ئالتۇن سودا ئۇچۇرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-1 15:51ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 88.31 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1142.60 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، شۋېيتسارىيە پۇقرالار ئاۋاز بېرىشىدا شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى كۆپەيتىشنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن . ھەر ئاينىڭ بىرىنچى سودا كۈنىدە پۈتۈن دۇنيا ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو 11 - ئايلىق ياساش كەسپى PMI ۋە 11 - ئايلىق خۈيفېڭ مۇلازىمەت كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، بازارنىڭ مۆلچەرىدىن قارىغاندا ، جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى يېقىنقى مەزگىلدە ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن 11 - ئايلىق سانلىق مەلۇماتى تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەنگەن . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا جۇڭگو 11 - ئايلىق ياساش كەسپى PMI ، ياپونىيە 11 - ئايلىق ياساش كەسپى PMI ، فرانسىيە 11 - ئايلىق ياساش كەسپى PMI ، گېرمانىيە 11 - ئايلىق ياساش كەسپى PMI ، ئەنگلىيە 11 - ئايلىق ياساش كەسپى PMI ، ئامېرىكا 11 - ئايلىق Markit ياساش كەسپى PMI قاتارلىقلار .
ئالتۇن باھاسى نېمە سەۋەبدىن چۈشۈپكەتتى
ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان ، كەينىدىن خام نېفىت بازىرىنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ 1185 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان ، بازار يېپىلىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ئالتۇن باھاسى 15 دوللار تۆۋەنلىگەن ئەڭ ئاخىرىدا 1167.16 دوللار بولغان .
شۋېيتسارىيە پۇقرالار ئاۋاز بېرىشىدا شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى كۆپەيتىشنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن ، بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە دۆلەتلىرى كەلگۈسىدە سىرتتىن ئالتۇن ئەكىرىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ . ھىندىستان تەرەپنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە ، ھىندىستان دۆلىتى بازار مۆلچەرلىگەندەك ئالتۇن ئىمپورتىغا چەكلىمە قويمىغان ، توساتتىن ئالتۇن ئىمپورتىنى كونترول قىلىشنى بىكار قىلغان .
پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى
ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ ، ياۋرو باھاسى تۆۋەنلەپ 1.2360 كە يېقىنلاشقان ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى مۇقىم ھالىتىنى ساقلىغان ؛ شۋېيتسارىيە پۇقرالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتى قارارىدىن كېيىن ، ئامېرىكا ISM ياساش كەسپى PMI سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان ؛
پۇل ۋە تاۋارنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى
11-ئاينىڭ 28 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.2450 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5644 بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.8502 بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 118.56 بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.1411 بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9642 بولغان .
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار جەھەتتە : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 11657.04 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1167.04 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 15.40 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 15.556 دوللار بولغان ؛ بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 70.15 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 66.15 دوللار بولغان .
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى
جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1369 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.6335 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1938 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79139 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.5807 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.1871 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7858 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6913 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.3574 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.55604 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 7.9999 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7614 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3621 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .
كېلىش مەنبەسى : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت:
[1]