ تۇرساقمۇ ،بىرەر قولغۇچىسى چىقىپ،ياق ئۇ دىگەن
شىمال يولۋىسى،ئۇ دىگەن ھەققانىيەت تارازىسى
ھېلىقى ئوتتىرا سوتنىڭكىدەك تارازىچۇ ،شۇندا ئادىل دىمىسە قىززىمايدىكەن دەيمە.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 14:41:51

قورال كۈچىنىڭ ۋاقتى ئۆتكىنى يوق. بولشىۋىكلارنىڭ غەلبىسى بولمىسا دۇنيا ئىنسان ھوقۇقى دىگەننىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمىگەن بولاتتى.

qoghun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 15:34:05

مانا بومو كه لدى

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 15:41:14

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 14:41 static/image/common/back.gif
قورال كۈچىنىڭ ۋاقتى ئۆتكىنى يوق. بولشىۋىكلارنىڭ غەلبى ...

نىمە دەيدىغانسىز ئەمدى ، ئىنسان ھوقۇقى دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتتىڭىز ؟

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 15:50:34

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 10:25 static/image/common/back.gif
يەنىلا ھەققانىيەتچى بىيوتېخنىك بولمىسا قىززىمايدىكەن ...

ھا ھا ھا ھا ...
يەنە سىياسىي ئۈگىنىش قىلغۇڭىز كىپ قاپتۇدە؟:)

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 18:38:18

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 18:51:38

ئىسرائىليەدە:lol

satirax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 19:17:00

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 19:20:05

بەت: [1] 2 3
: روسىيەنىڭ رىزقى ياۋروپادا